مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4221|ئىنكاس: 19

شەھەرلەردە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ئادە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 10:02:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



شەھەرلەردە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ئادەتلىرىمىز


غالىپ مۇھەممەد قارلۇق



شەھەر- ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ساپلىقتىن يىراق داشقايناق كارتېنىسى . بۇ يەردە تۇرمۇش رېتىمى تېز ، تىرىكچىلىك شاۋقۇن – سۈرەنلەرگە تولغان بولىدۇ . تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ناھايىتى تېز سۇرئەتتە ئۇچرىشىىپ تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ، كۆز قاراشلىرىمۇ تاشقى تەسىرلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئاسان ئۇچرايدۇ . شۇڭا «مودا» ، «ھەشەم – پەشەم» ، «يېڭىلىق»، «زامانىۋىلىق» دېگەنلەرمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن شەھەردە بىخ سۈرۈپ ، ئاندىن يېزىلارغا كېڭىيىدۇ . شەھەرلەردە ماددىي ئىستېمالغا يارىشا مەنىۋى ئىستېمالمۇ ئوخشاشلا تاۋارلاشقان بولىدۇ . بۇ يەردە يېگىلىقمۇ ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ ھەم ئاسان كونىرايدۇ . نۇرغۇن نەرسىلەر شەھەردە قايتىدىن چېچەكلەيدۇ ، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر ئاستا – ئاستا توزۇپ كېتىدۇ . ئالدىراشچىلىققا تولغان بۇ يەردە گاھىدا ئادەمنىڭ خىيال سۈرۈشىگىمۇ ،«توۋا قىلىشى» غىمۇ ۋاقتى چىقماي قالىدۇ . ئادەم ئۆزىمۇ ىەزمىگەن ھالدا ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاھ- تىلىك مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كونىراۋاتقا5- لىقىنى ، ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ياكى يوقىلىپ ئۇنتۇلىۋاتقانلىقىنى ، يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىدۇ . مەنمۇ ئالدى – كەينى بولۇپ چوڭ شەھەردە ياشاۋاتقىلى ئون يىلچە بولۇپ قالدى ، بۇ جەرياندا مەن شەھەرنىڭ قىياپىتىىدە يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىدە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ، ئسىتېمال سەۋىيىسى ، ئاڭ – قاراشلىرىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ھەم كۆردۈم . ئەمما ، بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەگ- دۈرگەن ھەم يېتىلدۈرگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ، گۈزەل ئەخلاق ، ئېسىل ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن قىسمەن تەركىبلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىىپ ياكى ئاينىپ ،? سۇسلىشىپ ياكى ئۇنتۇلۇشقا يۇزلنىۋاتقانلىقىدىن ئەپىىىۇسلانمايمۇ تۇرالمىدىم . تۆۋەندە ئەنە شۇ ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاققان ئېىىىل ئادەتلىرىمىزدىن بىر نەچچىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلماقچىمەن:
      

1



يېقىندا بىر دوىستۇم مېنى بىر دوىىىتىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ ئاپاردى . مەنمۇ نېرى – بېرىىىىىنى ىىىۈرۈشىتۈرۈپ ئولتۇرمايلا «دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى قىلىىپ» ماقۇل دەپتىكەنمەن . ئەسلىدە ئۇ ئۆيدە تۇغۇتلۇق ئايال بار ئىكەنتۇق . يەنى دوستۇمنىڭ دوىستىنىڭ ئايالى يەڭگىىپ 5 ا كۈندەك بوپتىكەن . مەن ىىىەل ئوڭايىىىىزلانغاندەك بولدۇم . ئەمما دوىىىتۇم ۋە ئۇنىڭ دوىستى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئەركىن – ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى . ئارىلىقنا مەن دوىستۇمغا : « ئايالى يەڭگىگەنىدى دەپ قويىىىاڭ بولماسمىدى» ، دېگەندەك قىلىىپ دوق قىلىۋىدىم ، دوىستۇم :«ۋاي ، نېمە بولماقچىدى ، ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمىگىنە»، دەپ گەپنى ئۇزۈۋەتتى . قايتقاندىن كېيىن دومننۇمغا : « ئادەتتە تۇغۇتلۇق ئۆيگە ئايالنىڭ قىرىقى توشقىچە ئۆي ئىگىلىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ خالىغانچە كىرىپ – چىقىشىغا بولمايتتى» دېىىىەم ، دوىىىتۇم ماڭا بۇنىڭ كونا زاماندىن قالغان ئادەت ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھازىر ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ، راىىىتىنى دېگەندە بۇنى ئۆزىنىڭمۇ ئانچە بىلىىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ، دوستىنىڭ، تەكلىپى بىلەن بارغانلىقىمىزنى ئەسكەرتتى . قارىفاندا دوىىىتۇم ۋە ئۇنىڭ دوىىىتىمۇ خەلقىمىزدىكى بۇ ئادەتتىن خەۋەر سىزدەك قىلاتتى .

ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزدە تۇغۇتلۇق ئۆيگە قالايمىقان ئادەم كىرىپ – چىقىش پەرھىز قىلىنىدۇ . شىۇڭا تۇغۇتلۇق ئايال بار ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇش ئېغىر ئاياغ ئايالنىڭ كۆزى يورۇغاندىن تارتىپ تاكى ئۇنىڭ قىرىقى توشقانغا قەدەر جەمئىي قىرىق كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ . بۇنداق قىلىشتىكى مەقىىىەت تۇغۇت جەريانىدا زىيادە كۈچىنىش، جىىسمانىي جەھەتتە بەكلا ئاجىزلاپ كېتىدىغان ئايالنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .

بۇنىڭدىن بانتىقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ بۇ دۇنياغا يېڭىلا كۆز ئاچقان بولغاچقا بەدىنى ئاجىز ، ئىممۇنىتېىت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ . ئانا – بالىنىڭ (بوۋاقنىڭ)ياخشى ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەممىلا ئادەمگە«ئۆيىمىزدە تۇغۇتلۇق ئايال بار ، ۋاقتىنچە كىرمەي تۇرۇڭلار» دەپ ئۇقتۇرۇپ بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان ، جۇلالىق قىزىل رەڭلىك لاتىنى ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قويۇش ئار قىلىق يۇقىرىقى مەقسەتنى ئىپادىلەش ئادىتى تەدرىجىي تەكىللەنگەن ، مېنىڭچە بۇ ئادەتنىڭ پايدىسى باركى زىيىنى يوق .

2



توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شەھىرىمىزدىكى مەلۇم ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدىم . قورۇدا ئۇيغۇر ئائىلىلىكلىرىمۇ يەتتە – سەككىزگە يېتەتتى . بىز بۇ قورۇغا ماكانلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايالىم بىر قاچا تاماقنى قوشنىمىزغا سۇنغىلى كىرىىپ كەتتى . بىراق ، ھايالشىمايلا چىرايىنىڭ ئۆڭى ئۆچكەن ھالدا قايتىىپ چىقتى . مەن «بىر ئىش بولدىمۇ» دېگەن قىياپەتتە ئايالىمنىڭ چىرايىغا قارىدىم .
- يولدىشى يوق ئىكەن ، ئايالى بار ئىكەن . تاماق ئەتكەنىدىم ، تېتىىپ باقارمىكىن دەپ ئېلىپ كىرگەنىدىم دېسەم ، بىر نەرسىگە ھەيران قالغاندەك چىرايىمغا تىكىلىېب قاراپ تۇرىدۇ . ئارقىدىن «يولدىشىم مەلۇم ئشى بىلەن بازارغا كەتكەن . مەن بولسام ھېلىراقتا سىرتتا تاماق يەپ قايتىىپ كىرگەنىدىم» دەيدۇ ،«ئەكەلسىلە قوللىرىدىكى چىنىنى ئالاي» دېمەيدۇ .
- سىز بىر نەرسە دېمىدىڭىزمۇ ؟
- ئەسلىدە قايتىپ چىقاي دەپ ئويلىغانىدىم . بوپتۇلا «تاماق سۇناي دېگەن گۇناھ ئۆزۈمد» دەپ يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم ۋە تاماقنى مېھمانخانا ئۆيىدىكى ئۇستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپلا ، «بالىلارنىڭ دادىسى ساقلاپ قالدى ، مەن چىقاي ئەمىسە» دەپلا قايتىپ چىقتىم . ھەي ، ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈ دەك بولدۇم ، – دېدى .

مەن بۇ ئىشتىن سەل ئەپسۇسلاندىم . خەلقىمىزنىڭ قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسىدىكى بىر ئېسىل ئادەت بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلەردىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا سۇسلىشىشقا يۇزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى ، گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام ، بۇنداق ياتلىشىش ، ئادەت «ساۋاتسىزلىقى» يالغۇز قوشنام بىلەنلا چەكلەنمىسە كېرەك . بىر بىنادا ئۇزاق يىل? بىللە ئولتۇرۇپمۇ كىرىش – چىقىش قىلمايدىغان ، ھەتتا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇلدىكى ھەقەمسايە قوشنىسىنى تونۇمايدىغان ئەھۋاللار شەھىرىمىزدە خېلىلا كۆپ . قوشنىلار ئارا ئەپ ئۆتمەي جېدەل – ماجىرا قىلىدىغان ئەھۋاللارغا نېمە دەي تېخى ؟ ! . . . كىشىلەرنىڭ كىيىمى پۈتۈن ، قورسىقى توق بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولۇنغان ھا زىرقى شارائىتتا ھېچكىم ھېچكىمگە زار ئەمەس . قونك- لارئارا تاماق سۇنۇشتا قانداقتۇر باشقىچە بىر مەقسەت ياكى قارشى تدرەپنىڭ ((ئاچ قالغانلىقى)) كۆزدە تۇتۇلغاگ- مۇ ئەمەس ، بەلكى ئوخشىغان بىر ۋاقلىق ئىسسىق تاماقتىن قوشنىلارنىمۇ تەڭ بەھرلەندۈرۈپ ، بۇ ئارقىلىق ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىق ، چۈشىنىشىنى كۈچەيتىش ، باردى – كەلدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، قوشنىلارئارا مېھىر – مۇھەببەتنى ئۇلغايتىش ئۈچۈندۇر ، خالاس .

3



ئۇزاقنىن بۇيان ھېيتنى ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئۇچۇن ھەر ھېيتتا يۇرتقا بېرىپ كېلەتتىم ، بۇ قېتىم ھېيتنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى . بىراق ، نېمىشقىدۇر بۇ يەردە ھېيتنىڭ تازا «سۈلكىتى» نى ھېس قىلالمىدىم ، يۇرتلاردىكىگە ئىنتايىن روشەن سېلىشتۇرما ھالدا بۇ شەھەردە ئاندا – ساندا ھېيتلاش ، يەككە ھېيتلاش ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ھېيتلاش گەۋدىلىك ئىدى . ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى قورۇدىكى قولۇم – قوشنىلار ئارا ھېيتلايلى دېسەك ، ئۇ – بۇ سەۋەبلەر بىلەن بەزىلەر ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى . بىر – ئىككى قوشنىمىز بار ئىكەنتۇق ، شۇلارنىڭكىدە ھېيتلىغاچ ، ئۆيگە ھېيت پەتىسىگە تەكلىپ قىلىپ قويۇپ قايتىپ چىقتۇق . ئەتىسى قارىساق ئۇلارمۇ يوق ، باشقىلار يەنە يوق . ئۆگۈنلۇكىمۇ ھەم شۇنداق . . . شۇنىڭ بىلەنئىشىكنى «گۈم» تاقاپ ، بىزمۇ «يىراقنىكى» دوستلارنىڭكىگە ھېيتلىغىلى ئاتلاندۇق . شۇنداق قىلىپ ھېيتمۇ ئۆتۇپ كەتكەن بولدى . ئارىلىقتا ھېيتتا كۆرۈشەلمىگەن قوشنىلار- دىن بىر – ئىككىسى ئۇچراپ قېلىپ «ھېيتلاتساق ياخشى بولاتتى ، شۇغىنىىىىى چوڭلار بىلەن ، دوستلار بىلەن ھېيتلىشىمىز دەپلا ئۆتۈپ كەتتىغۇ بۇ ۋاقىت ئالدىراشچىلىقتا » دەپلا گەپنى تۈگەتتى . «راست ، ، بىر قورۇدىكى قولۇم – قوشنىلار تۇرۇپ ئۆزئارا ھېيتلاشقا ئازراقمۇ ۋاقىت ئاجرىتالمىغاندىن كېيىن ، ھەقىقەتەن ئالدىراش ئوخشايمىز – ھە » دەپ ئويلىغاچ مېيىقىمدا كۈلۈ پ قويدۇم . ھېيتتىن كېيىنكى كۈنلەردە بولسا ئەتراپىمىزدىكى تونۇش – بىلىشلەرنىڭ ئاغزىدىن «ۋاي ، بۇ ئۈرۈمچىدە ھېيت پەتىسى تازا تۈزۈك بولمايدۇ . كۆپ ھاللاردا ھېيتنى ئۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىز ئۆتكۈزىدىغان گەپ ! ئىشىكىنى تاقاپ ، قا زانغا سالغان گۆشنى ئۆزىمىز مەززە قىلىپ يېگەچ ، شور- پىسىنى ئىچىپ ئولتۇرىمىزغۇ ، شۇ . . .» دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى كۆپ ئىشىتىپ ، ئۆزۈمگە تەسەللى تاپقاندەك بولدۇم . شۇغىنىسى ، يۇرتۇمدىكى ھېيت تەنتەنىسى كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى .

ھېيىت بىزنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز . ھېيتتا ئۆزئارا پەتىلەش ھېيتىمىزنىڭ ئەقەللىي قائىدىسى ھەم بىر كۆركى . ئادەتتە ھېيتتا «ئالاھىدە» تەكلىپ قىلىنمىسىمۇ (ئەنئەنە بويىچە بۇنداق قىلىشنىڭ زىنھار ھاجىتى يوق) ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىىپ جامائەت بولۇپ ھېيتلىشىش كېرەك ئىدى . ئەمما تەكلىپ قىلىپمۇ ، سەپەرۋەرلىك قىلىپمۇ ئۆزئارا پەتىلەشكىلى بولمىسا ، ئەمدى ھېيتنىڭ نېمە مەنىسى ، نېمە مەززىسى ، نېمە خاسىيىتى قالدى ؟

4



ئۆتكەندە بىر دوستۇمنىڭ دادىسى ماڭا تېلېفون قىپتۇ : «بالام ، ئۆيگە بىر كېلىېپ كەتسىڭىز» ، مەن ماقۇل دېدىم ۋە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە باردىم . ئەھۋاللىشىىش جەريانىدا مەلۇم بولدىكى ، دوستۇم چوڭ ئۆيگە كەلمىگىلى ئىككى ئايچە بوپتۇ . تېلېفوندا ئاز – تولا سالام – سائەت قىلغاندىن باشقا بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ باقماپتۇ ، قىسقىسى يوقلاپ كەلمەپتۇ .« بىز ئۇنىڭ پۇلىغا ، سوۋغا – سالىمىغا قاراشلىق ئەمەسقۇ ، پەقەتلا شۇ دىدارىنى كۆرۈش كە خۇمار بولۇپ ، بالا مېھرىمۇ ئاخىر . . .» دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى ھەدىمىز . شۇڭا ئۇلار مېنىڭ دوىتۇمغا «ئىدىيىۋى تەربىيە» ئىشلىشىمنى ئۆتۇنۈپ ماڭا تېلېفون قىلغانىكەن . مەن ئەتىسىلا ۋاقىت چىقىرىپ دوستۇم بىلەن پاراڭلاشتىم . دوستۇم باشتا سەل ھەيران قالغاندەك بولدى ، خىجىل بولغاندەكمۇ بولدى ، «مۇشۇ ئشنىمۇ ساڭا ئېيتىپ ، ھاۋالە قىلىپ يۈردىمۇ ، تازا قاملاشلمىغان ئىشتە بۇ . . .» دېگەندەك قىلىپ سەل خاپا بولغانمۇ بولدى ۋە ئاخىرىدا : « يېقىننىڭياقى ئىشلىرىم ئالدىراش بولۇپ كېتىپ يوقلاپ بارالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىمنىڭ بىزنىڭ چوڭلاردىن سەل رەنجىشى بار ، ئۇ مېنىڭ بېرىشىمنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ . ۋاي ، تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن بولمىدىمۇ» دەپ گېپىنى خۇلاسىلىدى . « ماۋۇ گېپىڭلار تازا قاملاشمىدى ئاداش ، تېلېفوندا ئەھۋال سوراش باشقا گەپ ، ئالدىغا بېرىپ دىدارلىشىىپ ئەھۋال سوراش باشقا گەپ . سەنمۇ بىر كۈنلەردە قېرىلىق يېشىغا يەتكەندە ئاندىن بۇ گەپنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ، ئاتا – ئانىنىڭ قەلبىنى چۈ شىنىسەن ئاداش . . .» دېگەچ بىر مۇنچە قائىدە ، نەسىھەتلەرنى سۆزلىگەن بولدۇم .

ئاتا -ئانا ئۇلۇغ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئۆمۈر ھەر ۋاقىىت بالا غېمىدە يېنىپ – ئۆچىدۇ . شۇڭا ئاتا-ئانىلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇش ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئەقەللىي پەرھىزى ھەم قەرزى . ئەخلاقىمىزدا ۋە ئۆرپ – ئادىتىمىزدە بۇ تەرەپ ناھايىتى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . شۇ سەۋەبمىكىن ،يېقىندا تور ، گېزىت ، تېلېۋىزىيىلەر ئارقىلىق ئاشكارا قىلىنغان «خارلانغان ئانا ۋەقەسى» جەمئىيىتىمىزنى كۈچلۈك «زىلزىلە» گە كەلتۈرۈۋەتتى ، جەمئىيەتنىڭ تەنقىد – نەپرىتىگە ئۇچرىدى . ھەقىقەتەن شەھەرلەردە تۇرمۇشن رېتىمى تېز ، خىزمەت ئالدىراش . لېكىن ، ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ ، شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت ، پۇرسەت تېپىپ ، چوڭلارنى يوقلاشقا ئىمكانىيەت چىقىدىغۇ ؟ گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە !

5



ئالىي مەكەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە يېڭىدىن ئاياغ باسقان چاغلىرىم ئىدى . شۇ چاغدىىكى بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ : يۇرتلۇق بىر تونۇشىمىزنى ئىزدەپ مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا باردىم . تونۇشمىز ئۆز ئۆيىنىڭ ئاشۇ قورۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى . سۇرۈشتۈرۈپ قايسى بىنا ، قانچىنچى كورپۇس ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدىم ، لېكىن قانچىنچى قەۋەت ، نەچچىنچى نومۇرلۇق ئۆي ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى . مەن بىناغا كىرىىپ دەماللىققىلا بىر ئىشىكنى چەكتىم . ئىشىكنى ئىككى قېتىم چەككەندىن كېيىنلا ئۆي ئىچىدىن :« كىم ، كىمۇ ، كىمنى ئىزدەيسىز؟» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . «مەن» دېدىم مەن قسىقىلا قىلىىپ . ئۆي ئىچى سەل جىمىېب كەتتى ، «مۇشۇك كۆزىدىن مېنى كۆرۇۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم مەن . بىردەمدىن كېيىن ئىچكى ئىشىك ئېچىلدى ، تاشقى مۇداپىئە تۆمۈر ئىشىكى يەنىلا ئېتىك . ئۆي ئىگىسى ماڭا :« نېمە ئىش؟» دېگەندەك قىيا پەتتە قارىدى . مەن غوپۇر ئاكامنىڭ ئۆيىنى سورىدىم . ئۆي ئىگىسى تولىمۇ سوغۇق ئەلپازدىلا :« 5- قەۋەت ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۆي» دېدى . شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ سۆزلىشىشىمىز خۇددى تۆمۈر ئىشىكلىك ئۆي ئىچىدىكى مەھبۇس بىلەن سۆزلىشىشكىلا ئوخشاپ قالغانىدى . مەن ھەشقاللا ئېيتتىم ، ئۆي ئىگىسىدىن باىتقا سادا چىقمىدى ، ئارقىدىنلا ئىشىكنىڭ «گۇپ» قىلىپ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم . بۇ ھال مېنىڭ كەيپىياتىمغا تولىمۇ سوغۇق سۇ سەپتى . كېيىنكى مەزگىللەردە مۇنداق ئىشلارغا تولا يولۇقۇپ ، بۇنداق ئىشلار ماڭا يات تۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتتى . مەن باشقىلاردىنمۇ مۇشۇ خۇسۇستىكى ئىشلارنى ئاڭلىدىم ، شۇڭا ئانچە ھەيران قالمايدىغان بولدۇم ، ئەمما كۆڭلۇم غەش ئىدى .

بىز ئۇيغۇرلاردا ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى ئامال بار خۇش ئەبەسسۇم بىلەن راۋا قىلىدىغان بىر ئېىىىىل ئادەت بار . بىز تونۇيلى ياكى تونۇمايلى ، بوسۇغىمىزغىلا بىرەرسى كېلىىپ قالغۇدەكلا بولسا ، ئالدى بىلەن چىرايلىقچە ئۆيگە باشلاپ سالام – سائەت قىلغاچ ، بىر پىيالە ئىسسىق چاينى«مېھمان» نىڭ ئالدىغا قويىمىز . ئاندىن ئاستا-ئاستا ئاساسىي مەقسەت — پاراڭ تېمىسغا كېلىمىز . بۇنىڭدىن «ياردەم سورىغان» ئادەمنىڭمۇ قەلبى بۆلەگچىلا ئىللىپ قالىدۇ ، ئۆزىمىزمۇ خۇش بولۇپ قالىمىز . مانا مۇشۇنداق گۇزەل ئەخلاقىي ئادەمگەرچىلىك ئادىتى بۈگۈنكى شەھەرلىرىمىزدە نەزەرگە ئېلىنماس ياكى «ئىشلىتىلمەس» بولۇپ قالدى . ئەزىز ئوقۇرمەنلەر ، يۇقىرىدا قەيت قىلغانلىرىم ھەرگىز ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ ، مۇشۇنداق ياخشى ، ئېىىىىل ئادەتلەرنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا بار . لېكىن ئىنچىكە قارايدىغان بولساق ، مۇشۇنداق ئادەتلىرىمىز شەھەرلەردىكى خەلقىمىز ئىچىدە راستنىنلا سۇسلىشىشقا ، ھەتتا تاشلىۋېتىلىشكە ، ئۇنتۇلۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . بۇ نۇقنىدىن قارىغاندا مۇلاھىزەم ھەرگىزمۇ بىھۇدىلىك ئەمەس ، دەپ قارايمەن .

مەنبە:  «مىراس» ژورنىلى 2009 -يىل 5-سانى
(ئاپتور : ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46- ئوتتۇرا مەكتەپ )



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
RIFAT + 100
Eltekin + 99 ئۇنتۇغان،بىلمىگەن بىلۋالدى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 199   باھا خاتىرىسى

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ھايا ئىنساننىڭ ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53495
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3388
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2011-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 10:40:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەرلەردە ئۇنتۇلىنىشقا يۈزلىنۋاتقىنى ، قىزلارنى  قانداق خوتۇن قىلىش .

سىزنى سۆيىمەن .

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11035
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 3163 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 10:46:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار ھازېر ھەممە يەردە بار ، چوڭلار كىچىكلەرنى توغرا تەربىيلەپ چىقالىسا بۇنداقمۇ بوپ كەتمەيتى  .

ب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 11:01:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  guzal. كە 2011-09-03 10:40 AMئەۋەتىلدى  :
شەھەرلەردە ئۇنتۇلىنىشقا يۈزلىنۋاتقىنى ، قىزلارنى  قانداق خوتۇن قىلىش .


ئۆزىڭىزنىڭ  قاتتىق   ھاياجانلانغانلىقىڭىزنى    ھىس   قىمىدىڭىزمۇ     ؟
دىققەت   قىلىڭ   ھاياجانلىنىش   سالامەتلىككە    زىيانلىق   .

  شۇنى   ئەسكەرتىپ  قويايكى    ،   شەھەر   يىگىتلىرى   ‹‹   سايىم   ئاخۇن  ››  لىشىپ   كەتكىنى   يوق   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3825
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10488
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 9831 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 11:05:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ  بەك ئاچچىغىم  كىلىپ  كىتىۋاتىدۇ....................

لىكىن تىما ئىگىسىگە رەھمەت!!!!!!!!!!!  مەن مۇشۇنداق  بىشىدىن ئۆتكەن  ۋەقەلەرنى ئوقۇشقا  ئامىراق.......................

ئۇرخۇن باتۇرى تا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14553
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7710
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2217 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 11:08:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي~~شۇڭا دەيمىز ئەمەسمۇ ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاشقا قۇربىمىز يەتمىگىدەك ئەمەس ، ئاللاھ نىسىپ قىلسا قۇلىمىزدىن كىلىدۇ ، لىكىن چوڭ شەھەرنىڭ مىھرى سوغۇق. قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا كۆڭۈللۈك بەخىتلىك ياشىيالمىساق ، گۇگۇت قېپىدەك ئىگىز بىنالارغا سولىنىپ ، 8 سائەتلىك خىزمەتلەرگە باغلىنىپ قېرىپ كەتسەك ماشىنا ئۈسكۈنىلەردىن نىمە پەرقىمىز ؟ شۇڭىلاشقا تۇپا يېغىپ تۇرسىمۇ يەنىلا شۇ ئانا ماكانىمىزنى سېغىنىمىز ئەمەسمۇ ~!

ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن: باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا

تەۋەككۈل_ئەجىر 

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7900
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10378
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 7131 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 11:42:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەر يوقىلىۋاتىدۇ، ئۇنتۇلىۋاتىدۇ ، ھەتتا تېما يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلماي قايتا بىر ئۇقۇپ تەھرىرلىۋېتىشمۇ ئۇنتۇلىۋاتىدۇ .

ئۇيغۇر تورخانا ئاچقۇچىلار ۋە تورخانا سېستىمىسى مۇنازىرە چ چ توپ نۇمۇرى:       50701499

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 11:46:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-قائىدىنى مەنمۇ تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن،ئۇرۇق-تۇققانلار تۇغسا شۇنداق جاڭ سېلىپ توختىماي تېلىفۇن كېلىۋاتقان،ۋاي پالانى تۇغۇپتىكەن نېمە سېلىپ يوقلاپ بارىمىز ۋاي ھازىر 2 كۈندىن ئېشىپتۇ دەپ قارىغاندا چوڭلارمۇ بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.
2-بىزنىڭ بىنادىمۇ ھەم شۇنداق بۇرۇنقى تونۇشلار بولسا بولسا ئەسسالام دەپ ئۆتىمىز لېكىن تونىمايدىغانلار يېڭىدىن قوشنا-قۇلۇم بولغانلار بولسا،بىر پەلەمپەيدىن تەڭ چىقىپ قالساقمۇ ئىشىكنى ئېچىپلا سىلىقراقمۇ ياپمايدۇ،تاڭڭىدە يېپىۋىتىپ كىرىپ كېتىدۇ،بەزىدە توۋا دېيىشىپ كېتىمىز،بىنا يوق چاغلاردا نەچچە كىلومىتىر يىراقتىكى ئادەمنىمۇ خېلە ئوبدان تونىيتۇق لېكىن ھازىر يېنىمىزدىكى ئادەمنى تونىمايمىز دېسە.
3-ھازىر يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دېگەن گەپلەر قالماپتۇ.
4-ما بالا ئۆتۈپكەن بىر نېمىكەن،خوتۇنىنى باشقۇرسا بولىدۇ،ئاتا-ئاناڭ مانداق دېسە خوتۇننىڭ كەينىگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر لاتىكەن بۇ،ھەسىنكام ئاچچىق ئامۇتى تاتلىق دېگەندەك ئۇ خوتۇنغا يارىغان ياخشى ئەر شۇ ئايال رەنجىگەن ئادەمنىڭ بالىسى،گۈلنى سۆيگەنكەن چوقۇم تىكەننىمۇ سۆيىشى كېرەك.
5-ھەممە ئادەم سىزدەك چۈشەنگەن بولسا ئىنتايىن ياخشى بولاتتى،بىراق ھازىر بۇنداق ئاقكۆڭۈللىكتىن پايدىلىنىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئانىنىڭ مىھرى-مۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42883
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5971
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 4514 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 12:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ نامرات بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ يىرى ياخشى ،بىربىرىمىزگە كۆيۈنۈپ،ئىجىل ئىناق  ئۆتىمىز ،يەنە بىر يەرلىرىدە بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش ،كۆڭلى ياخشى كوڭلى ئادەم خالايدىغان ئادەم مەيلى نەدە بولمىسۇن يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ .شۇنداق ئەمەسمۇ .

ئۆزۈڭ ئېرىشەلمەي، باشقىلار ئېرىشكەن نەرسىگە كۆز قىرىڭنى سالما!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 12:41:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەنمۇ ئۆزەم بىلەن ھېيىت قىلىپ يۇرىۋاتىمەن. چاقىرمىسا ھېيتلاشمايدىكەنمىز ھازىر.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش