مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2197|ئىنكاس: 0

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:38:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدا تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل - [بىز ۋە جەميەت]


شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنڭ موئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى لى شياۋ شيا، يېقىندا دۆلەتلىك ئىجىتائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تۈر مەبلىغىگە ئىرىشكەن تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئارا نىكاھلانغان ئائىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش›› تۈر تەتقىقاتىنى تاماملىغان بۇلۇپ، بۇ تەتقىقات تۈردە شىنجاڭدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئائىلە قۇرشى ۋە توي قىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسۈتۈلىشچە، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنۇدا ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارا توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇش ئەھۋالى بىرقەدەر تۈۋەن ئىكەن.

2000-يىلىدىكى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتىرىيالىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىللەت ئۆز-ئارا نىكاھلانغان ئائىلە جەمئىي 83مىڭ 900 بۇلۇپ، بۇ سان پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئائىلە نۇپسىنىڭ %1.75 ئىگەللىگەن. بۇ پۈتۈن مەملىكەتتكى ئوخشاش خىلدىكى ئوتتۇرچە سەۋيىدىن %1.21 تۈۋەن ئىكەن.

شىنجاڭدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارا توي قىلىش ئەھۋالىدىن قارغاندا خەنزۇلار بىلەن ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئارا توي قىلىش ئەھۋالى بىرقەدەر تۈۋەن ئىكەن.

پۈتۈن مەملىكەتتكى 55 ئازسانلىق مىللەت ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارا توي قىلىش نىسبىتى (پەقەت بىر جۈپ ئەر-خۇتۇن نىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەت بۇلۇش سېلىشتۇرما نىسبىتى) ئەڭ تۈۋەن بولغان بىرنەچچە مىللەت شىنجاڭدا بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى (%1.05) ، قازاق مىللىتى (%2.21)، قىرغىز مىللىتى (5.15%) بۇلۇپ ، بۇلار مىللەتلەر ئارا توي قىلىش نىسبىتى بۇيۇنچە تىزغاندا ئەڭ ئاخىرقى ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، تاجىك مىللىتىنىڭ بولسا (%7.99) بۇلۇپ بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىين، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئار تويلىشش ئەھۋالىدا ئومۇمىي سان جەھەتتىن ئېشىش ھالىتى بارلىققا كەلگەن. شىنجاڭدىكى بىرقىسىم رايۇن ۋە شەھەرلەرنىڭ 1980-يىلىدىكى نىكاھنى تىزىمىلىتىش ئەھۋالىغا قارغاندا ،ئوخشاش بولىمغان مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىش ئەھۋالى مۇنداق : ئۈرۈمچى شەھىرىدە  1980-يلى  218 جۈپ بۇلۇپ ، ئومۇمىي نوپۇستىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى% 2.08 بولغان.  چۆچەك شەھىرىدە 1980-يلى 46 جۈپ بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇستىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى%5.5بولغان بولسا، 2003-يىلىغا كەلگەندە 469 جۈپكە يىتىپ ئىگەللىگەن نىسبىتى % 39.5 بولغان. ھەرقايسى جايلاردىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىش ئەھۋالى تەڭ دەرىجىدە يۈز بەرگەن. شىمالىي شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكىدىن كۆپرەك، شەھەرلەردە بولسا يېزلاردىكىدىن كۆپرەك، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇرغان رايۇنلاردا مىللەتلەر ئارا توي قىلىش ئەھۋالى بىرقەدەر كۆپ، بىر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇرغان رايۇنلاردا بولسا ئازىراق. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارغاندا، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارا توي قىلغۇچىلاردا تۈۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك مەۋجۈت : (1)  مەدەنىيەت سەۋيىسى ۋە كەسىپ قاتلىمى بىرقەدەر يۇقىرى، مىسال ئالساق ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنى ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارا توي قىلغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى مۇنداق ــــــ ئەرلەرنىڭ % 45 كۆپرەكى ، قىزلارنىڭ بولسا %50 كۆپرەكى ئالى مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ياكى ئۇنۇڭدىن يۇقرى مەدەنىيەت تەربىيىسىگە ئىگە كىشلەردۇر؛ (2) ئوتتۇرچە تۈنجى توي قىلغان يېشى بىرقەدەر يۇقرى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇندىكى مىللىي قىزلار، خەنزۇ قىزلارنىڭ ئوتتۇرچە مىللەتلەر ئارا نىكاھلىنىش يېشى ئاساسىي جەھەتتىن 26 ياش ئالدى-كەينىدە بولغان؛ (3) بۇ خىلدىكى نىكاھلانغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكسى كىچىكىدىن تارتىپ شىنجاڭدا چوڭ بولغان كىشلەربۇلۇپ، سىرىتقى ئۆلكە ، شەھەر، ناھيىەلەردىن كەلگەن كىشلەرنۇپۇسى ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نۇپۇسى ئاساسى ئورۇندا تۇردىغان بۇلۇپ؛ سىرىتقى ئۆلكە ، شەھەر، ناھيىەلەردىن كەلگەن خەنزۇلار بىلەن مۇشۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا نىكاھلانغانلار بارغانسىرى ئاشماقتا .  (4) كۆپۈنچىسى ئەركىن مۇھەببەتلەشكەنلەر، ئەركىن توي قىلغانلار. ئىككى تەرەپنىڭ ئىجىتمائىي ئورنى جەھەتتە بىر قەدەر ئوخشاش ، توي قىلىش شارائىتى ئوخشاشلار، نىكاھ مۇناسىۋىتىدە باراۋار ئورۇندا تۇرغانلاردۇر.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتىن تەڭ دەرىجىدە بولسىمۇ بىراق سانىنىڭ ئاز –كۆپلىكى جەھەتتە پەرىقلەر مەۋجۈت.  ئاساسي جەھەتتىن :

(1) خەنزۇلارنى نىكاھلىنىش ئوبىكتى قىلىغان مىللىلار توپى ئەڭ كۆپ، خەنزۇ مىللىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىش سانى ئەڭ كۆپ، مەسلەن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنىنىڭ 2002-يىلدىكى توي قىلغانلارنى تىزمىلاش ئەھۋالىدىن كۈرە، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەربىلەن توي قىلغان خەنزۇلار 210 نەپەر، ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆز-ئارا توي قىلغانلار 14 نەپەر بۇلۇپ ، يۇقارقى ئەھۋال 2002-يىلى مۇشۇ رايۇندىكى توي قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي نۇپۇسىنىڭ  %89.4 ئىگەللەيدۇ. كۆپ ساندىكى رايۇنلاردا ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشىدا ئەڭ ئاساسلىقى خۇيزۇلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ توي قىلىش نىسبىتى ئەڭ ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللىگەن بۇلۇپ،ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنىدا خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلارنىڭ توي قىلىش نىسبىتى %48 كە يەتكەن.

(2) تارقاق ئولتۇراقلاشقان مىلللارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان، مەسلەن ئۈرۈمچى شەھرى، چۆچەك شەھرى ، غۇلجا شەھرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان  شىبە ، داغۇر، مۇڭغۇل مىللەتلىرىنىڭ خەنزۇلار بىلەن توي قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقرى بولغان.

(3) كىلىپ چىقىشى يەنى مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن كىلدىغان مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا توي قىلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقۇرى بولغان. مەسلەن ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىك، تاتار ئارسىدا؛ قازاق بىلەن تاتار،ئۆزبىك ئارسىدا؛ خەنزۇلار بىلەن مانجۇ، مۇڭغۇل، شىبەقاتارلىق مىللەتلىرى ئارسىدا توي قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ بولغان.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشنىڭ قىيىن –ئاسانلىق دەرىجىىسى ئوخشاش ئەمەس بۇلۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللىي خاسلىق-خۇسۇسىيەتلىرى ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرىق ( مەسلەن: دىن، تىل، ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىق) قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىللەت ئارسىدىكى ئۆز-ئارا توي قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ قىينچىلىق بۇلۇپ قالدىكەن. بۇلۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە دىننىي ئىتقاد جەھەتتكى پەرىق ئەڭ چوڭ چەكلمىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئىسلام دىنىنىڭ نىكاھلىنىش جەھەتتىكى بەلگىلمىسى ئەڭ قاتتىق بۇلۇپ، ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمان كىشلەرنىڭ دىنىي-ئىتقادى ئىسلام بولمىغان كىشىلەر بىلەن توي قىلىشى قاتتىق چەكلەنگەن! قۇرئان كەرىمدە بو توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن:

“你们不要娶以物配主的妇女,直到她们信道。已信道的奴婢,的确胜过以物配主的妇女,即使她使你们爱慕她”(《古兰经》)。

تەرجىمە مەنبەسى  : ئەنئەنە بىلوگى
ئادىرس:http://anana05.blogbus.com/logs/158578492.html

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
toxkanjan + 50 ساپلىق مۇھىم.
nur-luk + 10 ئويلىشىدىغان ئىشكەن جۇمۇ باللارھى...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 60   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش