ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامىدىن باشلايمەن
تېخى يېقىندىلا 40 ياش ئەتراپىدىكى بىر قاسساپ يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز قازا قىلدى. بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، مەرھۇم تىرىشىپ- تىرمىشىپ 400 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان ئىكەن. شۇنچە دۇنيانى تېپىپ قەبرىگە قۇرۇق قول كەتكەن بۇ ئىنسان كىشىلەرگە ئۆلۈمدىن ئىبارەت دەھشەتلىك ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان شۇ مىنۇتلاردا مەرھۇم ئاللاھنى تونۇغان كىشىمىدۇر؟ ئاشۇ 400 مىڭ يۈەنگە كېلىدىغان 10 مىڭ يۈەن زاكاتنى ئايرىغانمىدۇر؟ دېگەن خىياللار كاللامدىن كەچتى.
23 ياشقا كىرىپلا بەندىچىلىك قىلغان ھەمزە، دەرس مۇنبىرىدە يىقىلغان ئەنەيتۇللا مۇئەللىم ۋە قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ناخشىچى، قوشكېزەك بالىلىرىنى تاشلاپ كەتكەن خەمىت نىغمەت ... قاتارلىق سىيمالار ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئىمتىھان ئالدىدا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۆلۈش شەكلىدە، ئۆلىدىغان ئورۇنلىرىدىلا پەرق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداق، ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان مەپكۈرە ئۈستىدە ئۆلىدىكەن. لىيۇخۇلەنمۇ ئۆز ئەقىدىسىنى توغرا ، دەپ تۇرۇپ ئۆلگەن، ئەرەب قەھرىمان ھەم ئۆزى ئەقىدىسى يولىدا ئۆلگەن. ئۆلۈم بىلەن باشلانغان پەرقلىق بىر ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم تەلەپ. ھاياتلىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، تالاي ئۆلۈملەر كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بەزىلەر بۇتلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدۇ. بەزىلەر خوجايىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەزىلەر بىر چېكىم ئاق تاماكا ئۈچۈن ئۆلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەزىلەر ئەنە شۇ نۇرنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۆلىدۇ. بەزىلەر سۇدا ئۆلسە بەزىلەر ئوتتا ئۆلىدۇ. پەرقلىق ئۆلۈملەر ۋە پەرقلىق قەلبلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ۋە ھېسابنى ياراتقان.
كۆز ئالدىمىزدا تۈمەنخىل ئارزۇلار، ئەنە شۇ ئارزۇلارنى بويلاپ كېتىۋاتىمىز. شەيتان نەفس بىزگە ئاشۇ ھەۋەسلىرىمىزنى پەدازلاپ كۆرسىتىدۇ. پۇل توپلايمىز، بالىلىرىمىزنى ئوقۇتىمىز، ئۆيلەيمىز، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كۆمۈپ قويىمىز، ئىبرەت ئالمايمىز. باسقان ئىزلىرىمىزغا قارىغىنىمىزدا شەيتاننى خۇشال قىلىدىغان تالاي كەچۈرمىشلەر ياتقان بولىدۇ. «مۇشۇ ئەخمىقانىلىقلارنى مەن قىلغاندىمەنمۇ- ھە!» دەيمىز، لېكىن بۇ بىردەملىك ئۆتكۈنچى ئۆكۈنۈش دۇنيا ئالامانلىرى ئىچىدە غايىپ بولىدۇ. ئەرزىمەس دۇنيادا ئۇنۋان ئۈچۈن كىملەر بىلەندۇر ياقا سىقىشىمىز، بىر قاچا ئاشنى تالىشىپ ئاق، قارا تاغلىق بولۇشىمىز. بىراۋنىڭ ھەققى گەدىنىمىزدا قالىدۇ. ياخشىراق يەپ- ئىچىش ئۈچۈن ، توغرىسى قەبرىدە قۇرت – قوڭغۇزلارغا يەم بولىدىغان جىسمىمىزنى سەمىرتىش ئۈچۈن نۇرغۇن زېھىن سەرپ قىلىشىمىز. دۇنياغا نەزەر سالغىنىمىزدا نۇرغۇن مەشغۇلاتلىرىمىزنىڭ ئاشقازاننى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سەزمىكىمىز قىيىن ئەمەس. پارا ۋە سوۋغا قوبۇل قىلىنمايدىغان سەكراتتىكى قىيىنچىلىقتا ئاشۇ تىترىگەن لەۋلەر بىر ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. ھاياتلىقتا كېرىلىپ ماڭغان ئىدىڭ، ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈشكىمۇ ھالىڭ يوق. قېنى ئېسىل ماشىناڭ، كەينىڭدىن سوكۇلدايدىغان خۇشامەتچىلىرىڭ، سەن بىر ئۆمۈر غېمىنى يېگەن پەرزەنتلىرىڭ!؟
ئاۋۇ ھالىڭدىن يوشۇرۇن كۈلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرىسەن، نارازى بولۇشقا قۇربىڭ يەتمەيدۇ. كىملەردۇر مىراسىڭنى قانداق بۆلۈشۈش توغرىسىدا چوت سوقۇشنى باشلىۋەتكەن بولىدۇ.
ئۆلۈپلا خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان ئىش بولسا ياخشى ئىدى. ئۆلۈم تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى. قارا تۇپراق ئاستىدىكى ئالامانلارنى سىز ، بىز ھېس قىلىشقا ئامالسىز. يىتىم قالغان بالىلار، تۇل قالغان خوتۇن، تاپقان دەپئى دۇنيا ... ھاياتلىق يەنە داۋاملىشىدۇ. غەپلەتتە قېلىشلار داۋام قىلىدۇ. ھاياتلىقىدا مەسچىت چاققانلارنىڭ، قىزىل قۇيۇننىڭ ئاۋانگارتلىرىنىڭ خار ئۆلۈملەردە ئۆلگەنلىكىنى كۆردۈم. ساقىلى بىلەن پاھىشخانىدا ئۆلۈپ قالغان ئىنسانلارنى ئاڭلىدىم. ئۆلۈملەرنىڭ رەڭگارەڭلىكى،قىسمەتلەرنىڭ رەڭگارەڭلىكى كىشىدە ئاجايىپ ھېسلارنى قوزغايدىكەن. ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىپ، قان بېسىم بولۇپ ئۆلگەن باي بىلەن قان ئازلىق تۈپەيلى ئۆلگەن ئاۋۇ كۆك نامرات يەرلىككە قويۇلدى.
دادام 78 يېشىدا قازا قىلدى. مىدىرلىغان لەۋلەر ۋە سۇس تىترىگەن بارماقلار ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ ئۆتتى. ئۈنسىز يىغلىدىم. سەبر قىلدىم. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىيىتكە يىغلىغانلىق سەۋەبلىك مىيىتكە ئازاب قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دادامنىڭ يۆتىلى ئەمدى تەلتۆكۈس يۈتكەن ئىدى. ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن باقىغا ئۇزىغان دادامغا ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن.
مەن تونۇيدىغان بىر ئىستىقباللىق ياش كادىر تۇيۇقسىز ئۆلۈم بىلەن كەتتى. تۇل قالغان ياش چوكان بىلەن بۇ يىگىت ياشلىقىدا ئېرىشكەن شەرەپ گۇۋاھنامىلەر نۇرغۇن سۇئاللارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
نۇرغۇن دەپنە مۇراسىملىرىدا دەپنە قىلىنغۇچى ھەققىدە تەنتەنىلىك باھالار ئوقۇلىدۇ. كىشى ئەيمەنگۈدەك باھالار بېرىلىدۇ. ئېسىل قەبرىلەر قاتۇرىلىدۇ. بۇ باھالار ئۆلۈككە پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى ، ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان جاي تۇپراق بېشى ئەمەس.
ئۆلۈمدىن ئىبارەت قايتىش يول تاقاق بېكەت ھەممىمىزنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئۆلۈم ھەققىدە مۇبارەك كالامىمىزدا ھەر بىر جاننىڭ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدىغانلىقى ھەققىدە ئايەت بار. ئەزىز يارىتىلغان ئىنسانمۇ سەكرات ئالدىدا نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئالۋۇن كەبى ۋىلىلداپ تۇرغان ئارزۇلار، زىياندىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدىغان ھەۋەس، قىزىقىشلار پۈتۈنلەي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بۇ دەقىقىلەردە ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بىر تەبىئىتى ئاشكارىلىنىدۇ. خۇدالىق دەۋەسى قىلغان فىرئەۋن دېڭىزغا غەرق قىلىنىش ئالدىدا «ئىمان ئېيتتىم» دېگەن بولسىمۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى بۇ ئىمان پايدا بەرمىدى. بىر تامچە نىجىس سۇيۇقلۇقتىن يارىتىلغان ئىنسان بالىسى ئادىمىيلىك سىياقىغا كىرگەندىن كېيىنلا ناشۈكۈرلۈكنى باشلايدۇ. نۇرغۇن نېئمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. نەپەس ئالماي بىر مىنۇت تۇرۇپ باققان ئىنسان ئۆزى تولۇق ئۇنتۇپ كەتكەن بىر نېئمەتنى ھېس قىلالايدۇ. ئازغۇن كىشى ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تىرىشچانلىقىمدىن دەيدۇ، يېگەن تائاملىرىنى ئەمگىكىمدىن دەيدۇ. ئۆزىنى خۇدالىق ئورنىغا قويۇۋالغان كىشىلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقىچە بېرىپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادىمىي شەيتانلار «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە»،«پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن تەۋبە قىلساڭمۇ كېچىكمەيسەن» دەيدۇ. ياراتقۇچىنىڭ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ھەلىملىك ، رەھمانلىق سۈپىتى ۋەجىدىن بۇ كىشىلەر يەنىلا رىزىقتىن بەھرىمان قىلىنىدۇ. ئاخىرى بۇ شەقىي ئىنسان تۈرلۈك ۋاراڭ- چۇرۇڭلار ئىچىدە گۇناھ خاتىرلەنگەن دەپتەرلىرىنى لىققىدە توشقۇزۇشۇپ ئۆلۈم دەرۋازىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ پەيتتە ئۇنىڭدا ئاجىزلىقتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ سۆزى بويىچە ھەممىمىز كەلگۈسىدىكى ئۆلۈكتىن ئىبارەت. ھەركىم ئۆز ئەقىدىسىگە يارىشا ھاياتلىق خامىنىدىن ئۈگۈت ئېلىپ يولغا چىقىدۇ.
بەزى ئۆلۈملەر باركى، بۇ ئۆلۈم شۇ كىشىنى ھەم ئەۋلادىنى بىر ئۆمۈر شەرەپلەندۈرىدۇ. يەنە بەزى ئۆلۈملەر باركى، بۇ شۇ كىشىگە قىيامەتتە نادامەت، ئەۋلادلىرىغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىنسان ئۆز قىلمىشىنى كونتىرول قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېساب بېرىشتىن ئىبارەت، ئاڭسىز ھايۋانلارغا بېرىلمىگەن ئالاھىدە مەسئۇلىيەتمۇ ئارتىلغان بولىدۇ. بۇ ھېسابنىڭ قورقۇنچلۇقلىقىنى ھېس قىلغان ئادەم بۇ ھېسابنى ياخشى بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ئۆلۈمنىڭ دەھشەتلىكلىكىنى ھېس قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىلالايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرىلەرنى يوقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەم قەبرىلەرنىڭ كىشىگە ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر ئۆمۈر شەرەپلىك ياشىغان بىر ساھابە ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى ھېس قىلغانلىقى، قىيامەتتە رەببىگە يۈزلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قۇشقا قاراپ : - ئەي قۇش، سەن نېمىدىگەن بەختلىك، چۈنكى سەن ھېساب بەرمەيسەن ئەمەسمۇ! دەپ ھەسرەتلەنگەن ئىكەن.
ئىسلامنىڭ نۇرلۇق دەۋرىدە ساھابىلەر ئاسماندا بۇلۇت پەيدا بولسىلا، ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇپ مەسچىتكە يۈگۈرۈشەر ئىكەن. بۈگۈنكى ئۆلۈم تەندە ئەمەس قەلبتە باشلانغان ئىدى. دىللارنىڭ قېتىپ كېتىشى ئۆلۈمنىڭ تەندىلا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. قۇلۇپلانغان قەلبلەر، ئېچىلغان تەنلەر، نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىنغان غايىب دۇنيا... پېچەتلەنگەن ئېغىز، تىلغا كەلگەن ئەزالار، ئەڭ مەخپىي قىلمىشلارنىڭ ئاشكارە قىلىنىشى، باشقا بىر ئاسمانغا ئايلانغان ئاسمان، قىيامەت كۈنىدىكى چوڭ قۇرقۇنچ، سۇئال- سوراقلار... شۇنداق، ئۆلۈم پەقەت بىر ئىشىكتىن ئىبارەت. بىرلا چىقىپ كەتسىڭىز مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان، بارسا كەلمەس ئىشىكتىن ئىبارەت. ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆتكەنلەرگە بۇ ئىشىك رەھمەت ئىشىكى بولسا، شەقى بەندىلەر ئۈچۈن نادامەت ئىشىكىدۇر.
كىچىك قىيامەت دەپ سۈپەتلەنگەن ئۆلۈم ۋە قەبرىدىكى ھايات ھەققىدە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە نۇرغۇن بايانلار بار. شەقىي ئىنسان شۇ قىيىن كۈندە بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئەسلەپ خۇددى بىر كۈن تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. جەننەتتىكى كاتتا دەرىجىلەر، دەۋزەختىكى كاتتا ئازابلارنى كۆرگەن چاغدا ھېچقاچان چۆممىگەن ھەسرەتكە چۆمىدۇ.
ھەر بىر كىشى بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىشىغىلا ئۇنىڭ ئۆلۈم ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولىدۇ . بۇ قەدەر دەپ ئاتىلىدۇ . بىز مۇشۇ بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن بىرەر دەقىقىمۇ ئارتۇق ياكى كەم ياشىيالمايمىز . مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۆلۈم پەرىشتىلىرى بىزنىڭ بەدەن قەپىسىمىزدىن روھىمىزنى ئېلىپ كىتىدۇ . مانا بۇ ئۆلۈم دەپ ئاتىلىدۇ . .
ئۆلۈمدىن كىيىنكى روھنىڭ سەپىرى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر سەھىھ ھەدىسنى سۇنماقچىمىز : :
مۆئمىننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلىشىپ ، مەڭگۈلۈك ھاياتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا ، يۈزلىرى قۇياشتەك يوپيورۇق پەرىشتىلەر جەننەتتىن چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ . تاكى كۆز يەتكۈدەك يەرنى پەرىشتىلەر قاپلىۋالىدۇ .
ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ باش تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: ئى سالىھ روھ ! ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى ۋە رازىلىقىغا كەلگىن ، دەيدۇ . .
ئاندىن ئۇنىڭ روھى خۇددى سۇ يۈزىدىن تامغان بىر تامچە سۇدەك ئېقىپ چۈشىدۇ . ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ . ئۇ پەرىشتە سىقىمداپ ھېرىپ قالغاندا ، باشقا پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ تۇرىدۇ . ئۇنى ھەتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ دىققىتىدىن نېرى قىلمايدۇ .
ئاندىن ئۇنى ئىپار سىپىلگەن بىر قۇتىغا سېلىپ قويىدۇ ، ئۇنىڭدىن خۇددى يەر يۈزىدىن كېلىدىغان ئەڭ خۇشپۇراقلىق ئىپاردەك يېقىملىق پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ .
ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇنى ئېلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ . ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا بىر توپ پەرىشتىلەر ئۇلاردىن : << بۇ سالىھ روھ كىم ؟ >> دەپ سورايدۇ . ئاندىن ئۇلار : << بۇ پالانى ، پالانىنىڭ بالىسى >> دەپ بۇ دۇنيادا ئادەملەر ئۇنى چاقىرىپ ئادەتلەنگەن ئىسىملارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن ئاتاپ جاۋاپ بېرىدۇ . ئۇلار ئۇنى ئەڭ تۆۋەنكى ئاسمانغا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئىشىك ئېچىپ بېرىلىدۇ . ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى ھەر قايسى ئاسمانلاردىن ئاللاھقا ھەمراھ بولۇپ يىتىپ كېلىشىدۇ .
ئاندىن ئاللاھ ئېيتىدۇ : << بەندەمنىڭ ئەمەللىرىنى ئىللىيۇنغا ( سالىھ بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەر ) خاتىرىلەڭلار ، ئاندىن ئۇنى زېمىنغا قايتۇرىڭلار . ئۇلارنى تۇپراقتىن ياراتتىم ، يەنە شۇ يەرگە قايتۇرىمەن . كىيىن يەنە شۇ يەردىن تىرىلدۈرىمەن . >> ئۇنىڭ روھى تېنىگە قايتۇرىلىدۇ . ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن سورايدۇ : -- رەببىڭ كىم ؟
-- مېنىڭ رەببىم ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا .
-- دىنىڭ نېمە ؟
-- مېنىڭ دىنىم ئىسلام دىنى .
-- سىلەرگە كىم ئەۋەتىلدى ؟
. -- رەسۇلۇللاھ .
-- بۇلارنى قانداق بىلدىڭ ؟
-- ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۈم . ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدىم . ' بۇ چاغدا يۇقىرى ئاسماندىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ : << مېنىڭ بەندەم ھەقىقەتنى ئېيىتتى ، جەننەتنىڭ گىلەملىرىنى ئېلىپ چىقىپ يېيىڭلار ، ۋە بىر جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئۇنىڭغا ئېچىپ بېرىڭلار . >>
جەننەتنىڭ خۇش-پۇراقلىرى ئۇنىڭ دىماغلىرىغا ئۇرۇلىدۇ ، ئۇنىڭ قەبرىسى تاكى كۆز يەتكۈدەك يەرگىچە كېڭىيىدۇ . ناھايىتى چىرايلىق كىيىنگەن ۋە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭ يىنىغا كېلىدۇ ، ۋە ئۇنىڭغا دەيدۇ : << سېنى خۇشال قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن شاتلانغىن ، بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر . >> ئۇ سورايدۇ : << سىز كىم بولىسىز ؟ سىزنىڭ چىرايىڭىز ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ . >>
ھېلىقى كىشى ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىدۇ : << مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ . >>ئاندىن ئۇ دەيدۇ : << ئى رەببىم ! قىيامەت كۈنىنى بالدۇرراق كېلىشكە نىسىپ قىلغىن ! مەن تېزراق ئائىلەمدىكىلەر ۋە مۈلۈكلىرىم بىلەن ئۇچرىشاي . >>
كاپىرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلىشىپ ، باقىيدىكى مەڭگۈلۈك ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا ، پەرىشتىلەر يۈزلىرى قارايغان ھالدا قولىغا ناھايىتى قوپال توقۇلغان يۇڭ تاغارنى ئېلىپ ، يۇقارقى ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ ، ئاندىن تاكى كۆز يەتكۈدەك يەرگۈچە ئۇنى قورشاپ تۇرىشىدۇ . ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنىڭ بېشىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا : << ئى نىجىس روھ ! ئاللاھنىڭ ئاچچىقى ۋە غەزىپىگە كەلگىن ! >> دەيدۇ.
ئۇنىڭ روھى بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ ، ئاندىن خۇددى تىكەننى بەدەنگە سېلىپ تارتقاندەك ، بەدەننىڭ ھەممە يېرىدىن تەسلىكتە سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ . ئاندىن پەرىشتە ئۇنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ ، ئۇنى كۆزنى چىمچىقلاتقۇچىلىك ۋاقىتمۇ دىققىتىدىن نېرى قىلمايدۇ . ئاندىن ئۇنى ھېلىقى يۇڭ تاغارغا سېلىشىدۇ . ئۇنىڭدىن خۇددى چىرىگەن جەسەتنىڭ پۇرىقىدەك جاھاندىكى ئەڭ سېسىق پۇراق كېلىپ تۇرىدۇ . *
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ . ئۇچرىغان ھەر بىر توپ پەرىشتىلەر ئۇلاردىن سورايدۇ : << بۇ نىجىس روھ كىم ؟ >> ئۇلار بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۇنى چاقىرىپ ئادەتلەنگەن ئىسىملارنىڭ ئەڭ يامىنى بىلەن ئۇنى ئاتاپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىدۇ . : << بۇ پالانى ، پالانىنىڭ بالىسى .>> ئۇلار ئۇنى ئېلىپ ، ئەڭ تۆۋەنكى جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشنى سورايدۇ ، لېكىن ئۇ ئېچىلمايدۇ .
بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى :
.: `<< شۈبھىسىزكى ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ ( يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمىلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ ) ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشىكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ ( يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ ) ، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز . >> سۈرە ئەئراف 40- ئايەت
ئاندىن ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ : << ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى سىججىنغا(كاپىر ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەر ) يېزىڭلار ! >> ئاندىن ئۇنىڭ روھى تاشلېۋىتىلىدۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتنى ئوقۇدى : -
<< كىمىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ . >> سۈرە ھەج 31- ئايەت.
ئۇنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىدۇ ، ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنىڭدىن سورايدۇ :
-- رەببىڭ كىم ؟
-- ئاپلا بىلمەيدىكەنمەن .
-- دىنىڭ نېمە ؟
-- ئاپلا بىلمەيدىكەنمەن .
سىلەرگە كىم ئەۋەتىلدى ؟
- ئاپلا بىلمەيدىكەنمەن .
بۇ چاغدا يۇقىرىدىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ : << بەندەم يالغان سۆزلەۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ گىلەملىرىدىن ئېلىپ چىقىپ سېلىپ بېرىڭلار ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر دوۋزاخنىڭ ئىشىكىنى ئېچىڭلار ! >>
ئۇنىڭغا دوۋزاختىن ناھايىتى قىزىق ئوت پۈركۈلۈپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ قەبرىسى شۇنچىلىك تارىيىدۇكى قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كېتىدۇ . بۇ چاغدا يۈزلىرى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ، تولىمۇ سېسىق پۇراق چىقىرىپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ، ۋە ئۇنىڭغا : << سېنى بىئارام قىلغان نەرسىلەر بىلەن قايغۇرغىن ، بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر >> دەيدۇ .
ئۇ بۇ كىشىگە قاراپ : << سىز كىم بولىسىز ؟ سىزنىڭ يۈزىڭىز يامانلىقتىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ >> دەيدۇ .
ئۇ كىشى : << مەن سېنىڭ يامان ئەمىلىڭمەن ! >> دەپ جاۋاب بېرىدۇ .
ئاندىن ئۇ توۋلايدۇ : << ئى ئاللاھ ! قىيامەت كۈنى ھەرگىز كەلمىسۇن ! ! >>
بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبىن ماجە رىۋايەت قىلغان . سەھىھ ھەدىس .
بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ مۇسىبىتىمىز ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزدۇر. بۇ غاپىللىق شۇ دەرىجىگە كەلگەنكى نە ئۆزىگە نە قەۋمىگە زەررە پايدىسىز مەشغۇلاتلار بىلەن ئۆمۈرنى خورىتىش ئومۇملاشماقتا. پايچەك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھاڭۋېقىپ تالاي كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان كىشىلەرنى، بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەجنۇن بولۇپ يۈرگەن يىگىتلەرنى ، تالاي ئەھمىيەتسىز سورۇنلارنى ... قايسى بىرىنى ساناپ بولسۇن!
ئۆمۈر يىپچىلىرى قىرقىلماقتا. ھالبۇكى، ئۆمۈرنى نېمىگە خوراتقانلىق ھەققىدىكى سۇئال چوقۇم بىز دۇچ كېلىدىغان سۇئالدۇر. تۈنۈگۈنكى نازىنىن ماك- ماك قېرىغا ئايلانغاندا ئۆمۈر كەچكۈزىنىڭ ياپراقلىرى چۈشۈشكە باشلىغان بولىدۇ. ياشلىقىدا ئويۇندا قاتقان بەل قېرىغاندا پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىشقا ئىمكان بەرمەيدۇ. تەن قەپىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئۆلگەن دىل قىيامەتتىكى كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈندە قورقۇنچتىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. لېكىن، بۇ چاغدا بۇ ئىنسان كېچىككەن بولىدۇ.
قەبرىستاندىكى زومچەك- زومچەك قەبرىلەر ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان سۈكۈت ، يەر ئاستىدىكى چىرىگەن سۆڭەك، قېتىپ قالغان كۆز، كىرىشكەن پاچاق، چېگىلگەن ئېڭەك سىزنىڭ سەزگۈلىرىڭىزنى يەنىلا ئويغىتالمىغان بولسا ئىمانىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. بۈگۈن قورققانلارغا قىيامەتتە قورقۇنچ يوقتۇر. بۈگۈن شەقىيلىقتا چەكتىن ئېشىپ كۈلگەنلەر قىيامەتتە «ئېسىت ، دۇنيادا كۈلمەي ئۆتكەن بولساقچۇ» دەپ نادامەتتە قالىدۇ.
ئۆلۈم كىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىبرەتتۇر.« ئى ئارام تاپقۇچى جان! [27]. سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن [28]. سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن [29]. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن [30]. « 89-سۈرە فەجر››