مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10364|ئىنكاس: 77

ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى يا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51014
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9839 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 10:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ئەمگىكىگە قاتناشقانلىقى

   سەددىچىن سېپىلى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجىسى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىموۋىلى.ئۇ ئىنتايىن چوڭ،ھەيۋەتلىك ياسالغان.
سەددىچىن سېپىلىنىڭ ياسىلىشى جەنگۇ دەۋرى(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 475-221-يىللار)دە باشلانغان.شۇ چاغلاردا جوڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىدا جىددىي ۋە ئېچىنىشلىق مىللىي جەڭگى -جېدەللەر توختىماستىن داۋام قىلىۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەر قايسى بەگلىكلەر بىر-بىرىگە زومىگەرلىك قىلىپ،لەشكەر توپلاپ.قالايمىقان يېغىلىق قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەنىدى.شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى بەگلىكلەر سىرتقا قارىتا كۈچلۈك دۈشمەندىن مۇداپىيلىنىش،ئىچكى جەھەتتە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھە دەپ سېپىل سۇقۇشقا باشلىغان.يەن،جاۋ،چى بەگلىكلىرى ياسىغان سېپىللارنىڭ خارابىلىرى تاكى ھازىرغا قەدەر ساقلانغان.
دېمەك،سەددىچىن سېپىلى مۇشۇ بەگلىكلەر سوققان سېپىللار ئاساسىدا ھەر قايسى سۇلالىلەر تەرىپىدىن تەدرىجىي بۈگۈنكى ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن.ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان جوڭگۇدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن.ئۇنداقتا،بىز تارىخىي ماتىرياللارغا مۇراجىئەت قىلىپ باقايلى.
1986-يىلى نەشىر قىلىنغان‹‹جوڭگۇ بۈيۈك ئېنسىكلوپىدىيىسى.مىللەتلەر››تومىنىڭ 179-بېتىدە ‹‹ئۇيغۇر جوڭگۇنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدىكى قەدىمقى مىللەتنىڭ نام››،‹‹ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى دىڭلىڭلار(خەن،ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە)ياكى دىلار (چۈنچىيۇ دەۋرىدىن ئىلگىرى)دىن سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ››دېيىلگەن.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان دىلار جوڭگۇدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنىڭ شىمالىدا ياشىغان.يوقىرىقى كىتابنىڭ 92-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹دىلار جوڭگۇنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى قوۋم...ئۇلار چۈنچىيۇ دەۋرىدە ئېگىز -ئۇزۇن دى،قىزىل دى ۋە ئاق دى دېگەن ئۈچ تائىپقا بۆلۈنگەن.
ئاق دىلار چۈنچيۇ دەۋرىدىن ئىلگىرى ئاساسەن گويۇڭ ئوبلاستى (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى)نىڭ شىمالىي تەرىپىگە تارقالغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا...شەرققە يۆتكىلىپ،ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ئەتراپلىرىغا كەلگەن.شەرققە يۆتكەلگەندىن كېيىنكى ئاق دىلا شيەنيۈ ئۇرۇقى،فېي ئۇرۇقى،گۇ ئۇرۇقى،چوۋيۇ ئۇرۇقى دېگەن تۆت ئۇرۇقداشتىن تەشكىل تاپقان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى507-يىلى شيەنيۈ ئۇرۇقى جۇڭشەن بەگلىكىنى قۇرغان.بۇ ئالدىنقى مەزگىللىك جۇڭشەن بەگلىكى بۇلۇپ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 406-يىلى ۋېي بەگلىكىنىڭ بېگى ۋېنخوۋ تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 381-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە‹جۇڭشەن بەگلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.›بۇ كېيىنكى جۇڭشەن بەگلىكى بولۇپ....مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 296-يىلى...مۇنقەرز بولغان.››
ئۇلۇغ تارىخچى سىماچىيەن يازغان ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر.جاۋ بەگلىكى تەزكىرىسى››دە جاۋ بەگلىكىنىڭ چىڭخۇ 6-يىلى(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى369-يىلى)‹‹جۇڭشەن بەگلىكى سەددىچىن سېپىلىنى ياسىغان››دېيىلگەن.ئىلمىي خادىملار كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق جۇڭشەن بەگلىكى قايتا روناق تاپقان يىللاردا ھەقىقەتەن ئۆز دائىرىسىدە سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ئەمگىكىگە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.بۇ قۇرۇلۇش سۆزسىزكى،كېيىنكى چاغلاردا مۇكەممەللەشكەن ئۇلۇغ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭشەن بەگلىكىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى  ياساش ئەمگىكىگە كۈچ چىقارغانلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جوڭگۇدىكى  ھەر مىللەت خەلققىنىڭ ئورتاق ياراتقانلىقىدەك تارىخىي پاكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەيدۇ.شۇڭا،ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ بۇ شانلىق تۆھپىسىنى تىلغا ئېلىپ ئالاھىدە ئەسلەش رېئال تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىلاۋە:غەيرەتجان ئوسماننىڭ‹‹ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە››دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23625
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 4026 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 01:26:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەددىچىننى سوققانلار-ھون بوۋامدىن قوققانلار.

ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئەخلاق~ئادەم زىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 01:43:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، ماگەپنى ، تارىخنى ياخشى ئۈگۈنۈپسىز ھە؟؟   

ئەخلاق~ئادەم زىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 01:44:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  Hidayet كە 2011-09-03 01:26 AMئەۋەتىلدى  :
سەددىچىننى سوققانلار-ھون بوۋامدىن قوققانلار.
جىڭ گەپ بۇلاپتۇ ماۋۇ  ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43942
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 715 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 03:15:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ  مەدىنىيەت  تارىخىنى  ۋەتىنىمىزدىكى  مۇتەخەسىسلەر  2000يىل ئەتراپىدا  دەپ  ئىتىراپ  قىلىدۇ. ( گەرچە  ‹‹كىرورەن  گۈزىلى››  نىڭ  يىل  تارىخنى  3800يىل بىكىتىلگەن بولسىمۇ،  مەدىنىيەت ئارقا كۈرىنىشى توغرىسىدىكى  بەزى تالاش - تارتىشلار تاھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ)
   سەددىچىن  سېپىلى  تەخمىنەن  مىلادىدىن  ئىلگىرى  220-يىلى ئەتراپىدا سېلىنىشقا  باشلىغان بۇلۇپ ،سىرتقى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ ياسىلىپ،ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ  مۇستەھكەملەنگەن.  مىڭ سۇلالىسى (1368-1644)  دەۋرىدىمۇ  داۋاملىق  قۇرلۇش قىلىنىپ (سۇقۇلغان)  تۇتاشتۇرۇلغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ھەربىي قوغدىنىش ئەسلىھەسىگە ئايلانغان. سەددىچىن سېپىلىغا ئائىت ماتىرياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادىنىڭ ‹‹ سەددىچىن سېپىلى ››نىڭ  دەسلەپكى ياسىلىشى ياكى مۇستەھكەملىنىش جەريانىغا  قاتناشقانلىقى توغرىسىدا بىرەر  ئۇچۇر بايقىمىدىم .   بەزى ماتىرياللاردا پەقەت  جۇڭخۇا مىللەتلىرى دەپ ئېلىنغان .
   مىنىڭچە تىمىدىكى پەقەت بىر  تارىخى يازمىلارغا ئاساسەن يەكۈنلەنگەن   ئىلمىي پەرەز خالاس.
  سەددىچىن  سېپىلىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۈلۈم خەۋپىگە بەرداشلىق بىرىپ ھېچقانداق ۋاستىگە تايانماي، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىپ سوقۇپ چىققان.( چۇنكى  ئەينى زاماندا  سىرتقى دۈشمەننىڭ  ھەربىي يۈرۈشى ، ھۇجۇملىرى سېپىل سۇقۇشتىنمۇ دەھشەتلىك بولغان.) ھەم ئىزچىل سېپىل ئىچىدە دۈشمەن ھۇجۇمىدىن پانالانغان . ھەتتا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ  سېپىل داۋاملىق سۇقۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغان.  
         تىما ئىگىسى ياكى تورداشلار  سەددىچىن سېپىلىغا ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى توغرىسىدا يۇقۇرىقى تىما ئېلىنغان كىتاپتىن باشقا ماتىرياللار بولسا توردىكى مەنبەسىنى ياكى نەشرىياتتىكى مەنبەسىنى (كىتاپ ، ئاپتۇر ئىسمى ياكى ژورنال ئىسمى، نەشىر سانىنى)  ئەۋەتسەڭلا  ئورتاقلاشساق ، پايدىلانساق بوپتىكەن.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 03:39:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇلارنىڭ تېرىغان بەسەي، چىڭسەي،جوسەيلىرىنى ھۇنلارنىڭ ئات ئۇلاقلىرى يەپ كەتمىسۇن دەپ سەددىچىننى سوققانمىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 06:02:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالە مانا، ئەمدى ئۇيغۇرلار سەددىچىننى ياسىغانلارنىڭ ئىچىدە بار دىگەن گەپ چىقتى دەڭ؟
بىلىم دىگەن بار يەردە باردە. مۇشۇنداق ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەملەرنى قانداق ئاتا- ئانا تۇغۇپ، تېپىپ، بېقىپ چوڭ قىلىدىغان دۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47612
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3154
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 961 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 07:55:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەددىچىن سېپىلىنى بېز نېڭ ئەجدات لېرېمېز ياساپتېكەندە ،ئۇلۇغ اللا ئۇلار نېڭ ئەجرېنې يەردە قويمېغايسەن .

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 09:10:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تارىخى ئىشتىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 09:34:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىل ئۇنىڭدىن، ئىشلەش مېنىڭدىن،
جاھاندا ھەممىدىن ‹‹دىخان ›› بولماق تەس!!!

-مەرھۇم شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ ‹‹ دېھقان بولماق تەس ›› ناملىق شىئېرىدىن.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش