مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 7

شېئىر- ئۇ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27226
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4695
تۆھپە نۇمۇرى: 1445
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-1-21
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 11:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر ئۇ-بىر بۇلاق تەشنالار ئۈچۈن،
بىر ياخشى ھەمرادۇر تەنھالار ئۈچۈن.
ئۇ ئۆتكۈر قامچىدۇر تەرسالار ئۈچۈن،
ئۇ ياخشى بىر مەكتەپ دانالار ئۈچۈن.



شېئىر ئۇ- بىر چىراق زۇلمەت باسقانغا،
ئويغىتار غەپلەتتىن ئۇخلاپ ياتقاندا.
خۇشاللىق بېغىشلار غەمگە پاتقاندا،
راھەتنى ئەسلىتەر جاپا تارتقاندا.



شېئىر ئۇ-سۆيگىدۇر سۆيگەنلەر ئۈچۈن،
يارىنىڭ ئىشقىدا كۆيگەنلەر ئۈچۈن.
يولباشچى غەپلەتتە يۈرگەنلەر ئۈچۈن،
بىر ياخشى مەرسىيە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن.


بىر ياخشى شېئىر ئۇ -ئوخشايدۇ گۈلگە،
ئالەمگە نۇر چاچقان قۇياشقا كۈنگە.
ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلار كۈيگە،
كەلگۈسى ھاياتقا بولغۇسى ئۈلگە.



مەنبە:مۇساپىر

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
tagnur + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

كۆڭۈل ئوغرىىىى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30356
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2661
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 12:43:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ،    ھەجىمىنى سەل ئاز كۆردۇم....

تېرىشىڭ

ئادەم بولغىن سەن ياخشى ئادەم بول، خەلقىڭنىڭ  ئىشىدا  يۈگۈرگۈدەك بول. چىرىتىپ مىللەتنى باسىقاندا ئىىللەت، شۇ يامان ئىللەتنى كۆيدۇرگۈدەك بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32588
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1204
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 03:41:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا تىلىم - غورۇرۇم !

ئاكتىپ ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 4429 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 06:22:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېر - ئۆزىنى سۆيگەنلەر ۋە چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن تۈگىمەس روھىي ئوزۇقتۇر !
ياخشى يېزىپسىز ، يەنە ئىزدىنىپ يازغان بولسىڭىز  مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چىقار ئىكەن ...

ھەقىقەتكە پەردا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41753
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2262
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 12:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم،سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرەي،مەزكۇر شېئىردا قاپىيە قوغلىشىپ،مەزمۇنىنى ئىپادىلەشكە سەل قارالغان،ئەگەر خالىسىڭىز،ئوبدان كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ،ئۇيغۇر شېئىرىنىڭ قايسىلا تۈرىدە يېزىپ چىقسىڭىز،يەنە شېئىرنىڭ قايسى ياخشى تەرەپلىرى بار،ياخشى شېئىرلار خەلق قەلبىدە ناخشا بوپ ئېيتىلىدىغۇ؟شېئىر توغۇرسىدا يەنە ئوبدان كۆزىتىش ئېپ بېرىڭ،تىرىشسىڭىز،چوقۇم يېزىپ كېتەلەيسىز!!

ھەقىقەتكە پەرداز كەتمەيدۇ!

تۈلكىلەرگە قارا

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2253
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 81801
تۆھپە نۇمۇرى: 1655
توردا: 9154 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 03:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=[color=#ff0000]center]شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇ نامىلىق ئەسىرىنى شېئىرلاشتۇدۇم.

شېئىر مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيىتسا بولۇۋېرىدىغان . شېئىر - " ئايەت " ئەمەس ، مەنىسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولۇۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان . شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان .
      شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار !
      شېئىر -ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نەئىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان؛ شېئىر-خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى پايانسىز دەشىتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى!   
      شېئىر-چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆل ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان . شېئىر-بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەرتمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شاتلىق ، ئاجىزلارغا كۈچ ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى!  
      شېئىر - ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشنى مۈگدەك باسىدىغان . شېئىر-بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي! R LVz"=  
     ............................................................


[align=center]شېئىرئۇ بىل نېمە؟
شۇكران (يوچۇن ئادەم)[/color]



شېئىر ئۇ مارجان ئەمەس يىپقا مارجان تىزغىلى،  
ئايەت ئەمەس قارسىغا قولاق قېقىپ ئوقۇغىلى،
ماتا ئەمەس زاۋۇتتىن يىپتا چىرماپ توقىغىلى،  
كەشتە ئەمەس رەڭلىنىپ لاتىغا چاپلاپ قويغىلى،
سۈرەت ئەمەس قەغەزگە سىزىۋېلىپ بويغىلى.

شېئىرئۇ خۇشپۇراق گۈل،تىكەن،يوپۇرماق ئىرۇر،
ھۆسنى كىشىنى قىلسا مەپتۇن،پۇرىقى راھەت بىرۇر،  
ئىشىق ئەھلى قىسىپ قۇلاققا،گۈل ئېتىزغا گۈل تېرۇر،  
گۈلدەستە قىپ ئۆزگىچە ئاشىقىغا گۈل بىرۇر،
ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ ھەر تەرەپنى گۈل قىلۇر.

شېئىرئۇ يۇلتۇز ئەمەس پارقىراق نۇرسىز خۇنۈك،
ھارارىتى بەھرى يوق،تۆھپىسىز تۆگىگە چۈلۈك،
شىئېر ئۇ مەشئەل گۇيا كېچىدە گۇلخان كۈيۈك،
يورىقى چۆللەر ئارا، تۆھپىسى ئاندىن بۆيۈك،   
مۇزلىغان تەنگە ھارارەت،قەددىنى كۆتىرەر تۆرۈك.

شېئىر ئۇ ئالۋۇن ئەمەس گاھ شەيتان كۆرىنگىدەك،
يەتمەيسەن قوغلىساڭمۇ سۈرئىتىڭ تىز ئۆلگىدەك،
شىئېر ئۇ قايناق بۇلاق،تەشنا دىلىڭ ئىچ قانغىدەك،  
دەرىت-بىمارغا شىپاھ،ئاجىزغا جان قاتقىدەك،   
غەمكىنگە شاتلىق بىرۇر ئۆمىت بەخىش ئەتكىدەك.

شېئىر ئۇ ناخشا ئەمەس ئاڭلىساڭ مۈگدەيدىغان،
ياكى بىر خامان ئەمەس خالىساڭ ئۈگدەيدىغان،
گۈلدۇرماما ئۇ گۇيا خامۇشنى ئويغۇتىدىغان،
يەر-جاھانغا بىر چاقىرىق كۆڭۈللەر تىترىتدىغان،
بارچىنى سەگەك قىلىپ ئەبىدىي جەڭ ئۈندەيدىغان.

مەنبە قەلىمىم


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ، ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش! پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن، خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 08:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق تىرىشسىڭىز ياخشى شائىر بۇلالايسىز

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1157
تۆھپە نۇمۇرى: 6
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 12:32:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈچۈن ئادەم بەك ئورۇنلۇق سۆزلەپتۇ،ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ھەم شېئردا ئىپادىلىگەن مەزمۇنلىرى بەك قايىل قىلارلىق بوپتۇ،ئۇنىڭ بۇ پىكرى مىنى تەنتەكلىك بىلەن بىركوپىلىت شېئر يېزىش خىياللىمنى بەربات قىلىۋەتتى،ئۇنىڭ شېئىر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش