مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13581|ئىنكاس: 108

ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ئەربابلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4648 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 10:32:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گەرچە بۇلار شىنجاڭدىن بولمىسمۇ ،لىكىن ئۇيغۇر....،سەل قالايمىقان بولۇپ قالدى،كەچۇرۇڭلار....





































( دولقۇن ياسىن )


2003-يىلى 10- ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدوللا ئەخمەت ئوغلى نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى پېشقەدەم ژورنالستى دولقۇن ياسىننىڭ 65 يىللىق تەۋەللۇتى ھەم ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەنجۈمەن بولۇپ ئۆتتى .
دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن ) غا خەلقئارادىكى ئەڭ ئىمتىيازلىق ھەم چوڭ مۇكاپات نوبېل موكاپاتىنىڭ ئالتۇن مېدالى بېرىلدى . نوبېل موكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا 100 يىل بولىشى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان بۇ ئالتۇن مېدال ، دۇنيادىكى ئەڭ تالانتلىق ئىجاتكارلارغا ، ئالىملارغا ، دۆلەت ئەربابلىرىغا ، ئاتاقلىق شائىرلارغا بېرىلىدۇ .
بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى ، دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلقىمىز ھەم كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى خەلقئارا ئاكادىمىيىنىڭ ئاكادىمىكلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى .
بۈگۈن ئاكادېمىك شائىرىمىزنىڭ يەنىمۇ بىر پەللە ئۆرلەپ ، خەلقئارالىق نوبېل موكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇز مېدالىغا ئېرىشكەنلىكى، يالغۇز ئۇنىڭلا شەرىپى بولۇپ قالماستىن ، ئۇنى تەربىيىلەپ ۋايىغا يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنىڭ شان شەرىپىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئىنتايىن چوڭ تارىخىي ۋەقە ھىساپلىندۇ . ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ئون ئونلاپ داستانلار ، مىڭلاپ ھەر خىل ھەجىمدىكى ماقالە ئەسەرلەر يازغان يېتۈك ئاتاقلىق لىرىك شائىر ھەم پېشقەدەم ئەدىپتور . ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيىتىدە جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپالىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى . ئەسەرلەر مەزمونىنىڭ بايلىقى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىق، رەڭدارلىقى ، ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىلگەن پەلسەپىۋى پىكىر ۋە ئىخچام مەزمۇنلىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى ، تىلىنىڭ ئويناق جەزبدارلىق، ئۇنىڭدا ياڭرىغان قايغۇ مۇڭ زار، قايناق ھىسىياتلار ھەم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قويۇق پۇراقلىرى ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ . قىسقىسى دولقۇن ياسىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شىېريىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ ، داڭ چىقارغان ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدە ئورنى بار داڭلىق شائىرىمىزدۇر .
نوبېل ئالتۇن مېدالىنى تاپشۇرۋىلىش يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ، فراپىسسۇر روسلان راخمان ئەلىيىۋ ۋە بۇ ئاكادىمىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، فراپىسسۇر پىكىتشون قاتارلىقلار بار . ئەنجۈمەنگە سۆز چىققانلار ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار،يازغۇچى شائىرلار ،جامائەت ۋەكىللىرى بار ئاكادېمىك شائىرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە باھالاپ ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجەدىيەتلىرىگە زور موۋاپىقىيەتلەر تىلىدى . ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئەنجۈمەنگە ،شائىرنىڭ شئىرلىرى ، مەكتەپ سەنئەت كورژىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا يىغىن ئەھلىگە ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلدى . شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن 50 يىلدىن بويان يېقىن دوست بولۇپ ، ھەر خىل سەرگۈرەشتلەردە بىرگە بولغان مۇشۇ سەتىرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئەھمەد ئىگەمبەردى .


مەنبەسى : ئەركەم بىز تورى ( http://erkem.biz/show.asp?id=1411 )[/color


خىمىيە ئالىمى زەپەر ئابلىز


زەپەر ئابلىز 1961 - يىل 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى ئابلىز نازىرى خەلقىمىزگە تونۇلغان پېشقەدەم شائىر، جۇرنالىست ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق رەھبەر، ئانىسى ئايىم كېۋىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، زەپەر 1979 - يىل 9 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى .
1983 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇشى پۈتكەندە نەتىجىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغاچقا، خۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى. ئۇ 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە بىرىنچى تۈركۈمدە ئەۋەتكەن ئوقۇغۇكىلار قاتارىدا ياپونىيە مەئىسەئى ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى ھەم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ياپون تىلى ھەم ئىنگلىز تىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى ھەم بۇ جەھەتتە تېز ئالغا باستى. بۇنىڭ نامايەندىسى شۇكى، ئۇ شۇ مەزگىلدىلا ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە، بەش پارچە دوكلات يېزىپ، ھەر قېتىملىق خىمىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ياپونىيە خىمىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئۇ 3 يىل ئەنە شۇنداق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 1988 - يىل 3 - ئايدا خىمىيە ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە "تەبىئىي پەنلەر ماگىستېرى" ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
زەپەر ئابلىز 1988 - يىل 4 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ، ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1989 - يىل 3 - ئايدا لېكتور بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلگىرىكى بىلىملىرى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىپ تۇردى. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1989 - يىلللىق مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا، 1990 - يىلى شىنجاڭ پەن - تەخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، 1992 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن - تەخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە (بىرىنچى دەرىجىلىك) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانا قۇرۇپ، كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق "ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خىمىيىلىك ئىسسىقلىق خالتىسى" نى سىناق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق 1991 - يىلى دوتسېنتلىققا كۆتۈرۈلدى.
زەپەر ئابلىز 1991 - يىل 4 - ئايدا ياپونىيە توھو ئۇنىۋەرسىتەتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، جاپالىق ئىلىم سەپىرىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇ توي قىلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئۆز يۇرتى ۋە خەلقىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا بويسۇندۇرۇپ، ئىلىم - پەن دېڭىزىغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە، يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشكە يۈزلەندى. ئۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان شۇ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدا بىر ياقتىن ئۆسۈملۈك خىمىيىگە ئائىت بىلىملىرىنى ئۇيغۇر دورىگەرلىكىگە تەدبىقلاپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلسا، يەنە بىر ياقتىن ماسسا سپەكترو ئىلمى ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشلارنى ۋە پۇراقلىق ھىدرو كاربون ماددىلىرىدا بولىدىغان ھىدروگەن باغقا ئوخشايدىغان مولېكۇلا ئىچىدىكى ئاجىز تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق دەلىللەپ چىقتى. ئۇنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسى دەگۈدەك خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا ئىلمىي جۇرناللارغا ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىغا كۆچۈرۈپ بېسىلدى. ئۇ ئەنە شۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئىككى يىلدىلا غەلىبىلىك تاماملاپ، 1993 - يىل 5 - ئايدا خىمىيە ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە "تەبىئىي پەنلەر دوكتورى" ئۇنۋانىنى ئالدى. 1993 - يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، توھو ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىلمى ئىنستىتۇتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتكى سۈپىتىدە تەبىئىي مەھسۇلاتلار خىمىيىسىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىدى.
زەپەر ئابلىز ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، جۇڭگودىن بارغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياپونىيىلىك دوستلارنىڭ ئارىسىدا كەسىپ ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى ۋە "غوللۇق ماھىر" دەپ نام ئالدى. دەرۋەقە، بۇ غوللۇق ئىختىساس ئىگىسى 1993 - يىلى "ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇكىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى" غا، "1995-يىل 7 - ئايدا جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى 10 - ئايدا " لياڭ شاۋتيەن ياشلار فوندى مۇكاپاتى " غا ئېرىشتى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىتلەردە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئىش - ئىزلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىسى 60 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 30 پارچىسى سكى پايدىلىنىلغان ماقالىلەر كاتالوكىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنداقلا، بۇ ماقالىلەردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى بايقاشلار ۋە يېڭى قاراشلار مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى كەسپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇ بۇ ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يېقىنقى 5 يىلدا يازدى؛ بۇنىڭدىن باشقا 3 پارچە كىتابنى ۋە ئانالىز خىمىيە لۇغىتىدىن بىرنى يېزىشقا قاتناشتى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەر تۆھپىكارلار ئۈلگىسى دېگەن نامغا، جۇڭگو ئانالىز تەجرىبە جەمئىيىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا (2 قېتىم) ئېرىشتى. 2004-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «يېڭى ئەسىردىكى مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»دىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامزات بولۇپ تاللاندى.
زەپەر ئابلىز يەنە قابىل پائالىيەتچى بولۇپ، 1993-يىل 5-ئايدا " ياپونىيىدىكى جۇڭگولۇق پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىتتىپاقى " دەيدىغان بىر ئىلىم تەشكىلاتىنى قۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىدى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى؛ 1995 - يىل 3 - ئايدا ياپونىيىدە ئېچىلغان " جۇڭگو - ياپونىيە ياش ئالىملىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى " غا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ھەم بۇ يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.
زەپەر ئابلىز 1994 - يىل 7 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 10 - ئايدىن تا ھازىرغىچە جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەبىئىي دورا خىمىيىسى بۆلۈمىدە تەبىئىي دورىغا كېرەكلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر ۋە قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە خىمىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ ماسسا سپەكترو ئىلمى تەتقىقاتى بويىچە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتىدە بولدى. بۇ ھىزمەت 1996 - يىل 10 - ئايدا تاماملاندى.
زەپەر ئابلىز ھازىر جۇڭگو ئانالىز-تەجرىبا جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ فىزىكا-خىمىيە ئانالىز تېخنىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ سپېكتىر شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى؛ ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزاسى؛ «ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جۇرنىلى، جمسسج»، «سپېكتىر ئىلمى جۇرنىلى»، «ئانالىز-ئۆلچەش ئىلمىي جۇرنىلى» «ئانالىز تەجرىبىخانىسى» ۋە «جوڭنەن دورىگەرلىك ئىلمى» قاتارلىق جۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتى؛ ھەمدە يەنە خەلقئارالىق ئاساسلىق سپېكتىر ئىلمى جۇرنىلى «راپىد كوممۇن. ماسس سپەكتروم» ۋە «ج. ئام.سوك. ماسس سپەكتروم»نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ماقالە باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىلىك پروفېسسورى، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر خەزىنىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەجرىبىخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كومىتېتى دورا شۆبە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۆتىمەكتە.
1996 - يىل 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن بۇ ئىجتىھاتلىق ياش ئالىمنىڭ سەمەرىلىك ھايات سەھىپىسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر ئوغلانىغا خاس پارلاقلىقنى ھەم يۈكسەكلىكنى كۆرگەندەك بولدۇق. دوكتور زەپەر ئابلىزنىڭ خەلققە بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىز بۇ دوكتورنىڭ تېھىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز.
مەنبە رادىئو تورى.





ئالىم-مۇھەببەت كامال خانىم
    

        ئىلىم - پەن دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە نەتىجىدە قازىنىپ، ئىنسانىيەت ئەقىل بۇلىقىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە.تۈركىيىنىڭ شەرقى ئاناتولىيە رايونىغا جايلاشقان ۋان ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ھاشاراتشۇناس ئالىم مۇھەببەت كامال خانىممۇ ئەنە شۇ زەردار ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزى ئىزدىنىپ، يېڭىدىن بايقىغان بەزى ھاشاراتلارغا تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نامىنى بەرگەن ھەمدە شۇ ساھە بويىچە خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئىلمىي ئاتالغۇغا ئايلاندۇرغان.
ئۇيغۇر ئالىم ئېنتومولوگىسىت يەنى ھاشاراتشۇناس مۇھەببەت كامال خانىم 10 يىللىق ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا 400 خىلغا يېقىن يېڭى ھاشارات تۈرلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمغا ئۇيغۇرچە ناملارنى بەرگەن.
بۇنىڭدىكى ئۆزگىچىلىك بولسا، ئالىم مۇھەببەت كامال ئۆزى تۇنجى بولۇپ بايقىغان بەزى ھاشاراتلارغا ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ نامىنى بەرگەنلىكى ھەمدە خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئىلمى ئاتالغۇ سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرغانلىقى بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھەببەت خانىم تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر قەھرىمان - باتۇرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئاڭلىق شەخسلەرگە ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋەجىدىن شۇنداق قىلىشنى توغرا تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھەببەت كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بايقاپ نام بەرگەن ھاشاراتلار دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا بار بولۇپ، بەزىلىرى شىنجاڭ ئىلى تاغلىرىدا ھەتتا بەزىلىرىجۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ياشايدىكەن. ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەتىجىلەرنى يولدىشى پروفېسسور ئەخمەت ئۆمەر قوچاق ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن.
يولدىشى پروفېسسور ئەخمەت ئۆمەر قوچاق ئەپەندىمۇ مۇشۇ ساھە بويىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ۋە يېڭى بايقالغان ھاشاراتلارنىڭ نامىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخىس.مۇھەببەت كامال خانىم ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش جەريانىدا 400 خىلغا يېقىن يېڭى ھاشارات تۈرلىرىنى بايقىغان.
ئالىم ئەخمەت ئۆمەر قوچاق ئەپەندى ۋە مۇﻫەببەت كامال خانىم بىرلىككە 2007 - يىلى ئىككى مىڭ بەتكە يېقىن يەنى، 1989 بەتلىك زور ھەجىملىك بىر ھاشارات ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى توپلىمى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر كىتابقا 70 مىڭدىن ئارتۇق ﻫاشارات ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىلگەن.
          ئېنسىكلوپېدىيە شەكىلدىكى بۇ كىتابنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە "بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلاندى" دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر خىل ئىللىقلىق قاپلايدۇ.
مۇﻫەببەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتابنىڭ ھەر بىر مۇھىم بۆلەكلىرىگە ئۇيغۇر دانالار ھېكمەتلىرى كىرگۈزۈلگەن.
مۇھەببەت كامال خانىم ئەسلى شىجاڭنىڭ ئىلى ۋادىسىدا دۇنياغا كەلگەن، ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭدا تۈگەتكەن ھەمدە بىئولوگىيە ساھەسى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كىيىن غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
مۇھەببەت كامال خانىم ھازىر تۈركىيە شەرقىي ئاناتولىيە رايونىغا جايلاشقان ۋان ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە بۆلۈمىنىڭ زوئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ھازىر يولدىشى ئەخمەت ئۆمەر قوچاق ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر بارچە زورھەجىملىك ھاشاراتلار قوللانمىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

< ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى > دىن ئېلىندى .


ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىق

ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە ”Nasa“دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى ”Jet Propulsion Laboratory“ بولۇپ، قىسقارتىلىپ ”JPL“ دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا تونۇلغان بىر تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930- يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ـــــ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۈنئىي ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇچقۇرى ئەۋەتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىدارىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن – بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن سىدىق. ئەركىن سىدىق 1950- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى ”دېڭ شياۋپىڭنى كۈرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش“ ھەرىكەتلىرى بولۇۋاتقان دەۋردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا – زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى (ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دېيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا ”قايتا تەربىيە“ ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1977- يىلى 12- ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 2- بولغان. ھەمدە 1978- يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو – ئېلېكترونىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1- يىلىدىكى پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان ”تەييارلىق باسقۇچى“ نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپىي دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى ــــ مۇھەررىردىن) نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇ ئا ر) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت، دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. ئاخىرقى 2 يىل ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق گرامماتىكىلىرىنىمۇ تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ھاياتى جەريانىدا، ئەركىن سىدىق خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىن ئىبارەت 3 تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىنغان. 1983- يىلى ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېلېكترو – ماگنېتىكىسى ۋە مىكرو – دولقۇن تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1985- يىلى 9- ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياپونىيىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تاللىغان ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىگە ئەركىن سىدىق 1- بولۇپ تاللىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. ھەمدە ئۇ يەردە 1988- يىلى 4- ئايغىچە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1991- يىلى چىققان ”ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى“ نىڭ بىر سانىدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش – ئىزلىرى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن: “ ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 77- يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن ئاقسۇدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى (ئۇيغۇرچە قوبۇل قىلىش نومۇر ئۆلچىمىدە) نەتىجە بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. رادىئو – ئېلېكترونىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ، ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەلا ئوقۇغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 72 دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ياپون، ئىنگلىز تىللىرىدا 19 پارچە دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بەزى دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى ئامېرىكىدىكى دۇنيانىڭ ئالىي قاتلىمىغا مەنسۇپ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. …“

(1991-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان « دەۋر ئىلھاملىرى » دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى، بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.)

ئەركىن سىدىق 1988- يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 90- يىللاردا، ئەركىن سىدىقنىڭ يۇقىرىدا خۇلاسىلەپ تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىقتىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى ”ئەركىن سىدىق ھادىسىسى“ دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى ”ھادىسە“ بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىي – پەن ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، ھەمدە قىسقىغىچە 2 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ”ئەركىن سىدىق ھادىسىسى“ پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1991- يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەركىن سىدىقنى مەدھىيىلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغانىدى:

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدى پەرۋاز

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەي! ئەركىن سىدىق،

بەستىڭدە چۆل، بوستان ھارارىتى بار.

تېنىڭدە ئاقسۇنىڭ گۈل-گىياھلىرى،

ۋە تارىم توپىسىنىڭ خۇش بۇي ھىدى بار.

ئۇچتۇڭسەن، ھالقىدىڭ تەڭرىتاغدىن ھەم،

ئىگىلىك كۈچەيگەن بىر ئەلگە باردىڭ،

تىنچ ئوكيان ئۈستىدىن سەن ئۆتۈپ شۇدەم.

سەن كىچىك بالىلىق چاغلىرىڭدىلا،

كۆرگەنسەن شېرىن ۋە گۈزەل چۈش بەلكى.

شۇ چۈشلەر ئەمەستى ئاساسسىز خىيال،

ئەمەستى گىرىمسەن قاقاس چۆلدىكى.

ئۇ ئىدى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە،

قۇرۇلغان ئىشەنچ، كۈچ، ئەجىر-ئەقىدە.

مۇقامنىڭ كۈيىدىن ياڭرىغان بەلەن،

ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» پەلسەپىسىدىن،

قەمبەرخان ئوينىغان ئۇسسۇلدىن لېۋەن،

ئويلاندىڭ قايتىلاپ، ھايات ھەققىدە،

ھېس قىلدىڭ نىمىمىز كەملىكىنى سەن.

غىچىرلاپ ماڭىدۇ ئېشەك ھارۋىسى،

بېسىلغان كەبى كۆپ ئەسىرلەر يۈكى،

يۈرىكىڭنى ئېزىپ ئۆتتى ئىز سېلىپ.

ئېلىپنى تاياقتىن ئايرىيالمىغان،

بالىلار كۆزىنىڭ خىرە نۇرلىرى،

ئاغرىتتى قەلبىڭنى گويا سانجىلىپ.

مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىك تالانتلىرىنىڭ،

ھېس قىلدىڭ مىللىتىمىزدە كەملىكىنى سەن،

ئۇلارسىز خام-خىيال بىرەر مىللەتنىڭ،

گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشى جەزمەن.

بايقىدىڭ ۋە تاللاپ ئالدىڭ نىشاننى،

شۇ ياققا ماڭدىڭ چىڭ قەدەملەر تاشلاپ.

تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىڭنى،

تەسەۋۋۇر قىلىمەن سېنىڭ قانچىلاپ.

قانچىلاپ سۈبھى كۆز ئاچاي دېگەندە،

ياتقاندا تارىم جىم غەپلەتتە ئۇخلاپ،

خورازلار بىلەن تەڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ،

كىتابلار ئوقۇدۇڭ ئۇيقۇنى قوغلاپ.

مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر،

بىلىمدە-ئىرپاندا ئەزەلدىن ئەبەد.

بىلىمنىڭ دېڭىزىدا ئۈزدۈڭ توختىماي،

ئىنسانلار مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرىنى،

سۈمۈردۈڭ قانماس زور ھەۋەستە پەقەت.

ئەمگىكىڭ، ئەقلىڭدە ئاچتىڭ ئاخىرىــ

ئىشىكىن سەن ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ،

بار ئىزلار مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە،

بېسىلغان تەپتىدە ئىشق ئوتۇڭنىڭ.

يېڭى بىر مۇھىتتا ئۆگەندىڭ شۇنداق،

يۈكسەلدى ئوبرازىڭ ھارماس ئىخلاسمەن.

ئارزۇيۇڭ، ئىستىكىڭ، خىيالى چۈشۈڭ،

ئاقىۋەت ئەمەلگە ئاشتىغۇ ئەينەن.

ھالقىدىڭ شىنجاڭدىن، جۇڭگودىنمۇ سەن،

ماقالەڭ يورۇققا چىقتى دۇنيانىڭ ـــ

ئەڭ ئالىي قاتلىمىنىڭ ژۇرنىلىدا ھەم.

مەغرۇرلۇق ھېس قىلار خەلقىڭ، ئىپتىخار-

ھېس قىلار يۇرتداش ياش دوستلىرىڭ ھەردەم.

سەن ئۇلار قەلبىدە ئۈلگە، نەمۇنە،

سەن ئۇلار قەلبىدە چوڭ ئوبراز جەزمەن.

نەزەرىڭ ھالقىسى پۈتۈن دۇنيادۇر،

قەلبىڭگە ئورنىغان ئۇلۇغۋار ۋەتەن.

تەۋرەنمەس ئىشەنچىڭ، سۇنماس غەيرىتىڭ،

ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش دىلىڭغا ھەمدەم.

چەت ئەللىك ئادەملەر بىلەن بەسلىشىش،

مىللەتنىڭ گۈللىنىشنى كۆزلەشتەك روھىڭ،

قەلبىمىز قېتىغا ئورنىدى مەھكەم.

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز،

جۆر بولۇپ تەمبۇرغا، ياڭراق مۇقامغا.

پامىرنىڭ ھەيۋەتلىك مۇزلۇق چوققىسى،

تەڭرىتاغ تىزمىسى قالدى ئارقاڭدا.

نەزەرىڭ ئاستىدا ئاقىدۇ تارىم،

ئەبەدىي توختىماي دولقۇنلار ئۇرۇپ.

قايناملار ياسالغان شىددەتلىك ئېقىم،

غايەت زور ئادەمدەك تىنار تولغىنىپ.

چاقىرار ئىلغارلىق ۋە مەرىپەتنى،

كۆتۈرۈپ توختىماس شاۋقۇن چۇقاننى.

چاقىرار ئىلىم-پەن مەدەنىيەتنى،

چاقىرار قابىللار تولغان زاماننى.

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز،

بىللە ئېپ ئۇچۇپسەن مىليون قەلبنى،

ھەر مىللەت تىلىگەن تىلەك-ئارماننى.

ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىغا ئاساسەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۆۋەندىكى بىر فورمۇلىسىنى خۇلاسىلەپ چىققان ئىدى:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتى يۇقىرىقى فورمۇلانىڭ ئىسپاتى بىلەن لىق توشقان. بۇ فورمۇلادىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆيۈمچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان پولاتتەك ئىرادە، ھېچ قانداق جاپا – مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان غەيرەت – شىجائەت، توختىماي بىلىم ئۆگىنىدىغان، ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىزچىل ئىپادىسى بىلەن، ئەركىن سىدىق پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر نەرسىنى ئىسپاتلىدى: باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ.

ئەركىن سىدىق بۇ بىر پاكىتنى ھازىرمۇ داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى تەبىئىي – پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن كەسىپلەرنىڭ بىرسى تۇرۇپمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ۋە ژۇرناللىرىدا 60 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر NASA – JPL دە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىدارە سىرتىدا سۆزلەشكە، ياكى ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، دۇنياۋى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ پەقەت 20 پىرسەنتىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە، 2006- يىلى بىر يىل ئىچىدىلا، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئۇ جەمئىي 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. NASA نىڭ ”ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى پروگراممىسى“ (ئىنگلىزچە ”Origins Program“) دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ نىشانى تۆۋەندىكى 3 سوئالغا جاۋاب تېپىش ئىكەن:

1. بىز (ئىنسانلار) نەدىن كەلدۇق؟

2. بىز كائىناتتا يالغۇزمۇ؟

3. بىز نەگە بارىمىز؟

ئەركىن سىدىق ھېلىقى 3 ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان تەتقىقات يۇقىرىقى 2- سوئالغا جاۋاب تېپىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2013- يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ”James Webb ئالەم تېلېسكوپى“ نىڭ تەتقىقاتىغىمۇ قاتنىشىشقا باشلىغان.

ئەركىن سىدىق بىر كەمبەغەل، ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ باققان. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ يېزىدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان تەپكەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېزىدا ئېشەك ۋە كالا ھارۋىسى ھەيدەپ، ئېتىزلىققا ئوغۇت توشىغان. كالا سۆرەيدىغان قوشنى ھەيدەپ يەر ئاغدۇرغان. كالا سۆرەيدىغان سۆرەمدە يەرگە سۆرەم سالغان. بۇغداي، قوناق، ۋە كۆكتات تېرىغان. كالىغا سۆرىتىپ، قىچا ۋە زىغىرلاردىن ماي چىقىرىدىغان جۇۋازدا ماي تارتقان. كېچىچە تۈگمەندە ئۇخلاپ، تۈگمەندە ئۇن تارتقان. قوناق يىلتىزىغا توپا يۆلىگەن. شاللىقتا مايسا تىككەن ۋە شاللىقتا ئوت ئوتىغان. ئورغاقتا بۇغداي، شال ۋە قوناق ئورىغان ۋە باشقىلار. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن كائىناتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئەركىن سىدىق قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ، ھازىرقى ھالەتكە كېلەلىدى؟ ئۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قانداق يول تۇتىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى نېمە؟ ئۇنىڭ ئائىلىگە ۋە پەرزەنتلەرگەبولغان قارىشى قانداق؟ مۇشۇنداق بىر ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت 2 دۆلەتتە 20 نەچچە يىل ياشاپ باققان، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەبىئىي – پەن ۋە ئىنژېنېرلىق مۇتەخەسسىسلىرى قاتارىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟ ئېھتىمال نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك سوئاللىرى باردۇر. 2005-يىلى 3-ئايدا، ئامېرىكىدىكى بىلىۋال تور بېتى ئەركىن سىدىق بىلەن بىر ئىنتېرنېت يازما سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بۇ سۆھبەت ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقى (UEY) ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نۇسخىلىرى

htt p://www.biliwal.c om،

http://www.bostan.cn ۋە http://www.bilik.cn قاتارلىق تور بەتلىرىدە بار. بۇ سۆھبەتتە ئەركىن سىدىق يۇقىرىقىدەك سوئاللارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا، چەت ئەل گە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلىرىدىن، ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ياسىغان http://www.meripet.com دېگەن تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. ئەركىن سىدىقنىڭ كەسپىگە ۋە تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلار

http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm تور بېتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

ئەركىن سىدىق تەرجىمالىنىڭ داۋامىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:http://www.meripet.com/ErkinBio/ErkinBioUEY.pdf


ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى-مەرھۇم ئابباس بورھان

ئابباس بۇرھان 1932-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.
ئابباس بۇرھان جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىسى بولغان.
جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزاسى، 2-، 3-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 1-، 2-، 3-نۆۋەتلىك رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزاسى، 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئابباس بۇرھان يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە شىخەنزە (تاشئېرىق) يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، زور تۆھپە قوشقان.
ئابباس بۇرھان شىنجاڭ ۋە مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىدە كاتتا تەسىرگە ئىگە بولۇپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخستۇر. ئۇ 1983-يىلى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەمگاك-كادىرلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا «ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» دەپ نام بەرگەن ۋە تەقدىرلىگەن.
ئابباس بۇرھان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1980-1982-يىللىرى «بىلىم-كۈچ» ۋە «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى، «پەن-تېخنىكا نەشرىياتى»نى قۇرۇپ، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

ئابباس بۇرھان 10 پارچە كىتاب يازغان، 31 پارچە كىتابنى ۋە 3 پارچە لۇغەتنى تەھرىرلىگەن. مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىدا مۇكاپاتلانغان. ئابباس بۇرھان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «نەتىجىسى ئەڭ زور پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان بولۇپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بەلگىلىك خەلقئارا شۆھرەتكە ئىگە بولغان.
ئابباس بۇرھان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرىدىن 300 پارچىدىن ئارتۇقنى ئېلان قىلغان، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىدىن 352 پارچىنى تەھرىرلىگەن. يازغان ئۇيغۇرچە كىتابلىرى 10 پارچە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مىللەتلەر نەشرىياتى، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. نۇرغۇن ماقالە ۋە ئوقۇشلۇقلىرى ئارقىلىق پەن-تېخنىكىنىڭ رولىنى تەشۋىق قىلغان. كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياخشىلاشقا بېغىشلانغان.
ئابباس بورھاننىڭ نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:

«ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى»،
«ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش»،
«مىكرو جانلىقلارنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى»،  «ھاياتلىق ۋە مۇھىت»،  «پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكا»، «بىئولوگىيە تېخنىكىسى». ئابباس بورھاننىڭ نەشر قىلىنغان تەرجىمە كىتابلىرى:  «دېھقانچىلىققا پايدىلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلار»،  «دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ سىرى»،
«مۇھىت ئاسراش»،
«گاۋ شىچى بوۋا»،
«زوئولوگىيە»،
«جىنسىيەت بىلىملىرى»،«يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ (ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ماددىلار، يېزا ئىگىلىكى قىسىملىرى)»،
«ئادەم ئاناتومىيىسى بىلىملىرى»

ئابباس بورھان يەنە
«ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە بىئولوگىيە لۇغىتى»، 7
«دېھقانچىلىق بىلىملىرىگە ئىزاھلار»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە پەن-تېخنىكا لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەن ۋە تۈزگەن،
«يېزا پەن-تېخنىكىسى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان.
شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلغان ۋە باشچى بولۇپ قۇرغان.

ئابباس بورھان كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇلارنىڭ ئاساسلىقى:
1983-يىلى «مەملىكەتلىك ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولغان؛
1984-يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1990-يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ :
«ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابى «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئەسىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەنبە ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تورى


ئىپار فەرھات

1984- يىلى خوتەندە تۇغۇلغان، 1992 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن تۈركىيەگە بېرىپ ماكانلاشقان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئۆزى كىچىكىدىن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ئايرۇپىلان لاھىيەلەش كەسپىگە ئۆتكەن. 2008 - يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، كېيىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
مەنبە گۆھەر تورى


ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتالىپ (شوئۇكھرات مىتالىپوۋ) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (تىمىرىئاسەۋ ئاادەمي) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (رۇسسىئان ئاادەمي ئوف مەدىال سىئەنەس) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (دەۋەلوپمەنتال گەنەتىس) ۋە غول ھۈجەيرە (ستەم ەلل) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرە ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شىتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورەگون شىتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.

ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.  

بىز ئالىمىمىز شوئۇكھرات مىتالىپوۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.

تۆۋەندىكىلەر ئالىم شۆھرەت مىتالىپ ئالغان تەتقىقات تۈرلىرى، يازغان ماقالىلىرى، پاتېنت، ھازىر ئىشلەۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرى ھەم يازغان كىتابلىرىدىن ئىبارەت.
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى


خۇشال ياشاش كېرەك!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شائىرىمىزنىڭ تەرجىمالىنى يوللىۋەتسەڭلا

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6736
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى كومىگەن ئالىملار باركەن . بولۇپمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شائىر دولقۇن ياسىن، خارۋارت ئەركىسى-قۇدرەت ياقۇپ دىگەن سوز مېنى بەك قىزىقتۇردى ، ھەممە يەرنىڭ ئوزىنىڭ ئەركىسى بولىدۇ ، ئامرىكىدەك بىر تەرەققى قىلغان دولەتنىڭ داڭلىق مەكتىۋېدە ئەركە دىگەن نامنى ئالماق ئاسان ئەمەس، بىز تېخى تولۇق تونۇشمىغان بۇ ئېسىل قىرىنداشلىرىمىز توغرىلىق تېخىمۇ ئىنىق ماتىريالغا ئىگە قىلالارسىزمۇ. سىزدىن  كوپ مىننەتدار بولدۇم ، ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

سەلكىن .سەھرالىق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20949
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8595
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 3492 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:41:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم بۇلارنى شىنجاڭدىن ئەمەس دەيدۇ ؟ ئاز بىرقىسىملىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپ قىسىملىرى شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . بەزىلىرى ھازىرغىچە شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلاركەنغۇ ؟

يىلتىزىمىز سەھرادا ، نېنىمىز سەھرادا ، قېنىمىز سەھرادا .

QQ:1319589599 سۆيگۈ قۇشى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9329
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9418
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:49:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شائىرىمىزنىڭ تەرجىمالىنى يوللىۋەتسەڭلا...

. چ چ،ئۈندىدارنۇمۇرۇم:1319589599

ھاياتنىڭ قىممىت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53366
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3860
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1725 سائەت
تىزىم: 2011-8-26
ئاخىرقى: 2012-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نى ئۇلارنىڭ تەپسىلىرەك ماتىرىيالىي بىلەن  تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52959
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1290 سائەت
تىزىم: 2011-8-24
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:51:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت ئالىملىرىمىزنى بىلىۋالدىم،نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شائىرىمىزنىڭ تەرجىمالىنى يوللىۋەتسڭىز...............

ئات ئايلىنىپ ئوق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33195
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 4476 سائەت
تىزىم: 2011-3-9
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:52:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەردە ‹ئەرباب› دىگەن سۆزنى چۈشىنىش مەنىسىدە خاتالىق بارمۇ قانداق بىلمىدىم...؟ نىمىشقىدۇر مىللىتىمىز ئارىسىدكى داڭلىقلارنى باھالاش توغرا كەلسە مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئەدەبىيات يىزىقچىلىق   ئىلىم ساھەسىدە نام قازانغانلارنى مىسال كەلتۈردىكەنمىز...؟ بولسا ئەرباب سۆزنىڭ كۇرسىنى ئازىراق بولسىمۇ ئويلىشىپ،مەيلى ئۇنداقلار دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن،ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنىمىز،ئۇيغۇر دىگەن نامنى شەرىپىنى يات مىللەت قەۋىملەرگە ئىجابى جەھەتتىن بىلدۈرەلىدىمۇ يوق؟ ياكى شۇلارنى ئىلىم ساھەسىدە قازانغان مول نەتىجىلىرى خەلقىمىزگە زەررىچە نەپ بىرەلىدىمۇ يوق؟....ۋەھاكازالار  بۇلارنىمۇ ئويلىشىپ پىكىر بەرسەك.....
ئەلنىڭ كۆزى مڭىدۇر..ئەل تەرپىدىن چىن يۈرەك بىلەن سۆيۈلگەن ئەربابلىرىمىز ھامىنى ئۆزلۈكىدىن تالللىنىپ چىقىدۇ..ئەرباب قالپىقىنى كەيدۈرۈشكە خىلى مەزگىلللەر كىتىشى مۇمكىن....بىزنىڭ نۇرغۇنلىغىان زىيالىلىرىمىزنڭ بىلىم ئىزدىشىدىكى تۈپ مەقسىتىمۇ،ئاساسەن ماددى جەھەتتىن ئىھتىياج بولغاچقا ،زىياپەت ئۈستىلدىكى چالۋاقاشلار نۇرغۇنلىغان ساددا قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى يىلان چىرمىۋالغاندەك ،زەھەرلەشكە باشلىماقتا.......

جاھاندىن ئاغرىنغۇچە،ئۆزۈڭدىن ئاغرىن!

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4648 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:53:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىر ماتىريال ئىزدەۋاتىمەن، تاپالىساملا يوللاپ قوياي،باشقىلارمۇ ئىزدىنىپ بىقىڭلار...

خۇشال ياشاش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 01:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى ئۇلارنىڭ تەپسىلىرەك ماتىرىيالىي بىلەن  تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش