مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4282|ئىنكاس: 12

ئوقۇتقۇچۇم (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8575
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4719 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 10:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            

ئوقۇتقۇچۇم
                                              (ھېكايە)

    ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى ئايال تومپسون بولۇپ، تۇنجى كۈنى 5- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم يالغان سۆزلىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، مەن ھەممىڭلارنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن دېدى. بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەڭ ئالدىدىكى قاتاردا يەرگە ئىڭىشىپ قاراپ تۇرغان كىچىك بىر ئوقۇغۇچى تۇراتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى تېددىي ستوددارت بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى ئايال تومپسون ئۇنى كۈزەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئوينىمايدىغانلىقىنى، كىيىملىرىنىڭ رەتسىز ۋە مەينەت، ئۆزىنىڭ بولسا ئۇزۇندىن بىرى سۇغا چۈشمىگەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان ئەھۋالدا بىر بالا ئىدى.
    دەرس باشلانغاندىن كېيىن ئايال تومپسون ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىۋىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. تېددىينىڭ ئارخىۋىنى بولسا ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ قويدى. باشقا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىۋىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تېددىينىڭ ئارخىۋىنى كۆردى ۋە ھەيران قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىرىنچى سىنىپ ئوقۇتقۇچىسى: "تېددىي ئەقىللىق بىر بالا ئۇ ھەر ۋاقىت كۈلۈشكە تەييار. تاپشۇرۇقلىرىنى تۇلۇق ئىشلەيدۇ، مىجەزى ياخشى، دوستلىرى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ..." دەپ يازغان ئىدى.
    ئىككىنجى سىنىپ ئوقۇتقۇچىسى: "يىتىلگەن بىر ئوقۇغۇچى، دوستلىرى بەك ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت ئاپىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلار بولۇشى مۇمكىن..." دەپ يازغان ئىدى.
    ئۈچۈنجى سىنىپ ئۇقۇتقۇچىسى: "ئاپىسىنىڭ ئۈلۈمى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى، دادىسى بولسا ئۇنىڭغا ياخشى قارىمىدى. ئەگەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلىنمىسا ئائىلىسىدىكى ئىشلار ئۇنىڭغا يامان تەسىر بىرىشى مۇمكىن" دەپ يازغان ئىدى.
    تۆتىنجى سىنىپ ئوقۇتقۇچىسى بولسا "تېددەي جىمغۇر، مەكتەپتە ئوقۇشقا پەقەتلا قىزىقمايدۇ،  ھىچ بىر دوستى يوق، بەزەن سىنىپتىمۇ ئۇخلاپ قالىدۇ" دەپ يازغان ئىدى.
    ئايال تومپسون ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەن ئىدى. بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدىن نومۇس قىلدى. يېڭى يىل كۈنى ئۇقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭغا چىرايلىق قەغەزلەرگە يۆگۈلۈپ رەڭلىك لىنتىلار بىلەن باغلانغان يېڭى يىل سوغىتى تەغدىم قىلغان ۋاقىتتا بولسا بەكمۇ ئوڭايسىزلاندى. چۈنكى تېددىينىڭ سوغىتى رەڭگى سەت ئادەتتىكى قېلىن قەغەز بىلەن قالايمىقان يۆگەلگەن ئىدى. بۇنى باشقا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئېچىش ئۇنى بەكمۇ قىيىن ئەغۋالدا قويدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇ قەغەزنىڭ ئىچىدىن چىققان يالغان تاشلاردىن ياسالغان، بىرقانچەتال يالغان كۆزلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىلەيزۈكنى ۋە ئۈچتە بىرىدە ئەتىر بولغان ئەتىر قۇتۇسىنى كۆرگەندىن كېيىن كۈلۈشكە باشلىدى. ئەمما ئوقۇتقۇچى بىلەيزۈكنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ماختاپ يوغان قۇتىدىكى ئازغىنا ئەتىردىن بىلەكلىرىگە بىرقانچە تامچە قۇيۇپ ئۇلارنىڭ كۈلكىلىرىنى بېسىقتۇردى.
    ئۇ كۈنى دەرىستىن كېيىن تېددىي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: "ئايال تومپسون، بۈگۈن سىز ماڭا ئاپامدەكلا كۆرۈندىڭىز، بۇرنۇمغا ئاپامدەكلا پۇرىدىڭىز" دېدى.
    بالىلار قايتقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بىرەر سائەتتەك يىغلىدى. ئۇ كۈندىن كېيىن بالىلارغا ئۇقۇش، يېزىش، ماتىماتىك ئۆگۈتۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى تەربىيلەشكە باشلىدى. تېددېيگە بولسا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېددىينىڭ ئەقلىنىڭ بەكلا ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. ئۇنى جاسارەتلەندۈرگەنچە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشقا باشلىدى. تېددىي يىل ئاخىرغىچە سىنىپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسى بولۇپ يېتىشتى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەممىڭلارنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن دىگەن يالغانچىلىقىغا قارشى  تېددىي ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى.
    بىر يىلدىن كېيىن ئايال تومپسون ئىشىگىنىڭ ئاستىدا بىر پارچە خەت تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ تېددىينىڭ خېتى ئىدى. خەتتە تېددىي: "سىز ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچۇم" دەپ يازغان ئىدى. ئارىدىن 6 يىل ئۆتتى ئوقۇتقۇچى يەنە بىر پارچە گەت تاپشۇرۇپ ئالدى. خېتىدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، سىنىپى بويىچە 3- چى بولغانلىقىنى، ئايال تومپسوننىڭ يەنىلا ھاياتىدا كۆرگەن ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى. تۆت يىلدىن كېيىن تېددىيدىن يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدى. خېتىدە بۇ جەرياندا ھاياتىدا خېلى بەك قىينالغانلىقىنى، ئۇنۋىرسىتىتتە ئوقۇۋاتقانلىغىنى، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشىشى كېرەكلىگىنى يازغان ئىدى. يەنە ئايال تومپسوننىڭ ھازىرغىچە ھاياتىدا كۆرگەن ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى.
    ئارىدىن يەنە تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن يېنە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدى. خەتتە ئۇنۋىرسىتىتنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلىكىنى، تېخىمۇ يۇقۇرى ئۇنۋىرىستىتلەردە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى يازغان ئىدى ۋە تېخىغىچە ئايال تومپسون ھاياتىدا ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىمزا بۇرۇنقىدىن بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ تھېودورۇ. ف. ستوددارت تىببى توختۇر دەپ يېزىلغان ئىدى.
    باش باھاردا يەنە بىر پارچە خەت كەلدى. تېددىي خەتتە  ھاياتىنىڭ قىزى بىلەن تۇنۇشقانلىقى ۋە ئۆيلىنىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. يەنە دادىسىنىڭ بىرقانچە يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغانلىقىنى، ئايال تومپسوننىڭ تۇيىدا يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى ئولتۇرىدىغان يەردە ئولتۇرۇپ- ئولتۇرمايدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. ئەلبەتتە ئولتۇراتتى.
    ئايال تومپسون توي مۇراسىمىغا ئۇزۇندىن بىرى مەخسۇس ساقلاپ كەلگەن بىرقانچە كۆزلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئۇ بىلەيزۈكنى تاقاپ كەلدى. تېددىينىڭ ئۇنىڭغا سوغا قىلغان، ئاپامدەك پۇرىدىڭىز دېگەن ئۇ ئەتىردىن ئىشلىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. بىر بىرى بىلەن مىھىر- مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلاشقان ۋاقىتتا تېددىي ئۇنىڭ قۇلىقىغا "ئايال تومپسون ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت، ئۆز- ئۈزەمگە ئىشىنىشنى ئۆگەتتىڭىز ۋە مېنى مۇشۇنداق يېتىشتۈردىڭىز..." دەپ پىچىرلىدى.
    ئايال تومپسون كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: "خاتالاشتىڭ تېددىي... مەن ئەمەس، ئەسلىدە سەن ماڭا ئۆگەتتىڭ. سېنىڭ بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر مەن ئوقۇتقۇچىلىقنى بىلمەيدىكەنمەن" دېدى.

تەرجىمە قىلغۇچى، ئۈمۈت قىلىمەن
[url]http://mehmetkonca.com/ana_baglanti_sayfalari/yol]


ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 846
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 11:26:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى تەسىرلىككەن،ماڭا باشلانغۇچتا سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئوقۇتقۇچى شۇنداق كۆيۈمچان ئىدى،مەنمۇ خۇددى ئاپامدەكلا كۆرەتتىم،لېكىن تۇللۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچۇم بولسا پەقەت ئۆزى باشقۇرغان سىنىپنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا ياشىغاندەك تۇيىلاتتى،يەنىلا ياشقا چوڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرىمەن.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52125
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىرلە ئۆز ھايا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45168
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 12:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن.دىمىسمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنڭ رولى بەك موھىم   رول ئوينايدۇ.

مىڭىشقا ئىرىنسەڭ ،يۇگۇرەيسەن

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16467
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6349 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 01:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز خىيالچان شۇمۇ ؟

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52529
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2011-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 02:54:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ھېكايەئىكەن تاس قال دىم يىغلىۋئەتكىلى

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12023
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 05:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزلىرمدىن ياش چىقپ كەتتى دىسە ماۋۇ تىمنى ئۇقۇپ بولغچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8575
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4719 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-22 08:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(kapsizparixta) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

ھەئە مەن شۇ، سىزچۇ؟

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6505
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36996
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2765 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 12:03:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر باشلانغۇچ مەكتەپ  6- يىللىق 2- قىسىم تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ‹‹ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش: ئۇنتۇلماس باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتى››دېگەن بۆلەككە كىرگۈزۈلگەن تېكىست بولۇپ، بۇ دەرسنى ئۆتكەن ۋاقتىمدىكى  مەن  ۋە ئوقۇغۇچىلاردىكى تەسىرلىك ھېسيات ۋە كۆرۈنۈشلەر ئېسىمدىن چىقمايدۇ....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51469
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 01:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش