1. يانفونغا تاشقى قاپ ئىشلىتىڭ.
تاشقى قاپ ئىشلىتىش يانفونغا بىر قۇر كىيىمنى ئارتۇق كىيگۈزگەنلىك بولۇپ، يانفون سىرتىنىڭ سۈركىلىشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە قولدىن چۈشۈپ كەتسە ۋە سۇغا يولۇققاندا يانفوننىڭ زەخىملىنىشىنى ئازايتىدۇ. ئەمما بۇ يانفونغا تاشقى قاپ ئىشلەتسە ئوت سۇنىڭ ھۇجۇمىدىن پۈتۈنلەي تۇتۇلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز ئىشلىتىش، قۇيۇپ قۇيۇش جەريانىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يانفوننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشىدىن ساقلانسىڭىز بولىدۇ.
2. يانفوننى ئىشلىتىش مۇھىتىغا دىققەت قىلىڭ.
كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھىم جىپسىلاشقان كىچىك تۆشۈكچىلەر بولىدۇ، شۇڭا سۇغا ئۇچراشسا سۇ ئاسانلا سىڭىپ كىرىپ، توك يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇڭا يامغۇر ياققان چاغدا ياكى مۇنچا ئىچىدە يانفون ئىشلەتمەڭ. دەسلەپتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرەلمىگەندەك قىلغان بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز ئېھتىمال كىچىككەن بولىسىز.
3. ئېلىپ يۈرۈش ئۇسۇلىڭىزغا دىققەت قىلىڭ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ يانفوننى ئېلىپ يۈرۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. بەزى ئۇسۇللار يانفوننى ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن يانفوننى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سالسىڭىز ئولتۇرغاندا بېسىلىپ كېتىشى، مەيدە يانچۇققا سالسا، ئېڭىشكەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپ يانفون بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.
4. يانفوننى ماگنىتلىق مۇھىتتىن يىراق تۇتۇڭ.
يانفوننىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇسىدا ماگنىت بار بولۇپ، يانفون دائىم ماگنىتلىق مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاندا يانفوننىڭ ئاۋاز يەتكۈزۈش سۈپىتىگە تەسرى يىتىدۇ.
مەنبەسى:
http://aysiri.com