مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5415|ئىنكاس: 22

قەبرە ئالدىدىكى ھىسلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

www.razeya.com

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53872
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 757
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 07:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەبرە ئالدىدىكى ھىسلار
(مەرھۇم ئانامنى ئەسلەپ)

تۇرسۇنجان توختى




     كۈزنىڭ مول ھوسۇل شادلىغى دىللارنى شات قىلىپ، بارلىق كائىنات گۈزەل چىھرىنى سېخىلىق بىلەن كىشىلەرگە تەقدىم قىلىۋاتقان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك مەۋسۈمدە، مەن ئۈچۈن مەڭگۈلىك بۇرۇقتۇرۇمچىلىق ئېلىپ كىلىدىغان شۇم خەۋەرنىڭ كىلىشىنى پەقەت ئويلىمىغان ئىدىم. خىزمەتداشلىرىم بىلەن قايناق ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  يانفۇنۇم قاتتىق چىقىراپ قالدى.

    -ۋەي، ئاكا، سەن دەرھال ئۆيگە  كىلىپ كەت، مەسلىھەتلىشىدىغان جىددى ئىش چىقىپ قالدى.

    ئىنىمنىڭ تىلىفۇندىكى ئەنسىز تەلەپپۇزىدىن تىنىم شۈركىنىپ، بىر خىل شۇملۇقنىڭ بىشارىتىنى سەزگەندەك بولدۇم. چۈنكى بۈگۈن ئىنىم ئانامنى دوختۇرغا كۆرسەتمەكچى ئىدى، ئۇنىڭ تېلىفۇندىكى سۆزىدىن بىر خىل جىددىيلىك ھەم قانداقتۇر چۈشەنگىلى بولمايدىغان يات  تۇيغۇ چىقىپ تۇراتتى.

-نىمە ئىش؟  تىزراق دىگىن ئادەمنى ئەنسىرەتمەي.- مەن بىتاقەت بولۇپ سورۇدۇم.

   ئۇ بىر دەم تۇرۇۋىلىپ گەپنىڭ پوسكاللىسنىلا دىدى، بىر قاپاق سوغۇق سۇ بېشىمدىن قۇيۇلۇپ قاتتىق چۆچۈدۈم. بىردانە ئۆتكۈر پىچاق يۇرگۈمگە سانچىلىپ، روھىم تىنىمدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى، كاللام بىردەمدىلا قۇرۇقدۇلۇپ، نىمە دىيشىمنى، قانداق قىلشىمنى بىلەلمەي قالدىم. قۇلاق تۈۋىمدە ئىنىمنىڭ يىغلامسىراپ تۇرۇپ، –ئاكا، ئانام راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپتۇ، -دىگەن ۋەھىمىلىك سۆزى ناھايتى يېقىمسىز جاراڭلاپ تۇراتتى،

      -نىمە دىدىڭ؟ سەن ئادىشىپ قالمىغانسەن، خاتا ئاڭلىدىڭمۇ يا؟-مەن جىددىلىشىپ كەتكەچكە تىلىفۇندىلا ۋاقىراپ-جاقىراپ قايتا-قايتا سوراپ كەتتىم.

-خاتا ئەمەس،  ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق،سەن تىزراق كەلگىن.

     مەن يولدا كەلگۈچە بۇ خەۋەرنىڭ يالغان بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدىم، لىكىن رەھىمسىز رىئاللىق-دوختۇرنىڭ دىئاگۇنىزى ئارزۇيۇمنى يوققا چىقاردى، بىر پارچە ئۆلۈم خېتى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپ  بىزنى ئۈنسىز ئازاپلىماقتا ئىدى. ھەممىمىزنىڭ قەلبى بىر تۇلۇم ئاچچىق بىلەن ياشقا تولغان، پەقەت ئاناملا بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى، شۇڭا ئۇ خاتىرجەم ھەم ئەركىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچى تەرپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىغىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، چىھرىدىكى خۇشتەبەسسۇم يوقالمىغان ئىدى.

    مەن تەگسىز خىياللارغا چۈمۈشكە باشلىدىم، تۇنجى قېتىم ئانام ھەققىدە تەپسىلى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلىدىم.

    ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ بولىدۇ. چۈنكى ئانا ئۆز باغرىدا بىزنى پەپىلەپ ئۆستۈرگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ھايات سەزگۈرەشتىلىرى، تۇرمۇش ئىجاتكارلىقى ۋە جاپا-مۇشەققەتتىكى باتۇرلىقى بىلەن بىزگە مەڭگۈلۈك ئىلھام ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ساۋاق بەرگۈچى ئەڭ مىھنەتكەش ئۇستازلاردۇر.

    مىنىڭ ئانام ئاجايىپ جاپاكەشلىكى بىلەن بىز بەش ئوغۇلنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ ئوبراز تىكلىگەن ئۇلۇغ بىر ئايال. ئۇنىڭ قەلبى دەريادەك كەڭ بولۇپ، نەچچە ئون يىللىق ھەسرەت نادامەتلەرنى، تۇرمۇشتىكى ئاچچىق چۈچۈكلىكنى ۋە ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلىك ھەمرىيىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك نادامەتنى ئۈن-تىنسىز سىغدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ باغرى ئاتەشتەك ئىللىق، شۇڭا ئۇ ھەر قانداق مۈشكۈلچىلىك، قەھرىتان سوغۇق ۋە بوران چاپقۇنلاردىمۇ بىزنى پەقەت توڭدۇرۇپ قويمىدى. ياماننىڭ كۆزىدىن، سۆزى ياماننىڭ سۆزىدىن ساقلاپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ بىر چىرايلىق ئادەم قىلىپ چىقتى. مىنىڭ ئانام يەنە ئاجايىپ ياخشى تەربىيچى، ئۇ بىزنى مەكتەپتە تولۇق ئوقۇتتى، ئوقۇتقاندىمۇ ياخشى ئوقۇتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇنداق ئاددى بولسىمۇ ئەمما ئاجايىپ پاسائەتلىك. ئۇنىڭ پەقەت، ياخشى ئوقۇڭلار باللىرىم دىگەننىلا دەيدۇ. شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ كۆزىگە قارىساق، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاجايىپ كۈچلۈك بىر تەلەپنى كۆرىمىز. ئۇ ھەر قېتىم ئىشىكتىن بىزنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا ئۇزۇنغىچە ئارقىمىزدىن قاراپ، ئاللاھتىن بىزگە ئامان-ئىسەنچىلىك تىلەيدۇ. پەقەت بىزنىڭ قارىمىز يۈتكەندلا ئاندىن ئۆيگە كىرىپ كىتىدۇ. كەچلىرى ئۆيگە ۋاقتىدا كىرمەي قالساق ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى يەنىلا ئاشۇ كۆيۈمچان ئانام. ئۇ ھەر كۈنى بىزنى چوقۇم ناشتا قىلىشقا ئادەتلەندۈرگەن. لىكىن بىز ئانامنىڭ ناشتا-قىلغان قىلمىغانلىقى بىلەن كارىمىز يوق. بىرە يېرىمىز ئاغرىپ قالدىمۇ بولدى، ئۇ تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقىدۇ. توختىماي ئەھۋال سورايدۇ. لىكىن ئۆزىنىڭ ئاغىرىقىنى ئىمكان بار بىزگە بىلدۈرمەيدۇ. بىزنى قورقۇپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ. بىزنىڭ نەتىجىمىزنى كۆرگەندە ئەڭ خۇشال بولدىغىنى ئانام، مەغلۇبىيتىمىزنى كۆرگەندە ئەڭ قايغۇردىغىنى يەنىلا شۇ ئانام.

    مەن ئالى مەكتەپكە ماڭغان چېغىمدىكى ئانامنىڭ خۇشاللىق كەيپىياتىنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. ئۇ كۈنى ئۇ ئاجايىپ ھاياجانلانغان بولسا كىرەك، گەپلىرى تازا قولاشمايتتى. بىردەم ئۇنى بىردەم بۇنى دەپ ماڭا نەسھەت قىلدى. ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى ماڭا تەڭلەپ كۆپرەك يىيىشكە زورلىدى. ئۇ يەنە خەت يازغاندا جىق گەپلەرنى يېزىشىمنى توختىماي جىكىلەپ تۇردى. مەن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ‹‹كوتۇلداشلىرىدىن›› زىرىكىشلىك ھىس قىلغان ئىكەنمەن. كىيىن مەن ئۇنىڭغا 10 نەچچە ۋاراق خەت يازسام، ئۇ خەتنى ئاز يېزىپتۇ دەپ دادامغا يىغلاپ بىرىپتۇدەك. مانا بۇ بىر ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا مەڭگۈ باغرى قانمايدىغانلىقىنىڭ يۈزەكى ئىپادىسى.

    مىنىڭ ئانام ئاجايىپ ئەقىللىق، مەسىللەرنى قالتىس ئەتراپلىق ئويلىيالايدۇ. ئۆزى توپلىغان ئاددى تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى بىلەن بىزنى تەربىيلەپ، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان ساۋاقلارنى بىرەلەيدۇ. مۇنداق بىر ئىش ئىسىمدىن پەقەت چىقمايدۇ. بىر يىلى مەن شىمالى شىنجاڭغا سەپەرگە جاپتۇندۇم. ئانام مىنىڭ يوللۇغۇم ئۈچۈن تونۇرغا 30نان يېقىپتۇ. مەن ھازىر يولدا نىمە كۆپ ئاشخانا، ناۋايخانا كۆپ، 2كۈنلۈك يولغا سەپەرگە بۇنچە كۆپ نان ئېلىۋىلىشنىڭ نىمە كىرىگى دەپ ئويلاپ، بۇ نانلارنى ئېلىۋىلىشنى رەت قىلدىم. ئانام خاپا بولدى، ئۇ ئالايىتەن مەن ئۈچۈن ياققان ناننى ئالمايمەن دىگىنىمدىن راستىنلا خاپا بولدى. مەن نائىلاج قېيدىغان ھالدا ناننى قارا سومكىغا سېلىپ، نارازىلىق كەيپىياتتا ماشىنىغا تاشلىدىم. ئانام شەھەرگىچە كىرىپ، ئاپتۇۋۇز بىكىتىدە مىنى ئۇزۇتۇپ قويدى. بىز بىردەمدىلا يۇرتتىن ئۇزاپ يات مەھەلىلەرگە قەدەم قويدۇق.ئەتتىگەندە ماڭغان ماشىنا توختىماي يول يۈرۈپ، چۈشلۈك تاماققىچە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسەتتى. مەن سەپەرداشلىرىم بىلەن بىرگە يولدىكى ئاشخانىدا ھوزىرلىنىپ ھەر خىل تاماقلارنى يىدۇق. مەن ئۆزەمچە پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دىگەن مۇشۇ، مۇشۇنداق ئىسىل تاماقلار بار يەردە قۇرۇق ناننى كۆتۈرۈپ نىمە قىلاتتىم يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، دەپ غودۇڭشۇپ قويدۇم. ئانامنىڭ نان دىگەن ھەمراھ، ئادەم مازار ئاتلاپ يولغا چىققاندا بىلىگە ئىككى نان تېڭىۋالغۇلۇق دىگەن گىپىنى بولسا، بۇ دىگەن كونىلققۇ دەپ تەن ئالمىغان ئىدىم. بۇ گەپلەرنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ بولدۇم. دىگەندەك بىرىنجى كۈنى سەپەر خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتتى، سەپەرداشلارنىڭ كۆڭۈللۈك چاخچاقلىرى، ياڭراق ناخشىلىرى، يات يۇرتلارنىڭ يېڭى كۆرنىشلىرى مىنىڭ سەپىرىمگە يېڭى مەزمۇن قوشۇپ مىنى ھاياجانغا سالدى. ئەمما 2-كۈنى ئۇنداق بولمىدى. بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ يازدىكى سوغۇق ھاۋاسىغا كۆنەلمەي تۇرغىنىمىزدا قېرىشقاندەك ماشىنا بۇزۇلدى. يازلىق كىيىم، سوغۇق ھاۋا، سۈرلۈك موڭغۇل ئىتلىرى... ھەممە نەرسە جېنىمىزغا تەگدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە، لىكىن ماشىنا ماتۇرى تېخىچە زۇۋان سۈرمىدى. ئەتىگەنلىك ناشتا قىلغىنىمزغا 10 سائەت بولاي دىدى. قورساقنىڭ ئاچلىقى ئەڭ ئاۋۋال كىچىك بالىلار ھىس قىلىشتى. بارا-بارا ھەممىمىز بۇنى ھىس قىلدۇق. سەپەرداشلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى ‹‹مازار ئاتلاش›› سەپىرىگە تەييارلىق قىلمىغان ئىكەن. مانا ئەمدى ئانامنىڭ تەرلەپ پىشىپ، چوغدىن تەرلەپ، چۈچىلە ئىسىدىن كۆزىنى ياشلاپ ياققان نېنىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشكە نىسىپ بولدى. يول بويى سۈرلۈك تۇرغان بايۋەتچىلەر ئەمدى ماڭا مۆلدۈرلەپ قاراشقا باشلىدى. ئانامنىڭ ماڭا قىلغان سوۋغىتى مىنىڭ شۇ كىشىلەر ئالدىدا قەددىمنى رۇس تۇتىشىمغا مەدەت بەردى. ئاھ ئەقىللىق ئانا! تاس قاپتىمەن كەم ئەقىللىق بىلەن ئەجرىڭنى خارلىغىلى، تاس قاپتىمەن ناننىڭ پارچىسىغا دەسسەپ كور بولغىلى. مەن سىنىڭ سوۋغاڭنى رەت قىلغاندا سىنىڭ يۈرىگىڭ قانچە ئېچىشقاندۇ؟ شۇ تاپتا مەن خىجىللىقتىن يەرگە كىرگىدەك بولۇپ كەتتىم. سەپەرداشلىرىم ماڭا تەشەككۈر ئېيتىۋاتىدۇ. ئۇلار مىنى ئىش كۆرگەن بالىكەن، ئەقىللىق بالىكەن، يىراقنى كۆرەلەيدىكەن دەپ ماختاۋاتىدۇ، بۇ ماختاشلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ساڭا مەنسۇپ. مەن پەخرىلىنىۋاتىمەن، سىنىڭدەك ئانام بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن.

    ئانامنىڭ ئاجايىپ بىر مىجەزى بار. ئۇ بىزنىڭ ھەر قانداق ئىشىمىزدىن رازى، ھەممە ئىشقا خۇشال بولىدۇ. تازىمۇ ‹‹مەيدانى›› يوق. مەسىلەن، بىزنىڭ نىكاھ ئىشلىرىمىزدا بىز كىم بىلەن توي قىلىمەن دىسەك ئۇ ھەرگىز قارشى تۇرمىدى. ئېگىز بولامدۇ، پاكار بولامدۇ، يېقىن بولامدۇ، يىراق بولامدۇ ھەممىسىگە سىلەرگە ياققان بولسا ماڭا ياقىدۇ دەيدۇ. شەرت قويمايدۇ. ئۆيگە كىرگەن كىلىنلەر پەقەت ئۇنى ‹‹ئانا›› دەپ ئاتاپ چاقىرسىلا ئۇ رازى ۋە خۇش. ئۇنىڭ قىزى بولمىغاچقا شۇنداقمىكىن دەپ قالىمەن. نەۋرىلەر قىز تۇغۇلسىمۇ، ئوغۇل تۇغۇلسىمۇ ئۇ ھەممىمىزدىن بەكرەك خۇشال بولىدۇ. كىلىنلەرنىڭ ئائىلە خىزمىتىگە ئانچە يۇقىرى تەلەپ قويمايدۇ. نەۋرىلەرنىڭ بىرەرسى ئاغرىپ قالسا ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كىتىدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسەتمەپسەن دەپ بىرمۇنچە كايىپ كىتىدۇ. ئۆيگە ئائىلە خىزمەتچىسى تاپايلى، بالىلارنى باقتۇرايلى دىسەك ئۇ خاپا بولىدۇ. ئۇ : مەن نىمە ئىش قىلىمەن؟ ھەر بىرىڭنى بېقىپ قاتارغا قوشالىغان ئادەم باللىرىڭنى باقالماسمەنمۇ دەپ چېچلىپلا كىتىدۇ.... شۇنداق قىلىپ بىزلەرنى بېقىپ قاتارغا قاتقان بۇ جەسۇر ئانام مانا ئەمدى كىسەل كارۋىتىدا ياتاتتى.



    قانداق قىلىش كىرەك، تەقدىرگە تەن بەرگۈلىكمۇ ياكى ياشاش ئۈچۈن ئىزدىنىش كىرەكمۇ؟ ياكى دوختۇرنىڭ، -راك ھۈجەيرىلىرى بەدەننى چىرماپ كىتىپتۇ، ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قاپتۇ،-دىگەن ھۆكۈمىگە قاراپ تۇرۇش كىرەكمۇ؟ ئىلىم-پەن شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە راستىنلا بىرەر ئامال چىقماي قالارمۇ؟ ھەممىمىزنىڭ كاللسىغا مۇشۇنداق سۇئال كەسكىن قويۇلماقتا، بىز ئانام ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىشكە رازى،لىكىن قانداق قىلىش كىرەك دىگەن مەسىلىدە راستىنلا گاڭگىراپ قالغان ئىدۇق، دوختۇرنىڭ ھۆكۈمىدە قىلچە شەك يوق، لىكىن تەقدىرگە تەن بىرىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇش بەكمۇ قورقۇنۇشلىق، پەرزەنت ئۈچۈن ئامال يوقكەن دەپ ئانىنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈپ تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپلىق ئىش بولماس، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىچارىلىك يوقتۇ.

     چەكسىز ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن چوڭ شەھەرلەرگە باردۇق، تەرەققى قىلغان شەھەردىن، يۇقۇرى بىلىملىك دوختۇرلاردىن، يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن ئاجايىپ ئۈمۈتلەرنى كۈتتۇق. قەدىمى رىتسىپلاردىن شىپاھ ئىزلىدۇق. ئاتاقلىق تىۋىپلاردىن ئانام ئۈچۈن نىجاتلىق تىلىدۇق. ئىزدىمىگەن داخان، باخشى، رەمبال، جىنىكەشلەرمۇ قالمىدى. ھەتتا مەن كىچىلىرى ئەڭ رومانتىك خىياللاربىلەن ئۆزەمنى ئالداپمۇ باقتىم. تەقدىر كارامەت بىلەن مەن بىر خاسىيەتلىك چۈش كۆرسەم،چۈشۈمدەرىۋايەتتە دىيىلىدىغان خىزىر بىلەن كۆرۈشسەم، ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ يېلىنسام، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆز جېنىمنى تىكىش بەدىلىگە ئانامغا ھاياتلىق تىلىسەم، خىزىر تەسىىرلىنىپ ماڭا ھاياتلىق نىشانىدىن بىشارەت بەرسە، مەن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە نەچچە كۈن يول مېڭىپ، ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان بىر ئىگز تاغ چوقىسىغا يامىشىپ، تاغنىڭ ئەڭ ئىگىز چوقىسىدىكى ئەڭ خەتەرلىك غارنىڭ تۇۋىگە بارسام، بۇ غار ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشى ئەڭ يىرىتقۇچ بىر خىل ھايۋاننىڭ ئۇۋىسىدا بىر سىھىرلىك بۇلاق بولسا، مەن ئاشۇ ھايۋاننىڭ بىخەستىلىكىدىن پايدىلنىپ، بۇ سۇدىن بىر قاچا  ئېلىپ قايىىتسام، ئانام شۇ سۇدىن بىر ئوتلاپلا ھۇشىغا كەلسە، بارا-بارا ئوڭشالسا مەن ھېرىش، چارچاش، ئاچارچىلىق دەستىدىن يىقىلساممۇ .....جاھان ئەھلى بالىلق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش يولىدىكى قەھرمانلىقىمغا داستان پۇتىسە، بارلىق بالىلار مەندەك قىلىشنى ئۆگەنسە....لىكىن نەتىجە تېخىمۇ ناچار بولدى ئانام كۈندىن كۈنگەجۈدەشكە، ئاجىزلاشقا، ئاغرىق ئازابىدىن زارلىنىشقا باشلىدى. تامىقى ئازىيپ قەدىمى قىسقراشقا باشلىدى، ھەتتا ماڭالماي يېتىپمۇ قالدى. بىز ئۇنىڭ ئەتىراپىداپايپىتەك بولۇپ، نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق، تېخى تۇنۈگۈنلا بىجىرىم بىر ئادەم بۈگۈن مەجرۇھ بولۇپ قالدى. ياخشى تاماق ئۆتمىدى، چىرايلىق كىيىم ياراشمىدى، ئەڭ ئالى ھۆرمەت، كۆڭۈل كۆتۈرىدىغان چاخچاق، تەسىرلىك ناخشا....قىسقىسى ھەممە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاجەت ئەمەس. ھەي ئىسىت مۇشۇ مىھرىبانلىقنى ئۇ ساغلام چاغدا تۇزۈكرەك قىلالىغان بولغىيمىتىم، ھەيتاڭ خىزمەت ئۆي، بالادەپ دىگەندەك ياخشى قىلالمىغاندەك تۇرىمەن. ئەمدى قانچە يىغلىساڭمۇ بىكار، مەن بۇلارنى ئويلاپ ئۆپكەم ئىسىلىپ، كۆزۇمگەيىغا ياماشتى، ئاخىرى ئىلاھقا مۇراجەت قىلدىم. ئاھ خۇدا!! سەن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئاجىز قۇلۇڭنى بۇ نەسچىلىكتىن ئازات قىلىپ، بىز بىچارىلەرگە شەپقەت قىلساڭ...، لىكىن ئىلاھمۇ جىم تۇرىۋالدى، مەنمۇ ھېچقانداق خاسىيەتلىك چۈش كۆرمىدىم. يەنىلا رىياللىق بىزگە غادىيىپ قاراپ تۇرماقتا، ئۆلۈم خېتى بىزنى مەسخىرە قىلماقتا. نىمىجان ئانام ئازاپ بىلەن تىڭىرقىماقتا ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانام بارغانسىرى جۆدەپ تىنىدە بىر چىشلەممۇ گۆش دىدارى قالمىدى. ئۇنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزى ھامان بىزدە. تىخى توختىماي بىزنى تاماق يىيىشكە، ئارام ئېلىشقا، سالامەتلىكىمىزنى ئاسراشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز رەڭگىنىڭ ئۆزگۈرۈپ  ئاسراشقائۈندەپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭ تۇيۇقسىزرەڭگىنىڭ ئۆزەىرىپ كىتىشىدىن، لەۋلىرىنى چىشلەپ، يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تولغۇنىشىدىن بەدىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. لىكىن ئۇ بىزنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن ئىچىدە زارلىنىپ، ئىلاجى بار بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ، بىزمۇ ئۇنىڭ روھى جەھەتتىن زەربىگە ئۇچۇرماسلىقى ئۈچۇن ئىلاجى بار تىتىك تۇرۇشقا تىرىشىمىز. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىچىدە روزا، تېشىدا ھېيىت، ئىككى قەلىب-ئانا قەلبى بىلەن بالا قەلبى بىر-بىرىنى تەسىرلەندۈرەتتى.   

  نىمىلا دىگەن بىلەن ئىنساننىڭ قۇدرىتى قانۇنىيەتلىك يوقۇلىشنى توسۇپ قالالمىدى، بىز ئارزۇ قىلمىغان كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى. شۇم ئەجەل ئاخىرى ئانامنىڭ روھىنى بەكمۇ بالدۇر تىنىدىن جۇدا قىلىپ، تىنىنى تۇپراققا روھىنى باقى ئالەمگە ئېلىپ كەتتى، 57 يىل ياشىغان دۇنيا، 30 نەچچە يىل تۇتقان ئۆي، پەپىلەپ ئۆستۈرۈپ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان 5 بالا، گۇلدەك بېغى، ئالتۇن جابدۇق، زىبۇ-زىننەتلىرى قىسقىسى ھەممە شۇ پىتى قالدى. ئەل جامائەت مۇڭلاندى. بالىلار قار-يامغۇر يىغلاپ ھەسرەتلەندى. ئۇنىڭ ھەممە ئەتىۋارلىق نەرسىلىلرى ئۆز خوجىسىدىن ئايرىلىپ، غېرىپسىنىدى.

   بۇ كۈنلەرنى مەن ئانامنىڭ ماتەم كۈنلىرى دەپ ئېيتىشقىمۇ تىلىم بارمايدۇ، بۇ كۈنلەرنى ئۇنىڭ نەزىر-چىرىغى دەپ ئېيتىشقا تېخىمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. چۈنكى تۇپراق ئۆز قوينىغا ئالغان بۇ ئانا تالاي ئانىلارغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانا. ئۇنىڭ مۇھەببىتى قۇياش نۇرىدىنمۇ سېخى، ئۇنىڭ باغرى باھاردىنمۇ ئىللىق، ئۇنىڭ قەلبى تەبىئەتتىنمۇ گۈزەل، ئۇنىڭ مىھرى دېڭىز-ئوكياندىنمۇ چوڭقۇر.

   كائىناتنىڭ قۇياشى، تەبىئەتنىڭ باھارى بولغىنىدەك بىزنىڭمۇ بىر ئاجايىپ ئانىمىز بار ئىدى. ئۇ بار يەردە بەرىكەت بار ئىدى، ئۇ بار يەردە ئىتتىپاقلىق بار ئىدى، ئۇ بار يەردە بىز ھەممىمىز ــ ئوغۇل، كىلىن، نەۋرە-چەۋرىلەر بار ئىدى. ئۇ ئەمدى بىزنى تاشلاپ كەتتى. بىزنىڭ نۇرغۇن ئارمانلىرىمىز بار ئىدى، ئۇنىڭغا دەيدىغان تالاي يۈرەك سۆزلىرىمىز بار ئىدى. ئەپسۇس، بىز ئۇنى مەڭگۈ قېشىمىزدا بولىدۇ دەپ خاتا ئويلاپتىمىز. ئۇنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىنى مەڭگۈ ئاڭلايمىز دەپ چوتنى خاتا سوقۇپتىمىز.ئانا ئەجەپمۇ كەم ئەقىل ئىكەنمىز،سىنىڭ تارتقان جاپا مۇشاقەتلىرىڭ ئالدىدا،سىنى چىكىمىزگە گۈل قىلىپ قىساۋالساق،كىچە كۈندۈز پۇت قولۇڭنى تۇتۇپ كۆتەرسەكمۇ،مەككىگە يۈدۈپ ئاپپارساقمۇ ئازلىق قىلار ئىدى.مانا سەن بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىلدىڭ،بىز ئچۈن بۇ دۇنيا بىر ئادەمسىز باياۋان،ھەممە بىزگە ناتونۇش بىلنىۋاتىدۇ.

   كۈنلەر ئۆتۈپ، بارا-بارا ھەممە ئۆز ئىزىغا چۈشۈپ، دەۋىر چاقى ئۆز يولىدا مېڭىۋەردى، ھەسرەتلىك كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقسىمۇ ئەمما يەنىلا  رىئاللىققا بويسۇنماي ئامال يوق ئىدى، تىرىكلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن يىغلاش بىلەن بىرگە يەنە ھاياتلارنىڭ غېمىنى قىلىش كىرەك ئىكەن، بۇ قانۇنىيەتكە كىممۇ خىلاپلىق قىلالىسۇن، مەنمۇ ئاددى ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانامنىڭ تىنى تېخى سويىماستىنلا تىرىكلىك ئۈچۈن ئەسلىدىكى ھەركەتلىرىمنى باشلاپ كەتتىم.

   ئەمما رەھمەتلىك ئانام ھەققىدە كۆپ  ئويلايدىغان بولۇ پ قالدىم، ئانام ئۈچۈن ئۇ تىرىك ۋاقتىدا بىرەر-ئىش قىلالمىغانلىقىمنى ئويلاپ ئەمدى بولسىمۇ بىرەر ئابىدە تىكلەپ ئۇنىڭ روھىنى بولسىمۇ خۇشال قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. لىكىن ھىچ ئىش قىلالمىدىم، بىرەر ئىش قىلىپ ئانام ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇش قولۇمدىن كەلمىدى. شۇ سەۋە پتىن ئەسلىدىنلا سۇنۇق كۆڭلۈم تېخىمۇ پاراكەندە بولۇپ مىجەزىمدىكى سەۋدالىق دائىم قوزغۇلۇپ، ئورۇنسىز تىركىدىغان بولۇپ قالدىم. كۆڭلۈم غەش بولۇپ دىلىم غېرىبلىقتىن ئىزىلگەن چاغلاردا ئوغلۇم بىلەن ئوماق قىزىمنىڭ ئەتراپىمدا بەخىت بىلەن غەمسىز پىقىراشلىرى، رەھمەتلىك ئانامنىڭ بىز ئۈچۈن شاتلانغان ئۆتمۈشىدىن بىر كۆرۈنىشنى ئەسلىتەتتى. باللىرىمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى كۆرگەندە ئانام بىلەن خىيالى مۇڭدىشىمەن.

    -ئاھ ئانا، سەن بىزدەك ئوغۇللىرىڭنىڭ پاقلان بۇلۇپ ئەتراپىڭدا پىقىراشلىرىدىن شاتلانغان بولغىيمىدىڭ؟ يىراق ئۆتمۈشنى ئەسلەپ كۆرسەم  ساڭا بۇنداق پۇرسەت كۆپ نىسىپ  بولمىغان، چۈنكى ئۇ چاغلاردا  قالايمىقان دۇنيانىڭ تەلۋىلەشكەن ئادىمى ھايۋانلىرى ساڭا ئوخشاش سانسىزلىغان ئانىلارنىڭ شاتلىغىنى تەتۈر  سىياسەتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتكەن، بۈگۈنكىدەك، ئانىلار ئۈچۈن باللىردىن شاتلىنىپ، قېنىپ كۈلىدىغان ئۇنداق پۇرسەت نەدە دەيسىز.

   مىنىڭ ئانام دەل ئاشۇنداق پۇرسەتلەردىن مەھرۇم بولۇپ تۇرۇ پمۇ    بىز بەش ئوغۇلنى ساغلام قاتارغا قوشقان ئاجايىپ جاسارەتلىك ئۇلۇغ ئانا. ئانام بىزگە ساغلام تەنلا ئەمەس بەلكى يەنە ساغلام ئەقىل، ئىسىل پەزىلەت، گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلالىغان ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ئۇستاز. مەن بۇ ئانىدىن ھاياتلىققا ئىرشىپ، بۇ ئۇستازدىن ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۈگەندىم.   

     مەندىكى سەۋدا تېخىمۇ كۈچەيمەكتە، ھاياتلىق بەرگەن ئانام، ئەقىل بەرگەن ئۇستازىم ئۈچۈن قانداق سوغا تەقدىم قىلالىدىم؟ دىگەن سۇئال مىنى ئويلۇنىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرماقتا. ئۇ مەندىن قانداق ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن ھە، مەيلى ئانا بولسۇن ياكى ئۇستاز بولسۇن ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغىنى پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ ئەل ئۈچۈن بىرەر نەتىجە يارتىشىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت،  لىكىن مەن ئانام ھايات چاغدا ئۇ خۇشال بولغىدەك نىمە ئىش قىلالىغاندىمەن؟ ئۇ بىزنىڭ پاقلان بولغان چاغدىكى تاتلىق قىلىقلىرىمىزدىن خۇشال بولىدىغان چاغدا بىۋاپا   دۇنيا بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمىدى، جاھان تۈزىلىپ باللىرى يىگىتلىك  مەۋسۈمىگە قەدەم قويۇۋىدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلىك ھالال جۈپتى-دادىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ چەكسىز نادامەت ئىچىدە چىھرىدىن ئەمدى پەيدا بولغان جىلۋە يوقالدى، رەھىمسىز رىئاللىق ئۇنىڭدىن شۇنچە كۆپ ئىمكانىيەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تارتىۋالدى، لىكىن ئۇ ھاياتقا شۇنچە ئۈمۈت بىلەن قارىغان ئىدى، بىزنىڭ سارغىيىپ يۈرمەسلىگىمىز ئۈچۈن پىغانلىق ياشلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ئۆز سۆيگۈسىگە بولغان ساداقەتمەنلىك ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئۆزىنىڭ خۇشاللىغىنى بىزدىن، بىزنىڭ نەتىجىگە ئىرىششىمىزدىن كۈتۈپ يۈرگەن ئىدى. ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس مەن ئۇ خۇشال بولغۇدەك ھىچنىمە قىلالماپتىمەن.

    ئانامغا بولغان  چەكسىز سېغىنىش مىنى قىينايدۇ، تاماق يەۋىتىپمۇ، يولدا كىتىۋىتىپمۇ، خىزمەت قىلىۋىتىپمۇ بۇ خىل سېغىنىشتىن ۋاز كىچەلمىدىم. كىچىللىرى ئۇنى چۇشىمەيدىغان كۈنىم يوق، مەن ئۇنى كۈندە چۈشەيمەن، ئەگەر بىرەر كۇن چۇشۇمگە كىرمىسە قويغان تۇتقۇنۇمنى بىلمەي قالىمەن. قايسى بىر كۈنى ئۇ چۇشۈمگە كىرمىۋىدى ئەتىسى چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك روھسىز يۈردۈم، ھەم شۇ ئان ئۆزەمنىڭ يېقىندىن بىرىكى ئىش ھەركىتىمنى تەكشۈرۈپ چىقتىم، ئانام ئارزۇ قىلمايدىغان بىرەر  ئىش قىلىپ قويغاندىمەنمۇ دەپ  ئەنسىرەپ يۈردۈم، ئۇ نىمە دەپ چۈشۈمگە كىرمەيدۇ؟ ئەجىبا ئۇ راستىنلا مىنى پۈتۈنلەي تاشلاپ كەتكەنمىدۇ؟ بۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى.قارىغاندا مەن ئانامنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك تۇرىمەن، ئىككى ھەپتىدىن بىرى ئۇنىڭ قېشىغابارمىسام ئۇ يەنە مىنىڭ چۈشۈمگە كىرىۋىرەمتى ئەمىسە.

      مەن ئۇنى يوقلاپ باردىم. جىمجىت قەبرىستانلىقتىكى لەھەت ئىچىدە ئانام مەڭگۈلىك ئۇيقۇدا،ئۇ مىنىڭ كەلگەنلىگىمنى بىلگەنمىدۇ؟ كونىلار روھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دەيدىكەن بۇ راسمىدۇ؟ بىلسە بىلمىسە بۇنىڭ كارى چاغلىق، موھىمى مەن ئۇنى ئۇنۇتماسلىغىم، ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىشىم، ئۇنىڭ تىرىكلىكتىكى نەسيىتى بويىچە ياخشىلىقنى يار قىلىپ، ياماندىن، ھارامدىن يىراق تۇرۇپ، ئۇنىڭ پاك نامىنى، يارقىن ئوبرازىنى مەڭگۈ قوغدىشىم كىرەك ئىدى. مەن چەكسىز سېغىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا خېلى ئۇزۇن يۈكۈنىپ ئولتۇردۇم، خىيالىمدا ئانام بىلەن ناھايتى ئۇزۇن مۇڭداشتىم. مەن ئانامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈنىپ ئولتۇرۇپ كونىلارنىڭ قەبرە يوقلاشنىڭ ئىككى ئالەملىك ساۋابى چوڭ دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئادەم قەبرە ئالدىدا ئولتۇرسا قەبرىگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىملىرى، نەسىھەت ۋە تەسەللىرى، ھارام ھالال ھەققىدىكى ۋەسىيەتلىرى بىربىرلەپ نامايەن بولۇپ ئۆز ئەمىلىيتىدىكى بۇزلۇشتىن نۇمۇس قىلدۇردىىكەن ئەمەسمۇ، مەن بىلدىم، ئانام مىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى روھسىزلىغىمدىن، ھاياتقا بولغان ئۈمۈتسىزلىكىمدىن، كەلگۈسى ئۈچۈن ھىچقانداق چوت سوقماي مەجرۇھتەك يۈرگەنلىكىمدىن قاتتىق ئاغرىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ مىنىڭ چۈشۈمگە كىرىشتىن ئۆزۈنى چەتكە ئېلىپ مىنى جازالىغان ئىدى.

     جىمجىت قەبرىستانلىق، ئانام ھەققىدىكى ئەسلىمە ئىچىدە دۇنيادىن خالى تەنھا تۇرماقتا ئىدىم، بىركەمدە قاتتىق سايرىغان يانفۇن ئاۋازىدىن قەبرىستانلىققا جان كىردى، تىلفۇندىن ئوماق قىزىمنىڭ قىزتىپ قالغانلىق خەۋرى كەلدى، يۈرگۈم قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك، روھىم تەندىن ئاجراپ كىتىدىغاندەك سىلكىندىم، شۇ ھامان ئۆي تامان يول ئېلىپ بىرنەچچە قەدەم ئالغاندىن كىيىن ئانامنىڭ روھىغا ئاتا پ  قىلىدىغان دۇئانى ئۇنۇتقانلىغىمنى ئەسكە ئالدىم، دەرھال ئارقامغا يېنىپ قەبرىگە يۈزلەندىم دە خىجىللىق ئىچىدە دۇئاغا قول كۆتۈردۈم. قىزىمنىڭ قىزىتمىسى كاللامنى قىزتىپ مىنى شۇنچە ئالاقىزادە قىلىۋەتكەن ئىدى، مەن يەنە بىر قېتىم ئانا بالىلىق ئوتتۇرسىدىكى بېغىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولدىغانلىغىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ھەم ئۇلۇق كىچىك تىندىم.

    ئاھ ئانا، سەن بىز بەش ئوغۇلنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە قانچىلغان دىشۋارچىلىقلارنى تارتقان بولغۇيتىڭ، يۈرگۈڭ قانچە قېتىم ئەنسىز سوقۇپ، روھىڭ قانچە قېتىم تىنىڭدىن جۇدا بولغان بولغۇيتى ھە، تېخى ئۆتكەن كۈنى ئوغلۇمنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەن چىقىپ قېلىۋىدى، مەن قانچىلىك روھسىزلاندىم، سەن بىزنى نەچچە ئون يىل ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقارغىچە قانچىلغان ئۇيقۇسىز كىچىلەرنى ئۆتكۈزگەنسەن، بىزنىڭ ئاغرىق- سىلاقلىرمىز ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ ياش تۆكۈپ، يۇركۈڭ قانچە قېتىم ئىزىدىن قوزغۇلۇپ كەتكەن بولغۇيتى،  سىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭنى مەن نىمە دە پ  بۇرۇنراق ھىس قىلالمىدىم، ئاھ خۇدا، ئانام ئەسلىدە بىز ئۈچۈن كۈرمىڭ قېتىم بىئارام بولۇپ، جاپا چىكىپ ياش تۆكۈپ، ئىچىدىن يارلىنىپ تۈگەپتىكەن ئەمەسمۇ، بۇنى مەن نىمىشقا بۇرۇنراق چوڭقۇر چۈشەنمىدىم؟ ئەگەر بۇرۇنراق مۇشۇنداق چوڭقۇر چۈشەنگەن بولسام ئانام ئۈچۈن بارلىغىمنى ئاتىماسمىدىم، ھەي ئىسىت، ئانام ئۈچۈن چىقارغان ۋاقتىم، ئانام ئۈچۈن سەرىپ قىلغان زىھنىم، قىسقىسى ھەممە يىتەرلىك بولماپىتۇ، ئىسىت ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمۈرۈم.

       ھەر دائىم خىيالىمدىن يىراق ئۆتمۈش نېرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ چاغلار ئانامنىڭ ئەڭ جاپالىق، ئەڭ سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن، بىزگە ئەجرى ئەڭ كۆپ سىڭگەن ئۆتمۈشى، بۇ چاغلاردا سۇلچىل سىياسەتۋازلارنىڭ تازا بازىرى چىققان بولۇپ ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت تولۇق تۈگىگەن، نامراتلىق بىلەن بىيۇكىراتلىق ئادەمنى شەيتانغا ئايلاندۇرۇپ ھەممە نەرسە ئەسلىنى يوقاتقان ئىدى. قالاق ئىشلەپچىقىرىش، قارىغۇلارچە ئەمگەك، چېكىدىن ئاشقان شەكىلۋازلىق، ئۈنۈمسىز قىزغىنلىق دىھقانلارغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز زۇلۇم ۋە چىدىغۇسىز ئازاپ ئېلىپ كىلەتتى، ئېغىر ئەمگەك، كۈچلۈك بېسىم، ھاقارەتلىك تىل، نامرات تۇرمۇش...قىسقىسى ھەممە نەرسە ئادەملەرگە ماغدۇرسىز تەن، چۈشكۈن روھ، مۇھاببەتسىز تورمۇشتىن باشقا ھىچقانداق نەرسە بىرەلمەيتى. ئائىلىمىزدىكى چۆچۈردەك ئۈچ بالا ھېرىپ ئېچىپ ئېتىزدىن كىرگەن ئانامنىڭ تامىقىمىزنى ئىتىشىگە، يىرتىلغان كىيىملىرىمىزنى يامىشىغا، ئاغرىغان تىنىمىزگە شىپا  تېپىشىغا  مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇراتتۇق، ئانام قانچە ھارسىمۇ، ئۆزى كەيمەي يىمىسىمۇ قىلچە زارلىماي يۈگۈرۈپ يۈرۈپ بىز ئۈچۈن تەرلەپ پىشاتتى، دادام بولسا ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەي ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولاتتى، بىچارە ئانام كوپراتسىيەنىڭ ئېغىر ئەمگىكى،ئائىلنىڭ ھەممە ئېغىرچىلقىنى تەڭ كۆتۈرۈپ بىزنى باقاتتى، بىز مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە بولسا ۋاقىت چىقىرىپ دەرىس تەكرارلىشىمىزغا يىتەكچىلىك قىلاتتى، (ئانام ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا ئوقۇغان دىھقان بولغاچقا مەدەنىيەت سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى ئىدى)، شۇڭىمۇ ئۇ سىياسەتنى توغرا چۈشۈنۈپ ھەرقانچە خاپىلىق تارتسىمۇ ئانچە ۋايساپ كەتمەيتى، بىز بولساق ھېچنىمىدىن غەمسىز تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ ئويناپ يۈرەتتۇق. پەقەت ئانام كەچلىرى ئەمگەك ياكى كۈرەش يىغىنلىرىغا  چىقىپ كىتپ كىرمىگەندە بولسا جىندىن قورقۇپ شۈمشىيىپ كىتەتتۇق، بۇنداق چاغلاردا يەنىلا ئانام ئۈگۈتۈپ  قويغان جىن قوغلاش ناخشىسىنى غىڭشىپ ئوقۇپ  ئۇدۇل كەلگەن يەردە يېتىپ ئۇخلاپ قالاتتۇق، ئانامنىڭ قانداق چاغدا كىرگىننى تۇيمايتۇق، تەڭ كىچىدە كىرگەن ئانام تېخى كۆزى ئۇيقۇغا بارا بارمايلا ئەترەت باشلىغىنىڭ كانايدا تولىشى بىلەن يەنە ئەتتىگەنلىك «دولقۇن»غا ماڭاتتى، ئەتتىگەنلىك تاماق ئۈچۈن بېرىلگەن يېرىم سائەتلىك ۋاقىت بىزنى تاماقلاندۇرۇپ مەكتەپكە يولغا سېلىشقا ئاران يىتەتتى، ئانامنىڭ تاماق يىگەن-يىمىگەنلىكىنى بىلمەيتۇق، ئەگەر سەللا كىچىكىپ قالدىمۇ ئەترەت باشلىغىدىن يەڭگىل بولغاندا تىل ھاقارەت ئىشتىپ دەشنام  يەيتى، ئېغىر بولغاندا  بازغاندەك مۇشتۇمنىڭ تەمىنى  تېتىيتى، مەن ئانامنىڭ دەشنام ئىشتىپ، ئۇرۇلغىننى كۆپ قىتىم كۆرۈپ، ئەترەت باشلىغىنى تىللىغىنىم ئۈچۈن مەنمۇ تاياقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەن، ئانام بىز سەۋەپلىك ئىشقا كىچكىپ ئاشۇنداق ھاقارەتكە قالسىمۇ ئەمما بىرەر قېتىممۇ ئاچچىغىنى بىزدىن چىقىرىپ باقمىغان. ئەكسىچە بىزگە ياخشى ئوقۇش توغرىسىدا تەربىينى كۈچەيتكەن ئىدى.

   بىر كۈنى ئانام ئىشتىن كىرىپلا قاتتىق ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، بىز نىمە بولغانلىغىنى ئۇقالماي تەمتىرەپ، ئاخىرى بىزمۇ ئانامغا ئەگىشىپ يىغلاپ كەتتۇق، ئانام بىزنىڭ يىغلىغىنىمىزنى كۆرۈپ دەرھال يېغىدىن توختاپ بىزنى باغرىغا باستى، مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتۈنىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ قالدىم،لىكىن نىمە بولغانلىغىنى سورىيالمىدىم، كىيىن بۇ ئىشنى ئۇقتۇق، ئەسلى مۇنداق بىر ئىش يۈز بىرىپتۇ؛

   كەنتىمىز شۇ چاغدا داجەيچە كەنت دىگەن نامى بىلەن داڭلىق ئىدى، سولچىل سىياسەتنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلناتتى، ئاتالمىش« جاپا مۇشاقەتكە چىداپ كۆرەش قىلىش» چاقىرىقى بۇ كەنتتە ناھايتى چىڭ تۇتۇلاتتى، ئەھۋال شۇ دەرىجىدە يامانلاشتىكى ھەتتا قىزلارنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن قاپ-تاغار، زەممبىلدىن باشقا نەرسە بۇيرۇلمايتى، شۇڭا باشقا كەنىتتىن بۇ كەنىتكە قىز بالىلارمۇ ياتلىق بولمايتتى. مۇشۇ خىل روھنىڭ قىززىقچىلغىدا مەھەللە باشلىغى ئەزالارغا قىشلىق ئوغۇت توپلاش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار كەنتتىن 15كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جاڭگالدىن قاپ بىلەن يۈدۈپ توپا  ئەكىلىش ۋەزىپىسىمۇ بار ئىكەن، بۇ چاقىرىققا قىزغىن ئاۋاز قوشقان ئانام قاتارلىق ئاياللار بۇ جە ڭگە  ئاتلىنىپتۇ، بىر كۈنى بىچارە ئانام قا پقا ئۇسۇلغان 30كىلوگىرامدىن ئارتۇق كىلىدىغان  تو پىنى  يۈ دۈپ  ماغدۇرسىز قەدەم بىلەن يىراق يولنى تەستە بېسىپ كىلىۋاتقاندا ئىشەك ھارۋىلىق بىر دىھقان ئىچ ئاغرىتىپ ئانام يۈدۇپ كىلىۋاتقان تاغارنى ھارۋىسىغا قويۇۋاپتۇ، ئانام بىر دەملىك ئېغىرچىلىقتىن ئازات بولۇپتۇ، لىكىن قايسى بىر ھەسەتخور مەلئۇن بۇنى ئەترەت باشلىقىغا مەلۇم قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانامغا شۇ كۈنلۈك «نۇمۇر» بىرىلمەيلا قالماستىن بەلكى ئانام قاتتىق ھاقارەتلىنىپتۇ، خورلۇق ئانامنى ئاشۇنداق يىغلىتىپتۇ.

    بۇ مىڭلىغان ئانىلارنىڭ جاپالىق كۈنلىرنىڭ كىچىككىنە كۆرنىشى، پەقەت مۇشۇ كۆرنۈشلا ئاشۇ بىر جەمىيئەتنىڭ تىراگىدىيىسىنى ئېچىپ بىرەلەيدۇ، ئەمما مەسىلە بىز ئاشۇ ئانىلارنىڭ قەلىب جاراھىتىگە مەلھەم بولغۇدەك، ئۇلارنى چىن مەنىسدىن كۈلدۈرەلىگۈدەك بىرەر ئىش قىلالمىغانلىغىمىزدا.

     مەن ئانامنى تېخى ھەقىقى كۈلدۈرەلمىگەن ئىدىم، مەندە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەجرى زايە بولدى، ئويلاپ باقسام مەن ئۇنىڭ بىرەر قېتىم چېچىنى تاراپ، ئۇچىسنى تۇتۇ پ، پۇتىنى يۇيۇ پ قويۇشقا كۆڭۈلشىمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن نىمىشقا جىق-جىق مۇڭدىشۋالمىغاندىمەن؟  ئۇ تېخى بەك ياش ئىدى، ئىپلاس كىسەل بىرلا چىرماپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

ھايات دىگەن مانا شۇنچىلىكلا نەرسە ئىكەن، تېخى تۈنۈگۈنلا ئەرىشنىڭ تۈرىكىدەك كۆتۈرۈشلىك دادامدىن ئايرىلغان ئىدىم، مانا بۈگۈن مىھرىبان ئانامدىن مەڭگۈلىككە ئايرىلدىم، ياشاش مەن ئۈچۈن قىممىتىنى يوقاتتى، بۇرۇن كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم، ھازىر ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى كىتاپقا ئامراق بالام دەپ  ماختىنىدىغان ئانام يوق، تۇرمۇش ماشىنىسى سېتىۋالماقچى بولغان ئىدىم، لىكىن ئەمدى ئالغۇم كەلمىدى، چۈنكى، ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغانداخۇدايىمغا ئامانەت دەپ ئۇزتۇپ  قويىدىغان ئانام يوق، شۇڭا بىخەتەر بولالماي قېلىشتىن قورۇقتۇم، شەھەردىن ئۆي سېتىۋالغۇم بار ئىدى، لىكىن ئانام بار چاغدا ئالمىغان ئۆينى ئەمدى ئېلىپ  قانچىلىك ھوزۇرلىنارمەن...

      قەبرىستانلىقتىن قايتپ كەلدىم، باللىرىم ئالدىمغا چىقتى، ئۇلارنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى دەماللىققا خىيالىمغا جۆر بولۇپ روھىم تەسكىن تاپقاندەك   بولدى،  ئەمما روھىمدىكى چۈشكۈنلىك يەنىلا شۇ پېتى. شۇ كۈنى ئانام چۈشۈمگە كىرىپتۇ. پاھ، ئانام نىمە دىگەن چىرايلىق، نىمە دىگەن قاۋۇل ئايال ھە، ئۇ ماڭا تەبەسسۇم بىلەن بىردەم قاراپ  تۇرغاندىن كىيىن بىردىنلا سۇرلۈك قىياپەتكە كىرىپ، ماڭا خىتاپ  قىلدى؛ ئوغلۇم، مىنىڭ روھىمنى تەسكىن تاپقۇزاي  دىسەڭ ئورنىڭدىن دەس تۇر، روھلۇق بول، ھارامدىن نېرى بول، موھىمى ئوغلۇڭ بىلەن قىزىڭنى شەرمى ھايالىق، ئىلىملىك قىلىپ تەربىيلە، بۇنىڭ ئۈچۈن قانچە بەدەل تۆلىسەڭ ئەرزىيدۇ، ئۇ سىنىڭ بالاڭلا ئەمەس بەلكى مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى، سەن ئۆز بۇرچۇڭنى ياخشى ئادا قىلالمىساڭ قىيامەتتە ھايۋانغا ئۆزگۈرۈپ قوپىسەن، شۇنداقلا مىنىڭ روھىمنىمۇ خورلاپ قويىسەن. بىلەمسەن  ئىنسان تۇغۇلۇپلا  ياشاشتىن ئىبارەت يۈكسەك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، كىمىكى بۇ مەجبۇرىيەتتىن ۋاز كىچىدىكەن ئۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرشى كىرەك. كىشىلەر بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش يولىدا خىلمۇ خىل توساقلارغا، ئىبلىس شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچراپ، كۆپلىگەن خاتالىقلارغا يول قويىدۇ. قىلما دىگەننى قىلىپ، قىل دىگەننى قىلماي، ئۆزىنىڭ پاك قەلبىنى خۇن قىلىپ مەينەتلەشتۈرىدۇ. ئەگەر سەن مىنىڭ ئوغلۇم بولىدىغان بولساڭ دەرھال ئورنۇڭدىن تۇرۇپ  ئەتراپىڭغا باق، سەن تۇرغان دۇنيا ئەسلى گۈزەل ئىدى، لىكىن بىر قىسىم پاسىقلار بۇ گۈزەللىكنى خازان قىلدى، ئىنسان ئۆزۈنىڭ  ئەسلىنى  ئۇنتىۋاتىدۇ، ھارامخورلۇق، ھاراقكەشلىك، پەسكەشلىك، بۇزۇقچىىلىق... ئادەملەرنى شەيتانغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ، مەن سەندىن خاتىرجەم، چۈنكى مەن سىنى ئۆزەم تەربىيلىگەن، ئەمما نەۋرەمدىن ئەنسىرەيمەن چۈنكى ھازىر بالىلارنى سىلەر ئاتا-ئانىلار ئۆزەڭلار تەربىيلىمەۋاتىسىلەر، ئەكسىچە جەمىيئەت كاردىن چىقىرىۋاتىدۇ، مەن سىنىڭ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلسام بولىتى دەپ تىپىرلاۋاتقىنىىڭنى بىلىمەن، راستىنلا شۇنداق خىيالىڭ بولسا مىنىڭ نەۋرىلىرىمنى ياراملىق قىلىپ يىتىشتۈرپ چىق، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ مەن بۇ دۇنيادا تۇرۇپ سەن مىنىڭ قېشىمگە كىلىشتىن ئىلگىرى مالايىكىلەر بىلەن ئالاقىلشىپ ساڭا ۋەيلۇن دوزاقتىن جاي راسلىتىپ قويىمەن.

    چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، كىچە جىمجىت، يېنىمدا ئوغلۇم بىلەن ئوماق قىزىم تاتلىق ئۇيقۇدا، بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرى بولسا كىرەك، كىم بىلسۇن ئۇلارنى قانداق تەقدىر كۈتىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ كەلگۇسىنى پەرەز قىلماقچى بولدۇميۇ ئەمما دەمال گاڭگىراپ قالدىم، شۇ چاغدا ئانامنىڭ سۈرلىك قىياپەتتە تۇرۇپ قىلغان خىتاپى؛ ئوغلۇڭنى ئۆزۈڭ تەربىيەلە...،قاياقتىندۇر بىر ئالىمنىڭ خىتاپى؛ ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى...مەن يېنىك بىر ئۇھ تارىتتىم، ھەر ئىككىلى خىتاپ مەسئۇلىيتىمنى تونۇتتى، بۇ بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت ئدى.                                                                                                   

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ئېسىل تېما....
marjan + 300 ئوخشاش ھېسياتتا ئىكەنمىز...
ayziba + 100 ئانامنى ئەسلەتتىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

www.razeya.com يازمىلىرىم رازېيە تورىدا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10307
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 02:52:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ....... سەۋىر قىلىڭ قېرىندىشىم ؟

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئىتقادسىز مىللە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6453
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6058
تۆھپە نۇمۇرى: 336
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 04:06:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك تىما ،ئەتراپلىق پىكىر .ئۇلۇغ ئاللاھ ئانىڭىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن .بىز ئاتا - ئانىمىز يېنىمىزدىكى چاغدا ئۇلارنىڭ قەدىرىگە يەتمەيمىز .ئالەمدىن يانغىنىدا بولسا تولىمۇ كىچىككەنلىكىمىزنى ،ئۇلارنىڭ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغانلىغىنى ،بىز ئۈچۈن ‹‹كوتۇلداش››تەك ئاڭلانغان ،مىھىر مۇھەببەتلىك سۆزلىرىنى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلىپ يىتىمىز .بىراق بۇ چاغدا قانچە ئاھ ئۇرغىنىمىز بىلەنمۇ قىلچىلىك پايدىسى يوق .گەرچە ئالەمدىن يانغىنىدا زور ھەشەم قىلىپ ئۇزاتساقمۇ ،تىرىكلىكىدە ئۆز قولىمىز بىلەن سۇنغان بىر پىيالە چايغا يەتمەيدۇ .نەزىرىسى ئۈچۈن قوي كالا سۇيۇپ ،بەتتە پولو قىلىپ زىياپەت بەرسەكمۇ،تىرىكلىكىدە بەرگەن بىر چىنە سۇيۇق ئاشقا تەڭداش بولالمايدۇ .ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئەزىز تېنىنى سالامەت ،ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ...

ئەسلىمە كىشىدە خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3481
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5152
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 04:53:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[b]مەن ئانامنى تېخى ھەقىقى كۈلدۈرەلمىگەن ئىدىم، مەندە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەجرى زايە بولدى، ئويلاپ باقسام مەن ئۇنىڭ بىرەر قېتىم چېچىنى تاراپ، ئۇچىسنى تۇتۇ پ، پۇتىنى يۇيۇ پ قويۇشقا كۆڭۈلشىمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن نىمىشقا جىق-جىق مۇڭدىشۋالمىغاندىمەن؟  ئۇ تېخى بەك ياش ئىدى، ئىپلاس كىسەل بىرلا چىرماپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

ھايات دىگەن مانا شۇنچىلىكلا نەرسە ئىكەن، تېخى تۈنۈگۈنلا ئەرىشنىڭ تۈرىكىدەك كۆتۈرۈشلىك دادامدىن ئايرىلغان ئىدىم، مانا بۈگۈن مىھرىبان ئانامدىن مەڭگۈلىككە ئايرىلدىم، ياشاش مەن ئۈچۈن قىممىتىنى يوقاتتى، بۇرۇن كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم، ھازىر ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ، چۈنكى كىتاپقا ئامراق بالام دەپ  ماختىنىدىغان ئانام يوق، تۇرمۇش ماشىنىسى سېتىۋالماقچى بولغان ئىدىم، لىكىن ئەمدى ئالغۇم كەلمىدى، چۈنكى، ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغانداخۇدايىمغا ئامانەت دەپ ئۇزتۇپ  قويىدىغان ئانام يوق، شۇڭا بىخەتەر بولالماي قېلىشتىن قورۇقتۇم، شەھەردىن ئۆي سېتىۋالغۇم بار ئىدى، لىكىن ئانام بار چاغدا ئالمىغان ئۆينى ئەمدى ئېلىپ  قانچىلىك ھوزۇرلىنارمەن...

  
  ــــــــــــــــــــــــــــــ

پاساھەتلىك قۇرلار،ھەقىقىي ھېسياتىڭىزنى تۇلۇق نامەيەن قىپسىز،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.ئۇلۇغ ئاللاھ ئانىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن،تېنىنى ساغلام قىلغاي.

مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 542
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2178 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 11:02:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5049
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5925
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2011-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 12:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن سىغىنىش نىداسى . يۈرۈكۈم ۋاي يۈرۈكۈم................

مىنىڭ ئانامنى تەسۋىرلىگەندەكلا بىراق بىز بەش قىز مىنىڭمۇ ئانام 50 ياشتا ئۇزىدى .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4805
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50995
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 10:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دېگەن تەسىرلىك،پاساھەتلىك ئىبارىلەر بۇ،ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەككۈدەكلا ،كۆز ياشلىرىم ئىچىدە ئوقۇدۇم....

ئاتا -ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز،ئۆلۈپ كەتكەندە ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چەكسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدىكەن....

ئاتا -ئانامنى تېخىمۇ قەدىرلەش لازىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئېسىلساڭ ئېسىل،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49830
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 713
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 11:20:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم ھەممەيلەننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بولىشىنى نىسىپ قىلسۇن!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1871
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3730 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 01:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي...ھەي ، بىزنى مىڭ بىر جاپادا قاتارغا قوشۇپ ، ئەمدى راھىتىمىزنى كۆرەي دىگەندە كىسەل كارۋىتىدا كۆزلىرىمىزگە مۆلدۈرلەپ تۇرسا ، گوياكى يۈرەك باغرىمىزنى بىرسى تىلىۋاتقاندەك ھىسىيات ئادەمنى ئاللىقانداقتۇر ئازاپلار ئىلكىگە تاشلايدىكەن...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئۇيغۇردەك ياشاي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10985
تۆھپە نۇمۇرى: 2057
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 09:34:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانامنى تېخىمۇ قەدىرلەش لازىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم

ئۇيغۇردەك ياشايلى!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش