تىمىڭىز بەكلا يۈزەكى بولۇپ قاپتۇ،، بۇ تېمىڭىزدا دەردىڭىزنى تازا تۆكۈۋاپسىز،
بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، شۇڭا سىلەرنى شۇنداق ئاجىز يارالغان دەيمىز، ئەرلەرنىڭمۇ دەردى كۆپ بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ھېچكىمگە تىنمايدۇ، ئاخىردا ئۆزى بىلەن قوشۇپ يەرلىكىگە ئېلىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئەرلەر ئاجىز ئاتالمايدۇ، بۇ يەردە دېيىلگەن ئاجىز ئاتالغۇسى كۈچكە، پۇل-مالغا قارىتىلغان ئەمەس، بۇ دېيىلگەنلىك تەبىئي پىسخكا مەسىلىسى،
ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغان تەۋسىيەرىم: قويغان تېمىىڭىزنىڭ نامى بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق، ئاللاھ ئاياللارنى ياراتقاندىلا شۇنداق ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ياراتقان، ئۇلار پەقەت ئۆيدە ئولتۇرۇپ سىز ۋە بالىڭىزنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالسىلا بولىدۇ، (ئەلۋەتتە، بىزلەرنىڭمۇ ئاياللارنى ئاسىراش، مېھرى بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار،) ئاياللارنىڭ سىرتتا ئىشلەپ پۇل تېپىشىمۇ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، لېكىن شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئەرلەر مەڭگۈ ئاياللارغا يۈز كېلەلمەيدۇ دېيىش ئەسلا خاتا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئاتىڭىزچۇ، بۇۋىڭىزچۇ، ئۇلارمۇ شۇنداقمۇ؟