مەھمۇد قەشقىرى قەبرىگاھى ساياھەت خاتىرسى.
ئۇلۇغ ئالىم ۋە تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھاياتى.
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي تەخمىنەن 1005 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ ، قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىكى مەھمۇد يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن دادىسى ئوردىدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن.
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ، ھاياتى ۋە قەيەردە ۋاپات بولغانلىقىمۇ پۈتكۈل جاھان ئىلىمدۇنياسىىغا تاكى ھازىرغىچە تولۇق ئېنىق بولماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى . بۇھەقتە خىلمۇ خىل كۆز قاراش ۋە مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلگەنىدى . مەھمۇد قەشقەرى ئۆزى« تۈركى تىللار دىۋانى » دا كۆرسىتىپ ئۆتكەن يىپ ئۇچلىرىغا ، ئۇزۇن يىللىق ،ئەتراپلىق ، قايتا - قايتا ئەمەلىي ۋە ئىلمي تەكشۈرۈشلەرگە ، خەلىق ئاممىسى ۋەخەلىق ئىچىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالار تەمىنلىگەن قىممەتلىك يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسەنئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختىقەشقەرگە تەۋە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى ئېنىقلاندى . ئالىمئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ، ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخرىغا «قەشقەر » دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن.
مەھمۇد قەشقىرى باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپال ئازىختا ئالغان ، ئوتتۇرا ۋەئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى شەيخ ئىمام زاھىد ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشىغەرىمۇددەررسىلىك قىلغان « مەدرەسەئى ھامىدىيە » دە ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرق دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان « مەدەرەسەئى ساجىيە » دە ئاتالغان . بۇ ئالىم بىلىميۇرتلىرىدا ئىسلام ئەقدىلرىنى ئۆگىنىپلا قالماي ، بەلكى تىلشۇناسلىق ، ئىلمي مەنتىقە ( لوگىكا ) ، تارىخ ، جۇغراپىيە، ئىلىمى نۇجۇم ( ئاسترونۇمىيە ) ،تېبابەتچىلىك قاتارلىق ئىلملەرنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خان جەمەتى پەرزەنتلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش ، جانبازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن.
ئالىمنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد 1058- يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قىرغىنچىلقتا ئۆلتۈرۈلگەن ، لېكىن بەختكە يارىشا ئالىم بۇ قىرغىىنچىلىق ئىچىدەئامان قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن مەھمۇد قەشقەرى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ، تۈركى خەلقلەر ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى ، يېزا - قىشلاقلارنى ، بىپايان يايلاق ۋە دالا - قىرلارنى ئارىلاپ 15 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە تۈرك ، تۈركمەن ،ئوغۇز ، چىڭگىل ، باسمىل ، ياغما ، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلى ۋەئۇنىڭ پەرقىلىرىنى ، ئىتنوگرافىيسى ( كېلىپ چىقىش مەنبەسى ) نى ، تارىخنى ،جۇغراپىيلىك جايلىشىشنى ، مەدەنىيتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ ، ئۆزى يازماقچى بولغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئۈچۈن ماتىريال توپلىغان .ئاخرى ئۇ 1072- يىلى سالچۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا ئەرەب ئىسلام خەلىپىسىنىڭ پايتەختى باغداتقا يېتىپ بېرىپ ، 1074- يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە رەتلەپ يېزىپ « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتكۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان . 1074- يىلدىن 1076 - يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ كىتابنى قايتا تەكشۈرۈپ ، تۈزىتىپ ، تولۇقلىغاندىن كېيىن ، ئابباسىيلار خەلىپىسنىڭ 27-سى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى مىلادىيە 1058- ، 1059- يىللىرىغا توغراكېلىدۇ، ئۇ 1080- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، يەنە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانى ئوپالغا ئورۇنلاشقان . ئۇ ئوپالغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، « مەدرەسسەئى مەھمۇدىيە » دەپ ئاتالغان بىر مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇددەررسىلىك قىلغان ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئالاھىدە مەلۇماتلىق نۇرغۇن شاگىرتلارنى ، ئىز باسارلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن . شۇڭا كىشلەر ئۇنى « ئىلىم ھۆددىكار پىرىم » ، « ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى » دەپ ئاتىغان . ئۇ پۈتۈن جايغا ئىلىم - مەرىپەت تارقىتىپ ، 1105- يىلى ئەتراپىدا ئۆز ئانا يۇرتى ئوپالدا تەخمىنەن97- يېشىدا ۋاپات بولغان.
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى :
1. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ئالدى بىلەن بىر مۇكەممەل قامۇسى لۇغەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەم ( سۆز ۋە ئىبارە ) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ، ئىشلىتىلىشىنى جانلىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن ، شۇنداقلا 11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ، ھەرقايسى شېۋىلەرنىڭ پەرقلىرىنى كۆرسىتىپ ، گرامماتىكىلىق ، فونېتىكىلىق قائىدىلەرنى ئىزاھلىغان.
2. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا تۈركىي ( تىللىق ) قەبىلىلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ۋە قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە دائىر بىرمۇنچە تارىخىي ۋەقە مۇمكىنقەدەر ئەينەن يېزىپ قالدۇرۇلغان. مەھمۇد كاشغەرىي بايان قىلغان ئەھۋاللار ئەرەب ، پارس سەيياھلىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخ كىتابلاردا قەيت قىلىنغان بەزى ۋەقەلەرگە توغرا كېلىدۇ. بەلكى بۇلارنىڭ مۇجىمەل جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا ئەسەر يازغانلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى پەقەت كىتابلاردىنلا ئالماي ، خەلق ئارىسىدىكى جانلىق پاكىتلار ۋە رىۋايەتلەر ئاساسىدا يارىتىپ بەرگەن بىردىنبىر قەلەم ساھىبىدۇر.
3. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››دا تۈركىي ( تىللىق ) قەبىلىلەر ياشىغان جايلار ، بولۇپمۇ قاراخانىيلارنىڭ شۇ زاماندىكى تېررىتورىيىسى ، شۇنىڭدەك تۈركىي ( تىللىق ) قەبىلىلەر بىلەن قوشنا ئەللەرگە دائىر جۇغراپىيىۋى ناملارنىڭ مەشھۇرلىرى بېرىلگەن ، ھەتتا بۇ ناملار پەقەت ئادەتتىكى ناملار سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەزىلىرى بىرەر مۇھىم ۋەقەگە بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرۇلغان. مەھمۇد كاشغەرىي شۇ زامانلاردا تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى بىر – بىرلەپ ئاتاپ كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ خاقانىيە ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىلا ئەمەس ، مۇھىم يېزىلارنى ، قاتناش تۈگۈنلىرىنى ، تاغ – دەريالىرىنى تولۇق يازغان. تۈركى ( تىللىق ) خەلقلەر جايلاشقان كەڭ دىيارنى يەر يۈزىنىڭ يۇمىلاقلىقى ئۇقۇمى بويىچە ، قىياسەن خەزىنە قىلىپ سىزىپ بەرگەن. 4. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىستېمال مەنىسىنى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ، ئەدەبىي پارچىلار بېرىلگەن. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالىمنىڭ بۇ ئەدەبىي پارچىلارنىڭ يوقىلىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەي كېيىنكى ئەۋلادلارغا قەدەر يېتىپ بېرىشىنىمۇ ئۈمىد قىلغانلىقى ئېنىق. بۇ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلار تەخمىنەن 20 پارچىغا يېقىن رىۋايەت ، تەكرارلانغان 6 پارچىسىنى چىقىرىۋەتكەندە 237 پارچە شېئىر، قوشاق ، تەكرارلانغان قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە 279 پارچە ماقال – تەمسىل ، 2 پارچە ھېكمەتلىك سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ، ئۆز زامانىسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
5. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىغا ئائىت بايانلار بېرىلگەن. بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ماددىي مەدەنىيىتىنى بىلىپ يېتىمىز. مەسىلەن، ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا يېزا ئىگىلىكىگە ، چارۋىچىلىق ۋە مال دوختۇرلۇقىغا ئائىت ئاتالغۇلار ، ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ناملىرى ، خۇسۇسىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ئائىت سۆزلەملەر ، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە كىيىنىش ئادىتىگە دائىر قىممەتلىك مەلۇماتلار ، تېبابەتچىلىك ئاتالمىلىرى بېرىلگەن بولۇپ ، ئەينى زاماندىكى جەمئىيەت ، سىياسەت ۋە ماددىي تۇرمۇش شەكلىنى تەتقىق قىلىشقا چوڭ ياردەم بېرەلەيدۇ.
6. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› غا يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرىگە دائىر سۆز – ئاتالغۇلار ، يەنە ھاكىمىيەت دەرىجىلىرى ، ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ، ئۇنۋانلىرى ، ھەربىي تۈزۈم ، جەڭ تاكتىكىلىرى توغرىسىدىكى سۆز – ئاتالغۇلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، زور تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
7. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىكى يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن كالېندارچىلىق ۋە ئاسترونومىيىگە دائىر مەلۇماتلاردۇر. بۈيۈك قامۇس ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› مەزمۇن جەھەتتىن ئومۇمەن تولىمۇ كۆپ قىرلىق ، ئۇنىۋېرسال ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بىلىم ، مەزمۇنلارنىڭ تىرەن ۋە كەڭلىكىدىن ئېيتقاندا ئاللىقاچان ‹‹ لۇغەت ›› سۆزىنىڭ ھازىرقى مەنىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك قامۇسى ، دۇنيا تىلشۇناسلىقىدىكى مەڭگۈ ئۆلمەس ئۇلۇغ ئەسەر ، بۈيۈك ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل مەن ئۇچۇن تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. چۈنكى ،نۇرغۇنلىغان بۈيۈك ئالىملىرىمىز چىققان ئەزىزانە قەشقەرگە زىيارەتكە بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدىم. بىرقاتار تەيرارلىقلاردىن كىيىن ئائىلە بويىچە ھەممىمىز قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن بۇ شەھەرنىڭ ھەقىقەتەن ساياھەت يۇرتى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. چۇنكى بۇ ئەزىزانە يۇرۇتنىڭ مۇھىتى ياخشى ساياھەت نۇقتىلىرى،شەھەرخەلقىنىڭ مەدەنيەتلىك ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرسە، ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان قەدىمى قۇرلۇشلىرى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇندىن كۆپ زامانلار ئىلگىرىمۇ ئىتايىن ئەقىللىق ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى بولدۇرەتتى.
قەشقەردە تۇرغان قىسقىغىنە كۈنلەردە،ئىلگىرى ئاڭلىغان ۋە دۇنياغا داڭلىق بولغان‹‹ھېتكاھ جەمەسى، مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى،ئاپپاق غۇجا مازارى››قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدىم. ئەلۋەتتە مۇنبەر ئەھلىگمۇ بىرقانچە پارچە قىممىتلىك سۇرەتلەرنى ئېلىپ كەلدىم.
تۈۋەندە دوسلارغا ‹‹بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسى››نى تۇنۇشتۇرماقچىمەن.....
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ ئشىك ئالدى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرىنىڭ ھەيكىلى،
مەقبەرە ھويلىسى ئىچىدىكى دەرەخلەر.
مەقبەرە ھويلىسى ئىچىدىكى قەدىمى دەرىخ
كىشلەر قەدىمى دەرەخكە لاتا چىگىپ ئەسلىمە قالدۇرىدىكەن.
مەقبەرە ھويلىسى ئىچىدىكى قەدىمى بۇلاق(سۇيى توڭلىتىىغان سۇدىنمۇ سوغۇق چىقىدىكەن.يەرلىك كىشلەر بۇلاق سۇيىنى كىسەلگە شىپا دەپ ئىچىدىكەن).
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ ئىشىكى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسى ئىشىكىنىڭ ئارقا كۇرنىشى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ تاشقى كۇرنىشى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسى ئىچىدىكى ئالىمنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرلىشى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ سىرتقى يان تەرەپ كۇرنىشى.
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ يان تەرەپىگە جايلاشقان قەبرىگاھ.
قەبرىگاھ بۇندىن نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرى بىنا قىلىنغان.
مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ شىمال تەرپىدىكى تاغ باغرى.
مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ شىمال تەرپىدىكى تاغ باغرى.
مەھمۇد قەشىقىرى مەقبەرىسىنىڭ شىمال تەرپىدىكى تاغ باغرى.
ئەكەلگەن سۈرەتلىرىم ئاز بۇلۇپ قالدى،شۇنداقتىمۇ دوسلارنىڭ كۆپنىڭ ئورنىدا كۆرشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.....
چۈشەندۈرۈشىم تازا مۇكەممەل بولمىدى، ئۇلۇغ ئالىم توغرىلىق بىلدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس، شۇڭا چۈشەندۈرۈشىمدە خاتالىق سادىر بولغان بولسادەرھال تۈزىتىپ قويغان بولساڭلار شۇنداقلا سىلەرمۇ ئالىم توغرىلىق بىلدىغان چۈشەنچىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ تىمىنىڭ مۇكەممەل تىما بولۇپ چىقىشىغا ئاز -ئازدىن بىر كىشىلىك تۆھپەڭلارنى قوشقان بولساڭلار تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم ( رەھمەت ) .
مۇنبەر ئەھلىگە كىلەر قېتىم ‹‹ھېيتكاھ جەمەسى ۋە ئاپپاق غۇجا مازارى›› توغۇرسىدا چۈشەنچە بىرىمەن..،،ئاڭغۇچە دوسلارنىڭ ئامان بۇلۇشىنى تىلەيمەن.....
مەنبە:.ئاكاش520
2011-يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنى(خوتەن)