قەدىمكى ئېدىقۇت شەھىرى
قەدىمكى ئېدىقۇت شەھىرى ھازىرقى تۇرپان شەھىرىدىن 50كېلومېتىرچە شەرا تەرەپتە-قارا غوجا بىلەن ئاستانە ئارلىقىغا جايلاشقان بۇلۇپ،بۇنىڭدىن 2000يىللار ئىلگىرى قۇرۇلغان.
قەدىمكى ئېدىقۇت شەھىرى ھەربىي سـتتىراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى بىلەن،تارىخىي باسقۇچلاردا ،بەزىدە ئۇ مىللەتنىڭ،بەزىدە بۇ خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرغان،بۇ رايۇندا بەزى خەلقلەر قىسقا مەزگىللىك ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولسا،بەزى خەلقلەر ئۇزۇن مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى.نىھايەت،ئالدى قۇس دەۋرىدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ،ئېدىقۇت شەھىرى،يارغۇل،ئۈرۈمچى،بېشبالىق قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى (يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئېنتىك تەركىبلەر)ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىزچىل ياشاپ كەلگەن ئىدى.
قەدىمكى ئېدىقۇت شەھىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،ھەربىي سىتراتتىگىيە جەھەتتىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ،يىپەك يولى سودا تۈگىنىگە جايلاشقانلىقى،شۇنىڭدەك،تارىختا مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغانلىق سەۋەبىلىك،غەربىي دىياردا ياشىغان خەلقلەرنىڭ ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائي ،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان تارىخىي شەھەرلەرنىڭ بىرى.كاشكى،بۇ شەھەر مىلادى 1275-يىلى چاغاتاي خانلىقىدىكى دوۋا بىلەن قايدۇ ئىسىملىك ئىككى قوماندان باشلاپ كەلگەن 120مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئېدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېرىم يىلغا سۇزۇلغان قاتتىق جەڭدىن كېيىن ۋەيران بۇلۇشقا يۈزلەنگەن.شۇ مەزگىلدە ئېدىقۇتقا خان بولۇۋاتقان قوچقار تېكىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى قۇمۇلغا يۆتكىگەن،ئەنە شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن،بۇ مەشھۇر ئېدىقۇت شەھىرىنىڭ خارابلىشىشى باشلانغانىدى.
قەدىمكى ئۇيغۇر ئېدىقۇت شەھىرى 1961-يىل3-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرىنچى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ھازىرچە خارابە ئىزىدىن ئېدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ تاشقى شەھەر،ئىچكى شەھەر ۋە ئوردا شەھەرلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بۇ شەھەرنىڭ دائىرىسى تەخمىنەن بەش كېلومېتىر بۇلۇپ،ئۇمۇمىي يەركۆلىمى تەخمىنەن 2مىليۇن كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.خارابە ئىزلىرىدىن قارىغاندا،غەرىب،جەنۇب تەرەپلەردىكى سېپىللار بىر قەدەر ئوبدان ساقلىنىپ قالغان.غەرىب تەرەپتىكى سېپىلدا ئىككى قۇۋۇق،شەرق تەرەپتىكى سېپىلدا بىر قۇۋۇق ئىزى قېپقالغان،شىمال،جەنۇب تەرەپلەردىكى سېپىللاردىمۇ ئككىدىن قۇۋۇق ئىزى مەلۇم بولىدۇ.
تاشقى شەھەر ئاساسەن چاسا شەكىلدە بۇلۇپ،سېپىللىرى سېغىز توپىدىن خاڭداپ سوقۇلغان.سېپىل سىرتىغا خەندەك سوقۇلغان.شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇب ۋە شەرقىي جەنۇب تەرەپلىرىدە كۆلىمى چوڭ بولغان ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىزى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.غەربىي جەنۇبتا كۆلىمى تەخمىنەن 10مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئىبادەتخانا قالدۇقى بار.بۇ ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇپ ۋە شەرق تەرەپلىرىدە ئىككى رەستە ئىزى بار.جەنۇب ۋە شىمالدىكى بىر-بىرىگە قارىتىپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر مەيدان،جەنۇپ تەرەپتىكى ئۆيلەرنىڭ كەينىدە بىر مەيدان بار.قىسقىسى،تاشقى شەھەرگە چوڭ-چوڭ مانى ۋە بۇددا ئىبادەتخانىلىرى،كۆپلىگەن ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيلىرى،ھۈنەر-كەسىپ كارخانا،دۇكانلىرى ھەمدە سودا-سېتىق رەستىلىرى جايلاشقانلىقى مەلۇم.
ئىچكى شەھەر -تاشقى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا،ئوردا شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان.بۇ شەھەرنىڭ غەرىب،جەنۇب تەرەپلىرىنىڭ بىر قىسمى ۋەيران بولغان بولسىمۇ،خېلى كۆپ قىسمى ساقلىنىپ قالغان.ئىچكى شەھەرنىڭ سېپىلى نىسبەتەن پاكارراق بۇلۇپ،7-8مېتىر ئەتراپىدا،لېكىن،قۇۋۇق ئىزىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكنى پەرەز قىلماق تەس.ئىچكى شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدە 15مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر قۇرۇلۇش ساقلىنىپ قالغان.شەھەر ئىچىدە ئۆيلەر ئىبادەتخانىلار،يول-رەستىلەر ناھايىتى زىچ،ئەمما،رەتلىك،تەرتىپلىك كۆرۈنىدۇ.
ئوردا شەھىرى شىمالغىراق جايلاشقان،ئوردا شەھىرىنىڭ شىمالىي سېپىلى تاشقى سېپىلى بىلەن بىر،جەنۇب سېپىلى ئىچكى شەھەرنىڭ شىمالىي سېپىلى بىلەن بىر قىلىپ ياسالغان.ئوردا سېپىلى قاتتىق ۋەيران قىلىنغانلىقتىن،ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى تەسۋىرلەشكە مۇمكىنچىلىك بولمىدى.شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي،بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسى ھازىر ئېلىمىز ۋە چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ مۇھىم بىر ساياھەت ئورنى بوپ قالدى.
مەنبە:ئىسمايىل تۆمۈرنىڭ ‹‹ئېدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ››دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
ئەكەرتىش:رەسىمنى يوللىيالمىدىم،ئەپۇ قىلغايسىلەر،مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىت يار بەرسە،رەسىمىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەھرىردىن : ئىملاغا قەتئى ئەستايىدىل مۇئامىلەقىلىڭ !!