ھۇررا كۇلۇبىنىڭ تەكلىۋى ، مىسران شىركىتى ۋە ئۇنىڭ دىرىكتورى ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ، كەڭ پۇتبۇل مەستانلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن يۇرتىمىز شىنجاڭدا " دىھقان بالىسنى پۇتبۇل قىلىش" پائالىيىتى ئېلىپ بارغىلى 2 ئايچە بولدى ، بۇنىڭ تۇنجى مىۋىسى بولغان خوتەن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى ئاساس قىلغان دىھقان بالىلىرىنىڭ كوماندىسى يەنى «ھۇررا مىسران كوماندىسى » قۇرۇلدى ، بۇ كوماندا 2 ئاي جەريانىدا كىيىم كىچەك ۋە باشقا ئەسلىھلەرى تۇلۇق سەپلىنىپ ، مۇنتىزىم مەشىقلەرنى قىلدى مانا يېقىندا ئۈرۈمچىگە كىلىپ ، بىر مەيدان دوستانە مۇسابىقە ئوينىماقچى .
ھۇررا مىسران كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدىغان كوماندا ھۇررا پۇتبۇل مەستانلىرىنىڭ كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ، ھۇررا كۇلۇبى كوماندىىسنىڭ تىرنىرى بولغان مىرزەكىم ئەپەندىم تەربىيلەۋاتقان ھۇررا كۇلۇبى پۇتبۇل تەربىيلەش كۇرسىدىكى ئۇقۇغۇچىلار بولۇپ ، كىچىكى 5 ياشتىن يۇقىرىسى 12 ياشقىچە بولۇپ ، بۇلارنىڭ تۇنجى قىتىم رەسمىي مۇسابىقە ئوينىشى بولىدۇ ، بۇ تەربىيلەش كۇرسى ھۇررا كۇلۇبىنىڭ بايرىقى ئاستىدا بولغاچقا ، شۇ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمىنى قۇشۇپ ، «ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسى » دەپ ئاتىدۇق .
بۇ قىتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىگە مىسران شىركىتى ۋە ئوسمانجان ئەپەندىم باشتىن ئاخىرى قوللاپ بەرگەچكە ، مۇسابىقىنىڭ نامىنى «ھۇررا مىسران لوڭقىسى » پۇتبۇل مۇسابىقسىى قىلىپ بىكىتتۇق .
بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ، «ھۇررا مىسران كوماندىسى » خوتەن دىيارىدىن 18-ئاۋغۇسىت سەپەرگە چىقىپ ، 19- ئاۋغۇسىت ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ ، ئۇلار شەنبەكۈنى يەنى 20-ئاۋغۇسىت ئۈرۈمچىنى ئايلانغاندىن سىرت ، ھۇررا كۇلۇبى كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىسىنىمۇ كۆرىدۇ ، يەكشەنبە كۈنى 21- ئاۋغۇسىت چۈشتىن بۇرۇن ، «ھۇررا مىرزاكىم كوماندىسى » بىلەن بىر مەيدان دوستانە مۇسابىقە ئوينايدۇ .
بۇ قىتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز ، شىنجاڭنىڭ مەركىزىدە تۇرۋاتقان ،تۇرمۇشى خاتىرجەم ، ياخشى كۈن كۆرىۋاتقان ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ يۇرتىمىزنىڭ چەت جايلىرىدىكى بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ئۇلارنى چۈشىنىشى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى قەدىرلەشنى ئۈگىنىشى ئۈچۈن ،شۇنداقلا ئاتا ئانىلارنىڭ ۋە باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ مۇشۇلاردەك يېزا قىشلاقلاردىكى دىھقان بالىلىرىنىڭ پۇتبۇل تىپىش ، پۇتبۇلچى بولۇش ئارزۇ ئارمانلىرىغا ئاز تولا بولسىمۇ مەيلى مەنىۋى مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسىمۇ ياردەم قىلىشىنى كۆزلەپ ، خەلقىمىزنىڭ بىرلىكتە قۇدرەت تىپىشى ، ياخشى كۈنلەرنى كۆرىشى ئۈچۈندۇر .......
بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ تۇنجىسى لېكىن ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس چۈنكى يۇرتىمىزدا بۇلاردەك بىزنىڭ ياردىمىمىزغا مۇھتاج بالىلار ، كوماندىلار نۇرغۇن ، شىنجاڭدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدىكى مۇشۇ زىمىندىكى ھەربىر بالىغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئارزۇ ئارمانلىرىغا يەتكۈزىشىگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ، چۈنكى ئۇلار ھەممىمىزنىڭ بالىسى !
بۇ مۇسابىقىنى قوللايدىغانلار ۋە ياردەم قىلىش نىيىتى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ :
ئالاقىلاشقۇچى :ساتتار (ھۇرراجان )
تىلفۇن : 13999273929 qq:12425445
阿不沙塔尔.阿布都热依木
农业银行:622848 0890 2382 74215
工商银行:4580 6350 1138 5856
مۇسابىقە ۋاقتى :
2011- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى 10:00 نەق باشلايدۇ .
ئورنى : شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى (本部(پۇتبۇل مەيدانىدا .
1،101. دىگەندەك ئاپتۇۋۇزنىڭ شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى بىكىتىدە چۈشۈپ ، چوڭ مەيدانىغا بېرىڭ !
مۇسابىقە ھەقسىز لېكىن ئۆشرازاكات قۇبۇل قىلىمىز ![s:137]
" دىھقان بالىسنى پۇتبۇل قىلىش" پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ :
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2711