ئۇرۇشقاق خوتۇن 100 مىڭ كويغا يىقىلدى.
گاۋ فامىلىلىك بىر ئايال، ياڭ فامىلىلىك يەنە بىر ئايال بىلەن ئۇرۇشىۋاتقاندا، ياڭنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سوتقا ئەرىز قىلىپ، گاۋنىڭ 700 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. تۆنۈگۈن مۇخپىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتىن ئىگەللىشىچە،سوتتىن گاۋغا 100مىڭ يۈەن تۆلەم پىچىپ قويغان.
ياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە، ياڭنىڭ سالامەتلىكى بۇرۇن ياخشى بولۇپ، گاۋ ئەر خوتۇن، 8 -ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىللاشقا چۈشۈپ كەتكەن. ياڭ جىدەلگە ئارلاشقاندا، ئۇلار تىللاش بىلەنلا قالماي، يەنە قول سالغان. شۇنىڭ بىلەن ياڭنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. شۇڭا، گاۋ فامىلىلك ئۇلارغا چوقۇم 700 مىڭ كوي تۆلەم بېرىشى كېرەك ئىكەن.
لېكىن، گاۋ نىڭ قارىشىچە، ياڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى يوق بولۇپ، يۈرەك كېسىلى تۇرۇغلۇق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماي، ئۆلۈپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەپنى ئۆزىدىن كۆرۈشى كېرەككەن.
بىرىنجى قېتىملىق سوت، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆتكەن يېرى بار، شۇڭا بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ، گاۋغا % 15ئارتىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن گاۋغا 100 مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلەش ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن گاۋ بۇنىڭغا قايىل بولماي، يۇقۇرىغا ئەرىز سۇنغان.
لېكىن سوت ئەرىزنى رەت قىلىپ يەنىلا ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇشقاق خوتۇن، بىر قېتىملىق جېدەلنى 100مىڭ كويغا سېتىۋالغان.
مەنبە:
http://www.xj.xinhuanet.com/2011-08/30/content_23581776.htm