تۇرمۇش بىر پەدە تانسا (كەترەن)
جىيەنىم تۇغۇلغاندا يەڭگەمنى ئوپىراتسىيە قىلغانىدى، شۇ سەۋەپتىنمىكىن شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇنىڭ مىجەزى ئوساللىشىشقا باشلىدى. ئادەتتە ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان ئاكام جىيەنىم تۇغۇلغاندىن كېيىن يەڭگەم بىلەن جىيەنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشقان، ئىمكانقەدەر يەڭگەمنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى قاندۇرىۋاتقان بولسىمۇ يەڭگەم ئاكامدىن زادىلا رازى بولمايتتى، ھەمىشە ئاكامنى ئەيىبلەيتتى. ئاخىرى بىر كۈنى ئاكام ئاچچىقىنى باسالماي يەڭگەمگە بىر مۇنچە گەپ قىلىۋەتتى. يەڭگەم تاماقمۇ يىگىلى ئۇنىماي، يىغلاپ ئولتۇرىۋالدى. ئاكام ئامالسىز دادامغا تېلفۇن قىلدى.
ئاپام بىلەن دادام ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلىشتى. يەڭگەم ئاپامغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاشقا، ئاكام تاماكىسىنى ئاچچىق شوراشقا باشلىدى. دادام ئۇ ئىككىسىگە قاراپ:
__ مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي،__ دېدى.
بىر جۈپ ئەر- ئايال توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىككىسىنىڭ مىجەز- خاراكتېرىدە ناھايىتى زور پەرق بارلىقىنى بايقاپتۇ، ئەر ئايالنىڭ چۇۋالچاقلىقىنى ياقتۇرمايدىكەن، ئايال ئېرىنىڭ بىپەرۋالىقىنى ياقتۇرمايدىكەن. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ قارشىدا چىڭ تۇرىۋالىدىكەن. ھېچقايسىسى مىجەزىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ بېقىشنى خالىمايدىكەن. ئىككىسى دائىم مۇشۇنداق جېدەللىشىپ يۈرۈپ بىر- بىرىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ ھەتتا ئاجراشماقچىمۇ بوپتۇ.
ئىككىسى بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىكەن. بىر قېتىم ئىدارىدە تانسا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ قاتنىشىشىنى، ھەمراھلارنى ئۆزى تاللاشنى بەلگىلەپتۇ. ئىدارىدىكى ھەممە ئادەم ئۆزلىرىگە تانسا ھەمراھلىرىنى تېپىپ بوپتۇ، ئاخىرىدا مۇشۇبىر جۈپ ئەر- خوتۇنلا قاپتۇ، ئىككىسى بىرگە ئويناشنى خالىمايدىكەن. شۇڭا ئەر ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىۋېتىشنى سوراپتۇ. ئىدارە باشلىقى ئاچچىقلىنىپ:
__ بىلمىسەڭلار ئۆگەنسەڭلار بولىدۇ، ئىككىڭلار بىللە ئوينىمىساڭلار كىم ئوينايدۇ؟ چوقۇم ئوينايسىلەر، ئوينىغاندىمۇ باشقىلاردىن ياخشى ئوينىشىڭلار كېرەك!__ دەپتۇ.
ئىدارە باشلىقىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىككىسى خالىمىسىمۇ تانسا ئويناشنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. دەسلەپ زادى ماسلىشالماي بىر- بىرىنىڭ پۇتىغا دەسسەپ تىزلىرى سوقۇلۇپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە مۇزىكىغا سىناپ باققان بولسىمۇ يەنىلا بۇ خىل ئەھۋال تەكرارلىنىۋېرىپتۇ. ئىككىسى بەكمۇ بىئارام بوپتۇ.
__ يەنە ئوبدان ئوينىماي مۇشۇنداقلا قىلىدىغان بولسىڭىز ئىككىنچىلەپ ئوينىمايمەن! باشلىقنىڭ نېمە دىيىشى بىلەن كارىم يوق!
__ ئوينىمىساق ئوينىمدۇق! ئوينىمىغانغا بىر يېرىم كەملەپ قالاتتىمۇ؟__ ئىككىسى ئاچچىقىدا يەنە بىر قېتىم ئويناپتۇ. بۇ قېتىم ھەر ئىككىسى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن، قارشى تەرەپنىڭ پۇتىغا دەسسىۋالماسلىق ئۈچۈن پۇتىغا قاراپلا ئويناپتۇ. ئىككىسى شۇنى بايقاپتۇكى: ئەر كىشى قەدەمنى ئالدىغا ئالغاندا ئايال كەينىگەئالسا، ئايال ئالدىغا ئالغاندا ئەر كەينىگە ئالسا بىر- بىرىنىڭ پۇتىغا دەسسىۋالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئويناپتۇ. ئوينىغانسېرى ئۆزلىرى شۇنداق راھەت ھېس قىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىسى مۇسابىقىدىمۇ ناھايىتى ماسلىشىپ ئويناپ مۇكاپاتقا ئرىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسى بىرگە تانسا ئويناشقا قىزىقىپ قاپتۇ. ئۇلار بۇ قانۇنىيەتنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاپتۇ. ئەرنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ئايالى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغانبوپتۇ، ئايالنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ئېرىمۇ چىداپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋاپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەر- ئايال ئىككىسى كېيىنكى كۈنلىرىدە بىرەر قېتىممۇ سوقۇشماي ئىجىل- ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
دادام سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاپام كۈلۈپ تۇرۇپ:
__ ئەگەر ئاشۇ قېتىمقى تانسا مۇسابىقىسى بولمىغان بولسا بىز ئاللىقاچان ئاجرىشىپ كەتكەن بولاتتۇق،__ دېدى. دادام ئۇلاپلا: __ ھەقىقەتەنمۇ ئەر- ئاياللىق تۇرمۇش گوياكى بىر پەدە تانسىغا ئوخشايدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ خاسلىقى بولىدۇ. بىر تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى بايقىغاندا قارشى تەرەپ بىر قەدەم چېكىنكەنگە يەتمەيدۇ. مۇشۇنداق بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، بىر قەدەم چېكىنگەندىلا تانسىنى ئوبدان ئوينىغىلى بولىدۇ،__ دېدى.
مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى.
(ئەسەرگە ئاپتور ئىسمى يېزىلماي قالغان، ئاپتورنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز)
كومپىۇتېر ئالدىدا: كەترەن