مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6072|ئىنكاس: 54

ئۇيغۇر،ئايىمىڭگە مۇبارەك!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57732
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 12:17:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇگۇن ئاداۋەتكە ئىشكى ئىتىلىپ مىھىر-مۇھەببەت ئىشىكى ئىتىلمەيدىغان كۈن،

بۇگۇن بارلىق كىشىلىرىمىز خۇشاللىقتىن چىرايىدىن تەبەسسۈم كەتمەيدىغان كۈن،

بۈگۈن بارلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ روزا ھېيتى، بۇ كۈن بارلىق كىشىلەرگە خوشاللىق ئاتا قىلدىغان، يىراقتا تەلپۇنگەن مىھرلەرنى جەم بولىدىغان، ئازارلارنى ئۇنتۇلۇپ،تەمەسسۇمغا زىناقلار قوشۇلىدىغان،يېڭى ئارمانلارغا يەڭ تۇرۇلىدىغان،ياخشىلىقلاربىر-بىرنى سۆيۈندۇردىغان،مۇشۇ قەۋىمدىكلەرنى ئۇزۇن يىللىق داۋانلىرى ۋە داۋاملىردىكى خاسىيەت ئايىمى...

بۇئايەمنىڭ خاسيىتى بەك ئۇلۇغ ،بۇگۈن يامانلىشىپ قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلا ر،زىددىيەتلىشىپ قالغان قوشنا-خولۇم،دوست- يارەنلەر بۇرۇنقى ئاداۋەتلەرنى يۇيىدىغان ، بىر-بىرىگە بەخت تىلەپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتىيدىغان ئىناقلىق ئايىمى

ئاكا-ئۇكالار قۇچاقلاشماقتا،ھەدە سىڭىللار مەڭزىلەر يىقشىپ كۆرۈشمەكتە،ئاتىلار ئوغۇللىرىغا چىرايلىق بادام دوپپىلارنى كەيگۈزمەكتە ،ئانىلار پىشانىلارغا سۆيۈپ بەخىت تىلمەكتە  ئۇلۇغ كىشلەرنىڭ دۇئاسى بۇ خاسىيەتلىك ئايەمدە جۇلالانماقتا،  قېرىنداشلار مىھرى پەلەكلەرنى زىل-زىلىگە سالماقتا،ئاداۋەت ۋە زىدىيەتلەر يىشىلگەن،كۆڭۈللەر زىدىلەردىن ئەسەرمۇ يوق ھەممە ئىناقلىق ئىتپاقلىق،  مۇھەببەتلىك تەبەسسۇملىرىغا چىڭ چىرماشماقتا

  ،ھەممىمىزگە ئايەم .بۇ كۈندە ئەل- جامائەت ،يېتم -يېسىر ،كەمبەغەل ،ئاجىز ،تۇل ئاياللاردىن ھال سوراپ،ھېيىتلىقلىرىنى تارقىتىشماقتا،  ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى خاتىرجەم ،مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەت ئايىمى

دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئىنسانى مىھرلەر بىلەن ئەڭ گۈزەل  ساخاۋەتلىك ئايەم  قەدىر قىممەتلەر باراۋەر ياراتقان ئىنسانلارنى يەنە بىر قېتىم ئىنسانى مىھرلەر چىرمىماقتا ،غېرىپ چىرايلارغا ئۈمۈد ئۈچقۇنى قونماقتا،پۇكۇلگەن سىمالارغا تىك ياشاشنىڭ سەۋەپ ئەجىرلىرى سىڭمەكتە، يىتىم-يىسىر ئاجىزلارغا كۈچ –قۇۋۋەت چىدام غەيرەت بەرمەكتە، زارلانغان دىللارغا يىڭچە ھايات بېغىشلىماقتا.

ساپ ئەجىرلەر ھىممەتلەر باغلانسا مىليون قەلىب ئۇندىن مەمنۇنلۇق ئىچىدە ھەقىقىي چېھىرلىنىدۇ،غايىپ نىمەتلەر بۇ خاسىيەت ئايىمىدىن يىراق،جاپالاردا قۇيۇلغان مارجان تەرلەر، ساپ نىيەتلەردە ھاللانغان قوللار، توغرا يوللاردا بېسىلغان قەدەملەر،  ئارمانلىرىمىزدا يالتىرغان چەندان چەشمىلەر، چىن سۆيگۈدىن ياشارغان دىللار، مىھرلەردە تەبەسسۇم ئەيلىگەن چىھىرلەرنى ئايەمدىلا ئەمەس،پۇتۇن ئالەمنى يورۇتقاي...

كەلدى ئايەم كەلدى قۇتلۇق ھېيتىمىز،

كۈلدى جاھان چاقىنغاي ئۇيغۇر ساما

كۆڭۈللەرشاتلىققا ھەمراھ مىھرلەرگە جەم

جىلۋىدارپەلەكلەردە ياڭرىغاي ئۇيغۇر ناۋا،

تەبەسسۇم تولدى چېھىرلەرگە لىق،

چېھىرلەرگە ھەمنەپەس دىللارمۇ ھەم،

زىمىن كۈلكىسدە ياشارغاي ئىنسان،

ئىناقلىق قىلغاي قەلىبلەرنى جەم،

ئايەمدىكى ھەر بىر چىھىردە بىردىن مىھر بار ئىدى،

ھېيىتلىق پەتەلەردە ئىناقلىق-ئىتپاقلىق نۇرلىنىپ تۇراتتى،

ئەسسالامدا باشلانغان قەدەملەردە بىر بەرىكەت بار ئىدى،

داستىخاندىكى ھەربىر نىممئەتتە رىسىقلار ھالالىقنى چىللاپ تۇراتتى.

سەبىيلەر سۈپسۈزۈك يۈزلىرىدىكى تەبەسسۇمدا بىر ئارمان بار ئىدى،

قاپقارا-قاشلاردائايەم ياراتقانتۇق ئەپسۇس،

ئەمدى قاپاق تارتىشىپ يۈرگىنىمىز ئىسىت،

ئۇيغۇر ئۇيۇشۇشتىن كەم دەيدۇ كىم؟

ئىناقلىق ئىتپاقلىقتا ياڭرىسۇن كۇندە ھېيىت،

ئەتىگەن سەھەردىلا ئەرلەرئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھېيىتلىق كۇنلىرىمىز كىيىپ،جامەلەرگە يۇگرەيمىز يىلىدا بىر قېتىم كىلدىغان ئۇلۇغ روزا ھېيىت نامزى ئوقۇلىدۇ...

نامازدىن كىيىن پۇتكۇل جامائەت بىر-بىر بىلەن كۆرشۈپ بىر-بىرگە ھېيىتلىق سالام يوللايدۇ ۋە ئۇيغۇر ساماسىنى پەلەككە ياڭرىتىدۇ.......

ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسا ئۆيدە ئەر خەقلەرنىڭ كىلشىنى ساقلىغاچ ئۆيدە مىللىيچە چىرايلىق پەردازلىندۇ...

ھەمىمىزگە مەلۈم بۇقۇتلۇق كۈنلەردە ئەنئەنىمىز بويىچەپۈتۈن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانا،بالا-چاقا،كىلىن-كىتەك، نەۋرە چەۋرە،ئۇرۇق-تۇققان جەم بولۇپ،خۇلۇم-خوشنىلار، ئەل-ئاغىينە، دوسلارئۆز-ئارا پەتە قىلىشىپ، يوقلۇشۇپ بىر-بىرىگە بەخىت، خاتىرجەمىلىك،خوشاللىق تىلەيدۇئازارلىشىپ قالغانلار بىر –بىرىنى كەچۈرۈپ بارلىق ئاداۋەتلەر يوقايدۇ. قازا قىلىپ كەتكەنكەرنىڭ تۇپۇراق بېشىغا چىقىدۇ،

يىتىم-يىسىر، تۇل خوتۇن-ئاجىزلارنى،پەرزەنتلەرئاتا-ئانىسىنى يوقلايدۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئىجىل، ئىناق ئېسىل ئادىتى يەنىمۇ نامايەن قىلىنىدۇ...

بۇ كۇندە ھەممە چىرايلاردا كۇلكە تەبەسسۈم جىلۋېلىندۇ

بولۇپمۇ ئەڭ خۇشال بولدىغان كىشلىرىمىز باللىرىمىز بولۇپ چىرايلىق يېڭى كىيىملىرنى كىيشىپ مەھەلىمۇ -مەھەلە ببېرىپ ھېيىتلىشدۇ چوڭلار ئۇلارغا ھېيىتلىق بېرشىدۇ....

،ئايەم ئوماق كۆزلەرگە ئايەم،

ئايەم سەبىيلەر دىللارغا ئايەم،

بۇ كۇندە ھەممە كىشلىرىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ قوچقار سوقۇشتۇرۇش،خوراز سوقۇشتۇرۇش ،مىللىيچە چىشىش ،ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، ئوغلاق تارتىشىش،بەيگە قاتارلىق ھەرخىل ئەنئەنۋىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرلىدۇ...

قوچقارسوقۇشتۇرۇش

خوراز سوقۇشتۇرۇش

ئوغلاق تارتىشىش

ئات چاپتۇرۇش (ئات بەيگىسى)

مىللىيچە چېلشىش

بۇ كۇندە ئەنئەنۋىي پائالىيەتلەردىن باشقا يەنە ھەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرلىدۇ ...

قوشاق ئېيتىشىش

بۇگۇن ئايەم بۇگۈن ھېيىت دوسىتلار،

بارچە دىللار كۈلسۈن ئايەمدە ،

مھرى -شەپقەت دوسىتلۇق نۇر چاچسۈن،

ساخاۋەتلىك گۈزەل ئالەمدە،

ئايەم ئايەم...

خوش ياڭرىسۈن جىمى بالىلار،

ئايەم ئايەم...

خۇشال كۇلسۇن ئاتا-ئانىلار،

خۇشاللققا تولغان ئايەم بۇ ،

كۈي ناۋاسى يەتتى پەلەككە،

سىر تۈگۇنلەر يېشىلسۇن بۇندا،

داغ تەگمىسۈن ئوتلۇق يۈرەككە،

پەتە قىلىپ بارايلى يوقلاپ،

تەلمۈرمىسۇن ئاتا -ئانىلار.

ئۈشبۇ ئايەم قۇتلۇق كۇنلەردە،

مىھرىمىزدىن سۆيۈنسۈن دىللار،

يازما ئاپتورى :ئۆزۈم
رەسىملەر :تور دۇنياسىدىن ئېلىندى

[mp3=1]http://music3.ifenbei.com/upload/media/3770/1314G9126-2P1.wma[/mp3]


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
baywatcha + 100 كۆپ ئەجىر قىپسىز !
toxkanjan + 100 ئېسىل رەسىملەركەن.
Eltekin + 99 ياخشى سۆزلەرنى يېزىپسىز
musilina + 300
شاتئاي + 200 ئـادىشــۋوي ،ئايەم مۇبارەك بولسۇن!
kugul + 100 ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
Qindost + 100 ئايىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن!
Azizim + 100 ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
suzuk-naz + 100 ئايەم مۇبارەك قىرىندىشىم!
hokumran + 300 ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1499   باھا خاتىرىسى

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3497
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10853 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 12:47:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام،ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن...ئايەمنى تەبرىكلەپ ھوزورىمىزغا سۇنغان تېمىڭىزدىن بەك مەمنۇن بولدۇم.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن
ئۇدۇن ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 12:59:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17857
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9676 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 01:05:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە شۇ ئەزىز ئانا يۇرتۇمدىن،يۇرتۇمدا ئاڭلىندىغان ناغرا-سۇناي ئاۋازى،قايناق كۈلكىلەر ،مول ھېيتلىق داستىخان،مېھىرىبان ئاتا-ئانام،ئۇرۇق تۇققانلىرىمدىن،قىسىقىسى ھېيىت خۇشاللىقىدىن شۇنچىلىك يىراقتا بولساممۇ ،لېكىن مۇشۇ خاسىيەتلىك مىنتۇتلاردا بارلىق ئۇيغۇر قېرنىداشلىرىمغا ھېيتلىق سالىمىمنى يوللاي،ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك،تېنىڭلار سالامەت بولسۇن،
ھېيتىڭلارغا مۇبارەك ئەزىزلەر!!

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

قۇياشقا شەيدا سەييارە.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32274
يازما سانى: 806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8359
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 6213 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 01:22:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى ، بولسىمۇ كۆرمەي قالدىممۇ يە ،،،،بۇ ئايەملىك سوۋغىتىڭىزدىن بەھىرمەن بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن . كۆپ تەشەككۈر ، سىزنىڭمۇ ھەم مۇبارەك ئايەم كۈنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن .

سەن دەسسىگەن يەرنى تۇپراق دەپلا ئۆتمە ، بىل بۇنى ، ئويلىغىن ئاستىڭدا مىڭلاپ كېپەنسىز ياتقاننى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10036
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2014-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 01:32:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ....دوستلار !!! ھەممىڭلارنىڭ رۇزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.......

'Güzel gören, güzel

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21504
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9317
تۆھپە نۇمۇرى: 686
توردا: 4794 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 01:41:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىزنى ياخشىلاردىن قىلغاي !
رامىزان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن قېرىنداشلىرىم !

مەندىن كۆپ يىراقتا سەن

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22919
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6868 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 02:03:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن  قىرىنداشلار !!!

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 02:06:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8926
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 957 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 02:08:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈرلەر بولغاي !

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش