مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3966|ئىنكاس: 16

11ياشلىق قىزچاق ئوغرىلىق قىلىپ قويۇپ بىناد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 05:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

11ياشلىق قىزچاق ئوغرىلىق قىلىپ قويۇپ بېنادىن سەكرىۋالدى



‹‹دۇڭنەن تېز خەۋىرى››تورى خەۋىرى، «دادا، ئاپا مېنى كەچۈرۈڭلار، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى تۆكۈۋەتتىم...» يېقىندا ئەتىگەن سائەت 10دىن 40مىنۇتلار ئۆتكەندە فۇجۇ شەھەرلىك جىنشەنبى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا، 11 ياشلىق قىزچاق شىياۋنىڭ قىسقا بىر قانچە قۇر خەت يېزىلغان ۋاراقچىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئېگىز بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالدى، گەرچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.
   ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى كۈنى كەچتە، شىيانىڭ ئىنىسى بىلەن بىللە بىرگە بىر تاللا بازىرىغا مال سېتىۋېلىشقا كىرگەن ھەم مال ئوغرىلىغانلىقتىن شۇ تاللا بازىرىدىكى مەلۇم خىزمەتچى بۇ ئىككى بالىنى 10 كۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان كىچىك ئۆيگە سولاپ قويغان. كېيىن قويۇپ بېرىلگەندە، ئۆز رازىلىقى بىلەن تۆلەم بېرىش (ئوغرىلىق قىلغىنى ئۈچۈن) تۆلەم خېتىگە بارمىقىنى باسقان.
    ئەسلى بۇ ئىككى بالا قوشكېزەك بولۇپ، قىزچاق ئىنىسىغا بەكمۇ ئامراق ئىكەن. ئۇلار تاللا بازىرىغا بېرىپ 25 يۈەن قىممىتىدىكى نەرسىنى ئوغرىلىغان. ئۇلار سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرىشكە پەقەت ئۇنىمىغان، چۈنكى ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشنى ئۇقۇپ قالسا ئۆزلىرىگە خاپا بولۇشتىن قورققان. لېكىن چۈشتىن كېيىن سائەت بەش بولۇپ كەتكەندە، ئۇلار ئاخىرى دادىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگەن، بالىلارنىڭ دادىسى يېتىپ كەلگەندە ئۇلار تېخىچە ھېلىقى 10 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆيگە سولاقلىق ئىكەن. ئۇلار دادىسى كېلىشتىن بۇرۇن 25 يۈەنلىك مالنى 10 ھەسسىلەپ 250 قىلىپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جەرىمانە خېتىگە قول قويۇپ، بارمىقىنى باسقان. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىياۋنىڭ پەقەت گەپ قىلمىغان.
«ئەگەر مەن قىزىمنىڭ مۇنداقلا كېتىپ قالارىنى بىلگەن بولسام، ئۇنىڭغا چوقۇم ياخشى قارايتتىم.» دېدى شىياۋنىڭنىڭ دادىسى، ئەتىگەن سائەت 9لاردا مەن سىرتقا چىقىش ئالدىدا مەخسۇس ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە بېرىپ قاراپ باققان، قىزىم بۇرۇنقىدەكلا ئۆگىنىش ئۈستىلىدە خەت يېزىپ ئولتۇرغان بولۇپ، مەنمۇ ئارتۇق ئويلانمايلا چىقىپ كەتكەنتىم، مەن ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامە يېزىۋاتقانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم دېدى.
سائەت 10لاردا دادىسى ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، تېلېفوندا ئاچىسىنىڭ ئىشىنى ئاڭلىغان. ئىش چىققاندا، ئايالى ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، ئىنىسى ئاچىسىنىڭ ياتاق ئۆيىگە بېرىپ، ئۆگىنىش ئۈستىلىگە قويۇپ قويغان خەتنى كۆرۈپ ئىش چىققانلىقىنى بىلگەن، بۇ ۋاقىتتا شىياۋنىڭ ئاللىقاچان بىنادىن سەكرەپ چۈشۈپ بولغانىكەن. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىياۋنىڭ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئاندىن تۇيۇقسىزلا پەسكە سەكرەپتۇ، شىياۋنىڭ بىنادىن سەكرىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاپىسى دەرھال 120گە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىپتۇ، گەرچە قۇتقۇزۇش خادىملىرى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
شىيانىڭنىڭ دادىسى ئايالى ۋە ئوغلى ئالدىدا يىغلاشقا پېتىنالماي، ئىشىك ئارقىسىغا مۆكۈپ بەك قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالى بىلەن ئوغلى ئۆي ئىچىدە بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايۋېتپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئىككى تۇغقانىنى ئۇلارغا قاراپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا، ئاۋۋال بالىلارنى ئېلىپ كېتىپ قالماستىن، ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئەگەر بالىلار راستىنىلا نەرسە كېرەك ئوغرىلىغان بولسا، مال ساتقۇچى تەرەپنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلەپ بېرىش، ئۇلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سوراش كېرەك، بالىلارغا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ھامان مەلۇم دەرىجىدە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇلارنى سەت گەپلەر بىلەن تىللىماسلىق، ئۇرماسلىق ۋە قورقۇتماسلىق كېرەك. ئەگەر ئوتتۇرىدا ئۇقۇشماسلىق بولغان بولسا، بالىغا ئويلىنىۋېلىش ۋاقتى بېرىش، ئۇلارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بېرىش كېرەك.
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئىشىنىشى، بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ھەمدە خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارغا خاتالىقنى تۈزىتىش ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بېرىشى، ئەگەر بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سەۋەنلىك بولسا مەلۇم جەھەتتە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ گەرچە ئۇلارنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى، پەقەت توغرا يولغا يېتەكلەپ قويالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

مەنبە: http://news.ifeng.com/society/2/detail_2011_08/22/8590703_0.shtml

ئادەم بولماق تەس

'Güzel gören, güzel

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21504
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9317
تۆھپە نۇمۇرى: 686
توردا: 4794 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 08:27:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا ئەتىگەن بولغان ئىشكەن بۇ يې؟؟؟

مەندىن كۆپ يىراقتا سەن

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 09:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تاللا بازىرى ئاچقان ئەبلەخنىڭ گېلىغا پۇلنى تىقىپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسە بولىدىكەن. كىچىك بالىنى شۇنداقمۇ قورقۇتقان بارمۇ ؟!ناھايىتى شۇ 25 كويلۇق نەرسىكەنغۇ . كىچىك بالا دېگەن غۇبارسىز پاك نەرسىغۇ ئۇنىڭغا تۈزتىش پۇرسىتى بەرسە ئۆمۈر بۇيى ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ بەلكى ئۇنداق ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.

http://www.izbasar.com/1724

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 09:52:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  qartekin كە 2011-08-25 09:02 PMئەۋەتىلدى  :
ئاۋۇ تاللا بازىرى ئاچقان ئەبلەخنىڭ گېلىغا پۇلنى تىقىپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسە بولىدىكەن. كىچىك بالىنى شۇنداقمۇ قورقۇتقان بارمۇ ؟!ناھايىتى شۇ 25 كويلۇق نەرسىكەنغۇ . كىچىك بالا دېگەن غۇبارسىز پاك نەرسىغۇ ئۇنىڭغا تۈزتىش پۇرسىتى بەرسە ئۆمۈر بۇيى ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ بەلكى ئۇنداق ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.

http://www.izbasar.com/1724
ئاقىلانە سۆزىڭىزگە بارىكاللا! كىچىكنىڭ ئەقلى كىچىك، مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئۈرۈك،قوغۇن ئوغىرلاپ ئىگىسىگە تۇتۇلۇپ قېلىپ بەك ئىزا تارتقان.ئەمەلىيەتتە شۇ يەرنىڭ ئىگىسى ‹‹قورسىقىڭلار تويدىمۇ؟››دىن باشقا گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ،بەك ئىزا تارتىپ كەتكەچ ئوغرىلىق كەسپىنى ئۆزۈمگە زادىلا ئادەت قىلالمىدىم.باشقا ‹‹ناچار ئىشلىرىم›،يوق ئەمەس.شۇ تەجىربە بولغاچ ،بالامنى كەمچىلىك سادىر قىلسا قورقۇتۇپ باقمىدىم.نىمە ئۈچۈكىن،بالام ئائىلىمىزنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئىش قىلالماي (سەل كېچىكىپ قالىدىغان)قالسا يەردىن ئۈستۈ قارىيالماي قالىدىكەن. مەن چاقچاق بىلەن كەيپىياتىنى توغىرلىۋېتىمەن.

ئادەم بولماق تەس

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10700
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 12:21:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلغا تويمايدىغان نىجىسلار . كىچىك بالا بولغاندىكىن تەنقىت - تەربىيە ئارقىلىق ، بولدى قىلۋەتسە بولدىغۇ . ئەجەپ ئاچچىغىم كەلدى .
ۋىجدانلىق ، ئىچى كۈچلۇك قىزكەن . ئىسىت  

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4638
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30819
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 3132 سائەت
تىزىم: 2010-7-24
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 12:55:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qartekin    .ئەي يۇقىردىكەر ئەقىل ئىشلىتىپ ئويلاپ كۈرەيلى ..شۇ 25 كوي پۇلنى ئۇ دۇكان ئاچقان ئادەم ئىلۋالسا باي بوپ كەتمەيدۇ .ئاۋۇ قىزنى ھەم ئاتا  ئانىسىنى ئويلاپ شۇنداق قىپتۇ  ئازېرغيۇ 25 كويلۇق نەرسە ئوغۇرلاپتۇ ئەتە ئۈگۈن 250 كويلۇق 2500 كويلۇق نەرسىلەرنى ئوغۇرلايدىغان چوڭ ئوغرى بوپ قالسا ئاخىرىنى يىغىشتۇرۋالماق تەس.... بىزمۇ تاللا بازىرى ئاچىمىز شۇ بۇيىچە تۈزۈم بىلەن مىڭۋاتقىلى 5 يىل بولدى..بىر قىتىم تۇتۇلۇپ قالغان باللىلار ئىككىنجى قىلمايدىكەن  ئاتا ئانىسىغا ياكى ئۇقۇتقۇچىسىغا خەۋەر قىپ قويساق....ھەم ئاتا ئانىسى ئۇستازلىرىمۇ  ئوغۇرلۇقنى ئۈگۈنۈپ قالغان بالىنى ئۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈرۈش ئۈچۈن تەربىيە قىلدۇ...

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 01:13:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بارلىق مەسئۇليەت تاللا بازىرىدا ،
نىمىشقا دىسەك كىچىككىنە بالىنى ئوغرى دىەىچە ئېلىۋالغان نەرسىنى تارتىۋالسىلا بولدىغۇ
نېجىس خوجايىننىڭ بالىسى يوق بولىشى مۇمكىن

بوياق بىلەن بويى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29086
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6570
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 3471 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 11:29:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
25يۇەن ئۈچۈنمۇ ئاشۇنداق ئەيبەلەپ كېتىش بارمۇ ھەي!

ئۇرۇشتتامەغلۇب بولغان مىللەت قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالايدۇ ئەمما مائارىپتا يېقىلغان مىللەت مەڭگۈقايتىدىن باش كۆتۈرەلميدۇ.

داۋاملىق تىرىشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16260
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8065
تۆھپە نۇمۇرى: 789
توردا: 2322 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 11:36:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ۋىجدانلىق قىزكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26906
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7554
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 2418 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 05:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10 يىلنىڭ ئالدىدا مېنىڭ نەۋرە ئاكاممۇ 70 يۈەن ئۈچۈن ئۆيدىكىلەردىن ئىزا تارتىپ ئۆز ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئىدى، ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئىدى ....

ئەل–يۇرت ئۈچۈن تارتقان ئازابنى، شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك. ئەل ئۈچۈن چەككەن بىر مىنۇت قايغۇ، مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش