ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر :
بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىمىز بويىچە بولغاندا بۇ دەرىسلىكنى بۇرۇنلا تارقىتىشىمىز كىرەك ئىدى ، لىكىن بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ دەرىسلىك كەينىگە چىكىنىپ كەتتى ، بىراق بۇ تاشلاپ قويغىنىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ھىلىھەممۇ تىز سۈرەتتە ئىشلىنىۋاتىدۇ ، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ بىكىتىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بىرشىنى سورايمىز .
ئىلىخو تور تىخنىكا دەرىسلىكلىرى
Photoshop دىتالى ئارقىلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش
- بۇ دەرىسلىكلەردە ئاساسلىق ئەمەلىي مىساللار سۆزلىنىدۇ ، شۇڭا تورداشلارنىڭ دىققەت بىلەن كۆرۈشىنى سورايمىز -
1 - قىسىم دەرىسلىك بىلەن 2 - قىسىم دەرىسلىك بىراقلا يوللاندى
[img]http://img2081.poco.cn/mypoco/myphoto/20110818/10
/55908898201108181054593738953810627_016.jpg[/img]
1 - قىسىم دەرىسلىكتە بىز Photoshop نىڭ كۆرۈنمە يۈزى بىلەن تونۇشىمىز ، بىز ئىشلىتىۋاتقىنىمىز
8.0 نەشىرى بولۇپ بىر قەدەر يىنىك قولايلىق يىڭى ئۈگەنچىلەر ھەم ئادەتتىكى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇچىلارغا تامامەن
ماس كىلىدۇ ، ئەگەر دىتالنى چۈشۈرمىگەن بولسىڭىز بىكىتىمىزنىڭ چۈشۈرۈش سەھىپىسىگە قاراڭ ، نۆۋەتتە Photoshop
نىڭ دەرىسلىكىنى نۇرغۇن ئۇستازلار فىلىملىك قىلىپ ئىشلەپ كەلگەن ئىدى ، بۇ دەرىسلىكلەرنى تورداشلار چۈشۈرۈشنى
خالىمىدىمۇ قانداق يەنە دەرىسلىكتە ئىنىق كۆرسىتىلگەن دەرىسلىكلەرنىمۇ چۈشىنىپ يىتەلمەيۋاتىدۇ ، شۇڭا بىز ئەڭ ئاددىي
قىلىپ ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بۇ دىتال بىلەن تونۇشماقچى . ئۆزۈمگە كەلسەم مەن مۇشۇ Photoshop نى مەخسۇس
ئۈگەنمىگەن ھەرقايسى ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۆزلۈگۈمدىن ئۈگىنىپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكەن ھەم ھازىرمۇ
توختىماي ئىزدىنىۋاتىمەن ، ھەم بۇرۇنمۇ نۇرغۇن دەرىسلىكلەرنى ئىشلىگەن . سۇبات ، تارانچى ، Microsoft
ناملىرىنى ھەرقايسى مۇنبەرلەردە قوللىنىپ بىلگىنىمنى تورداشلارغا سۇنۇپ كەلگەن ئىدىم ، ئەمدى بۇ سورۇندا رەسىمىي
قايتىدىن يوللىماقچى .جىق سۆزلەپ كەتتىم بولدى دەرىسلىككە كىرەيلى . كۆرۈنمە يۈزى توغۇرلۇق جىق سۆزلىمىسەممۇ
بولىدۇ چۈنكى بۇرۇن بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن يازمىلار يوللانغان ھەم ئۈگەنچىلەر كىيىنكى دەرىسلىكلەرنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشىنىۋالسا بولىدۇ .
2 - قىسىم دەرىسلىك
تامغا ئۈنۈمىنى يارىتىش
قەدەم باسقۇچلىرى :
بىرىنجى قەدەمدە يىڭى بەتتىن بىرنى ئىچىۋالىمىز ، رەسىمدىكىدەك :
2 - قەدەمدە ئارقا تەگلىكىنى قارا رەڭدە قىلىۋالىمز . مەن ئاق رەڭ قىلىپ سۈرەتكە ئىلىۋاپتىمەن ، سىلەر قارا رەڭ قىلساڭلار
ياخشىراق چىقىدۇ .
3 - قەدەمدە رەسىم قەۋىتى باشقۇردىغان يەردىن ، ئەڭ ئاستىدىكى تاللاش تۈرلىرىنىڭ ئوڭدىن سانىغاندا ئىككىنچىسىنى
چىكىپ رەسىم قەۋىتى قوشۇڭ . رەسىمدىكىدەك .
قوشۇلغاندىن كىيىنكى ھالەت
ئاستىدىكىسى ئارقا تەگلىك ،
ئۈستىدىكىسى بولسا سىز قوشقان قەۋەت .
4 - قەدەمدە قوراللار رايونىدىن يىزىق كىرگۈزۈش قورالىنىڭ ئۈستىگە كىلىپ مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىمىز ، ھەم
ئاستىغا قارىتا خەت يىزىلىدىغىنىنى تاللايمىز ، بۇ يەردە قايسىنى قىلساق ئوخشاش ، تۈز سىزىق بىلەن يىزىلسىمۇ ياكى
تۆۋەنگە قارىغان يىزىق يىزىلسىمۇ .
بۇنىڭ ئىچىدىكى T بەلگىسى
دەل شۇ يىزىق كىرگۈزۈش قورالى ، ئوڭ كۇنۇپكىنى باسساق مۇنداق تاللاش تۈرلىرى بار .
بۇنىڭدىن ئىككىنچىسىنى تاللايمىز .
5 - قەدەمدە ئاندىن بىر خالىغان يىزىق كىرگۈزىمىز . خەت نۇسقىسى قانچە توم بولسا شۇنچە ياخشى چىقىدۇ .
6 - قەدەمدە بىز يەنە بىر رەسىم قەۋىتى كۆپەيتىۋالىمىز .
7 - قەددەمدە بىر قۇرغان رەسىم قەۋىتىنى تاللاپ بىز يىزىۋالغان خەتنىڭ ئەتىراپىدا مۇۋاپىق رايوننى تاللايمىز بۇ تامغىنىڭ
قىرى بولىدۇ .
سولدىكى ئەڭ ئۈستىدىكى
قورال ئۈزۈك سىزىقلىق قورال ، بۇنىڭمۇ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ھالەتلىرىنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ .
8 - قەدەمدە تاللاپ بولغاندىن كىيىن 编辑 -描边 مۇشۇ بۇيرۇقنى تاللاپ رەسىمدىكىدەك تەڭشەيمىز .
چىققان ئۈنۈم مۇنداق بولىدۇ .
بايام بىز قىلغان مەشخۇلات رەسىمنىڭ ئارقا تەگلىكى بىلەن مۇناسىۋەتىسز ، سىز خالىغانچە بىكىتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ .
ھازىر بىزدە 3 رەسىم قەۋىتى بار ، تەگلىك ، خەت ، رامكا ، ھازىر خەت بىلەن رامكا قەۋىتىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا
تۆۋەندىكى مەشخۇلاتلارغا قاتىمىز .
9 - قەدەمدە شۇ ماس رەسىم قەۋىتىنى تاللاپ تۇرۇپ Ctrl+A نى بىسىپ پۈتۈن تاللايمىز ، ھەم 虚镜 (ئاۋۇ خەتنى
يازالماي قالدىم ئىشقىلىپ مۇشۇنۇڭغا ئوخشاپ قالىدۇ)- 杂色 - 添加杂色 بۇ بۇيرۇقنى بىرىپ تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز .
ئايرىم ئايرىم شۇنداق قىلىپ بولغاندىن كىيىن .虚镜 - 风格化 -扩散 تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز .
كىيىنكى قەدەمدە 虚镜 - 模糊- 进一步模糊 نى تاللايمىز ، ئىككىلى رەسىم قەۋىتىگە .
ئەڭ ئاخىرقى قەدەمدە 图像-调整-阔值 (مۇشۇنداق بىر خەت ئىشقىلىپ 阔值)
بۇ يەرنى ئېھتىياجىڭىز بويىچە تەڭشەڭ ، ئاۋۇ سان سىغىرلارنى ئۆزگەرتىڭ .
مانا بۇ بولسا چىققان ئۈنۈم .
بۇنىڭ رەڭلىرىنى تەڭشەش
ئارقىلىق تىخىمۇ ياخشى قىلىڭلار بۇنىڭ رەڭلىرى تازا ياخشى تەڭشەپمەپتۇ .
ئىككى قىسىم دەرىسلىك مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئەگەر دەرىسلىككە قارىتا تەكلىپ پىكىر بولسا ئىلىخو تورىغا كىرىپ پىكىر
سالۇنىغا يىزىپ قويسا بولىدۇ
رەسىمنىڭ psd نۇسقىسى تەمىنلىنىدۇ .
قىلىپ ھۆججىتىنى چۈشۈرۋىلىڭلار :
http://dl.dbank.com/c0kjixadke
بۇلارمۇ بۇرۇن ئىشلەپ قويغان ھەم باشقا بىكەتلەردە ئېلان قىلغان دەرىسلىكلەر ئىدى .
قالغان دەرىسلىكلەرنى مەنبەسىدىن كۆرۈڭ :
http://www.iliho.net