مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3398|ئىنكاس: 14

HSKغا تىزىملاش باشلاندى! (مارالبېشى ناھىيىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21300
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 07:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مارالبېشى ناھىيسىنىڭ 2011 – يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (HSK)غا تىزىملاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش


ھەر قايسى يېزا – بازار (مەيدان) ئوقۇتۇش رايونلىرى ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ، توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر ۋە ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ، بالىلار باغچىلىرى  ۋە جەمئىيەت خادىملىرىغا :
يۇقىرىدىن تارقاتقان ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە ، 2011  - يىلى كېينكى يېرىم يىللىق خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى . تىزىملاش ۋاقتى 8– ئاينىڭ 29 – كۈنىدىن9– ئاينىڭ9 – كۈنىگىچە بولىدۇ ، ئىمتىھانغا تىزىملاش خىزمەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇردۇق .
بىرىنچى : تىزىمغا ئالدۇرۇش ئوبېكتى
خەنزۇتىلى دەرىجە كېنىشكىسى ئېلىشقا ئىھتىياجلىق بولغان ئوقوغۇچىلار ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە جەمئىيەت خادىملىرى تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكى ئەرلەر 50 ياشتىن تۆۋەنلەر(1961 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)، ئاياللار 45 ياشتىن تۆۋەنلەر (1966 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار) چوقۇم تىزىملىتىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشى لازىم .
ئىككىنچى : تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپلىرى
1. تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار چوقۇم ئۈنۈملۈك مۇددەت ئىچىدىكى كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن ئىككى پارچە ئېلىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ . مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچىلار ئوقوغۇچىلىق كېنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن ئىككى پارچە ئېلىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ . ( ۋاقتى ئۆتكەن كىملىك بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ،ۋاقىتلىق كىملىك بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ ۋاقىتلىق كىملىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 11– ئاينىڭ 27– كۈنىدىن بۇرۇن توشۇپ قالماسلىقى كېرەك )
2. تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار چوقۇم ئۆزى كېلىپ ئېلىكترونلۇق رەسىمگە چۈشىدۇ ھەمدە 1 سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمدىن ئۈچ پارچە تەييارلايدۇ . (يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە چۈشكەن ئوخشاش تەگلىكتىكى رەسىم بولىشى كېرەك)
3. ناھىيە ئاتلاپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ ، تەۋەلىگى بىڭتۈەنگە قاراشلىقلار مارالبېشىدا تىزىملانمايدۇ .
2011 – يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولمىغان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك دەرىجە ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ : تولۇق ئوتتۇرا ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئايرىم ھالدا MHK(جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلى سەۋىيە دەرىجە ئىمتىھانى) نىڭ تۆتىنچى دەرىجە B ، ئۈچىنچى دەرىجەA ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە يېتىشى ، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى MHK نىڭ ئۈچىنچى دەرىجە A ، ئۈچىنچى دەرىجەB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە يېتىشى ، باغچا ئوقۇتقۇچىلىرى MHK نىڭ ئۈچىنچى دەرىجە B ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە يېتىشى كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقى (ئۇيغۇرتىلى) دىمۇ ماس دەرىجىگە يېتىشى كېرەك . ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولغان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى ئورتاق تىل(PSC) سەۋىيە ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ :ئىجدىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىككىنچى دەرىجە Aياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ، تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىككىنچى دەرىجە Bياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىىشى كېرەك . MHK(جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇتىلى سەۋىيە دەرىجە ئىمتىھانى) نىڭ ئۈچىنچى دەرىجە B ھازىرقى HSKنىڭ 5-6 دەرىجىسىگە تەڭ بولىدۇ ، MHKنىڭ ئۈچىنچى دەرىجەA ھازىرقىHSK نىڭ 7-8 دەرىجىسىگە تەڭ بولىدۇ ،MHK نىڭ تۆتىنچى دەرىجە B ھازىرقى HSKنىڭ 9- دەرىجىسىگە تەڭ بولىدۇ ، MHK نىڭ تۆتىنچى دەرىجە A ھازىرقى HSKنىڭ10-11 دەرىجىسىگە تەڭ بولىدۇ .
ئۈچىنچى : تىزىملاش ھەققى
چوڭلار 50 يۈەن ، ئوقوغۇچىلار 40 يۈەن . (پۇلنى مالىيە بۆلۈمگە تاپشۇرۇپ جەدىۋەل ئېلىپ تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلىكترونلۇق رەسىمگە چۈشىدۇ)  
ئىمتىھان ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بولىدۇ .(11 - ئاينىڭ 4 - يەكشەنبە كۈنى)
تۆتىنچى : تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى
مائارىپ ئىدارىسى «قوش تىل» ئىشخانىسىدا (مائارىپ ئىدارىسى خىزمەت بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدە)
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى : 6213749







مارالبېشى ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى
2011 –يىلى 8 – ئاينىڭ 25 - كۈنى

ياخشى ئەخلاق-راستچىللىق ۋە پاك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3338
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 1862 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 08:37:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك جاپا چىكىپسىز

چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 09:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆزى ئۇختۇرۇش قىلسا بولىدىغۇ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 1354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23379
تۆھپە نۇمۇرى: 2775
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 09:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن . ئوڭۇشلۇق ئۆتۈڭلار بۇ كۆۋرۈكتىن .....

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار كۆزنىكى http://www.21uqur.com
ساغلاملىق مەسلىھەت باغچىسى -شىنجاڭ تىببىي
دورا تور ى
http://www.xjyiyao.tv/main.asp

ئەدەپ-ئەخلاق،شە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28037
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4911
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 2127 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 02:05:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ دەرىجەم ھازىرچە 7،ھەم مەن مارالبىشىدىن ئەمەس شۇڭائەڭ ياخشىسى باشقىلارغا ئامەت تىلەپ تۇراي بولدى.

ئالمىنى سۇندى نىگارىم<<ئال>>دېدى، ئالما بىرىپ بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى. سورىسام شۇ چاغ ئالمىسىنىڭ رەڭگىنى، نە سورايسەن ئالما رەڭگى<ھال>دېدى.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10310
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 03:21:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قاتىنىشاي ئەمدى،نەچچە يىل بولدىhsk ئىنتاھاننى بەرمەپتىمەن. ئەمدى بۇ ئىنتاھاننى قانداق بىرەرمەن ؟

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ياردەم مەزمۇنى:

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25475
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2593
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 04:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامەت سىلەگە يار بوسۇن

ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40802
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 368
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 896 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 04:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دولان يىگىتى بەك ياخشى تىما يولاپسىز.رەخمەت، مەن دىركىنى ئالالماي يۇرەتىم بۇ ئىتاھامنىڭ.بىراق مەن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ بەرمەكچى ئىدىم،بولماسمۇ؟رەخمەت،ئاخىرغىچە ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟؟؟

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25143
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4266 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 04:54:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارالبېشى ھەقىقەتەن كاتتا يۇرت ، تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

دۇنيادا بىرلا ئا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52249
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1229
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2011-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-27 04:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇيىل بىرىپ ھىچ بولمىغاندا 6 دەرىجە ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.............بىراق قانداقمۇ ئالارمەن بۇ 6 نى..........ئورنۇمغا ئادەم سالايمىكىن...مۇنبەردە ماڭا ئوخشايدىغانلار بارمىدۇ؟ ئورنىمغا بىرىپ بەرسە.....

دۇنيادا بىرلا ئادەم سىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭ!

ئويناپ سۆزلىسەڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46962
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 916
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2011-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 11:32:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(dolanyigiti) نىڭ تېمىسىغا

بۇ قېتىمقىسى MHK مۇ ياكى HSK مۇ؟؟؟؟ مەن قاتناشماقچى ئىدىم.

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ۋىجدان ۋە ئەخلاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21300
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 09:54:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  kahrizat كە 2011-08-26 09:27 PMئەۋەتىلدى  :
شۇ يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆزى ئۇختۇرۇش قىلسا بولىدىغۇ


شۇ يەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تېلىۋىزوردا ئېلان بېرىشكە  قۇربى يەتمىگەن بولسا  كېرك . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە دەپ قويدۇق ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21300
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 09:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  nazira0998 كە 2011-08-27 04:48 PMئەۋەتىلدى  :
دولان يىگىتى بەك ياخشى تىما يولاپسىز.رەخمەت، مەن دىركىنى ئالالماي يۇرەتىم بۇ ئىتاھامنىڭ.بىراق مەن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ بەرمەكچى ئىدىم،بولماسمۇ؟رەخمەت،ئاخىرغىچە ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟؟؟

پىرىنسىپ بويىچە ناھىيە ياكى شەھەر ئاتلاپ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ .  ئاساسەن  نوپۇس تەۋەلىكى بويىچە ، خىزمەت ئورنى بويىچە تىزىملايدىكەن . شۇنداقتىمۇ قەشقەرگە بېرىپ بىر ئۇرۇنۇپ بېقىڭ ، ئامەت تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21300
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 09:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  shaptul كە 2011-08-27 04:58 PMئەۋەتىلدى  :
مەن بۇيىل بىرىپ ھىچ بولمىغاندا 6 دەرىجە ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.............بىراق قانداقمۇ ئالارمەن بۇ 6 نى..........ئورنۇمغا ئادەم سالايمىكىن...مۇنبەردە ماڭا ئوخشايدىغانلار بارمىدۇ؟ ئورنىمغا بىرىپ بەرسە.....  


مېنىڭ سەمىمىي تەكلىپىم ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قاتنىشىڭ ، تاساددىبىي ئورنىڭىزغا ئادەم سېلىپ تۇتىلىپ قالسىڭىز ئىككى يىلغىچە ئىمتىھان بېرىش سالاھىتىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ دېگەن  گەپ . ياخشىسى بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلمىغان بولسىڭىز (ئۆزىڭىزگە ئالامەت دەششەت ئوخشايدىغان ئادەم تاپالىسىڭىز مەيلى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21300
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 10:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئاپتور(dolanyigiti) نىڭ تېمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  ghost110 كە 2011-08-28 11:32 AMئەۋەتىلدى ئاپتور(dolanyigiti) نىڭ تېمىسىغا :
بۇ قېتىمقىسى MHK مۇ ياكى HSK مۇ؟؟؟؟ مەن قاتناشماقچى ئىدىم.

بۇ قېتىمقىسى يەنىلا HSK . كېلەر يىلى  بەلكىم ئىككىسى تەڭ ئېلىنىشى مۇمكىن ،  ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە 2013 - يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي MHK ئېلىنىدىكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش