كاللاپەزلىك
(قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامراق تائاملىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش)
يېمەكلىكلەر ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆپ خىللىشىشقا، زامانىۋىيلىشىشقا، قاراپ يۈزلەندى.
يېمەكلىكلەر ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئوخشاش بولمىغان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن مەلۇم توپتىكى كشىلەرنىڭ مىللى ئۆرپ ئادىتى، تىبابەتچىلىكى، دىنى ئېتقادى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىماسلىقى، ئورتاق تاللىشى ۋە ياقتۇرىشى ئاساسدا ھەرخىل مىللىيچە يېمەكلىكلەر ۋە تۈرلۈك يېمەك–ئىچمەك تۈرلىرى شەكىللەنگەن. شۇنداقلا بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن تائام مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقلا، ئىنسانلار ئايرىلالمايدىغان مەدەنىيەت تۈرى بولۇپ قالغان. جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزمۇ قەدىمىدىن باشلاپ كۆپ مىللەتنىڭ ئۆزئارا گىرەلەشمە مەدەنىيىتىگە ئىگە رايون. مىللەتلەرنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتى ئوخشىمىغاچقا ئۇلار رەڭدار ۋە ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن. يېمەكلىكلەرنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋۋەت تولۇقلاش قاتارلىق مۇھىم رولى بار.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن تۈرلۈك يېمەكلىك تىجارىتىمۇ بارلىققا كەلدى. شۇ ئارقىلىق تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئىھتىياجىنى قامدىدى، يېمەكلىك تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەرخىل يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيدى.
جۈملىدىن رايونىمىزدىمۇ نۇرغۇن يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغىللىنىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تىجارەتنىڭ يولىنى ئىگەللىگەن. شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزى مۇۋاپىق كەسىپىنى تاللاپ شۇغۇللانغان.
ئادەتتە مىللىي يېمەكلىك تۈرلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى بولغان كاللاپەزلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ھەم كاللا پاقالچاقنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان كىشىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ.
كاللا-پاقالچاق تەملىكلىكى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىلىرى بىلەن كىشىلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشگە ئىرىشكەن. كاللا- پاقالچاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەمگە كېرەكلىك بولغان مۇھىم ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ قالماستىن ئوزۇقلۇق ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رولى ئوينايدۇ.
نەزەرباغ يېزا 6-كەنت 8-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق روزاجىم ۋە ساۋۇتاجىم ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن داڭلىق كاللاپەزچىلەر. بىز بۇلارنىڭ نامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئادەمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە باردۇق. دەرۋازىدىن كىرىپ روزاجىم دىگەن ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ نېمە سەۋەب بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيىتتۇق ۋە ماسلىشىپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بەردۇق. بۇ ئادەم بىزگە ناھايىتى ئوبدان ماسلىشىپ بەردى ۋە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى. بۇ ئادەم كاللاپەزلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى خىلى كۆپ يىللار بولغانىكەن. يەنە ئاكىسى ساۋۇتاجىم بىلەن كاللا-پاقالچاقنى خام بازىرىدىكى «ئەجىر قۇۋۋەت پاچاقلىرى» دىگەن دۇكىنىىدا ساتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . بۇ ئادەم يەنە كاللا-پاقالچاقنى پىشۇرۇش جەريانىمۇ سۆزلەپ بەردى. ساۋۇتاجىم دېگەن ئادەمنىڭ قۇشخانا (قوي-كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى سويىىدىغان ئورۇن) دا بىر تونۇشى بولۇپ، كاللا-پاقالچاقنى شۇ تونۇشى ئارقىلىق ئەكەلدۈرىدىكەن. كاللا-پاقالچاقنى ئالدى بىلەن ئۈكلەپ ئاندىن پىشۇرىدىكەن. كاللا-پاقالچاقنى ئۈكلىگەندە سىلىندىر شەكللىك بىر كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان تۆمۈر ئوچىقى بولۇپ تېگىگە گۇپپۇڭجى («گۇۋا فېڭ جى» يەنى شامال چىقارغۇچ) قويۇش ئارقىلىق ئوتنىڭ كۆيۈشىنى كۈچلەندۈرىدىكەن. بۇنداق قىلغاندا كاللا-پاقالچاقنى تەكشى ئۈكلىگىلى، تېرىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئۈكلەپ بولغاندىن كېيىن كاللىنىڭ مۈڭگۈزى، پاقالچاقنىڭ تۇيىقى قاتارلىق يەرلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدىكەن ۋە كۆيۈپ بولغان يۇڭ، تۈكلىرىنى قىرىپ تازىلايدىكەن. ئاندىن يوغان داش قازاندا بىر قېتىم قاينىتىپ سۈيىنى يەڭگۈشلەيدىكەن. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى كاللا-پاقالچاقنى يۇيۇش ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئىكەن. سۈيىنى يەڭگۈشلىگەندىن كېيىن كاللا-پاقالچاقنى قاينىتىپ رەسمى پىشۇرىدىكەن ۋە تۇز ۋە باشقا تەم تەڭشىگۈچ-تىتىقۇلىرىنى سېلىپ، تەمىنى تەڭشەپ كاللا-پاقالچاقنى سۈزۇپ ئېلىپ بىر داس (جاۋۇر) قا، ئاندىن ئېغىزى ھىم ئېتىلىدىغان تۇڭغا سېلىپ بازارغا ئەكىرىدىكەن. كاللا-پاقالچاقنى ئۈكلەش جەرياندا ئۈكلەش ئوچىقى، لاخىشگىر، زىغ، پىچاق، قىرغۇچ قاتارلىق ماتىرىياللار كېتىدىكەن .
داۋامىنى ئوقىماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2449
بەزى پۇللۇق كەسپلەر توغرىسىدا ئۇچۇرلار: |
تېرە مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2453
قوماچ ئېتىلدۇرۇش تېخنىكىسى توغرىسىدا:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2451
لەڭپۇچىلىق:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2450
تۈرلۈك تائاملارنى ئېتىش:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2448
قوي تىجارىتى ھەققىدە:
http://www.koknur.net/list.asp?unid=2499
باشقا كەسپلەر توغرىسىدا ئۇچۇرلار داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.