تېپىشماقلار
1. كۈز پەسلىدە بىر توپ غاز جەنۇپقا قاراپ ئۇچۇپتۇ ، ئۇچۇپ-ئۇچۇپ بىر سازلىققا كەلگەندە يەردە بىر توكۇر غاز ئۇلارغا سالام بېرىپتۇ :
_ ئەسسالام يۈز غاز _ دەپتۇ يەردىكى توكۇر غاز .
_ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىز يۈز ئەمەس _ دەپتۇ ئاسماندىكى غازلار جاۋابەن _ بىز يۈز بولۇش ئۈچۈن ، بىز ، بىزدەك ، بىزنىڭ يىرىمىمىزدەك ، يىرىمىمىزنىڭ يىرىمىدەك ، ئاندىن سەن قوشۇلساڭ يۈز بولىمىز _ دەپتۇ . ئۇنداقتا ، ئاسماندىكى غاز زادى قانچىدۇ ؟
2 . بىر كىشى بىر - نەچچە توشقان سىتىۋاپتۇ ، بۇ توشقانلارنى بىقىش ئۈچۈن، بىر-نەچچە كاتەكمۇ سىتىۋاپتۇ ، بۇ كىشى بۇ توشقانلارنى ھەر بىر كاتەككە ، 3 تىن سالسا ، بىر توشقان ئىشىپ قاپتۇ ، 4 تىن سالسا ، بىر توشقان كەملەپ قاپتۇ ، توشقان قانچە ؟ كاتەك قانچە ؟
3. توخۇ _ توشقان ئون سەككىز ،
جەمى پۇتى قىرىق سەككىز .
توخۇ قانچە ، توشقانچۇ ؟
بۇنى ھىساپلاپ بىرەلەمسىز ؟
4 . ئون مىتىر رەخىتتىن كۈندە بىر مىتىردىن كىسىپ چىقىرۋەتسە ، قانچە كۈندە كىسىپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ ؟
5. موتوسكىلىتنىڭ ئىككى چاقىنىڭ باسقان مۇساپىسىدە ، ئالدى چاقىنىڭ كۆپمۇ ياكى قەينى چاقىنىڭ كۆپمۇ ؟
مەنبە : 1.2.3. لىرى ئەينى چاغدىكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىر قىتىملىق ئائىلە تاپشۇرقى ،4.5. لىرى ئۆزەمنىڭ ئاڭلىغانلىرىم .