ئائىلىدە ساڭزا سېلىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى |
كېتەرلىك خۇرۇچلار:
ئاق ئۇن تۆت چىنە
سۇ ماي 5 جىڭ
باش پىياز بىر باش
كاۋاۋىچىن 20 گرام
تۇز مۇۋاپىق مىقداردا
ئېتىش ئۇسۇلى:
ئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ تىمى چىققۇچە قاينىتىپ سۈزەلتىپ سوۋۇتىمىز،بىر چىنە سۇ ماينى چۈچۈتۈپ ئۇنىمۇ سوۋۇتىمىز.
ئاق ئۇنغا تېتىغۇدەك تۇز سېلىپ سوۋۇتۇلغان سۇ ماينى قۇيۇپ (تۆت چىنە ئۇنغا بىر چىنە ماي قۇيۇلسا بولىدۇ) سوۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز، يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ ئالما چوڭللۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلاپ، ھەر بىر ىېمىرنى مايلاپ يەنە 15 - 20 مىنۇت تىندۇرىمىز، ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ تىنغان زۇۋلىنى ئىنچىكە ئىشىپ ئىككى تال چوكىغا ئېلىپ، 7-8 دەرىجە قىززىتىلغان ياغدا ئاۋايلاپ پۇشۇرىمىز. ئالاھىدىلىگى: رەڭگى سېرىق، تەملىك،چۈرۈك. ھېيتلىق داستىخانىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
مەنپەتى: ئۇمۇمى بەدەنگەئۇزۇق بۇلىدۇ.
~~~~~~~~~
تەپسىلىيرەك چۈشۈنەي دېسىڭىز تۆۋەندىكىنى ئوقۇڭ.
خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە
ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ.
قىيىقچىنىڭ خېمىرىغا تۇخۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە ئارلاشتۇرۇلمايدۇ.
مۇۋاپىق ئاق ئۇنغا خېمىر ھالىتىگە كەلگۈدەك تۇخۇم قۇيۇپ چىڭراق خېمىر يۇغۇرىمىز.
قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغىچە خېمىرنى تىندۇرىمىز.
ئاندىن خېمىرنى تەكشى نېپىز يېيىپ، سامبۇسا كەسكۈچ (چىشلىق چاق شەكلىدىكى خېمىر كەسكۈچ) بىلەن يۇمۇلاق ئايلاندۇرۇپ كېسىۋالىمىز، كېسىلگەن خېمىرنىڭ كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ياغ چۈچىگەندىن كېيىن تېمپۇراتۇرسىنى 80 سېلسىيە گرادۇسقا تەڭشەپ كېسىلگەن قىيىقچىنىڭ دېئامېتىرىنى تەخسىگە دەل كەلگۈدەك چوڭلۇقتا يۆگەپ قازاندىكى مايغا سالىمىز. بەك قىزارتىۋەتمەي سۇس سېرىق رەڭگە كىرگەندىلا ئۆرۈپ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ سارغايتىپ سۈزىۋالساق بولىدۇ. خېمىرنىڭ تۇزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پىشقان قىيىقچىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك ئېزىلگەن قەنت سېپىمىز.
قىيىقچىنىڭ تەمى تاتلىق، چۈرۈك، يىيىشلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىك بولىدۇ.
ئەتتىرگۈل قىيىقچا تەييارلاش ئۇسۇلى
خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم 16 دانە، ئاق شىكەر 100 گرام، سۇ ماي 3 كىلو گرام ئەتراپىدا (خورايدىغىنى بىر جىڭ).
ئېتىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنغا ئاز - ئازدىن تۆكۈپ باشقا ھېچقانداق نەرسە ئارلاشتۇرماستىن نۇرمال چىڭلىقتا خېمىر يۇغۇرىمىز، 10 - 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ياڭاق چوڭلۇقىدا ئۇششاق زۇۋۇلا ئۈزۈپ بىردىن - بىردىن تەكشى ھەم نېپىز يايىمىز، چوقۇم يۇمۇلاق چىقسۇن. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەتراپىنى چوڭراق چىشلىق غالتەكسىمان كەسكۈچ بىلەن گۈل چىقىرىپ كېسىۋالساق كۆركەم چىقىشقا پايدىسى بار. قازانغا ماي قۇيۇپ ياخشى داغلاپ تىمپۇراتۇرىسىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن يېيىپ تەييارلىغان خېمىرنى قىززىق مايغا سالساق ۋىژىلداپ چېچەكلەيدۇ(قاتۇرىۋەتمەڭ)، مايدا ئۇزاق تۇرغۇزمايلا يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ ئىككى سېكونتتىن كېيىن سۈزىۋالىمىز - دە دەرھال قاتلاپ ئۈستىگە شېكەر سېپىپ يېرىم ئاي شەكلىدە قاتلايمىز، يەنە شېكەر سېپىپ بىر تەرىپىدىن باشلاپ يۆگىسەك كونۇس شەكلىگە كېلىدۇ. ئاشۇنداق بىر - بىرلەپ پىشۇرۇپ باسۇن تەخسىنىڭ ئەتراپىنى بويلىتىپ تىزىمىز( ئوتتۇرىسىغا بىر چىنە كۆمتۈرمىسەك ياخشى تىزىلمايدۇ)، ئىككىنچى قاتىرىنى سەل ئىچكىرى تىزىمىز، ئۈستىگە چىققانچە ئوتتۇرىغىراق تىزىپ تولدۇرساق خۇددى بىر دەستە سېرىق ئەتتىرگۈل بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
ئەسكەرتىش: قېيىقچا قازاندا قېتىۋالسا ياكى ئالغاندىن كېيىن قۇرۇپ قالسا قاتلاش قىيىن بولىدۇ، شۇڭا مايغا سېلىپ ھۈنجۈ سالغاندىن كېيىنلا دەرھال سۈزىۋالىمىز. پىشماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى جىلىتنى ھەم تەكشى ھەم نېپىز ئېچىۋالىسىز.
ئالاھىدىلىكى: تەمى تاتلىق، چۈرۈك، رەڭگى سۇس سېرىق، شەكلى كۆركەم بولۇپ ھېيتلىق داستۇرخىنىڭىزنىڭ كۆركى بولالايدۇ.
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى