مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3114|ئىنكاس: 10

ئەتلەس ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 01:07:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەتلەس ھەققىدە


شىنجاڭ قەدىمقى زاماندىن تارتىپ يىپەكچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خۇتەن ۋە قەشقەر رايۇنلىرىدا يىپەكچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەقىي قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرمانىيىلىك مەشھۇر خېوگراف ۋە ئارخېئولوگ رىچخوۋىن (1833-1905) بۇ يەرگە <يىپەكيولى> دەپ نام بەرگەن ۋە قەدىمقى ئۇدۇن يەنى خۇتەننىڭ نەپىس ئىشلەنگەن جۇلالىق يىپەك رەختلىرى <يىپەك يولى> سودىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنتايىن ئالقىشقا ئىرىشكەن.

ئەتلەس يىپەك توقۇلمىلار ئىچىدە خىلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن، نۇسخا ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ رەخت بولۇپ، ئۇيغۇر يىپەكچىلىكىدىكى داڭدار مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئەتلەس چىڭ دەۋرىگە يەنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، كىيىنكى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا 27 خىل ئەتلەس تۈرى بولغان. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى، پىشقەدەم ئۈستىكارلارنىڭ تۈگەپ كىتىشى، شاگىرت يىتىشتۇردىغان ئادەمنىڭ يوق بولىشى ھەم كىيىم-كىچەك نۇسخىللىرىنىڭ يىڭىلىنىشى بىلەن كونا نۇسخىلار يوقاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەتلەسنىڭ پەقەت تۆت خىل تۈرى قالغان، يەنى قارا ئەتلەس، سېرىق ئەتلەس، قىزىل ئەتلەس ۋە يەركەنچە ئەتلەستىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىيىم-كىچەكنى ياش قۇرامى ۋە سالاھىيىتىگە قاراپ كىيىدۇ. قارا ئەتلەس(دارايى ئەتلەس) ياشتا چوڭراق، ئۆزىنى تۇختاتقان ئاياللار ئۈچۈن لاھىيىلىنىدۇ. سېرىق، كۆك، زەيتۇن رەڭلىك ئەتلەسلەر (خوجەئە ئەتلەس) ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن لاھىيىلىنىدۇ. قىزىل ئەتلەس بولسا قىز جۇۋانلار ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن بولۇپ تۆت خىل نۇسخىدا توقىلىدۇ. يەركەنچە ئەتلەس كۆپ نۇسخىلىق ئەتلەس بولۇپ يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئون خىل نۇسخىدا تۇقۇلغان. ئەجداتلىرىمىز ئۇنى تاج سىمۇۋىلى قىلىپ خان ئەتلەس دەپ ئاتىغان.

ئەتلەس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىتېك تەپەككۇرىدا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ يەر تۈزلىشىنى، گۈزەل باغۇ-بۇستانلىرىنى، يىشىل لىنتىدەك ئاقار دەريالىرىنى نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدى ئىپادە قىلغان سەنئەت خەزىنىسىدۇر. ]ئەتلەس، شايى، بەقەسەملەر روشەن يەرلىك مەھسۇلاتلار بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلىرىدۇر .

مەنبە: <شىنجاڭ ئاياللىرى> ژورنىلى

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
DUTTARIM بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 01:52:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 02:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئاياللار ئەتلەسنى سەرالىق كېيىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللەندۈرۈۋاپتۇ،
ئەمىليەتتە ئۇ بىزنىڭ ئەن-ئەنىۋى ئۇسلۇپتىكى ئەڭ سۈپەتلىك رەختلىرىمىز ئىدى

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 02:41:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالىكەن رەھمەت دوستۇم !~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9844 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 02:48:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹يىپەك يولى››ئۇزاق تارىخقا ئىگە،تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا بۇ قەدىمىي،ئۆزگىچە ئالاھىلىدىككە ئىگە،ئاسىيەنىڭ كىندىكى دەپ نام ئالغان ئەزىزانە ئوتتۇرا ئاسىيا(جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى)ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان،تەكلىماكان قۇم بارخانلىرىدىن ئۇزۇن كەتكەن تارىم دەريا ۋادىسىنى ھاياتلىق مەنبەسى قىلغان ئۇيغۇرلار،نەچچە مىڭ يىللىق ھاياتلىق قىسمىتىدە كۆچۈش،ئاسمىللاتسىيە قىلىش،دەريا بولغان يەرلەردە ياشاش،بوستانلىق بار يەرلەردە تىرىكچىلىك قىلىش پۈكۈلگەن.كۆپ دىن كۆچۈش،ئېتىقادنى كۆپلەپ ئالماشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىماھىي تۇرمۇشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى،ئۇزاق يىللىق تارىخىي نۇقتىدا،ئۇيغۇرلار تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىش،رەڭ چۇقۇنىشى،ئىلگىركى شامانىزىم دىنىنىڭ رەڭ چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭمۇ بەلگۈلۈك دۇنيا قاراشنى شەكىللەندۈردى ھەمدە بارغانسىرى دىننى ئىسلاھ قىلىش،شۇ ماكانغا لايىق ئېدىلوگىيە يارىتىش ،پەلسەپەدە ئاشكارلانغان ئوي تەلىماتى بويىنچە،تەبىئەتتىكى ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك،ھۈنەر-سەنئەت يارىتىشتىكى تەرەقىياتىنى بارغانسىرى مۇكەممەللىككە،تېرەنلىككە،كۆركەملىككە قاراپ يۈزلەندۈردى،شۇ سەۋەبتىنمۇ،ئەتلەسنىڭ تەرەقىياتى بۈگۈنكى كۈندە ئىلچى دىيارىنى تېخىمۇ كۆركەم،بازارلىرىدا ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى،ئەتلەسنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن قەدىمىيلىكىنى ساقلاش،بۇرۇنقىدەك تەبىي بۇلۇش،سۈنئىيلىك ئارلاشتۇرماسلىق لازىم،شۇندىلا،‹‹يىپەك يولى››دەپ شۆھرەتلەنگەن بۇ ئەزىزانە دىيار جاۋاھىرلارغا يۇشۇرۇنغان،سىر دەپ تۇيۇلغان،ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلگەن ياسالما تارىخ گۇمران بولغۇسى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27492
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6940
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 09:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  kahrizat كە 2011-09-01 02:38 PMئەۋەتىلدى  :
ھازىر ئاياللار ئەتلەسنى سەرالىق كېيىدۇ دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللەندۈرۈۋاپتۇ،
ئەمىليەتتە ئۇ بىزنىڭ ئەن-ئەنىۋى ئۇسلۇپتىكى ئەڭ سۈپەتلىك رەختلىرىمىز ئىدى
نەدە ئۇنداق دەيدۇ ،ھازىر قىزلارمۇ شۇنداق چىرايلىق نۇسخا چىقىرىپ كىيىۋاتىدىغۇ؟

ھايات-ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن خىرىسلارغا تەييار تۇرۇشتۇر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 12:54:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتلەسنىڭ تارىخى بەكمۇ ئاددى يېزىلىپ قاپتۇ.ئەتلەس توغرىسىدىمۇ تولۇق  چۈشەنچە بېرىلمەپتۇ.مەسىلەن:ھازىرقى ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە،ئەتلەس ئەڭ بۇرۇن قايەردە بايقالغان،ھازىرغىچە قانچىلىك تارىخى بار،ئەتلەس نېمىدىن توقۇلۇدۇ،ئۇنىڭ ماتېريالى قانداق تەييار قىلىنىدۇ؟قانداق توقۇلۇدۇ،ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن ئەتلەسكە رەڭدار گىرىمسەن گۈل نۇسخىسى ئىشلەتكەن؟ھازىر ئەتلەسنىڭ قانچە نۇسخىسى بار؟كىملەر،قايسى يۇرت ئەتلەسكە ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى.مۇشۇ مەزمۇنلار يورۇتۇلمىغان كوتمەك بىر تېمىنى يوللىسا،ئېسىل تېمىكەن.....دەپ كېتىدىكەنمىز،ھەيرانمەن.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ھايا ئىنساننىڭ ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53495
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3388
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2011-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 10:01:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتلەس  بىلەن خوشۇم يوق .

سىزنى سۆيىمەن .

ئەخلاق~ئادەم زىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 02:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  guzal. كە 2011-09-03 10:01 AMئەۋەتىلدى  :
ئەتلەس  بىلەن خوشۇم يوق .
ھە شۇنداقمۇ ، شۇ تۇڭگانلار قىززىقمايدۇ شۇ ئەتلەسكە ........،ياۋرۇپاچە ئۇچۇق كىيىملەر بىلەن خۇشىڭىز بارمۇ يا ھازىر مودا بۇلۋاتقان شەرىقلەرنىڭ كالتە ئىشتانلىرغىمۇ .........

كۆك بۆرە ئىكەنسە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 07:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتلەس ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قىزلىرىغا يارىشىدۇ.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش