قىز بىلەن يىگىت بىر ساخاۋەت يىغىلىشىدا ئۇچرۇشۇپ قالدى ،قىز ئۇقۇغۇچى بولۇپ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىينچىلىق ئىچىدە ئۈتەتتى .ئەر 39ياشقا كىرگەن بولۇپ ،نىكاھتىن ئاجراشقان بويتاك كارخانىچى ئىدى .خۇددى ھىكايىدىكىدەك ئۇلار بىر كۈرۈشۈپلا چىقىشىپ كەتتى .
ئەرئۇنىڭ خاتىرجەم ئۇقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى . ئەر باشتىن - ئاخىرى قىزنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرماي ،مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ ،بىراق قىز ئۇنى قوغلىشىش قارارىغا كەلگەن ئىدى .
قىز ئەرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلدى .ئەر ئۇنى رەت قىلدى .بىز بىر- بىرىمىزگە لايىق كەلمەيمىز ،مەن پۈتۈن قىزغىنلىقىمنى كەسپىمگە بېغىشلىشىم كېرەك دىدى.<<ماڭا سىزنىڭ ھىچنىمىڭىز كېرەك ئەمەس ،سىزگە ھەمرا بولساملا بولدى >>بىراق ئەر ئۇنى يەنىلا رەت قىلدى .سىز بولسىڭىز نىشانىمنى تاپالماي قالىمەن .قىز ئۇنى كۈتتى .ئاخىرى بىركۈنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنى سېغىنغانلىقىنى ئېيىتقاندا ،ئەر ئۇنىڭغا ئايالى بىلەن يارىشىۋالغانلىقىنى ئېيىتتى .قىز ئۈزۈل كېسېل ئۈمۈدىنى ئۈزدى ،ئۇنى قايتا ئاۋارە قىلمىدى .قىز ئۇنى ھەقىقى سۆيگشكە ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدى .
قىزمۇ يانا بىرسىنى تېپىپ نىكا تۇرمىشىنى باشلىدى ،ھەش -پەش دىگۈچە يەنە نەچچە يىل ئۈتۈپ كەتتى ،ئۇ ئېرى بىلەن مېجەزى كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتتى .ئۇ مۇھەببەتتىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ،ھېلىقى ئۈزى ياخشى كۆرگەن ئەردەك بويتاك ئۆتمەكچى بولدى .بۇمۇ ياخشى بولغىنى ئۇ ھىچ بولمىغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەرنىڭ بويتاقلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كۈچۈرۈپ باقتى .
ئۇ نىكاھتىن پۈتۈنلەي ئىشەنچىسىنى يوقاتقاندا ،ئەر پەيدا بولۇپ .ئۇنىڭغا دەيدىغان جىددى گېپى بارلىقىنى ئېيىتتى <<نىمە ئىش>> دەپ سورىدى قىز . مەن سىزگە توي قىلىش تەكلىۋې قويىمەن .مەن سىزنى بۇرۇندىن ياخشى كۆرىتىم ! ئۇزۇن ئۆتمەي ئەر ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ ، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈكنى چىقاردى .قىز بۇ يىللاردىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئويلاپ ،كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۈكۈلدى .
ئۇ مۇنداق دىدى :سىز مىنى شۇنداق سۆيگەن ئادەم ئۆز ۋاقتىدا نىمىشقا مېنى رەت قىلىسىز ؟مېنى نىمىشقا مۇشۇنداق جاپا تارتقۇزىسىز؟ ئەر كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى ؛مەن ئاللىقاچان ئۆي ئوچاقلىق بولغان سىز تېخى ياش تۇرمۇشىڭىز بېكىتىلمىگەن .بەلكىم مېنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىرسىگە ئۇچرىشىڭىز مۈمكۈن .ئەگەر بۇنداق كىشىگە ئۇچراپ قالسىڭىز ، بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز ،مەن پەقەت سىزگە بەخىت تىلەيمەن ،ئەگەر بۇنداق كىشىگە ئۇچرىماي قالسىڭىز ، ئۇ چاغدا مەن يەنىلا سىز بىلەن بوران چاپقۇننى بىرگە باشتىن كەچۈرۈپ سىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتىمەن . خۇددى ھازىر قىلغىنىمغا ئوخشاش .
قىزنىڭ خوشاللىقىدا ياشلىرى تۈكۈلدى . ئۇ ئاخىرى ئۆزى ئۈچۈن مۇھەببىتىنى ساقلاپ قالغان ئادەم ،مۇھەببەتنى ساقلاپ قالغىنى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت يەنە مۇھەببېتىنى يەنە ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى . .
مەنبە :
http://www.husnigul.com/news//2011/0830/398.html