شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى ئەكرەم ئەخمەت
قەدىمى دىيار قەشقەر شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئازاتلىقتىن كىيىن بۇ جايدىن يىتىشىپ چىققان پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئاپتونوم رايون پۇتبول كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن زور شەرەپلەرنى كەلتۈردى. ھەتتا دۆلەتلىك ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق تايانىچ ئەزاسى ئەكرەممۇ قەدىمىي قەشقەردە يىتىلىپ چىققان. ھازىرقى شىنجاڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ يارقىن ئىزلىرىنى قالدۇرغان نادىر پۇتبول ماھىردۇر.
ئەكرەم 1982– يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق دەۋرىلىرىنى 7– باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقوش بىلەن ئۆتكۈزگەن 80– يىللار ۋە 90– يىللارنىڭ باشلىرى قەشقەر پۇتبولچىلىقى گۈللەپ راۋاج تاپقان بىر مەزگىل بولۇپ، قەشقەر پۇتبول كوماندىسى ئاپتونوم رايونلوق ھەر دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان. نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەر قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىپ، قەشقەر پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتىكىلىك رول ئويناۋاتقان مەزگىل بولۇپ، مەكتەپلەردىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپ، ھەر قايسى ئىدارە–ئورگانلار ئارا پۇتبول كوماندىلار قورۇلۇپ، پۇتبول قىزغىنلىقى گۈللەنگەن بۇ مەزگىلدە ئەكرەم پۇتبولنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ قارايدىغان بىر ئۆسمۈر پۇتبولچىغا ئايلانغان. ئۇ 7– باشلانغۇچ مەكتەپ تەركىۋىدە قەشقەر شەھىرى ۋە ۋىلايەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان «بىخ» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئوتتورا مەكتەپنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى شۆبە ئوتتورا مەكتەپتە ئوقوغان. قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى جەنوبى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئونۋىرسال مەكتەپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭ تەنھەرىكەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مەكتەپ بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنى تاماملىغان نۇرغۇن ماھىرلار ئاپتونوم رايونلوق ھەر دەرىجىلىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا ياخشى نەتىجە ئىلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىرى قابىل تەنتەربىيە ئوقوتقۇچىلىرى، ياراملىق تىرنىرلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ بۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىنىڭ داڭقىنى بىراقلا چىقىرىپ، نۇرغۇن ئوقوغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدىغان، مەرىپەت ئوچىقىغا ئايلانغان. ھەمدە تالانتىلىق پۇتبول ماھىرلىرى بۇ جايغا توپلانغان. ئۇلانىڭ مۇسابىقىلىرىنى داۋاملىق كۆرۈش ۋە ئۇلار بىلەن مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا، ئەكرەم تىخىمۇ پىششىپ يىتىلىپ، قەشقەر تەۋەسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەر قايسى كوماندىلار تالىشىدىغان بىر تالانتىلىق پۇتبول ماھىرىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، 1995– يىلى قەشقەر ۋىلايەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەكرەم قاتناشقان كوماندا چىمپىيۇنلوقنى قولغان كەلتۈرگەن ھەمدە تىزلا ۋىلايەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان. 1995– يىلى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئاپتونوم رايونلوق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئىچىدە پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، پۇتبول ماكانى غۇلجىدا 1996– يىل 10– ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئىلىپ بارغان. ئەكرەم قەشقەر پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قەشقەر كوماندىسىنىڭ تۇنجى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۆز ھەسسىنى قوشۇپ، ئۆزىنىپ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۇنجى ئالتۇن مىدالىنى ئالغان. 1997– يىلى قەشقەردە ئىلىپ بىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە قەشقەر پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە چىمپىيۇنلوق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن. 1998– يىلى سانتانا لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقىئارا تەكلىپ مۇسابىقىگە قەشقەر 6– ئوتتورا تەركىۋىدە قاتنىشىپ بۇ كوماندىنىڭ 2– بولۇشىغا كۈچ چىقارغان. 1999– يىلى ئۈرۈمچىدە ئىلىپ بىرىلغان 9– نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلوق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قەشقەر كوماندىسى تەركىۋىدە قاتناشقان.
ئەكرەم قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى يوقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئەڭ ئالى شەرەپلەرگە ئارقا–ئارقىدىن نائىل بولغان ماھىرغا ئايلانغان. شىنجاڭ ئونۋىرسىتى، شىنجاڭ مالىيە –ئىقتىساد ئىنىستوتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى قاتارلىق داڭلىق ئالي مەكتەپلەر ئارىسىدا ئەكرەمنى تالىشىش باشلانغان. ئەكرەم ئاخىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئۆزىنىڭ بىر ماھىر پۇتبولچى بولۇپ يىتىشىگە تۈرتىكە بولغان قەدىمقى قەشقەردىكى ئالى بىلىم يۇرتى پىداگوگىكا ئىنىستوتىنى تاللىغان. 1999– يىل 4– نۆۋەتلىك پۇتبولچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىدىن نورغۇن كوماندىلار قاتناشقان. بو قىتىم ئەكرەم ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بۇ كوماندىنىڭ بىر مەيدانمۇ يىڭىلمەسلىكتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ئىككىنچى چىقىشىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان. بۇ ياش ماھىرنىڭ تالانتى تېزلا ئاپتونوم رايونلوق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇنى شىنجاڭ U-21 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەكرەمنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ھاياتى باشلانغان. شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا بو كوماندا چىمپىيون چىققان. ھەمدە مەملىكەتلىك 9– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا پۇتبول تۈرىدە تەييارلىق قىلىپ، يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش پائالىيىتىگە بو كوماندا تەركىۋىدە ئەكرەممۇ قوبۇل قىلىنغان. 2001– يىلى مەملىكەتلىك 9– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى، ئىتالىيەنىڭ لازىيۇ پۇتبول كوماندىسى بىلەن قويۇق ئالاقىگە ئىگە گواڭدوڭ چاۋنىڭ گورۇھىنىڭ قوللىشى بىلەن دونيا 53– نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن. بۇ جەرياندا، بۇ كوماندا تىرىنىر داۋىينىڭ ئىككى ئايلىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن ئالاھىدە كۈچلەنگەن. ياش ماھىر ئەكرەممۇ چەتئەللىك تىرىنىرنىڭ قولىدا ئۆزىنىڭ تىخنىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. بو كوماندا 2001– يىلى 4– ئاينىڭ 14– كۈنى ئىتالىيەنىڭ ئالى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى پادۇۋا پۇتبول كولۇبى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەكرەم جوڭگۇ–چاۋنىڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىردىنبىر توپىنى كىرگۈزۈپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن. 15– چىسلا بىرازىلىيە ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىرازىلىيە پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. 17– فىۋرال ئىتالىيەدىكى داڭلىق كوماندا: مارادونانىڭ ياۋرۇپاغا تونولىشىغا سەۋەپ بولغان ناپولى كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، يىڭىلىپ قالغان ۋە توپ ئۇرالمىغان بولسىمۇ، ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم گىزىتلەردە كوماندىدىكى باشقا ئەزالار قاتارىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ياخشى باھا ۋە تىلەكلەرگە سازاۋەر بولدى.
2001– يىلى بۇ كوماندا جوڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنىلا 9– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئۈچۈن جاپالىق مەشىقنى تۈگۈتۈپ شەندۇڭ، لىياۋنىڭ، بىيىجىڭ ئىلىكتىر ئىنىرگىسى كوماندىسى ۋە ئاۋمىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە كىرىشىپ كەتتى. شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئىلىكتىر ئىنىرگىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن ،لىياۋنىڭ كوماندىسىغا يىڭىلىپ قالغان شارائىتتا شەندۇڭ ۋە ئاۋمىن كوماندىلىرىنى چوقۇم يىڭىش لازىم بولۇپ قالغان. ئاۋمىن كوماندىسى بىلەن بولغان موسابىقىدە ئەكرەم ئارقا–ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ موسابىقەدە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى، شەندوڭ پۇتبول كوماندىسى قاتتىق تىركىشىپ مەملىكەتلىك A، B دەرىجىلىك كولۇب ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان شەندۇڭ كوماندىسىغا ئۈچكە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئوتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسى جان تىكىپ ئىلىشىپ ئىككى توپ ئورۇپ ئەمىلى كۈچىنى نامايەن قىلدى. جۈملىدىن ئەكرەممۇ بىر توپ ئۇرۇپ، بو مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى كىرگۈزگەن يەتتە توپ ئىچىدە مەملىكەت دەرىجىلىك داڭلىق كوماندىلارغا تۆت توپنى ئۆزى يالغۇز كىرگۈزۈشتەك ئۆز ھاياتىدىكى ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. بو قىتىمقى مۇسابىقىدىن كىيىن شەندوڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى قىيىنچىلىق ئىچىدىكى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ جان تىكىپ موسابىقە ئويناشتەك ئىستىلىنى ماختاش بىلەن بىرگە شىنجاڭ كوماندىسىكى ماھىرلارغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىدى. بو مۇسابىقىدىن كىيىن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تارقىلىپ كىتىپ، ئەكرەممۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىغا قايتىپ ئۆز ئوقوشىنى باشلىدى. 2002– يىلى ئەكرەم بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شىنجاڭ رادىئو–تېلېۋىزىيە 2– قانىلىغا خىزمەتكە چۈشۈپ ئۆزىنىڭ خىزمەت ھاياتىنى باشلاش بىلەن بىرگە بىرگە بو ئىدارىنىڭ پوتبۇل كوماندىسى تەركىۋىدە مەشق ئېلىپ بېرىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلدى. 2002– يىلى يۈسۈپ ئىمىن ئۇيۇشتۇرغان «مەشھور شەخىسلەر» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول موسابىقىسىدە ئۇ يەنە يىپەك يولى پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە چىمپىيۇنلوقنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ باھالاندى. w77"?kJ9X
2003– يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» لوڭقىسىنى تالىشىش ئىشتىن سىرتىقى بىرلەشمە مۇسابىقە ئۈرۈمچىدە ئىلىپ بېرىلىپ ئەكرەم 26 توپ ئورۇپ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى موكاپاتى ۋە بىرلەشمە موسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلوقىغا ئىرىشتى. 2003– يىلى ئاپتونوم رايونلوق 10– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىننى ئاخىرلشىپ يىپىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئەنگىلىيە سىتوك پۇرتى ياشلار كوماندىسى بىر مەيدان دوستلوق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، ئەكرەم شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسى نامىدا بو مۇسابىقىگە قاتناشتى. ھەمدە تىزلا مەملىكەتلىك 10– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىننى پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2003– يىلى ئاتوشتا ئېلىپ بېرىلغان تونجى نۆۋەتلىك ئىزچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول موسابىقىسىگە رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پۇتبول كوماندىسى تەركىۋىدە قاتنىشىپ، بۇ كوماندىنىڭ چىمپىيۇن چىقىشىغا ھەمدەمدە بولدى. 2004– يىلى 5– ئاينىڭ 18– كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلېپ بېرىلغان خۇالىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقىئارا تەكلىپ موسابىقىسىگە ئۆز ئىدارىسى كوماندىسى تەركىۋىدە قاتنىشىپ تۇنجى كۈنى ئەنگىلىيە سىتوك پورتى كوماندىسى بىلەن بولغان موسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى. 5– ئاينىڭ 20– كۈنى قازاقىستان قورۇقلوق ئارمىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ ھەل قىلغۇچ بىر توپىنى كىرگۈزۈپ، رادىئو–تېلېۋىزىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئاساس سالدى. ھەمدە 2004– 2005– يىللىق3– نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى لوڭقىسىنى تالىشىش ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئارقىمۇ–ئارقا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ باھالىنىپ، بو كوماندىنىڭ ئۈدا ئۈچ نۆۋەت چىمپيون چىقىشىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى. 2005– يىلى مەملىكەتلىك 10– نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىننىڭ پۇتبول تالىشىش تۈرىدە ئاپتونوم رايونلوق تەنتەربىيە ئىدارىسى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قارار قىلىپ ياش تىرىنىر پەرھات ئەزىمەتنى شىنجاڭ ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنىرلىقىغا بەلگىلىدى. مەملىكەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئەكرەم شۈبھىسىزلا بو قېتىمقى تەشكىللىگەن كوماندىدا ئاساسى نومۇر ئالغۇچى ھۇجۇمچى ئىدى. 3– ئاينىڭ 23– كۈنى شاڭخەي مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنگەن شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى مەيداندا خىنەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنوت ئىچىدە ئەكرەم بىر جازا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدىكى تەييارلىق مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزۈشكە ئاساس سالدى. ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى خەينەن كوماندىسى بىلەن 10 نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا كىرىش بىلىتىنى تالشىپ شىنجاڭ كوماندىسى خەينەن كوماندىسىنى نۆلگە قارىشى بىر نەتىجە بىلەن يىڭىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشالماسلىقتەك تارىخى ئاخىرلاشتى. ئەكرەم بۇ مۇسابىقە جەريانىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، بىر قىسىم داڭلىق كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ جۇڭگودىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەنتەربىيە گىزىتى«تەنتەربىيە مۇنبىرى» گىزىتىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ يوقىرى باھارلار بىرىلىدى.
مەزكۇر تىما «ھۇررا مۇنبىرى» دىكى «ئارچا» ناملىق تورداشنىڭ تىمىسى .