مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5467|ئىنكاس: 32

مانا بۇ ھەقىقى ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51249
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 585
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2011-8-11
ئاخىرقى: 2011-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 10:45:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانا بۇ ھەقىقى ئايال

  

1.مىھرىنى ھەممە ئادەمگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بىغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقى مۇھەببەتلىك ئايال؛
2.ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان،ھەم روھى جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى قۇدرەتلىك ئايال؛
3.ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان،ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەخلاقلىق ئايال؛
4.ئۆز گۈزەللىكىنى جاھان ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان،لىكىن ئۇنى ھەرگىزمۇ بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقى نۇمۇسلۇق ئايال؛
5.كۆڭلى بولمىسا،ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ،ئىشقى باغلانسا گاداي نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقى ئىپپەتلىك ئايال؛
6.ھالۋىنى تولا يىگۈزۈپ ئەمەن تىتىتىپ قويمايدىغان،ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شىرىن ھىس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقى خۇلۇقلىق ئايال؛
7.ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان،يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەپ تۇرغۇزالايدىغان ئايال ھەقىقى ۋاپادار ئايال؛
8.راسىتنى ھامان راس دەيدىغان،لىكىن ئۆزگىنىڭ چىن كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە،چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقى سەمىمى ئايال؛
9.ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغلايدىغان،ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان،شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى،يىراقنى كۆزدە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقى سالماقلىق ئايال؛
10.چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ،مۇزلاپ كەتكەن ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان،لىكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چىچىپ ئائىلىنى ئوت دىڭىزىغا ئايلاندۇرۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقى ئەقىللىق ئايال؛
11.ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان،ئۆزىنى خارلىغانلارغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقى غورۇرلۇق ئايال؛
12.ھىجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان،بىشىغا جۇدالىق كەلسە كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ،يەنە يىڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقى ساداقەتمەن ئايال؛
13.پەرزەنت ئۈچۈن زىمىن بولۇپ بارلىق ئىغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان،ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان ئىسەن تۇغۇلۇشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بىرەلەيدىغان ئايال ھەقىقى پىداكار ئايال؛
14.پەرزەنتىنى تۇنجى ھەم ئۆمۈرلۈك ئۇستاز سۈپىتىدە تەربىيلەشنى بىلىدىغان،ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقى كۆيۈمچان ئايال؛
15.پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك 4پەرزنى( يەنى(1)تۇغۇلغاندا ياخشى ئىسىم قويۇش.(2)تۆت ياشقا كىرگەندە ئىسلامدىن ساۋادىنى چىقىرىش .(3)ئۇنىڭغا تۇرمۇش يولى كۆرسىتىپ بىرىش.(4)تويىنى قىلىش.)ۋاقتىدا ئادا قىلالىغان ئايال ھەقىقى نەمۇنىلىك ئايال؛
16.ئۆز ئەمەللىرى بىلەن يولدىشىنى،پەرزەنتلىرىنى يىتەكلىيەلىگەن، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جەننەت دەرۋازىسىدىن كىرىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلىيالىغان ئايال ھەقىقى مۇسۇلمان ئايال؛
17.ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن يولدىشى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئۇزۇتۇپ قويالايدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئاللاغا نالە قىلماي سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلالايدىغان ئايال ھەقىقى مۆئمىن ئايال؛
18.«جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا »دىگەن سۆزنى ھەرقاچان ئىسىدە ساقلاپ،ئاللاھنى سىغىنغان ئايال ھەقىقى ھەرۋاقىت ئاللاغا يىقىن ئايال؛

مەنبە:1 -دىن14 -گىچە باس-باس مۇنازىرە تورىدىن ئىلىندى، 15 - 18 -گىچە ئۆزۈم يازغان.  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
mila1027 + 1 بەك ياخشى
RIFAT + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 101   باھا خاتىرىسى

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4073
تۆھپە نۇمۇرى: 383
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 11:58:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بۇ ھېكمەتلەرنى ئىلگىرى قانچە قېتىملاپ ئۇقۇپ ،خاتىرەمگە ئېلىۋالغان  بولساممۇ بۆگۈن يەنە يېنىش يېنىشلاپ ئۇقۇپ كەتتىم.100پىرسەنتىلىك ھەقىقىلىككە يەتكىلى بولمىسمۇ بىراق تىرشساقلا نىشانغا قەدەممۇ قەدەم يەتكىلى بۇلۇدۇ .رەھمەت سىزگە.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17087
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2161 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان قىز ئاياللىرىمىزغا خۇدىى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەكلا.........
   تەسىر قىلمايدۇدە ،چۈنكى ئۇلار دېگەن ئەركىن، ئۇلار دېگەن جاھىل ،،،

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 1129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16379
تۆھپە نۇمۇرى: 1429
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق راس گەپلەرنى مۇنبەرلەردە كۆپرەك كۆرسەم دەيمەن. ياخشى يېزىپ يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە!

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەششەككۈر،ناھايتى ياخشى ھېكىمەتلەركەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئادەم مەن دىگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3157
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 2809 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:21:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكمەتلەرنى يوللاپسىز، ئاللا رەھمەت قىلسۇن !

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49676
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:28:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلمىدىم جاھاننىڭ خۇۋلىقى نىمە؟، ئەي يۈرەك بىھۇدە ۋەھىمە يىمە، قان زەرداپ يۇتساڭمۇ ۋىجدانلىق ياشا، تەقدىرنىڭ پۈتكۈنى شۇئىكەن دىمە.

ئۆزەڭنى سۆي!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 920 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ...................

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 12:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال كىشى ھەر قانچە تىرىشسىمۇ تەقۋادار بولالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئاجىز يارىتىلغان . ئۇلار كۈچەپ تۇرۇپ سالىھلىق ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدۇ ۋە شۇ خىل ئىمتىيازنى قوغدىشى كېرەك بولىدۇ .
ئاياللار شۇ خىل ئىمتىياز بىلەن ئۆز ئەرلىرىنى تەقۋادار بولۇشقا ھەر ۋاقىت ئۈندىيەلەيدۇ ۋە ئەرلىرىنىڭ تەقۋادار بولىشىغا ئۈزلۈكسىز ياردەمدە بولالايدۇ . مانا بۇ خىل ئاياللار ئاللاھ ئېتىراپ قىلىدىغان ، ئىسلام دىينى توغرا شەرھىيلەۋاتقان ئاياللاردۇر !
سالىھ ئاياللار ئەرلىرى تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلسە ھىچ ۋايسىماستىن يەنىلا ئىلگىركى قۇچىقىنى ئېچىپ يەنىلا ئۆز سۆيگۈسى بىلەن بۇ خىل بايلىقىدىن تۇيۇندۇرۇپ باقاسى يوق دۇنيادىن تولىمۇ ئاغرىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆز ئەرلىرىنىڭ بەل قۇيىۋەتمەسلىكىنى ، تېخىمۇ ئىلگىرلىشىشىنى تىلەيدىغان ئايالدۇر !
سالىھ ئاياللار ، ئەرلىرىنى چۈشىنىدىغان ئايال بولۇپ ، ئەرلىرىنىڭ مىجەز - خارەكتىرلىرىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان ئاياللاردۇر . ئەرلىرى ھەقنى بايان قىلىپ زالىملاردىن دىل ئازارى يىگەندە ، ياكى ھەقنى دەست تۇرۇپ بايان قىلالماي ئىچى ھارداپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى ، ئۇنىڭ روھىنى كۆتىرىشنى ئاساس قىلىپ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان ئايالدۇر !
ئەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن قالسىلا ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى مانا شۇ خىل ئايالدۇر .
ئاللاھ ماڭا مۇشۇ خىل ئايالدىن بىرنى ھەدىيە قىلسا يەنە بىر بايلىقىم ئاينىيتى دە ! يىگىتلىكىمدە ، گەرچە ئۇنىڭ بالىسى بولسىمۇ ...........

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27933
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3279
تۆھپە نۇمۇرى: 234
توردا: 1404 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 01:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەد بەرمىسۇن  ، بۇ پىرنسىپقا ئەمەل قىلدىغانلا زادى قانچىلىك دىگەن سۇئال مېنى تەمتىرتىپ قويدى؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش