مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5157|ئىنكاس: 33

ئەلۋىدا، ھاياتنوپۇس ھەدە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11214
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5455 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 04:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلۋىدا، ھاياتنوپۇس ھەدە!




بىلدۈرگۈ: مەرھۇم ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى ۋە مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» (2011-يىلى 2-سېنتەبىر) پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىلەر!
پولات ئاماننۇرى

                                                                 مۇقەددىمە
تالانتلىق شائىرە، ناتىق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى ھاياتنوپۇس مۇھەممەد نۇرغۇن كىشىلەرنى داغ-ھەسرەتتە قويۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ ئاران 35 ياشتا ئىدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپرەك ياشىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، خەلقىمىز ئۇنىڭغا ئوخشاش تۆھپىكارلارغا موھتاج!
مەن ئۇنى خېلىدىن بېرى تونۇيمەن، ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان. ھاياتىمدا ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشكەن. شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش قەلبىمدە مەڭگۈلۈك خاتىرە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇنچە تېز بىزدىن يىراقلاپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇ ھەممىنى يىغىغا سېلىپ، ئۆزى جىمجىتلا كېتىپ قالدى.
ئارىمىزدىن بەكلا تېز كەتتىڭىز!
2011-يىلى 31-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن تاساددىپىي پۇرسەتتە «باس-باس» تورىغا بېرىلگەن «ھاياتنوپۇس ھەققىدىكى قىسقا كارتىنىلار» دېگەن مەزمۇندىكى «ئەپسۇس، تالانتلىق شائىرەمىز بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى» دېگەن قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى. چۆچۈدۈم، «ھاياتنوپۇس ھەدەم ساقىيالماپتۇ-دە» دېدىم ئېغىر ئۇھسىنىپ. چۈنكى، بۇنىڭدىن ئون كۈن ئىلگىرى ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. يازمىدىكى مۇنۇ قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتۇم: «تالانتلىق يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ دېيىشىچە، ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ كېسىلى 26-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. گېلىدىن ھېچنەرسە ئۆتمىگەن. يوقلاپ كېلىۋاتقانلار ۋە تېلېفون ئۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئاۋۇغان. يوقلىغۇچىلارنى ئازادىرەك يەردە كۈتۈش ئۈچۈن، ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنى بىر تۇققان ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىگەن. دوختۇرلار ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سەۋر قىلىشىنى، ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى تاپىلىغان».
«تەسكىن» ئىسىملىك تورداشنىڭ مۇنۇ يازمىلىرى كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلدى: «ئۇنىڭ ھەربىر يازمىسىنى ئوقۇپ، خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغانىدىم. شۇ تاپتا يۈرىكىم يىغلاۋاتىدۇ. مۇمكىن بولسا، مەرھۇمنىڭ ئاشۇ نېجىس كېسىلىنى مەنلا تارتىپ ئۆتۈپ كەتسەم! قىزىل گۈل كەبى پورەكلىگەن قىسقىغىنە ھاياتى ئۈچۈن ئاز-تولا قۇربانلىق بېرەلىسەم!... ھاياتنوپۇس ھەدە، ئىسمىڭىزمۇ ئۆزگىچە، خۇلقىڭىزمۇ ئۆزگىچە، ئېسىل ئايال ئىدىڭىز؟!...خەيرىيەت، ئىلىم-پەن شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكىدەك كۈندىمۇ، سىزنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرالمىدۇق. ئەمما خاتىرجەم يېتىڭ، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئىلىم-مەرىپەتتە كامالەتكە يەتكەن كىشلىرىنى چوڭ بىلىپ كەلگەن. بىز سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز...».
ئۆزۈم تاپالمىدىممۇ ئەيتاۋۇر، ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ قاچان كۆز يۇمغانلىقىنى بىلەلمىدىم. تۇيۇقسىز ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ يېقىن سىردىشى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى سەنئەت مائارىپى فاكۇلتېتىدىكى گۈلنار مەتنىيازنى ئەسكە ئالدىم. تېلېفون ئۇلاندى. گۈلنار ھەدەمنىڭ ئاۋازى بوش چىقىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن گۈلنار ھەدەمنىڭ ئازاب ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. «27-ئاۋغۇست شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكە يېقىن ھاياتنوپۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. تېخى ئىككى كۈننىڭ (25-ئاۋغۇست) ئالدىدىلا ئۇنىڭ قېشىدىن قايتىپ كەلگەنىدىم. يېنىدا ئالتۇنگۈل رەجەپ قالغانىدى. شۇ تاپتا كۆڭلۈم بەك يېرىم. ھازىرغىچە قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيمەن. ئۈچ نەزىرىسىنى بېرىپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ چىقتىم. سىزمۇ بىلىسىز، ھاياتنوپۇس بىلەن سىرداش دوستلاردىن ئىدۇق، نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانىدۇق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى...»
گۈلنار ھەدەم بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. پاراڭدىن شۇنى بىلدىمكى، ھاياتنوپۇس ھەدەم بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىكەن ھەمدە 6-ئايدا چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتىكەن. راك ھۈجەيرىسى ئۆپكىدىن قان ئارقىلىق سۆڭەككە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرلارمۇ ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى، ياخشى بېقىۋېلىشنى ئېيتقانىكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كېسەل ئۇنى بەكلا قېيناپتۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ قېينىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەپتۇ. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنى بولسىمۇ خاتىرجەم قىلىشنى ئويلاپتۇ.
خېلىغىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشكەن ئاشۇ مىنۇتلار خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە.


مەن ئۇنى بىرلا قېتىم كۆرگەن
2010-يىلى 20-نويابىر، بېيجىڭ.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئوردوس «شەرق» يول، كۆۋرۈك گۇرۇھى ھەمكارلاشقان «موڭغۇل، تېبەت، ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «دورنا» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش مۇراسىمىدا ھاياتنوپۇس ھەدەمنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدىم. تۇنجى قېتىم كۆرگەنلىكىمدىن ئالەمچە شادلانغانىدىم، لېكىن بۇنىڭ تۇنجى قېتىم ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈش بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئەسلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنىدىم...
ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرى ئۈستىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەدەبىي تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت، ھاياتنوپۇس ھەدەم ۋە ياش يازغۇچى ئاينۇر دولقۇن قاتارلىقلار قاتناشقانىدى. ھاياتنوپۇس ھەدەم شۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ: «بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى — بىزنىڭ باشقا مىللەت يازغۇچىلىرى بىلەن بولغان تەجرىبە، كۆز-قاراش، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنىدى. يىغىننىڭ خەۋىرى شۇ كۈنى كەچتىلا «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغانىدى. شۇ تاپتا ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ 2 مىنۇت 45 سېكۇنتلۇق بۇ خەۋەردە ئىگىلىگەن 10 سېكۇنتلۇق ئاۋازىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئاڭلىماقتىمەن. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر يېقىملىق ئىدى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ كۈنى زىيارەتتىن سەل ئىلگىرى ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندا، ھاياتنوپۇس ھەدەم:
— ئەسەرلىرىڭىزدىن سىزنى تونۇغانىدىم. تېخى ئالدىنقى ئايدىلا، گۈلنار مەتنىياز، ھەلىمە تۇرسۇن (شىنجاڭ «يېزا پەن-تېخنىكىسى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى) لار بىلەن سىلەرنىڭ چوڭ ئۆيگە بېرىپ، ئامان نۇرى ئاكامنى يوقلىغانىدۇق. سىزنى سورىسام، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ، دېدى. ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولدۇم. بۈگۈن بۇ يەردە كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بوپتۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشالمەن، — دېگەنىدى.
شۇ كۈن ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. كېسەللىك ئالامىتىمۇ يوق ئىدى. مەن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى گۈلنار ھەدەمگىمۇ ئېيتىپتىكەن. كىم بىلسۇن، ئارىدىن بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. خەير، نېمە ئامال دەيسىز؟ سەۋر قىلىشقىمۇ كۆنۈپ قاپتۇق...
ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى رادىيودا ئاڭلاتقانىدىم
«ئېسىل» ئىسىملىك تورداشنىڭ: «ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ‹رادىيو ژۇرنىلى› پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغانىدى» دەپ يازغانلىقى ھەم تور ئادرېسىنى قالدۇرغانلىقىنى كۆردۈم ھەمدە شۇ چاغلارنى ئىختىيارسىز ئەسلىدىم...
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بولسا كېرەك، تۆمۈر قادىرىنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» (2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى) دە ھاياتنوپۇس ھەدەمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «ئىجاد سەپىرىدە گۈللىگەن ياشلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. مەزكۈر ماقالە «رادىيو ژۇرنىلى» (2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى) پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، خوتەن ناھىيەسىدىن رېسالەت ھېكىم، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن ئالىمجان ئوسمان، قەشقەر شەھىرىدىن بۈۋىھەجەر ھەسەن قاتارلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلار پىروگرامما گۇرۇپپىمىزغا تېلېفون ئۇرۇپ: «ھاياتنوپۇس ھەدىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمىز. مۇمكىن بولسا، ‹قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە› ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسە» دېگەنىدى. مەن ياخشى نىيەتلىك بۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا: «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، تەلىپىڭلارنى ئورۇنداشقا تىرىشىمەن» دېگەنىدىم.
لېكىن ھاياتنوپۇس ھەدەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىمۇ بولمىدى. ئۇ كېتىپ قالدى، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغىيتتى، نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى بار بولغىيتتى!!!
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھاياتنوپۇس مۇھەممەد
ھاياتنوپۇس ھەدەمنى ئەڭ دەسلەپ ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇغانىدىم. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 16 يىشىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، تاكى ۋاپات بولغۇچە قەلەمنى تاشلىمىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى — بولۇپمۇ «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە»، «ئاياللارغا مەسلىھەت» ناملىق كىتابلىرى، «بىز دۇنيانى قانداق تەۋرەتتۇق» قا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئېسىل ماقالىلىرى ئۇنىڭ يېتىلىۋاتقان ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىزچىل قىزىق تېمىلىق ئەسەرلەر سۈپىتىدە سانىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، ئۇنىڭدىن ئىلھام، مەدەتكە ئېرىشكەنلەرمۇ كۆپ ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ نازۇك قەلبىگە بۆسۈپ كىرەلىگەن، ئۇلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغان، ھالىغا ھال، مۇڭىغا مۇڭ بولغان سۆيۈملۈك ئەدىب ئىدى.
ئۇ ئانا يۇرتى خوتەننىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئەۋزەل خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، خوتەن مائارىپى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. ئۇ كۆپ قېتىم «ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. كەسپداشلىرىغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئالغا بېسىشىغا ياردەم بەرگەن.
ئۇ يەنە پىشقان ناتىق ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن قېتىملاپ ھەر خىل تېمىلاردا، چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ يەنە خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە» مېھمىنى ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋىرىم بارتى. «ئالاھىدە» دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئۇ كۆپ قېتىم خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بىر قانچە مەخسۇس پىروگراممىلىرىدا ئەخلاق، جەمئىيەت، ئاياللار قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، خوتەن دىيارىدا زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن.
مەن ئۇنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم. بىر كۆرۈشنى ئىستەپ يۈرگەن شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئويلىمىغان يەردىن پايتەخت بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ قالغانىدىم. بىزنىڭ كۆرۈشكەن، پاراڭلاشقان ۋاقتىمىز 15 مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى كۆرۈشۈشتە ماڭا قالدۇرغان تەسىرى — ئۇ تولىمۇ خۇشخۇي ئىدى. كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى. ئۇنىڭدىن نە ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش، نە ھاكاۋۇرلۇقنى بايقىمىدىم. شۇ قەدەر ئاددىي ئىدى. پاراڭلاردىن ئۇنىڭ يەنە چىقىشقاق، كەڭ قورساق، ئالىيجانابلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ئەنە شۇنداق خىسلەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن كىشىلەرلا باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولالايدۇ.

خاتىمە
ئۇ 35 يىللىق قىسقا، ئەمما مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتىدا، بىزگە ئېسىل ئەسەرلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ، ئارىمىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كەتتى. ئۇنى يېنىمىزدا ئۇزۇنراق تۇتۇپ تۇرۇشقىمۇ ئامال قىلالمىدۇق. ئۇ كېتىشكە ئالدىرىمىغان بولسىمۇ، ئەزرائىل ئۇنى يەنىلا ئېلىپ كەتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا يەنە ياشاش پۇرسىتى بولسىدى، ئۇ بىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى قالدۇرغان بولاتتى!
ئۇ مەنىلىك ياشىدى، ئىجاد ئەمگىكى بىلەن كۈلۈپ ياشىدى. دەۋرگە، خەلقىگە، ئۆزىنى تەربىيەلىگەن يۇرتىغا، قوۋم-قېرىنداشلىرىغا يۈز كېلەلىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەل قايغۇردى، يۇرت يىغلىدى.
ئارىمىزدا شۇنداق ئادەملەرمۇ بار. بار-يوقلۇقى ھېچكىمگە بېلىنمەيدۇ. ياشىغىنى بىلەن ياشىمىغىنىنىڭ پەرقىنى ئايرىش ھەقىقەتەن تەس. تېخى بۇ خىلدىكى ئادەملەر سىزنى پاراكەندە قىلىپلا تۇرىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە يۈك بولۇشنى «شەرەپ» ھېس قىلىدۇ. ئۇلاردىن بۇ ھاياتتا ئەسلىگۈدەك، ياد ئەتكۈدەك ھېچنىمە قالمايدۇ. ھەتتا يەرلىكىگە كىرىپ بولغۇچە ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلارمۇ بار. قىزىق يېرى شۇكى، ئەزرائىل ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ ياكى بولمىسا كېچىكىپ كۆرىدۇ. «ئەزرائىلنىڭ كۆزى يوقمىدۇ؟ نېمىشقا ئېلىپ كېتىشكە تېگىشلىكلەرنى قالدۇرۇپ، بىز ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئېلىپ كېتىدىغاندۇ؟» دەپمۇ كېتىمەن بەزىدە...
ئەلۋىدا، ھاياتنوپۇس ھەدە! سىز تېخىمۇ كۆپرەك ياشىشىڭىز كېرەك ئىدى. خەلقىمىز سىزگە ئوخشاش تۆھپىكارلىرىغا موھتاج ئىدى. شۇ تاپتا ھەممە سىز ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە، سىزنىڭ ئۇزاپ كەتكىنىڭىزدىن قايغۇرماقتا. لېكىن شۇ نۇقتا ئېنىقكى، سىز ئارىمىزدىن بالدۇرلا كەتكەن بولسىڭىزمۇ، ئىجاد ئەمگىكىڭىز مەڭگۈ يادلىنىدۇ، قەدىرلىنىدۇ! نامىڭىز تىللاردا داستان بولىدۇ!
      2011-يىلى 1-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
مەنبە:مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە تورى http://www.uycnr.com/yl/201109/t20110901_141229.html

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:13:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتنوپۇسنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ باقماپتىكەنمەن. نەچچە كۈن ياقى مۇشۇ توغرىسىدا تىمىلار كۆپ يوللانسىمۇ دىققەت قىلماپتىكەن. بۈگۈن بۇ تىمىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئۇقۇپ بىقىشقا باشلىدىم. ئەپسۇس.................
قالۇئىننا لىللاھې ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي ، مەنمۇ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇراتتىم، مەرھۇمنىڭ بىزگە بولۇپمۇ قىز ئاياللارغا قالدۇرغان ئىسىل كىتاۋى قىزلىق دۇقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئىسىل سوۋغا! ئەلۋىدا چىرايلىق ھەدە!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

سىنىڭ ماڭا قاندا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49277
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2011-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئېسىت،ھەقىقىتەن ئادەمنىڭ مەسىلىكىنى كلەلتۈرگىدەك ئېسىل ئايال ئىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال يازغۇچىلىرىمىز ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغىنىم مەرمۇمە ھاياتنوپۇس ھەدىمىز ئېدى ،يازمىلىرى خۇددى ئۆزبەگىستاننىڭ داڭلىق ئايال يازغۇچىسى تۇرسۇنئاي سادىقوۋانىڭ يازمىلىرغا ئوخشاش ئايال ۋە ئائىلە توغرىسىدىكى ئىسىل يازمىلار بولۇپ نۇرغۇن  ھايات مۇساپىسىدە تەمتىرەۋاتقان ،ئازغۇن ، تۇرمۇشقا بولغان تونۇشى خۇنۇك ئاياللىرىمىز ئۈچۈن ئەينەك بولغىدەك ئەسەرلىرى بىلەن مىنىڭمۇ ھۆرمەت نەزىرىمنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى...ئىسىت ، ھەدىمىز ۋاقىتسىز ئارىمىزدىن كىتىپ قالدى ، لىكىن مەرمۇمەنىڭ ئىسىل ، ئۈلگىلىك شۇ سىماسى شۇ تۆھپىسى ،ئۇتۇقلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ !!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

kugul؛يازمىسىغا

تۈنۈگۈن مۇنبەردە ھايات نوپۇسنىڭ مۇڭغۇلىيەگە چىقىپ جىڭگىزخان توغرىسىدا يازغان ھاياجانلىق تەسىراتى بارتى ،ئۆچۇرۋەتكەن ئوخشايدۇ شۇنى تاپالىسىڭىز بەلكىم يازغۇچىغا ھۆرمىتىڭىز تېخىمۇ ئاشاتتى.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(0998nida) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئۇ تىمىنى نىمىشقا ئۈچۈرۋەتتى؟ مەن پەقەت بۇ مەرھۇمە توغۇرلۇق ھىچنىمە بىلمەيدىكەنمەن. ھەممىسى ھايات نۇپۇس، دەپ تىما يوللاپ كەتسە ئانچە قىززىقماپتىكەنمەن.بۈگۈن بۇ تىمىنى بىر ئۇقۇپ بىقىشنى ئويلاپ قارىسام، بىر ياخشى يازغۇچى ئىكەنغۇ. نىمىشقا؟ بۇنداق تالانتىلىق يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقمىغاندىمەن دەپ قالدىم. كىتاپخانىلاردا كىتابلىرى باردۇ؟بۇ مۇنبەرگە يوللىغان ئۇ تىمىدىنمۇ خەۋىرىم يوقكەن، مۇنبەرنى ئىچىپ قويغان بىلەن ئىشىمنىڭ جىقلىقىدا ئانچە زەڭ سالماپتىكەنمەن. سىزدە بولسا يوللاپ بىرىڭە.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 06:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3394
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9423
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 07:22:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زار يىغلىدۇق. ھازىرغا قەدەر شۇنچىلىك ئىچىم ئاچچىق. بۇ توغرىدىكى ھەر بىر يازمىنى ئوقىساملا كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ.ئاللا ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەي!!

ئاتا ياتقان جايى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 2432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15762
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8499 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 07:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوزىنى ئايرىلغاندا تونۇپتىمەن ئەپسۇس ئەسىرنى ئوقۇپ باقماپتىمەن مۇشۇ كەمگىچە.ياتقان يېرىڭىزنى   ئۇلۇغ ئاللا جەننەتتە قىلسۇن.

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش