[بىنالارسىلىشتۇرمىسى] كىم كىمدىن ئۆرنەك ئالغان؟
مەلۇم بىر بىنا ئىمارەت بىر شەھەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن،مەسلەن ئىففىر تۆمۈر مۇنارى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر افرانسىيىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەي قالمايدۇ؛ھىيتگاھ،ئىمىنۋاڭ مۇنارى،ئەركىنلىك ئىلاھى،سەددىچىن،پىسا يانتۇر مۇنارى،ئاق ساراي،تاج ماھال مەقبەرىسى................مىساللار نۇرغۇن.
ئەمدى «شىنجاڭ»دىسە سىز ئالدى بىلەن قايسى ئىمارەتنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرىسىز؟
ئۈرۈمچى دىسىچۇ؟بۇرۇنلاردا «سىتىرائەت مىھمانخانىسى假日酒店 »ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خارەكتىرلىك ئىمارىتى ئىدى،لىكىن ھازىر ئەتراپىغا ئۇنىڭدىنمۇ ئىگىز ئىماراتلەر سىلىنىپ «سىتىرائەت مىھمانخانىسى»نىڭ ئوبرازى بار-بارا سۇسلىشىپ كىتىۋاتىدۇ،بەلكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدە «خەلقئارا كاتتا بازىرى» ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خارەكتىرلىك ئىمارىتى بوپ قالدى.....بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئەھۋال، «سىتىرائەت مىھمانخانىسى»نىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى زامانىۋىيلىق يىڭىڭىققا يۈزلىنىش،«خەلقئارا كاتتا بازىرى»نىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى بولسا رايۇن ئالاھىدىلىكى، ئەنئەنىۋىي مىللىي مىمارچىلىق ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بىرىكىشى، نىمىلا بولمىسۇن رايۇن ئالاھىدىلىكى بولغان ئىمارەتلەرنىڭ «شەھەرنىڭ بەلگە ئىمارېتى»بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق.
«خەلقئارا كاتتا بازىرى»نىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي توختالساق:ئۇ قەشقەر كوچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن(كىچىك-كىچىك كوچىلاردىن چىقىپ مەسچىتكە يىغىلىش)،چوڭ مۇنار سىرتىدىكى نەقىشلەر تۇرپان ئىمىنۋاڭ مۇنارىدىكى نەقىشلەرنى رەتلەش ئاساسىدا لايىھەلەنگەن،سىرىتقى كۆرنۈشى ماتىرىيالى راستىنلا ئىسلام ئىمارەتلىرىنىڭ تۈسىنى ئالغان(ئىسلام ئىمارەتلىرىنىڭ دەرىزىلىرى كىچىك،ئەگمە شەكىللىك،سىرتى پىشقىش砖 ،ئازدۇر كۆپتۇر نەقىش بىلەن تولغان).
بۇ ئىمارەتنىڭ لايىھەلىگۈچىسى 王小东院士. شۇنىڭدەك بۇ ئىمارەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام ئىمارەتلىرى لايىھەلەش مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،ئومومىي جەھەتتىن ئۇتۇق قازانغان لايىھە ھىساپلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
http://www.tianshannet.com.cn/sp ... content_4574739.htm http://baike.baidu.com/view/444975.htm غاقارالسۇن.
بىراق بىناكارلىق بىلىم ۋە دۇنيا بىناكارلىق تارىخىنى بىلىدىغانلار بۇ «خەلقئارا كاتتا بازىرى»نىڭ لايىھەلەش جەھەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر ئەيىبىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ،مەسلەن: بازار ئوتتۇرىدىكى چوڭ مۇنار گەۋدىسى ئۆزبىگىستاندىكى «كارون مەسچىدى مۇنارى»غا تەقلىد قىلىپ لايىھەلەنگەن؛
مۇنار ئۈستىدىكى ۋە سودا ساراي بىناسىنىڭ قىرلىرىدىكى يۇمۇلار كىچىڭ مۇنار نىڭ ئاق رەڭلىك نەقىشلىرى مىسىر ئىمارەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن؛
چوڭ مۇنارنىڭ كىرىش ئىشىگى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلتۈرۈلگەن،ئىشىكتىكى نەقىش تىپىك ئەرەپ نۇسخىدىكى نەقىشلەر؛
دۆڭ كۆۋرۈك مەسچىتى(كاتتا بازار مەسچىتى)نىڭ تۆت قىرىدىكى مۇنارىدا تۈركىيە مەسچىتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار؛
كۆچۈرۈلمە مەزمۇنلار مىساللار ھەقىقەتەن كۆپ...............
كۆپچىلىككە سىلىشتۇرما رەسىمنى سۇندۇم،كۆرۈپ بىقىڭلار.
بۇنداق مىساللار كۆپ مەسلەن :ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئىگىز بىنا飞天广场 ،قەشقەر ھىيتگاھ جامەسى مەيدانىدىكى مۇنار.
تۆۋەندىكىسى باشقا ئىمارەتلەرنىڭ سىلىشتۇرمىسى: