مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3811|ئىنكاس: 14

دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51786
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3914
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2011-8-15
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 01:57:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ

دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دوكتورنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتور ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ. 2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتور سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ (ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ (ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ.

    2002-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ، ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان.
بۇ جەرياندا دوكتورنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى 10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتور يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتور يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتورلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

دوكتورنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن باشقا، دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.


تۆۋەندىكىسى دوكتۇرنىڭ شەخسى تور بېكىتى
http://sajiye.net/index.php

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
muxawi + 20 ياخشى................

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10819
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 5688 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 02:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىجزى بەك ياخشى ئاكاش، ماشائاللاھ
ئاللاھ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن.

مەن ئاۋۋال مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنياغا كەلدىم،ئاندىن ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر بولدۇم.شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى،مەن ئۈچۈن بىرىنجىسى ئاللاھ،ئاندىن قالسا مىللىتىم ئەۋزەلدۇر.
ئۆزۈڭنى ئۇيغۇر دېيىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئوبدان ئۆگەن!

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 02:40:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ   ئالىملىرىمىزنى سالامەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49348
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 1525 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 02:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
ھەي مەنمۇ قاچان دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالامەن

يۈركۈم گىپىمنى ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53827
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4052
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2011-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 02:42:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 03:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.

مەن سېنىڭ مېنى ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27502
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11345
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 6399 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 05:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تور بېتىنى كۆرگەن، ئاللاھ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن!

مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلىكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-30 10:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن !

http://blog.sina.com.cn/esma88

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 5652 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 01:06:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللە ئارىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئالىملارنى چىقىشقا نىسىپ ئەيلىگەي،ئامىين!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48764
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3693
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2011-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 09:42:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە كىلۇن ئالىمى شۇھرەت مۇتەللىبۇۋنىڭ تەتقىقاتلىرى توغرىلىق تەپسىلى ماتىرىيال لازىم ئىدى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش