خوتەن ئەدىبلىرى ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنى يوقلىدى
8- ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتە خوتەن شەھەر رايونىدىكى بىر قىسىم ئەدىبلەر خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان قۇربان، ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئەركىن بەكرى، شىنجاڭ شىڭخې گۇرۇھىنىڭ لىدىرى، ئالىي ئىقتىسادشۇناس، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، يازغۇچى ئوبۇل ھاشىم قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، خوتەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، تالانتلىق شائىرە، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزىسىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى يوقلىدى.
پائالىيەتتە ئابدۇراخمان قۇربان ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ دادىسى، ئانىسى، يولدىشى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىغا ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان تالانتلىق شائىرە، كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى، ئۈچ پارچە كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقى، يەنە ئىككى پارچە كىتابىنىڭ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تازا مېۋە بېرىۋاتقان مەزگىلىدە بۇنداق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، ھاياتنوپۇس كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى، جۈملىدىن خوتەندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەدىبلەرنىڭ ئۇنىڭ بۇ كېسەلدىن شىپاھ تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ 21- ئاۋغۇست ئۆزىگە ( ئابدۇراخمان قۇربانغا ) ئاتايىتەن تېلېفون بېرىپ، ئارىلىق يىراق بولغاچقا ھاياتنوپۇسنى يوقلاپ بارالمىغانلىقىنى، شۇڭا، ئابدۇراخمان قۇرباننىڭ ۋاقىت چىقىرىپ، ھاياتنوپۇسنى يوقلاپ سالامىنى يەتكۈزۈشىنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى پائالىيەتنى خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىگەنلىكىنى، ھاياتنوپۇسنىڭ ئائىلىسىدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنىدە، ھاياتنوپۇسنىڭ ئاتا-ئانىسى، يولدىشى ۋە قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا چەكسىز رەھمەت-تەشەككۇر ئېيتتى. پائالىيەت مەزگىلىدە رەھبەرلەر ۋە ئەدىبلەر ھاياتنوپۇس مۇھەممەد بىلەن بىر-بىرلەپ يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپاھلىق تىلىدى. پائالىيەتتىن كېيىن، ئەدىبلەر تۇخۇلا يېزىسى تاشكەنت كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئېكىسكۇرىيە قىلدى.
پائالىيەتكە ئىشتراك قىلغان ئەدىبلەرنىڭ ئىسىملىكى : نۇرمۇھەممەد توختى، مەتقاسىم ئابدۇراخمان، ئابدۇقادىر تۇرسۇن، ئوبۇل ھاشىم، تۇرسۇنجان مۇھەممەد، مەتسېلىم مەتقاسىم، مۇھەممەدبارات تەشنائىي، مەمتىمىن تۇردى، ئابدۇلئەھەد قادىرى، ئابدۇغېنى سىيىت، ئابدۇرېشىت ئېلى، جاسارەت جاپپار، ئىمىن تۆمۈر، سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق، تۆمۈر قادىرى، ئابدۇسەمەت روزىباقى، تاڭنۇر ئابدۇقادىر...
ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ كېسىلىنى يوقلاشقا ئالدىن بارغان قاراقاشتىكى ئەدىبلەردىن ئابدۇلھەمىد ياسىن، مۇھەممەدتۇرسۇن سىدىق خوتەندىن بارغان ئېزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.
ئۇنى كۆرۈپ كېلىش جەريانىدا ، مەن شەمشىدىن مۇئەللىمگە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ھاياتنوپۇسقا ئاتاپ « ھاياتنىڭ ھويلىسى» ناملىق شېئىر يېزىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ، بۇ شېئىرنى ھاياتنوپۇسقا ئۆز قولۇم بىلەن تەككۈزۈپ بېرىشىمنى تاپىلىغانلىقىنى ، بۈگۈن چىمەنگۈلنىڭ شېئىرىنى قەغەزگە چىقىرىپ، ئالغاچ كەلگەنلىكىمنى ئېيتقانىدىم ، ھاياتنوپۇس چىمەنگۈلگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭغا سالام دەپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
22- ئاۋغۇست كۈنى « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى گۈلباھار ناسىر، « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرلىرىدىن جۈمە ئابدۇغېنى چوققا، ماھىرە ئەخمەت قاتارلىقلار ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن ۋاقىپلىنىپ، تولىمۇ ئىچ ئاغرىتتى ھەمدە ئۇنىڭغا سالامىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئالاھىدە تاپىلىدى.
شۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ( 17-ئاۋغۇست ) خەلق تورىنىڭ مۇھەررىرى ھەبىبە ئىسمائىل خانىم ماڭا چچ دا خەت يېزىپ ، ھاياتنوپۇسنىڭ تەرجىمىھالى خەلق تورىدا بېرىلگەنلىكىدىن ۋاقىپلاندۇردى ھەمدە ھاياتنوپۇسقا سالام يوللىدى.
http://uyghur.people.com.cn/157635/15173912.html