مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5797|ئىنكاس: 40

بىر توپ يومۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 05:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقىقى جىگەرلىك ئەسكەر


ئۈچ گېنرال ئۆز قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنى مېنىڭ ئەسكىرىمنىڭ جىگىرى بار، يۈرەكلىك دەپ ماختاپ قاپتۇ.
گېنرال 1 :
_ئەسكەر، تېزدىن مومىغا چىقىپ بايراقنى ئېلىپ چۈش ! -،ئەسكەر بىر دەمدە ئىنچىكە مومىغا چىقىپ ئېلىپ چۈشۈپتۇ.
گېنرال 2:
_ ئەسكەر ،  تېزدىن بايراقنى مومىغا ئەپ چىقىپ ئېسىپ قوي!-، ئەسكەر بىردەمدە ئىنچىكە مومىغا چىقىپ ئېسىپ قويۇپ چۈشۈپتۇ.
گېنرال 3:
_ ئەسكەر، مومىغا چىقىپ بىر پەدە ئۇسۇل ئوينا !
ئەسكەر:
_ گېنرال ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزما ؟!
گېنرال 3:
_ ھە ، مانا بۇنى ھەقىقى جىگەرلىك دەيمىز.

قورقۇش



قىزغىن ئوپراتسىيە ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپتۇ. دوختۇرخانا باشلىقى سەھرا ئوغلى بۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا قاچقانلىقىنى سوراپتۇ. قىزغىن:
_ سېستىرا ‹ قورقماڭ، سوقۇر ئۈچەي ئوپراتسىيىسى ئاددىيلا ئوپراتىسيە› _ دېدى.  دوختۇرخانا باشلىقى سەھرا ئوغلى :
_ ئەجىبا بۇ خاتامۇ ؟  قىزغىن:
_ لېكىن ، سېستىرا بۇ گەپنى ئوپراتسىيە قىلماقچى بولغان دوختۇرغا دېدى.


ھەيران قېلىش



چارتېكىن بىلەن قاشتېشى دېڭىز ئارمىيىسىگە كىرىشكە تىزىملاتقىلى كەپتۇ :
_ سىلەر سۇ ئۈزۈشنى بىلەمسىلەر ؟ دەپ سوراپتۇ. چارتېكىن ھەيران قالغان ھالدا:
_ ئەجىبا كېمە يېتىشمەمدۇ ؟


قورقمىساڭمۇ بولىدۇ



مىسرانىم ماشىنا ھەيدەشنى يېڭى ئۆگىنىپ ، پىراۋا ئېلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ كوچىغا چىقىپتۇ. كېتىۋېتىپ يولدا بىرسىنىڭ (ئەسلى توك رىمونتچى ) سىتولبىغا چىقىۋالغىنىنى كۆرۈپ، تە بولغان ھالدا ئاچچىقى بىلەن :
_ ماشىنىنى ھەر قانچە ياخشى ھەيدىيەلمىسەممۇ ، مەندىن قېچىپ ئۇنچە ئېگىز چىقىۋالمىساڭمۇ بولىدۇ. دەپ ۋاقىراپتۇ.


پو ئېتىش



ھوكۈمران مەھەللە ئارىلاپ:
_ قېنى كىم ماڭا تەڭ كېلەلەيدۇ؟ چىقىشە قېنى. چىقىشمامسەن ! _ دەپ كېتىۋاتسا بىر يوغان بەستلىك ئادەم چىقىپ:
_ نېمە گەپ، مەن تەڭ كېلىمەن _ دېسە. ھۆكۈمران دەرھاللا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرىۋېلىپ:
_ قېنى چىقىشە، كىم ما ئىككىمىزگە تەڭ كېلەلەيدىكىن قېنى ! -دېگۈدەك.


يالغانچى يىگىت



مۇسلىنە بىلەن شاتئاي پاراڭلىشىپ قاپتۇ. شاتئاي:
_ مۇسلىنە مۇما، مېنىڭ يىگىتىم تۆنۈگۈن ماڭا‹سىز پەرىشتىدەك گۈزەل، شۇنچىلىك ئۇز، ئەقىللىق، ئائىلە تۇتۇشقا ماھىر، سىز بىلەن ھازىرلا توي قىلسام دەيمەن› دېدى،- دەپتۇ. مۇسلىنە:
_ ھەرگىز ئۇنىڭغا تەگمە!
_ نېمىشىقا ؟
_ ھەي، ئاشۇنداق يالغان سۆزلەيدىغان ئادەمگە تېگەمسەن.


سوئال سوراش



ماتېماتىكا ئىسىملىك ماتېماتىكا مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋېتىپ ئوقۇغۇچىلاردىن :  
_ كىم ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك مەسلىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقىدۇ؟
زامانى:
_ مۇئەللىم، دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقىت قاچان توشىدۇ ؟!


لۇغىتىمدە يوق



تۇز  مۇئەللىم ئۇقۇغۇچىلارغا كايىپ قاپتۇ:
_ بىلىشەمسەن، چوقۇم نەتىجە قازىنىش كېرەك. مېنىڭ لۇغىتىمدە ‹مەغلۇپ بولۇش› دېگەن سۆز يوق.
تاڭنۇر:
_ مۇئەللىم مېنىڭ لۇغىتىمنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ. سۆزلۈك تولۇق.


ئۈنۈملۈك دورا



زەپەر مۇنبەرداش بولغاندىكىن ئەرزان داۋالاپ قويىدۇ دەپ كۆكيال دوختۇرغا كۆرۈنۈپتۇ:
_ دوختۇر، مېنىڭ كېچىدە جۆيلۈيدىغان كېسىلىمنى داۋالايدىغان ئامال بارمىدۇ؟
كۆكيال:
_ بار. بۇ قۇتىدىكى دورىنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كارۋات ئۈستىگە چېچىپ، ئاندىن يېتىپ ئۇخلاڭ.
_ بۇنىڭ ئىچىدىكى قانداق دورا ؟
_ باسما مىخ .



ساغلام بولسا بولدى



چاپلىن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى كۆتۈرۈپ، مەغرۇر ھالدا كوچىغا چىقىپ ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، كۈلقىز ئۇچراپ قاپتۇ. چاپلىن:
_ قارىڭە ، بالام ماڭىلا ئوخشىدى. كۈلقىز:
_ بوپتۇ، سەت بولسا ھىچقىسى يوق. ساغلام بولسا بولدى.



شەرت



كۆڭۈل يىگىتى ئەلەفسىيگە:
_ مېنىڭ توي قىلىدىغان يىگىتىم باتۇر، ئەقىللىق بولىشى كېرەك. ئەلەفسىي:
_ ئەجىبا ئۆتكەندە كۆلدە سىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە سىزنى مەن قۇتقۇزدۇمغۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟
_ راست سىزغۇ باتۇر، بىراق ئەقىللىق بولىشى كېرەك.
_ شۇ قېتىمقى پاراخوتنى كىمنىڭ نېمىشقا ئۆرۈۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟



ئالما يۇيۇش



ئارقۇ بىر چۈمۈچ سۇنى ئىچىۋېتىپتۇ. دادىسى:
_ بۇ سوغۇقتا نېمە سۇ ئىچىپ يۈرىسەن؟
_ بايا بىر ئالما يېگەن ئىدىم.
_ ئالما يېسەڭ سۇ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟
_ بايا ئالمىنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇڭا سۇ ئىچىپ يۇيىۋاتىمەن.


تونۇپ قېلىش



دوختۇر ئەزىزىم ئوپراتسىيەگە تەييارلىق قىلىپ ئەمدى شېرخاننى ئوپراتسىيە قىلاي دەپ تۇرسا، شېرخان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ سىرتقا قېچىپتۇ. باشقىلار ھەيران قېلىپ:
_ نېمىگە قاچىسىز؟
_ بۇ دوختۇرنى ئالماشتۇرىۋېتىڭلار، ئۇنىڭ ساختا دىپلومىنى مەن ياساپ بەرگەن .



سائەت توغرىلاش



كۆزۈم:
_ سىز ماڭا، مېنىڭ بەدىنىم شۇنچىلىك ساغلام، تومۇر سوقۇشۇممۇ شۇنداق رېتىملىق داۋاتاتتىڭىز،لېكىن تۆنۈگۈن دوختۇرنىڭ تومۇرىڭىزنى تۇتىۋاتقىنى كۆرۈپ قالدىم.  توختامۇش:
_ قەدىرلىكىم، دوختۇر تومۇرۇمنىڭ سوقۇش رېتىمىغا قاراپ سائىتىنى توغرىلاۋاتقانتى.



شېرىن چۈش



مەن بەش مىلىيونلۇق مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىنى لاتارىيە خىزمەتچىلىرىگە سۇنغىنىمدا ھەممىسى ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراشتى.
مەن ئىككىنچى بەش مىلىيونلۇق لاتارىيە بېلىتىنى بەرگىنىمدە ھەممىسى ھاڭ-تاڭ قالدى.
مەن ئۈچىنچى بەش مىلىيونلۇق لاتارىيە بېلىتىنى بەرگىنىمدە تىنىقلار توختاپ قالدى.
مەن تۆتىنچى بەش مىلىيونلۇق لاتارىيە بېلىتىنى ئەمدى بېرەي دەپ تۇرسام، ئايالىم:
_ ھەي ئويغىنىڭە، ئۇخلىغاندىمۇ جىم تۇرمىغان، قارىڭە كىتاپنىڭ ۋارىقىنى بىردىن بىردىن يىرتىپ بوپسىز، تېخى كۈلۈپ ئۇخلىغىنىنى.



ۋاقىراش



كارۋان ماشىنىنى ھەيدەپ، قاتناش ساقچىسىغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ، قاتناش ساقچىسى:
_ ھەي نېمانداق كالۋا نېمىسەن ھە، سىزىق نەدە تۇرىدۇ سەن نەدە ھەيدەۋاتىسەن ھە، ھۇ  كالۋا، قانداق ئۆگەنگەن ماشىنا ھەيدەشنى ھە... دەپ قاتتىق ۋاقىراپ سۆزلەپلا كېتىپتۇ. كارۋان بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرسا ئايالى خۇشال پەرىشتە :
_ ھوي، نېمە ۋاقىرايسىز، قانداق ساقچىسىز، ۋىيەي بۇنى كۆرۈڭ، ما ئېرىمگە باغۇ، مەندىن باشقا ئادەم بۇنداق ۋاقىراپ باقمىغان،_ دەپ ۋاقىراپتۇ.



خاتا چۈشىنىش



ئايروپىلان ماتورى ھاۋا بوشلىقىدا تويۇقسىز توختاپ قاپتۇ. ھەممە ئادەم جىددىيلىشىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىۋاتسا، ئايتۇغ قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي ئولتۇرغىدەك. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا :
_ سىز نېمە دېگەن قورقماس، ئېغىر بېسىق ھە. بىز شۇنداق قورقۇپ كېتىۋاتىمىز،- ئايتۇغ ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئەھۋالنى بىلىپ:
_ ۋاي ئاللا، قانداق قىلارمەن، مەن تېخى ماتور ئۆچسە ، ئايروپىلان مېيىنى تېجەيمىز دەپ ئۆچۈردىمىكىن دەپتىمەن.


باھالاش



مەلۇم ئىدارىنىڭ باشلىقىنى باھالاش گۇرۇپىسى كېلىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەت قىلىپتۇ. ئۇلار خىزمەتچى فاتىمەدىن:
_ سىلەرنىڭ باشلىقنىڭ كەمچىلىك ، يېتەرسىلىكى بارمۇ ؟-. فاتىمە مۇئاۋىن باشلىقنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە يوق دەپ جاۋاب بېرىشنىلا ئويلاپتۇ- دە دەرھاللا:
_ يوق.
_ ئارقۇقچىلىقى بارمۇ؟
_ يوق.
_ ھى ھى ھى، بۇنى دەۋەرسىڭىز بولىدۇ. فاتىمە ئەستايىدىل قىياپەتتە:
_ راس يوق، يالغان گەپ قىلمىدىم.



غەلبىلىك ئۇچرىشىش



_ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىڭ غەلبىلىك بولدىمۇ؟  خوراز:
_ يېرىم غەلبىلىك بولدى.
_ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
_ مەن باردىم، لېكىن ئۇ كەلمىدى.



راست سۆزلەش



سوتچى ئۇدۇن ئوغلى گۇۋاھچى كاپىتالىسقا:
_ گۇۋاھلىق بەرگەندە راستچىل بول، قانۇن رەھمسىز، سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەننى دە، ئاڭلىۋالغان سۆزلەرنى دېيىشكە بولمايدۇ. بىلدىڭمۇ؟
_ بىلدىم.
_ ئەمىسە باشلايمىز. گۇۋاھچى، سەن قاچان ، قەيەردە تۇغۇلغان ؟
_ بۇنى دېسەم بولمايدۇ.
_ نېمىشقا؟
_ بۇنى مەن ئاپامدىن ئاڭلىغان.


رەسىمگە چۈشۈش



    كەپسىز قىز مەكتەپكە ماڭغاندا تويۇقسىز ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ كېتىپتۇ. ھەر قېتىم چاقماق چاققاندا ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرىۋلىدىكەن. بۇنى كۆرگەن مەلىكە :
_ ھەي، نېمىشاق ئاسمانغا قاراپ كۈلىسەن ؟
_ ئاسماندا بىرسى مېنى رەسىمگە تارتىۋاتىدۇ، شۇڭا رەسىمگە كۈلۈپ چىقاي دېدىم.



تونۇش



تارىم كوچىدا كېتىۋېتىپ بىر دۇكاننىڭ دېرىزىسىدىن بىر قىزنىڭ ئۆزىگە قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. دە خۇشال بوپ كېتىپ، بۇ قىز يا مەن بىلەن تونۇش ياكى مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.دەپلا يۈگۈرۈپ دۇكان ئىچىگە كىرىپتۇ.
... ... ھى ھى ھى ...
ئەسلى ئۇ قىز دېرىزە سۈرتىۋاتقان ئىكەن.




پەم



كىنوخانىدا كىنو كۆرىۋاتقان پالۋان ھاجەتكە چىقماقچى بولۇپ مېڭىپتۇ. كىنوخانا ئىچى قاراڭغۇ بولغاچقا ئاران چىقىپتۇ. كىرگەن چاغدا ئالدىدىكى رەتنىڭ بىرىنجى ئورنىدا ئولتۇرغان لەرزاندىن:
_ بايا سىزنىڭ پۇتىڭىزغا دەسسەپ سالدىممۇ ؟
_ ھە، ھەئە، لېكىن ھىچقىسى يوق، پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى توختاپ قالدى.
_ ھە ياق، مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى رەتتە ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالاي دېگەن.



ئەركىنلىك ھەيكىلى



تاڭ شامىلى ئوقۇغۇچى سۈزۈكئايدىن:
_ ئامىرىكىدىكى ئەركىنلىك ھەيكىلىنىڭ بىر قولىدا مەشئەل، بىر قولىدا كىتاپ تۇتىۋېلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
سۈزۈكئاي:
_ توك ئۆچۈپ قالسىمۇ شام يېقىپ تىرىشىپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.




مەنبە:  ئوقۇۋالغانلىرىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52141
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3119
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 05:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت   كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن ....

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 05:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە ئادەم بەك كۆپ ... مەنچۇ ؟ مېنى قوشماپسىز دەپ ئاكامنى خىجىل قىلماڭلار ھە!!!
____________

مۇسلىنەخاننىڭ ، دېمەكچى بولغانلى مەن سەتكەنمەن دە خەپ .... مومايمۇ قىرغانسىرى كۆزلىرى تورلىشىپ، گۇزەللەرنى كۆرەلمەيدغان بولۇپ قاپتۇ ... ۋاي قىرىلىق ،ۋاي قىرىلىق

دۇنيادا بىرلا ئا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52249
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4229
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2011-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 05:47:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايام كوچىدىن بىر توپ يۇمۇر ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى، مەن تېخى بۇنچە كۆپ يۇمۇر نەگە ماڭغاندۇ؟ دەپتىكەنمەن. ئەسلىدە بۇ يەرگە كىلىۋېتىپتىكەندە......
بىر بىرىدىن قىزىق يۇمۇرلار ئىكەن بۇ............كۈلۈۋېرىپ كۆزۈمدىن مۇشۇنداق ياش چىقىپ كەتتى......

دۇنيادا بىرلا ئادەم سىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8300
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4646
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 7228 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 05:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوگون كۇڭلۇم يىرم ىدى بۇ يومۇرلارنى ئۇقۇپ كۇڭ لۇم كۇتۇر لۇپ قال دى

ھۆرمەت قىلماقتى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52780
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3302
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2011-8-23
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 06:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(Eltekin) نىڭ تېمىسىغا

ياخشى  يۇمۇرلاركەن    يوللاپ  تۇرۇڭ

ھۆرمەت قىلماقتىن بوي سۇنماق  ئەلا

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 06:08:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھو ھا ھا ھا ھا ھى ھى ھى ھو ھا ھا ھا يامان قىززىقكەن بۇ يۇمۇرلار تاس قالدىم قىززىپ كۈيۈپ كەتكىلى ،

شۇنداقمۇ...؟؟؟!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17352
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3958
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2284 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 06:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەم كۈلسىلا خۇشال بولغان بولامدۇ؟؟؟؟!!!

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 06:33:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر-بىرىدىن شاش ، قىزىق يۇمۇرلاركەن ، لېكىن شۇنچە تەپسىلىي قاراپمۇ ئىسمىمنى تاپالمىدىم ، كىيىنكى يۇمۇرلىرىڭىزغا قېتىپ قۇيارسىز ھە؟

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 07:01:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_ ۋاي ئاللا، قانداق قىلارمەن، مەن تېخى ماتور ئۆچسە ، ئايروپىلان مېيىنى تېجەيمىز دەپ ئۆچۈردىمىكىن دەپتىمەن.
نېمدا قىززىق ماۋۇ.......

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش