ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتىكى ئون خاتا قاراش
1. خاتا قاراش : ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھاجەتسىز .
بۇنداق قاراشتىكىلەردە مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۈت . بىرى ، ئۇلار ئىلگىرى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغان ، ئەمما دەۋادا ئۇتتۇرغان . يەنە بىرى ، دەۋا قىلىپ باققان ئەمما ئادۋۇكات تەكلىپ قىلمىغان بولسىمۇ دەۋادا ئۇتقان . بۇنداق ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان .
2. خاتا قاراش : مەسىلە چىققاندىن كېيىن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش
ئەمەلىيەتتە قانۇن خەتىرىدىن ساقلىنىش تەننەرخى مەسىلە تەننەرخىدىن تۆۋەن بولىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادى تەننەرخىنى كۆزدە تۇتۇپ دىيىلگەن بولماستىن يەنە ۋاقىت تەننەرخىنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ دىيىلگەن .
3. خىل خاتا قاراش : ئامال تاپالمىغاندا ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش
بەزىلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قورقۇپ كىتىدۇ – دە ، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش جەريانىدا ئادۋۇكاتنىڭ مەسئۇلىيىتى ، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئويلاشمايلا ئالدىراپ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىدۇ .
4. خاتا قاراش : «داڭلىق» ئادۋۇكاتلارنى تەكلىپ قىلىش
«ئەڭ ياخشىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ناتايىن ، بەلكى مۇۋاپىق بولغىنى دەل ئەڭ ياخشىسىدۇر » بۇ گەپ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشقىمۇ ماس كىلىدۇ .
5. خاتا قاراش : ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتا ئالىدىغان ھەقنىڭ ئازلىقىغا قاراش
كەسپى ئەخلاققا ئىگە ئادۋۇكات خالىغانچە باھا قويۇپ ، دەۋالاشقۇچىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى كۆزلىمەيدۇ ھەم ھەق ئىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ ، نا توغرا يوللار ئارقىلىق باھا تالاشمايدۇ . دەۋا قىلغۇچى شۇنى بىلىش كېرەككى ، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسەت ، قانۇننىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش . ھەرگىزمۇ كۆپرەك پۇل تىجەپ قىلىش ئەمەس .
6. خاتا قاراش : «ھۆددىگە ئالغۇچى»ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش
كۆپ ساندىكى دەۋالاشقۇچىلار ئادۋۇكات بىلەن ھاۋالە مەسىلىسىنى سۆزلەشكەندە ھەمىشە «مەيدىسىگە بەكرەك ئۇرىدىغان » ئادۋۇكاتنى تىپىشنى ئويلايدۇ . ئەمما ئادۋۇكاتلار كەسپىنى قىلىپلاشتۇرۇش نىزامىدا : « ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن مۇلازىمەت ئىشلىرىدا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن كاپالەت بىرىشكە بولمايدۇ » دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .
7. خاتا قاراش : ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغاندا «مۇناسىۋەت» كە قاراش
كۆپلىگەن دەۋالاشقۇچىلار ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتا ئادۋۇكاتنىڭ سوتچى ، تەپتىش قاتارلىق ئەدلىيە خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار – يوقلىقىنى ئاساسى شەرت قىلىۋىلىپ ، «دەۋالىشىش دېگەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش » دەپ قارايدۇ .
8. خاتا قاراش : ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتا «سالاپەت» كە قاراش
بەزى دەۋالاشقۇچىلار ئادۋۇكاتنىڭ كىيىنىشى ، ماشىنىسىنىڭ دەرىجىسى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىشتىكى ئاساسى شەرت قىلىۋالىدۇ .
9. خاتا قاراش : ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتا « ئۇنۋان » غا قاراش
بەزى ئادۋۇكات ئىسىم كارتۇچكىسىغا قانداقتۇر «قوشۇمچە پىروفىسور » ، « ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان » دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى يازدۇرۋالىدۇ . ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگەن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇلارغا چىڭ يىپىشىدۇ .
10. خاتا قاراش : ئادۋۇكات قانچە تەجىربىلىك بولسا شۇنچە ئەس قاتىدۇ ، دەپ قاراش .
«شىنجاڭ گېزىتى » 2011 – يىللىق 17 – ئاۋغۇست سانىدىن ئىلىندى .