مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6711|ئىنكاس: 44

جۇڭگۇ راستىنلا <<خوتۇن سېتىۋېلىش>> دە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 01:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


جۇڭگۇ راستىنلا <<خوتۇن سېتىۋېلىش>> دەۋرىگە قەدەم قويامدۇ؟



ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى 2- ئايدىكى توي قىلمىغان ئەر ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1: 1.6 بولغان بولۇپ، بۇ 16 ئەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 10 لا جۆرە تاپالايدۇ، دىگەنلىك.  2000- يىلىدىكى 5- قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوغۇل قىزلىق نىسبىتى 117:100 بولغان بولۇپ، مۇشۇ قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدىلا، جۇڭگۇدىكى ئەرلەرنىڭ سانى نەچچە ھەسسە ئاشقان. نۆۋەتتە ئۇلاريۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ كىرزىس، قانداقتۇر ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ياكى پاي چېكى كىرزىسى بولماستىن، بەلكى جۆرە تاپالماسلىق كىرزىسى ئىكەن.

ئاياللار بولمىغان جەمىيەت، چوقۇم زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.  شۇڭا پىلانلىق تۇغۇت ئورگانلىرى ، مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ھەرئىككىسىنىڭ شۇ ئائىلىنىڭ ئىز باسارلىرى ئىكەنلىكىنى ھەدەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، بىلگىنىمىزدەك ،ئادەملەرنىڭ ئېڭىنى بىردەمدىلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگۇنىڭ  يېزىلىرىدا، ئەرلەر ئېزىز، ئاياللار خار، دەيدىغان كۆز قاراش ھازىرمۇ خېلىلا ئېغىر. بىر دېھقاننىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت، كېيىن ئۆزىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمايدىغان بىر ئىز باسارغا ئىگە بولۇش، ئۇ ھەرگىزمۇ بالىسىنىڭ كېلەچەكتە خوتۇن تاپالاش تاپالماسلىقىنى ئويلاشمايدۇ.

بىر كەنىتتە ئاياللار بولمىسا، ئەرلەر نىمە ئىش قىلىدۇ؟  خۇنەننىڭ لوۋدى شىئاڭفېڭ ناھىيىسىدىكى بىر نامرات تاغلىق كەنىتتىدىكى ئەرلەر، مۇنداق بىر چارىنى ئويلاپ تاپقان. ئۇ بولسىمۇ خوتۇن سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇنىڭ ئىستىقبالى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئۇلارنىڭ سېتىپ ئالغان خوتۇنلىرى، بالا چاقىلىق بولغاندىن كېيىن ، كوللىكتىپ ھالدا يوقاپ كەتكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ 8- ئاينىڭ 20 –كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىئاڭفېڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى، بىر كەنىتتىكىلەر مەلۇم قىلغان مۇنداق بىر دىلوغا يولۇققان. يەنى، بۇ كەنىتتىكى ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىىرى ئوخشاش ۋاقىتتا يوقاپ كەتكەن. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى، سېتىۋېلىپ كېلىنگەن ۋېتناملىق ئاياللار ئىكەن. خەۋەردە دىيىلىشىچە، خۇجىئەن ئىسىملىك بىر دېھقان، 2008- يىلى،  36388 يۈئەن <<بېدىك پۇلى >> خەجلەپ، ۋېتناملىق خوتۇنى ماجېڭفېننى سېتىۋالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئەھۋال ھەممە كەنىتتە دىگۈدەك بار بولۇپ، مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىنلا 40-50 نى تاپقىلى بولىدىكەن. جەمى بىرەر ئىككى يۈزگە بارىدىكەن. ھەممىسى ۋېتنامدىن سېتىپ ئەكەلگەن خوتۇنلاركەن.

لېكىن، مىڭ بىر تەستە سېتىۋېلىپ كەلگەن خوتۇنلار تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغان ، ھاتتا كوللىكتىپ يوقاپ كېتىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، ئادەمدە، ئەجىبا بۇلا ھەممىسى ئالدىن پىلانلانغانمۇ قانداق؟ ئۇلار بىر قېتىم سېتىلىپ بالا چاقىلىق بولغاندىن كېيىن، يەنە باشقا ئادەمگە خوتۇنلۇققا سېتىلىپ، يەنە ئىككى ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزۈپلا يەنە سېتىلسا، ھەر قېتىمدا نېچچە ئونمىڭغا سېتىلسا،بىر ئۆمۈر باشقىلارغا خوتۇن بوپ بېرىش بىلەنلا، پۇلدار خوتۇنغا ئايلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ دىگەندەك ئويلارنى پەيدا قىلىدۇ.

خوتۇن سېتىۋېلىش، قانۇنغا خىلاپ. لېكىن، بىر كەنىتتە پەقەت خوتۇن كىشى بولمىسا، ئۇلارنى قانداقمۇ ئىنسان دىگىلى بولىدۇ؟ مەيلى فىزولوگىيەلىك ئېھتىياج نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئائىلە ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئەرلەر ھامان ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۆزىگە جۆرە ئىزدەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئادەم بىدىكلىرى ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ تولىسى 40 تىن ئېشىپمۇ جۆرىسىز ياشاۋاتقان ياكى بالىسى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكەنلەر بولغاچقا، ئۇلار نېرى بېرىسىنى سۈرۈشتە قىلمايلا، جۆرە تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. ئادەم ئېلىپ ساتماسلىق ھاققىدە ، ھۆكۈمەت ھەر قانچە تەشۋىق قىلغىنى بىلەنمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جۆرە تېپىش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، بۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدۇ.

بىر تەرەپكە قارىسا قانۇن، بىر تەرەپكە قارىسا، ئاياللار ئاز بولۇشتەك رېئاللىق. جۇڭگۇ مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە، ئەرلەر كۆپ، ئاياللار ئاز بولۇشتەك، بۇ كىرزىسقا قانداق تاقابىل تۇرالايدۇ؟

تەرجىمە قىلىندى.


مەنبە: http://bbs.chinanews.com/web/blog/2011/0825/19407.shtml

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52577
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2011-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 03:48:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى كەچۈرۈڭلار،،، ماڭا ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئەرىز شىكايەت پاش قىلىش تېلفۇن نۇمۇرى جىددى لازىم بوپ قالدى ،بىلىدىغانلار بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار

SUALQI بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 03:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53049
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3961
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-8-25
ئاخىرقى: 2011-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 03:52:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىغۇ ھەل قىپ كەتكىلى بولار؟ئەمما،1پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار تولىمۇ كۆپ،كېيىن،جوڭگۇلۇقلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە،جوڭگۇدا قېرىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپلەپ كېتىشى....ئاياللارنىڭ ئازلاپ كېتىشى جوڭگۇدا توغرا،بۇنى بىرىنجى بۇلۇپ،شەخسىي دوختۇرخانىلاردىن قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك،ئۇلار ھامىلدار بولغان ئاياللارنى رېنتىگىنغا سېلىپ،قىز-ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئازراق پۇلنى كۆرۈپلا دەپ بېرىدۇ،ئاندىن قىز بولسا،چۈشۈرۋاتىدۇ،ئاياللارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بۇنىڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 03:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  jahandar212 كە 2011-08-25 03:48 PMئەۋەتىلدى  :
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى كەچۈرۈڭلار،،، ماڭا ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئەرىز شىكايەت پاش قىلىش تېلفۇن نۇمۇرى جىددى لازىم بوپ قالدى ،بىلىدىغانلار بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار
شۇنىمۇ مۇنبەردىن سورامسىز ؟ . شۇنچىلىك ئىشتىمۇ كاللىڭىزنى ئىشلىتەلمىسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن جىنىڭىزنى قانداقمۇ باقارسىز ؟
118114غا تېلېفۇن ئۇرسىڭىز دەپ بىرىدۇ.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەخلاق~ئادەم زىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 03:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلار خېلى ئېسىل خەق جىما ، قىز ئوغۇل دەپ جېق ئارىپ كەتمەيمىز ، ئىشقىپ بىزنىڭ خوتەندىغۇ ئاشداق ، مەيلى خۇتەننىڭ يېزىللىردىكى دېھقانلار بولسۇن مەيلى كادىر بايلار بولسۇن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51616
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4327
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 04:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(تەلۋە) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ھامىلدار بولغان ئاياللارنى رېنتىگىنغا سالمايدۇ،ئۇنداق قىلسا ھامىلە ئۆلۈپ قالمىغاندىمۇ چوڭ خەتىرى بار. ب تىپلىق ئاپىراتتا تەكشۈرىدۇ)超B(

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53049
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3961
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-8-25
ئاخىرقى: 2011-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 04:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  APANDIM0903 كە 2011-08-25 04:07 PMئەۋەتىلدى  :
ما خەنلەر نىمە دىگەن ئەخمەق ... نىمە دىگەن بىچارە؟!~  
توغرا دەيسىز،بىرلا بالىلىق بۇلۇش ھوقۇقى بوغانكىن،شۇنداق قىلماي ئامالى يوق....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52577
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2011-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 04:20:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يې كاپىتالىسىت سەن ئۇققاننى مەنمۇ ئۇقىمەن 118114 غا ئۇرۇپ تېپ بۇلالماي شۇڭا مۇنبەردىن سورىدىم...مۇنبەر دىگەن مۇشۇنداق بىلمىگەننى سورايدىغان،بىلىغاننى كىشلەرگە دەپ بىرىدىغان  بىر سۇرۇن....ساڭا گەپ قىلسام ئاغزىمنى بۇزۇپ سالغۇدەكمەن،،،،مەن جېنىمنى قانداق بېقۋاتقىنىمنى كۇچاغا كەلسەڭ بىلىسەن،،،،،،،،،،ئۈزەڭچە ماڭا كۈيۈيۈنۈپ كەتكىنىڭمۇ بۇ ....ئاچچىقىمنى بېسۋالاي...سەندەك ئاخسانەرسىگە گەپ قىلغاننىڭ قىلچىمۇ پايدىسى يوق...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21137
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6350
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4306 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 04:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقچىلىققا تولغان دۇنيا ....

مەردان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش