شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى جەمىيەتكە يۈزلىنىپ ئالاھىدە ساقچى قوبۇل قىلىدۇ!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ دۆلەت مەمۇرى قوبۇل قىلىش ئىنتاھانى ۋە باشقا ۋىلايەت ناھىيە ئورۇنلارنىڭ كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئىنتاھانلىرى ئاخىرلىشىپ قالغان مۇشۇنداق سېرىقتالچىلىق مەزگىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى جەمىيەتكە يۈزلەنگەن ھالدا ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا جەمىيەتتىن 920نەپەر جامائەت خەۋىپسىزلىك ئالاھىدە ساقچىسى قوبۇل قىلىدۇ،
قوبۇل قىلىش شەرتلىرى،
ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسى(قىسمەن ئورۇنلار قانۇن ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك كەسىپلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ)،
يۇرتى: پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن( قىسمەن ئورۇنلار ئۆز ۋىلايەت نوپۇسى بىلەن چەكلىنىدۇ)،
يېشى: 18ياشتىن يۇقۇرى(18ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)25ياشتىن تۈۋەن (25ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەنى 1985-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن كىيىن 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار، توي قىلمىغان بولۇشى.
بوي ئىگىزلىكى: ئوغۇللار 170سانتىمىتىردىن يۇقۇرى(170نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قىزلار 160سانتىمىتىردىن يۇقۇرى(160نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
دۆلەتنىڭ قانۇن سىياسەت، ئەمىر-پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىدىغان تىنى ساغلام بولغان بولۇشى. جاپاغا چىدايدىغان بولۇشى.
توردا تىزىملاش ۋاقتى : 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:30دىن 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن 4:00گىچە:
بۇ قېتىمقى ئىنتاھاننىڭ ئالاھىدىلىكى مىللەت چەكلىمىسى جەھەتتە ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئاز سانلىق مىللەت دەپ چەكلەنگەندىن باشقا ئورۇنلار چەكلەنمەيدىكەن، دىمەك سىز ئالى تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭ ئۇيغۇ ئاپتونۇم رايونى ئىچىدىكى نوپۇسقا تەۋە بولسىڭىز ھەم يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشسىڭىز تىزىملىتالايسىز، ئىنتاھاندىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىر تۇتاش دۆلەت مەمۇرى سالاھىيتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
ئاخىردا بارلىق ئىنتاھان بەرگۈچىلەرگە سەمىمىلىك بىلەن ئۇتۇقلار تىلەيمەن~!
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، ئىزدەنگۈچىلەرگە، تىرىشقۇچىلارغا مەنسۈپ~!
تىزىملىتىش ئادىرسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كادىرلار ئىماتھان مەركىزى تورى
www.xjrsks.com.cn
جايلاردىكى ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى:
خوتەن:
www.xjht.gov.cn
قەشقەر:
www.ksrsrc.gov.cn
ئاقسۇ:
www.aks.gov.cn
_____________________________________
مەنبە : ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان