مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3444|ئىنكاس: 17

ئەدلىيە ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، كەيپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 09:16:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئادۋۇكات توربېكىتى دا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ئېلان قىلغان ئىدىم، باشقا تورداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مىسرانىمغا كۆچۈرۈپ كەلدىم.
ئەگەر تورداشلارغا ئەدلىيە ئىمتىھانى يىللىق سوئاللىرى لازىم بولسا ئادۋۇكات توربېكىتىغا كىرسەڭلار چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن

دىققىتىڭلار يازمىدا بولسۇن.
بۈگۈن 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا يەنە 12كۈن قالدى. جىددىيلىشىۋاتامسىز؟ ئۇنىسى ئەلۋەتتە ئېنىق، بۇنداق چوڭ ئىمتىھان ئالدىدا ھەرقانداق ئادەم جىددىيلەشمەي قالمايدۇ، بىراق جىددىيلىشىشنىڭ سەۋەبى بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى سىزنىڭ ئەندىشىڭىز شۇكى كىتاپنى كۆرىسىڭىز ھەممىنى بىلگەندەكلا، ئەمما ياپقاندىن كېيىن كاللىڭىز قۇپقۇرۇق.
توغرا تاپتىممۇ؟ ھا ھا ھا، مەن ئەۋلىيا ئەمەس كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلىدىغان، ئەمما بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر سىزلا ئەمەس. ماڭا خېلى كۆپ ساۋاقداشلار مۇشۇ ھەقتە دەردىنى تۆكۈپ بەردى، بۇ دەل ئىمتىھان ئالدىدىكى زىيادە جىددىيلىشىشتىن ۋە چارچاشتىن كېلىپ چىققان ئەھۋال. ئەمەلىيەتتە ھەممسى سىزنىڭ كاللىڭىزدا بار، دەماللىققا يادىڭىزغا ئېلىپ بولالمىدىڭىز شۇ.
بۇنداق ئەھۋالدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
بىردىنبىر چارە، سوئال ئىشلەپ مەشق قىلىڭ. ئىشلىگەندىمۇ تەقلىدىي سۇئال ئەمەس، يىللىق سوئاللارنى ئىشلەڭ، چۈنكى تەقلىدىي سوئالنى قانچە قىلغان بىلەن ئۇ يەنىلا ئەدلىيە ئىمتىھانى سۇئالىغا يېقىنلىشىشى تەس، يىللىق سوئاللار ئارقىلىق سىز سوئال چىقارغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر يولىنى، سوئال چىقىرىشتىكى بىلىم نۇقتىسىنى ھېس قىلالايسىز. سوئال ئىشلەش بىلەن كىتاپ كۆرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئاۋۋال سوئال ئىشلەپ ئۆزىڭىزدىكى كەم نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ كىتاپ كۆرگەندە شۇلارنى تولۇقلاپ مېڭىڭ، بولسا دەپتەرگە تاللاش سوئاللىرىدىن تارتىپ نېمە ئۈچۈن Aجاۋاپنى تاللىمىغانلىقىڭىز، نېمە ئۈچۈن Bجاۋاپنى توغرا قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئاساسىنى تەپسىلىي يېزىپ مېڭىڭ.
ئەمدى بارا-بارا كاللىڭىزدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتامسىز؟
سوئال ئىشلەشتە قىينالدىڭىزمۇ؟
سوئال ئىشلەش جەريانىدا سىز ھۆل خىشقا دەسسەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، سوئالدا سىزنى ئازدۇرىدىغان، سىز بىلىدىغان يەرلەردىمۇ ئېزىپ كەتكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز. ھېچقىسى يوق، چۈنكى بۇ سوئالنى چىقىرىۋاتقانلار نەچچە يىلدىن بىرى سوئال چىقىرىپ پىشىپ قاقۋاش بولۇپ كەتكەنلەر، ئۇلار مەخسۇس سىزنى ھۆل خىشقا دەسسىتىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قوللىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ئۆتۈش نىسبىتىنى %10ئەتراپىدا كونتىرول قىلمىسا بولمايدۇ، بولمىسا ‹جۇڭگۇدىكى بىرىنچى تەس ئىمتىھان›بولمايدۇ-دە.
بۇنىڭغىمۇ ئامال بار. لوگىگىلىق تەپەككۈرگە ماھىر بولۇڭ، سىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەگىتىپ بايان قىلىۋاتقان بايانلىرىدا نېمىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەۋاتىدۇ، سىزگە ئاسان تۇيۇلغان يەردە نېمىنى تىقىپ قويدى، شۇلارنى بىلىشكە تىرىشىڭ.
مەسىلەن:
قاسىم بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈرمىدىكى مەزگىلىدە ئۇ باشقۇرۇشقا بويسۇنماي زور تالاپەت ھادىسىسى جىنايىتىنى سادىر قىلغان، بۇنىڭغا ئائىت بايانلاردىن توغرا بولغىنى قايسى؟
a:قاسىمنى يۇقىرى سوتنىڭ تەستىقى بىلەن ئىككى يىل توشماستىنلا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.
b: ئىككى يىل توشقاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.
c:ئىككى يىل توشقاندىن كېيىن جازانى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا چۈشۈرۈش كېرەك.
‹زور تالاپەت ھادىسىسى جىنايىتى›دېگەن خەتنى كۆرۈپلا قېنىڭىز قىزىپ ئۇنى دەرھال ئىجرا قىلدۇرۇشقا ياكى 2يىل توشقاندا ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلماڭ، ئالدى بىلەن زور تالاپەت ھادىسىسى جىنايىتىنىڭ خارەكتېرىنى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى 2يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتىكى بىلىم نۇقتىلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتا جىنايەتچى ئىككى يىل ئىچىدە قەستەنلىك جىنايىتى سادىر قىلسا ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال ئىجرا قىلىش تەدبىقلىنىدۇ دەپ ئۆگەنگەن ئىدىڭىز، ئەمما بۇ يەردىكى سوئال چىقارغۇچى سىزنىڭ كۆزىڭىزگە قورقۇنچلۇق كۆرسىتىۋاتقان ‹زور تالاپەت ھادىسىسى جىنايىتى› بولسا سەۋەنلىك جىنايىتى خالاس. دېمەك ئىكى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىندىغان ئۆلۈم جازاسى ئىككى يىلدىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگىرىدۇ دېگەن گەپ.
ھەيرانلىقتا يوغان ئېچىۋالغان ئاغزىڭىزنى يۇمۇۋىلىڭ، بۇنداق ئاسان نۇقتىدا كەتكۈزۈپ قويۇش ھەرقانداق ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىچىنى ئىيتىشتۇرىدىغان ئىش ئەلۋەتتە، يۇقاردا بايان قىلغىنىم بولسا دەماللىققا ئېسىمگە كەلگەن ئەڭ ئاددىي ئادەم ئازدۇرۇش ئۇسۇللىرى خالاس.
قانداق؟ بۇ قاقۋاشلار بىلەن تۇتۇشماقنىڭ تەسلىكىنى بىلىپ يەتكەنسىز؟ گەپنى يورغىلىتىپ قىلنى كۆزىڭىزگە پىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئالدانماڭ، بۇنداق كۆپتۈرگەن يەردە چوقۇم بىر توزاق بار.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىر كەتكۈزۈپ قويىدىغان يېرى بولسا خاتانى تاللاش بىلەن توغرىسىنى تاللاشتا ئېزىقىپ كېتىش. مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ خېلى كۆپ ساۋاقداشلار زىيان تارتىپ كەتتى، بۇنىڭ ئامالى بولسا سوئال قەغىزىدىكى ‹توغرىنى تاللاڭ›، ‹خاتاسىنى تاللاڭ› دېگەن خەتلەرنىڭ ئۈستىگە قېرىنداش بىلەن ئۆزىڭىز بىلىدىغان بەلگۈلەرنى سېلىپ مېڭىڭ، قەغەز تاپشۇرىدىغان ۋاقىتتا ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئۆچۈرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ، كومىسسىيەلەرمۇ بۇنىڭغا يول قويىدۇ.
سوئال ئىشلەشتە بەلكىم سوئاللاردا خاتالىقنى بايقايسىز، بۇنىڭدىنمۇ ئەنسىرىمەڭ، يىلىغا 10نۇمۇرلۇق سوئالدا مۇشۇنداق خاتالىق ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇنداق چاغدا كەيپىياتىڭىزنى بۇزىۋالماسلىقىڭىزنى ئەسكەرتىمەن. چۈنكى ئۇ 10نومۇرنى سىزگە قوشۇپلا بېرىۋىتىدۇ.
يۇقارقىلار ئىمتىھاندىكى ئەڭ كىچىك تاكتىكىلار خالاس، قالغان جەڭ تاكتىكىلىرىنى رىزۋانگۈل مۇئەللىم دەرس سۆزلىگەندە سىزگە ئەسكەرتىپ ماڭغان، شۇلارنى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ چىقىڭ.
رىزۋانگۈل مۇئەللىمنىڭ دەرس باشلىغان ۋاقىتتىلا كىتاپنى ۋاقتىدا كۆرۈش توغۇرلۇق قىلغان سۆزلىرىنىڭ تىگىگە ئەمدى يەتكەندەك قىلدىڭىزمۇ؟

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1933
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25114
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4264 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 12:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەت كېلمىسۇن `

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ھەر  كى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39721
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 12:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقۇلە  شۇنداق قىلىلى

بارلىقىم سەن ئامرىقىم ....

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10521
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 1385 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 02:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمۇ رىزۋانگۈل مۇئەللىم  دېگەن ؟

ياندا بارنىڭ يوقتۇر ئەتىۋارى ،
                ئىنسان دېگەن يوقنىڭ ئىنتىزارى...

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9061
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 2232 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 02:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوۋ... پىسخىكا مۇتەخەسسىسىمۇ سىز نىمە؟ قالتىس. تېمىكەن ئەپسۇس مەن قانۇن كەسپىدە ئوقىمىغان ئىدىم. لىكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم قايمۇقتۇرىدىغان سۇئاللار ھەر قانداق ئىمتىھاندا بار. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 02:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(TANHA204) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

مەكتىپىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەدلىيە ئىمتىھانى تەربىيىلەشتىكى نۇپۇزلۇق مۇئەللىملەرنىڭ بىرى
تونۇيدىغانلاردىن سورىسىڭىز بىلىسىز.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51784
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-8-15
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 02:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34554
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2011-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 03:41:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۈگۈن ئايالىم دۆلەت مەمۇرلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىشتىكى يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولۇپ ئۆتتى ئۇ بۇگۈن بەك خوشال

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 03:51:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7قەۋەتتىكى(alim916) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مۇبارەك بولسۇن، تەبرىكلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53905
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2011-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 05:04:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىلەريىلى برىمەن بۇ ئمتاھاننى  كولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن بولسا مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34554
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2011-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 08:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:7قەۋەتتىكى(alim916) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  سۈرخان كە 2011-09-05 03:51 PMئەۋەتىلدى 7قەۋەتتىكى(alim916) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
مۇبارەك بولسۇن، تەبرىكلەيمەن
رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم، ئايالىم كېچە كۈندۈز دىگۈدەك ماتېرىيال كورۇپ تۈزۈك تاماقمۇ يىمەي ئاغرىپ قالغانتى شۇنداق بولسىمۇ سەھەر تۇرۇپ ئەر ئايال ئىككەيلەن نامىزىمىزدا ئاللادىن تىلەپ دۇئا قىپ تۇردۇق، اللا ئىگەم ھەقىقەتەن ئەجىرنىڭ مىۋىسىنى بېرىدىكەن

ھاياتىم كېپىل سە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31141
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 2343 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 09:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىم كۇرسقا قاتناشقان ئوخشىمامسىز ؟ بىزگە ئاشۇ كۇرسلارغا بېرىپ ئۆگىنىشكە نەدىكى ۋاقىت ،ھېلىمۇ شەنبە-يەكشەنبە ،ھېيت بايرام دىمەي ئىشلەۋاتىمىز ،ئاللا بۇيرۇسا ،مۇشۇ قېتىم ئۆتۈپ كەتسەمكەن دىگەن ئۈمىتتىمەن .ھازىرقى ۋاقىتتا دەل سىز دىگەندەك كەيپىياتنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم .ئەمدى كىچە كۈندۈزنى ئۇلاپ دەرس تەكرارلىغانلار مەنتاڭنى ئۇماچ قىلىدۇ ،شۇڭا ئارام ئېلىش بىلەن تەكرارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ،ئالدىنقى يىلى 10نەچچە نومۇر بىلەن قاپتىمەن .ماڭىغۇ ھەق ،چۈنكى تۈزۈكرەكمۇ ماتىرىيال كۆرمىگەنىدىم .بۇ قېتىم ھەر ھالدا تەييارلىقىم ياخشى . بارلىقىمنى ئاللاغا تاپشۇردۇم .ئۆتۈپ كەتسەك مۇشۇ كەسىپتىن مىللىتىمىزنىڭ ئاساسىي ھاجىتىدىن چىقىپ ھالال پۇلىمىز بىلەن جان باققۇمىز بار ...چۈنكى مېنىڭ ھازىر رامكىنىڭ ئىچىدە سەككىز سائەت ئىشلەپ ئەمەس ،باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ،رەھمىتىنى ئالىدىغان كەسىپى قىلغۇم بار .ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشقان تورداشلارنىڭ تىلەكلىرىگە مۇۋەپىققىيەت تىلەيمەن .

بىر كۈنلەر كىلۇر،گۈللەر ئاچىلۇر،ئويغۇر ئەيىۋى ،شۇندا ياپىلۇر.

ئاللاھ ئىگەم تىل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5160
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6105
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 7414 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 11:31:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  نەچچە ۋاخنىڭ ياقى ئەدىلىيە ئىمتامىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتىتىم. تۇيۇقسىز ئۆيدىكىلەر ما 政法干警 نىڭ ئىنتامىسىنى بە دەپ تۇرۇۋىلىپ ،يانا ئۆزگەردىم ..ئۇنىڭ سۇئال شەكلىمۇ 政法干警 غا ئوخشامىدىغاندۇ؟....ئۇنىڭدىن تەسمىدۇ؟  باش قاتتىدە  ئەمدى....

مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ،سۈكۈتتە ئۆلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46314
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2011-7-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-6 12:33:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەدلىيە ئىمتىھانىنى ئۈچ قېتىم بەردىم . ئۈچىلا قېتىم 300دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالدىم ، بىراق 360 ئالماق بەك تەسكەن . 10-20 نۇمۇرۇم كەملەپلا تۇرىدۇ . بەلكىم خىزمەت جەريانىدىكى تەجىربەمگىلا ئاساسلنىپ ياخشى تەكرار قىلمىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، بۇ قېتىم ئۆتۇپ قالارمەن .

ئۇلۇغ اللە ! مىنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45301
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2285
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2011-6-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-6 08:08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي !!!!!مەنمۇ ئادىنقى يىلى ئازراقلا نۇمۇر كەملەپ ئۈتەلمىگەن بۇيىل ئۈتۈپ كەتسەم بۇلاتتى ،بەك جىددىيلىشىۋاتمەن

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمگنىڭ ، كۆرمىگەننى كۈرسەن ئۆلمىگىنڭ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش