توغرا! مۇقام بىزنىڭ سەنئىتىمىزنىڭ جەۋھىرى! ھەم بىزنى خەلقىئاراغا تۇنىتىۋاتقان ئەڭ ئاساسىي ھالقا. مەنچە ئويغۇر قۇۋۇملىرى ئىچىدە مۇقامنى ياقتۇرمايدىغانلار بولمىسا كېرەك. بۇ قېتىمقى روزا ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۇرۇپ باشقىچىلار خوشال بولدۇم. ئىدارىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن روزا ھېيىتتا دەم ئېلىپ باقمىغىلى ئۈچ تۆت يىلچە بۇلۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى روزا
ھېيىت سەنئەت كېچىلىكىنى دەل ۋاقتىدا كۆرۇش نىسىپ بۇلۇپ بىراقلا ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالغان. لىكىن بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكى
مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۇلگەندەك قىلغان بىلەن سەنئەت خۇمار خەلقىمىزنىڭ
تەشنالىقىنى قاندۇرالمىغاندەك قىلىدۇ. ئۆزۇمنى ئېلىپ ئېيتسام مەن ئەڭ
ھۆرمەتلەيدىغان خەلق سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ھېيىت قاتارلىق
مىللىتىمىزنىڭ ھەققىقىي پەخىرلىك ئوغلانلىرى ئۇرۇندىغان يۈرەكنىڭ ئەك
ئېچىرقىغان يىرىگە بارىدىغان ناخشىلار كەمكەن. لىكىن مۇشۇنداق
ئۇرۇنلاشتۇرۇشنىڭمۇ سەۋەبى باردۇر بەلكىم. شۇنداقتىمۇ بۇ سەنئەت كېچىلىكىنى
كۇرۇپ شۇنداق خوشال بولدۇم. رەخمەت. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىيارىمدىكى بارلىق قۇۋۇم-قېرىنداشلىرىمنىڭ رۇزا ھېيتىنى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ھېيىت بايرىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۇزۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي بىزلەر ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز خىزمەت قىلۋاتقان بارلىق جەڭچى ساقچىلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ رۇزا ھېيتىنى چىن كۆڭلۇمدىن تەبرىكلەيمەن. رۇزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!