مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2635|ئىنكاس: 0

ۋېن جيا باۋ : سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كاپا  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7482
تۆھپە نۇمۇرى: 978
توردا: 3876 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2013-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 10:09:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋېن جيا باۋ : سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كاپالەتلەندۈرۈلمىسە ،ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاتىنىڭ مىۋىلىرى قولدىن كېتىدۇ

ئىلاۋە: ۋېنجياباۋ تەكىتلىدىكى،سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كاپالەتلەندۈرۈلمىسە ،ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مىۋىلىرى قولدىن كېتىدۇ.زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.قاششاقلىق ۋە بىكىنمىچىلىك 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مىۋىلىرىنى كۆمىۋېتىپلا قالماستىن بەلكى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بولۇپ،ئاخىردا ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ.

       شىنخۇا ئاگنىتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى تىلگىراممىسى ( مۇخبىر لى بىن).بۇ يىل ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى.مەركىزى كومىتىت سىياسى بىيورۇنىڭ دائىمى ئەزاسى ،گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى ۋېنجيا باۋ  بۈگۈن شىنجىندا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ھەم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ھەم شىنجىن شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋېنجيا باۋ تەكىتلىدىكى ،ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇننىڭ 30 نەچچە يىللىق ئەمەليىتى شۇنى تۇلۇق ئىپادىلىدىكى ،ئىسلاھات –ئېچۋېتىش  بۈگۈنكى جۇڭگۇنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن مۇھىم تاللىشى بولۇپ،دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ،خەلقنىڭ بەخىتلىك بولىشىدەك مۇقەررەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇردى.ئۈتۈپ كەتكەن 30 يىلدا جۇڭگۇنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى  ئىسلاھات –ئىشىكنى ئېچۋېتىشقا تاياندى.كەلگۈسىدىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئاۋالقىدەكلا ئىسلاھات- ئېچۋېتىشقا تايىنىدۇ.

  20-چىسلادىن 21-چىسلاغىچە ۋېنجياباۋ مەركىزى كومىتىت سىياسى بىيورۇنىڭ ئەزاسى،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكوم سېكرىتارى ۋاڭ ياڭ پېينىڭ  ھەمراھلىقىدا كارخانا،پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى،پورت ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىقتىسادنىڭ ئايلانما تەرەققىيات شەكىلىنى تىزلىتىش  ۋە ئىستىراتىگىيلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلدى.ھەر بىر ئورۇندا ۋېنجيا باۋ كەڭ كادىر-ئامما بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى.شىنجىننىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات چوڭ پىلانلىرىنى  مەسلىھەتلىشىپ،ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇننىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىدى .

       20 –چىسلا كەچتە ۋېنجيا باۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ئېچىلىپ ،گۇاڭدۇڭ ۋە شىنجىن رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ۋېن جيا باۋ مۇنداق دىدى؛شىنجىن ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇن قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك ئىشلاردا زور نەتىجە يارىتىلىپ،جەمئىيەت قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەردى.دۇنياۋى سانائەتلەشتۈرۈشتە ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا ،تەرەققىياتتا تارىخى مۆجىزە ياراتتى.شىنجىن شىددەتلىك رەۋىشتە ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن ،بەلكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم تۆھپە ياراتتى.شىنجىن ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنىدىكى تەرەققىيات،ئۆزگىرىش  ئىسلاھات ئېچۋېتىشىتن بۇيانقى جۇڭگۇ جەمئىيىتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشى.شۇنداقلا جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچىنىڭ نامايەندىسى.

       ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇن ئىشنى ئۆزلىكسىز داۋاملاشتۇرۇپلا قالماستىن،بەلكى تېخىمۇ ياخشى قىلىشى لازىم.ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇن زور يېڭى باشلىنىىش نوقتىسىدا تورۇپ،يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ،يېڭى نىشاننى كۆزلەپ ،ئەلالىرىنى كۆپەيتىپ ،يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر.بىرىنچىدىن؛ ‹‹ئالاھىدىلىك ››نى چىڭ تۇتۇش . ئۆزىمىزدىكى ئالاھىدىلىك بىلەن شارائىتنى بىرلەشتۈرۈپ،ئىجادچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ،تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ،ئايلانما تەرەققىيات شەكىلىنى ،جەمئىيەت قۇرۇلىشىنى  تەرەپلەرنىڭ  يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ماسلاشتۇرۇش. ئىككىنچىدىن؛  «ياخشى » لىرىنى قوغلىشىش.كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ نىشانلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ۋەزىپىدە «  ياخشىلىرىنى باشقا قۇيۇش» ،« ياخشىلىرىنى ئالدىن تاللاش» ،«ئەلالىرىنى قوغلىشىنى»  تەكىتلەش . ئۈچىىچىدىن؛« يېڭىلىقنى » گەۋدىلەندۈرۈش. يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇش  ئالاھىدە رايۇننىڭ روھى ۋە ھاياتى. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى،يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنىڭ ئەۋزەللىكى،يېڭىلىق      يارىتىش تەرەققىياتنىڭ مەنبەسى،يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنىڭ بوشلۇقى.تۆتىچىدىن؛«باشلامچىلىقنى» تالىشىشقا جۈرئەت قىلىش. تەڭداشسىز باشلامچىلىقنى  تالىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش،پەيىتنى ئىگەللەپ  بىرىنچى بولۇشنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ،پەن –تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىلىك رايۇن،قۇرۇلمىسى جەمئىيەتكە ماسلاشقان مەركەزلىك رايۇن،ئاسلاھات ئېچۋېتىشتىكى باشلامچى رايۇن بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش. بەشىنچىدىن؛«چىدامچان» بولۇش. «ساقلاپ تۇرماسلىق،تايىنىۋالماسلىق،قۇرۇق سۆزلىمەسلىك،جاڭجاللاشماسلىق، ئازار يەتكۈزمەسلىك»تەك ئىسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ،ئۆزلەشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، خادىملارنىڭ ئەمەلى نەتىجىسى ئارقىلىق ئالاھىدە رايۇننىڭ تۇغىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈش لازىم .

        ۋېنجيا باۋ تەكىتلىدىكى،سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان بىزدىن قەتئى ئېغىشماي ئىسلاھاتنى ئىلگىرلىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى جەريانىدا دۇنيا كۆز تىككۈدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى،ئەمما دۆلىتىمىز سۇتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئۇزاق مۇددەتلىك جەرياندا  ،زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئولۇغۋار نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئى ئېغىشماي كۆرەش قىلىش كىرەك.ئىسلاھات- ئېچۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىقتىساد،جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك تۈزۈلمە-تۇسۇقلارنى تازلىۋېتىش،ئەڭ زور چەكتە ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ھەم تەرەققى قىلدۇرۇپ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى تۈگىمەس كۈچ مەنبەئەسى بىلەن تەمىن ئېتىش كىرەك .

       ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى؛سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ قىيىنلىقلىقى  بىزدىن قەتئى ئېغىشماستىن ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسى تۈزۈمى غايەت ئەۋزەللىككە ئىگە،ئەمما ھەر تەرەپلىمە تۈزۈلمە- مىخانىزىملار يەمىلا مۇكەممەل ئەمەس.پەقەت ئۆزلىكسىز ئىدىيىنى ئازات قىلىپ ،ۋاقىت بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ  ھەممە تەرەپتىن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا مۇكەممەل ،پىشقان جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتىسيالىزىم بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي،يەنە تېخى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك.سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كاپالەتلەندۈرۈلمىسە ئىقتىسادى  تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مىۋىلىرى قولدىن كېتىپلا قالماستىن ،زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.خەلىقنىڭ دېمىكراتىيە ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ،خەلقنى دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش ،ئىقتىساد،مەدەنىيەت،جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئەڭ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش لازىم.ئەشەددى ھوقۇق مەركەزچىلىكىنى تۈزۈم جەھەتتىن ئوڭشاپ ،خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىشىغا ۋە نازارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ خىيانەتچىلىك-چىرىكلىكنى قەتئى جازالاپ  ئادىل، ھەققانى جەمئىيەت قۇرۇش.بولۇپمۇ ئەدىليە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ئاجىزلار توپىنى قوغداشقا ۋە ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش.كىشلەرگە تۇرمۇشىنىڭ بىخەتەر ،دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.

      ۋېنجيا باۋ مۇنداق تەكىتلىدى؛ئېچۋېتىلگەن تەرەققىياتتىكى نۇرغۇن مەسلىلەر بىزدىن قەتئى ئېغشماي  ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلدۇ.دۆلىتىمىز قىسقىغىنە نەچچە 10 يىلدا بىر قىسىم كاپتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ 200-300 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى.تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر سانائەتلەشتۈرۈش،شەھەرلەشتۈرۈش،بازارلاشتۇرۇش خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىدە  يولۇققان مەسلىلەرگە ۋە زىدىيەتلەرگە بىزمۇ يولۇقۇۋاتىمىز ،بەلكى تىخىمۇ مەركەزلىشىپ،تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشمەكتە.
تەرەقىياتتا يولۇققان زىدىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە ئىسلاھات ئۇسۇلىنىى  ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش زۆرۈر.

      ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى:ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلاشتۇرۇش ئېقىمىغا ماسلىشىپ ،دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلاپ،قەتئى ئېغىشماي ئىسلاھات –ئېچۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىشىمىز لازىم.جۇڭگۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى  ،پەقەت ئېچۋېتىشنى قۇبۇل  قىلساق دۆلەت قۇدرەت تېپىپ كۈچىيىدۇ.قاششاقلىق –بىكىنمىچىلىك قىلساق ئارقىدا قالىمىز ھەم تاياق يەيمىز. قەتئى ئېغىشماي سىىرتقا ئېچۋېتىلگەن ئاساسى دۆلەت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ،دۆلەت –ئىچى سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بازار ،ئىككى مەنبەدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ،ئىنسانىيەت  جەمىيىتىنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىللىرىدىن دادىللىق بىلەن ئۆگىنىپ ،كەڭ ئېچۋېتىشتىكى دۆلەت ئىقتىساد-جەمئىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر.

      ۋېنجيا باۋ ئەڭ ئاخىردا مۇنداق تەكىتلىدى؛بىز ئۇلۇغۋار تارىخى دەۋر نىڭ باشلىنىش نوقتىسىدا تۇرۇپ،تېخىمۇ شەرەپلىك ۋە ئالەمشۇمۇل ۋەزىپىلەرنى زىممىمىزگە ئالدۇق، بۇنى مەڭگۈ ئونۇتماي پەقەت ئىسلاھات ئېچۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرسەكلا،دۆلەت پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ.بىز بېشىمىزنى سىلكىۋېتىپ ،ھەق ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ،ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز ،ئۆزلۈكسىز ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ ،دادىل ئىزدىنىپ  توختاپ قالماسلىقىمىز،ئارقىغا تېخىمۇ چىكىنمەسلىكىمىز لازىم.توختاپ قېلىش ۋە ئارقىغا قايتىش 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات-ئېچۋېتىشنىڭ مىۋىلىرىنى ۋە قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆمىۋېتىپلا قالماستىن،ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىمنىڭ ھاياتى كۈچىنى تۇنجۇقتۇرۋېتىدۇ،خەلىقنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىش تۇتۇش ئاخىردا ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ.كەلگۈسىمىز ۋە تەقدىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشتا بىز قىلچە ئىككىلەنمەسلىكىمىز لازىم

نۇر گېزىتىدىن كەمىنە تەرجىمە قىلدى

http://www.gmw.cn/content/2010-08/25/content_1227029_2.htm

سەمىمى بىلدۈرگۈ؛ ۋېىجيا باۋ بۇ سۆزنى 2010-8-20-كۈنىدە شىنجىندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان.ئارلىقتىن بىر يىل ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن بىزنىڭ ئاڭلاپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارىدىم. بۇ يىل 4- ئايدا ۋېنجيا باۋ مالايسىيا زىيارىتى مەزگىلدە سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يەنە چاقىرىق قىلغان .بۇ مەزمۇن ھازىر تەرجىمە ئۈستىدە ،ئۇزۇنغا قالماي دوسىتلار بىلەن يۈز كۈرۈشىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش