ئىھتىمال تۇلۇق ئوتتۇرىدا بولسا كېرەك! مىنىڭ بەزەن قىز ئۇغۇل ساۋاقداشلىرىم ناۋال ئازغىبى دىسە سىنىپنى بېشىغا كىيىشىپ چۇرقىرىشىپ كىتەتتى. ماڭىمۇ شۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەسىرى يۇقتىمىكىن، بارا بارا ناۋالىنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان. نىمىشقىكىن ناۋالنىڭ بىر يەرلىرىنى بىزنىڭ ناخشىچى ھەم ئۇسۇلچىمىز دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشۇتۇپ قالاتتىم. بىر قېتىم جۇيلىسىمۇ ناۋال دەپ جۇيلىيدىغان بىر ئۇغۇل ساۋاقدىشىمغا ناۋال ئەجەپ دىلنارغا ئوخشايدىكەن دىسەم ناۋال دىلناردىنمۇ چىرايلىق! دىگىنى ئىسىمدە
لىكىن بۇ ئايال ناخشىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتىدۇ. لىكىن يېقىنقى يىللاردا ئىيتقان ناخشىسىدىكى كىيىنىشىنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم. بۇرۇن ناخشا ئېيتقاندا كىيگەن كىيمى شۇنچىلىك ئىسىل سۈپەت ئىدى. ھازىر ئۇنىڭدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ.