wikipedia بولسا دەۋرىمىزدىكى تەسىر دائىرسى ئەڭ چوڭ، ئىچىۋىتىلگەن بىلىم ئامبىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق تىلدا يىزىلغان چوڭ بىلىم قامۇسى. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلۈكسىز بىلىم-ئۇچۇرلارنى كىرگۈزەلەيدۇ. ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ئىلگىرى بۇنىڭ windows mobile6.5 تا ئىشلەيدىغان نۇسخسى تەييارلانغان ئىدى. بۇ قېتىم ئاندرويىد سىستېملىق يانفون ئۇيغۇرچىنى قوللىغاندىن كېيىن، ۋىكپىدىيەنىڭ تورسىز ئامبىرىنى ئاندرويىدتا ئىشلەيدىغان فورماتقا ئايلاندۇرۇپ چىقتىم. بۇ بىلىم ئامبىرى 2011-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭىلانغىنى. تور بولمىسىمۇ ئىشلەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشسە ئامبارنى پات-پات يېڭىلاپ تۇرىمەن.
شىنجاڭدا ھازىر ئۇيغۇرچە ۋىكىپىدىيە ئېچىلمايدىكەن، شۇڭا بۇ تورسىز ئامبار بىزگە تېخىمۇ لازىم بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرچە wikipedia دىكى مەزمۇنلارنى بىر نەچچە پىدائىي ئۆزلۈكىدىن كىرگۈزۋاتقان بولغاچقا بەزى ئىملا خاتالىقى باركەن.
بۇ ئامبار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاپتورلۇق ھوقوقى، خاتا چۈشەنچە شۇنداقلا جوڭگونىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق جاۋابكارلىققا ئالىپ تورى مەسئۇل بولمايدۇ. بۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكۈچى چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنغان ئاساستا پايدىلىنىشى شەرت.
ئاندرويىد قاچىلانغان HTC HD2 يانفوندىكى ئۇيغۇرچە wikipedia دىن بىر قىسىم رەسىملەر
چۈشۈرۈش ئادېرسى
مەنبەسى:
ئالىپ تورى