مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3158|ئىنكاس: 14

ساجىيە مەدرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 12:35:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساجىيە مەدرىسىسى

     ساجىيە مەدرىسىسى مىلادى 926-يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇكىرىم) تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەدرىسة بولۇپ، ئۇ يەنە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەدرىسىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ    .



     مەدرىسة: ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، بىلىم يۇرتى دېگەن مەنىدە بولسا، ساجىيە دېگەن سۆزنىڭ ظةسلى: ساچىية بولۇپ، «ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا چېچىش، يېيىش، دىگەن مەنىدە بولغاچقا، ساجىيە مەدرىسىسى: ئىلىم – پەن نذرىنى چاچىدىغان ئالىي مەكتەپ دىگەن بولىدۇ.
     مىلادى 926-يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پادىشاھى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان سامانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى، ئىسلام دةؤةتچىسى يېتۈك ئالىم ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كەنىت، مەھەللىلەردە مەسچىت قىلىنىپ، مەسچىتنىڭ يېنىغىلا مەكتەپ (مەدرىسة) بىنا قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇمەزگىلدە قەشقەر قايتىدىن مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى    .

     سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام نۇرىنى چاقنىتىپ ئىلىم تارقىتىش مەقسىتىدە ئۇستازى ئەبۇ نەسر سامانىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى بولۇپ قەشقەر ئاتۇشتىكى مەشھەدتە «مەدرىسەئى ساجىيە»نى ئاچقان. بۇ مەدرىستە دىنىي بىلىملەر، ئاسترونومىيە، تەبىئەتشۇناسلىق، تىل-ئەدەبىيات ۋە ھېساب دەرسلىرى ئوقۇتۇلۇپلا قالماي يەنە ئارستوتىل، فارابى، خارەزمى قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىلىرى ۋە شەرق كلاسسىكلىرىدىن ئابدۇراخمان جامى، نەۋائىي، شەيخ سەئدى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قوشۇپ ئوقۇتۇلغان، ھەر يىلى ھەممە ئىقلىملاردىن مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.

     ساجىيە مەدرىسىسىدە ئوبۇل ھەسەن سەيىر ھاتەم، سەيىر جالالىدىن باغدادى، جامالىدىن قەشقەرى قاتارلىقلار دەرس ئۆتكەن بولۇپ بۇ مەدرىستە ئوقۇغانلاردىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر زاتلار، ئالىم، تېۋىپ، ھۈنەرۋەن، دانىشمەنلەر يېتىشىپ چىقىپ دۇنياغا تونۇلغان. مەسىلەن: بۇ مەدرىستىن دەسلەپتە يېتىشىپ چىققانلاردىن ئەللامە راشىدىن كاشىغەرى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق مۇدەررىسى ۋە تارىخچىسى ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشىغەرى، جەرراھ ئىمامىدىن كاشىغەرى، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئۇستازى ھۈسەيىن خەلەف كاشىغەرى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن بەزىلىرى بۇ مەدرىستە ئۇزۇن يىل مۇدەررسلىك قىلغان.
     
     كېيىنكى دەۋردە ئوقۇغان ۋە يېتىشىپ چىققان ئالىملاردىن شائىر، تارىخچى، جامائەت ئەربابى، مەھمۇد ھېكىم بەگ، سالىھ داموللا ھاجىم (بۈگۈنكى دەۋردىكى بۈيۈك دىنىي زات، ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئاتىسى)، شائىر ۋە ئۆتكۈر مەسخىرىچى ئەمەت داموللام، جاھالەتكە قارشى پىداكار جەڭچى ئابدۇقادىر داموللام، مەۋلىۋى داموللا ھاجىم، خەلق شائىرى، مەنبەشۇناس ئەبۇبەكرى زەلىلى، شائىر مۇھەممەد يۈسۈپ تۈركىي، جامائەت ئەربابى ئابدۇراخمان يۈسۈپ قاتارلىقلار بار.

     ساجىيە مەدرىسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بىلىم يۇرتى بولغاچقا بۇ مەدرىس ئەينى دەۋردىن باشلاپلا دىنىمىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ھەم كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە قەشقەردىمۇ تارماق مەدرىسىلىرى قۇرۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ئۇيغۇر مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئۇل سالغان. تارىختىن باشلاپلا ساجىيە جاھالەتنى قوغلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىلىم نۇرلىرى بىلەن يورىتىپ كەلگەچكە گەرچە قەدىمكى ساجىيەنىڭ ئىزلىرى يوقالغان بولسىمۇ ئىسمى دىللاردا يادلىنىپ تىللاردا تارقىلىپ كەلمەكتە ھەم ساجىيە نامىدا ھەرخىل تىل تەربىيىلەش مەكتەپلىرىمۇ ئېچىلماقتا.

     بۈگۈنكى كۈندە ئۇستاز دوكتور ئابدۇلئەزىز ئەينى دەۋىردىكى بىلىم بۇلىقى بولغان ساجىيە مەدرىسىسىنىڭ سىماسىنى تور دۇنياسىدا قايتا نامايان قىلىپ ئىلىم سۆيەر خەلىقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ۋە دىنى ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قولىدىن قولىغا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ساجىيە مەدرىسىسىنىڭ ئىلىم مەشئىلىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ.

     دوكتورنىڭ خەلقىمىزگە بولغان بۇ جانكۆيەرلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىسقىچە بولسىمۇ ساجىيە مەدرىسىسىنى تونۇشتۇرۇش، مۇشۇ ئارقىلىق دوكتورنى روھى جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ قوللاش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق.

مەنبە؛http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-14619.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9844 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 10:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 10:16:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋرىمىزدىكى ئىسلام يولىدا جاپا تارتىپ ئىلىم ئۈگۈتىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە ئاللا ئۇزۇن ئۆمۈر بەرگەي،

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 10:29:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(0998nida) نىڭ تېمىسىغا

بۇ مەكتەپنىڭ تور ئادىرىسى بارمۇ ؟خاپا بولماي يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز،

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 11:34:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ دەۋرلەردە بوۋىمىلىرىمىز ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغارلىق ھېسابلىنىدىغان ئىش-ھادىسەلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر،باشقىلاردىن ئۆگەنگۈچى ئەمەس ئۆزگىلەرگە ئۆگەتكۈچى ئۇستاز بولۇپ ياشاپتىكەن ،كۆزىگە جىمىكى يېڭلىق ،ناتونۇش نەرسىلەر سىغمايدىغان،نوقۇل دورىغۇچى ،ئەگەشكۈچى  ھالەتتىن بىزلەرنى يىراق قىلىپ ،شۇ بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن مېڭىشقا نېسىپ ئەتكەي،...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52959
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1290 سائەت
تىزىم: 2011-8-24
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 11:37:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزىنى خەلىقنىڭ ئىلىم مەرىپەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان دوكتۇرغا كۆپ رەھمەت..................ئاللا ئىشلىرىغا مەدەت بەرگەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19849
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7282
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3857 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 02:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساجىيە   مۇسۇلمانلار    تورى  ىنىڭ   ئادىرسى   بولسا   يوللاپ   قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7028
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8215
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 05:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىىگىسىگە  رەھمەت !!!  بىلمەيدىكەنمەن ئۇقۇۋالدىم...

ئۆلۆمنىڭ ئۆزى بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17461
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9330
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 3689 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 06:45:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  aldos كە 2011-09-04 02:49 PMئەۋەتىلدى  :
ساجىيە   مۇسۇلمانلار    تورى  ىنىڭ   ئادىرسى   بولسا   يوللاپ   قۇيۇڭ
مانا بۇ ئادېرستىن كىرىڭ!   http://www.sajiye.net/

ئۈمۈد بىلەن ياشىغن ھەركۈن،ئارزۇلاپ كۈتكىنىڭ كىلىدۇبىركۈن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49348
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 1525 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-4 09:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     راھمەت كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش