مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4137|ئىنكاس: 12

دۆلەت مەمۇرلۇق ئېمتاھاندىن ياردەم سورايتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9877
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5010 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 01:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالام مىسىرانىم مۇنبىرىدىكى بولسۇن ۋە ياكى باشقا مۇنبەردىكى باھارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ،ياخشىمۇ -سىلەر !
مەن سىلەردىن مۇنداق بىر مەسلە ئۈستىدە ياردەم سورايتىم .بۈگۈن يەنە بىر دۆلەت مەمۇرلۇق ئېمتاھان چىقتى ،مەن نەچچە رەت ئېمتاھان بېرىپمۇ ئۆەلمىدىم ، ئىچىم ئاچچىق بوپكەتتى ،مىنىڭ بەزى بىر ئشلىرىمغا تاقىشىدىغاندەك تۇرىدۇ ، بىلىمەن يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭمۇ شۇنداق .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇن تور بەتلەرنى ئارلىدىم ، تولىسى شۇنداق ئېسىل مەسلەھەتلەرنى بېرىپتۇ .ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ياردەملىرىگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت ئېيىتىمەن ، شۇنداقتىمۇ يەنە بەزى بىر قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتىم ، بەلكىم ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن دوسلارمۇ يۇلۇقتىغۇ دەيمەن . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن دوسلاردىن مۇنداق بىر خىل ياردەمنى سورماقچى بولىۋاتىمەن ، بىلمىدىم دوسلار قانداق قارايدۇ .
يەنى باھارلىق مەمۇرلىققا قاتناشقان ياكى قاتنىشىدىغان دوسلارنىڭ ئۆزى كۆرگەن ماتىرىياللار ، توربەت ئادىرىسلىرى ، قايسى خىل ماتىرىيالنىڭ ئەڭ ياخىشى ئۈگۈنۈش قۇرالى ئىكەنلىكى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىر ئۆز-ئارا مۇشۇ تور بەت ئارقىلىق يەتكۈزسە دەپ قاريتىم . بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم چىقىدىغانلىقى ماڭا قارڭغۇ .
بەلكىم بۇ پىكىرىم نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قۇلقىغا ياقماسلىقى مۇمكىن ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشلەرگە پايدىلىق ئېدى .

ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ،لىكىن ياخشىراق ماتىرىيالغا ئېرىشىشمۇ ئەڭ مۇھىم .
چۈنكى جەڭگە ئەڭ ئىلغار قۇراللار بىلەن قۇراللانغانغا ئوخشاش بىر ئىش .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

aんSā¤火惢

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13375
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1149 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 03:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىاقچىلىق ئمتىھانى توغۇرلۇق مەسلەھەت بەرس

ئەسسلام مىسرانىمدىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق مۇنەرداشلار...كەمىنەڭلار مۇنداق بىرئىشقا دۇچ كەپ ھەرقايسىلىرىنىڭ ئالدىلىرىغا كەلدىم....
مەن بۇقېتىمقى ساقچى تۇلۇقلاپ ئېلىش ئمتاھنىغا تىزىملاتقان...بىراق شۇ نىمىلەر دىن ئالىدۇ ئىمتىھاننى...قاانداق دەرىسلەردىن پايدىلىنىە ...بىلمەيدىكەنمەن شۇڭا بىلدىغانلار بىر ياردەم قىپ سوزلەپ قويمامسىلەر ....بېلىپ قالايلى ...

ئاھ مۇساپىرچىلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28508
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5884
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1091 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 04:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يېزىقچىدىن ئۆتۈپ،تۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيۋاتقان كىشىلەر بەك كۆپ،مېنىڭچە يېزىقچە ئىمتىھاندىن كۆرە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا سەل كۈچەپ قويۇڭ.خۇاتۇنىڭ 1200 سوملۇق 5 كۈنلۈك كۇرسى بار.كۈندە 10 سائەتتىن دەرس ئۆتىدۇ. ئىمتىھانغا بىر ھەپتە قالغاندا بېرىپ قاتناشسىڭىز ئۈنىمىنى بىر قەدەر ياخشى كۆرەلەيسىز. خەنزۇچە ئىقتىدارىڭىزنى جىددىي ياخشىلاڭ،تىل مەسلىسى بىزنى باشقىلاردىن بەكرەك چاندۇرىدۇ..دېگەنلىرىم بەك تاققا-تۇققا چىقىپ قالدى،ئەمما سىزگە پايدىسى تەگسىلا مەن خۇشال دوستۇم.

پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق

ئىلى دىيارى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 833
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 29453
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 04:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتونۇم رايونلۇق مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگۈچىلار ئۈچۈن بىر تۇتاش بىكىتكەن پايدىلىنىش كىتابلىرى بار ، ھەممە كىتاپخانىلاردا بار ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق يەرنىڭ شىنخۇا كىتاپخانىسىغا كىرىپ بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تەپسىلي ئايلىنىپ چىقسىڭىز. كىتاپلار بىر ئىككى يىلدا يىڭىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ ...شۇنىڭغا ئاسالىنىپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ ، ئىمتىھان شۇ كىتاپتىن چىقىدۇ دىگەنلىك ئەمەس ، بىراق شۇ كىتاپنى كۆرۇپ چىقسىڭىز نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بەرگۇدەك دەرىجىدە نەزەر دائىرىڭىز ئاشىدۇ ...ئىمتىھان مەزمۇنى گەرچە كىتاپتىكىدەك ئوخشاش بولمىسىمۇ شۇ شەكىلدىن بەك يىراقلاپ كەتمەيدۇ ....شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كىتاپخانىغا بىرىپ ۋاقىت ئاجىرتىڭ ....

http://65933.com/10800 ئىنسانلارغا قايتا بىر يارىلىش ئىمكانيىتى بولسا ئىدى ، مەن اللادىن  يەنە ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇشنى تىلىگەن بولار ئىدىم !

ئاللا خالىسا ھەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10359
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10283
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 7892 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 05:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىقارغان ئۇقتۇرۇشنى تولۇق ئوقىسىڭىز قانداق ماتىريال لازىم ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ...

بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10900
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 05:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھانىغا ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش›(ئۇيغۇرچە)، ‹مۇھاكىمە ۋە بايان›دىن ئىمتاھان بىرسىز. ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش› ئىمتاھانىدا ،لوگىكا، دۆلىتمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى. نىكاھ قانۇنى، مەمۇرى جازا قانۇنى، مىللەت ، دىن سىياسەتلىرى. ماتېماتىكا، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار. ئېقىم مەسلىلىرى دىن سوئال بار.
ئەگەر ساقچىلىق ئىمتاھانى ياكى ئالاھىدە ساقچىلىق ئىمتاھانىغا تىزىملاتسىڭىز، ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش ›دېگەن پەندىن بەرمەيسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا ‹جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسى بىلىملىرى› بىلەن ‹مۇھاكىمە ۋە بايان›دىن ئىمتاھان بىرىسىز.
ئالاھىدە شىتات قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىغا تىزىملاتسىڭىز، ئۆزىڭىز تىزىملاتقان كەسىپ ۋە سىياسەت تىن ئىمتاھان بىرىسىز. سىياسەت ئىمتاھانى ئاساسەن ئېقىم مەسىلىلىرى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى دېگەن كىتابنى ئاساس قىلىدۇ.
يەنە ئەگەر، ‹خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتاھانى›دىكى نەتىجىڭىز 6 گە يەتمىسە . ھەر قانداق ئىمتاھاندا ‹خەنزۇتىلى ئاساسى بىلىملىرى› دىن قوشۇپ ئىمتاھان بىرىسىز.
ھەممىسىنىڭ ماتېرىيالى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا بار. ئەگەر ھەممە ئىمتاھانغا ماس كېلىدىغان بىر تاللا كىتاب لازىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ(بۇ كىتاب ھەقلىق باھاسى 50يۇەن).
بۇ كىتاب ھېچقانداق نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنمىدى. بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھەر بىر پەنگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار بىرلىشىپ تۈزگەن كىتاب.

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

بىلەمسەن جېنىم؟!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1420
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10900
تۆھپە نۇمۇرى: 388
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 05:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چ چ :479456938

ھاياتنى دائىم ئۆزۈڭ ئېگە بولالمىغان بىرەر نەرسىگە شەيدا بولۇپ ئۆتكۈزىشىڭ كېرەك. ئىنسان يۈكسەكلىككە تەلپۈنگەندە تېخىمۇ مۈكەممەللىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 05:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ سۇئالى ئاساسەن قېلىپلاشقان.سىز مەيلى قايسى يىلى نەشىر قىلىنغان تەييارلىق ماتىرياللىرىنى تاپقان بۇلۇشىڭىزدىن قەتئينەزەر،قايسى خىل سۇئالغا،قانداق جاۋاپ بىرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋالسىڭىزلا بۇلىدۇ.بۇلۇپمۇ مەمۇرى ئىقتىدارىنى سىناشنى بەكرەك كۈرۈڭ،مۇھاكىمە ۋە بايان بولسا،پۈتۈنلەي يېزىقچىلىق بولغاچقا،بىرلا ئوقۇپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.(بۇنىڭدا،2~3 بەتلىك ماقالىنى ئوقۇپ،قسىقارتىپ يېزىڭ.يېرىم بەت ماقالىنى بىرىپ ئۇزارتىپ يېزىڭ.مەزمۇن دائىرسىنى بىرىپ ماقالە يېزىڭ دەپلا چىقىدۇ).ئىشىقىلىپ ئىملاغا دىققەت قىلىپ،ئاق قويماي،ياخشىراق بىرنەرسە يازسىڭىزلا 60دىن يۇقىرى ئالالايسىز.ئەمما مەمۇرى ئىقتىدارىنى تاللاش بولسا پۈتۈنلەي تاللاش سۇئالى،بىر تارماق ئاران بىر نۇمۇر،بىر تارماققا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلمىساق ۋاقىت يەتمەيدۇ.ئاندىن قالسا،يۈز-تۇرانە ئىمتىھاننىڭ سۇئالى.بۇ سۇئاللارمۇ ئاساسەن بىر قېلىپلىق بۇلۇپ،بۇنى بەيدۇدىن ئىزدسىىڭىزلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان يۈز-تۇرانە ئىمىتھان تەقىلىد سۇئاللىرى ۋە جاۋابى چىقىدۇ.شۇنى كۈرۈپ ،جاۋاپ بىرىش شەكلىنى بىلىۋالسىڭىزلا بۇلىدۇ،يادلاشقا بولمايدۇ.ئاندىن قالسا ،ئاغزىڭىزدىن چوقۇم خەنزۇچە گەپ چىقىرىڭ،گەرچە جاۋابىڭىز شۇ سۇئالغا ماس كەلمىسمۇ.تۆتلا سۇئال چىقىدۇ.بىر سۇئال15 نۇمۇر.بىرىنجى سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ بۇلۇپ،كىينكىسىگە ئۆتىمىز.شۇڭا بەك كۆپ ئويلىنىشقىمۇ ۋاقىت يوق.(ئەمما چوقۇم گەپ قىلىڭ)بىز مىلليىلار ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال قارايدىغىنى سۆزىمىز،ئاندىن قالسا جاۋابىمىزنىڭ مەزمۇنى(مىنىڭچە).ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى خەنزۇچىنى ئانچە-مۇنچە بىلمىسىڭىز بولمايدۇ.

مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھويلا-بىلوگىدىن ،مىنىڭ بىلوگىمغا ئىشتىراك قىلىپ،تېمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭ،يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشىڭىز مۆمكىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3843
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9715
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2297 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 06:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مەمۇرلۇك ئىمتاھانى بېرېپ ئۆتكەن، ئادەتتە ئونۋېرسال ئىقتىدارىنى سىناشقا بەكرەك كۇچەڭ، بايان ۋە مۇھاكىمىدە ئاساسلىقى ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ياخشى بولسىلا بولىدۇ. ئاندىن يۇز تۇرانە ئىمتاھاندا ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، بولسا ئۆزىڭىز بەرمەكچى بولغان كەسىپنى بىر قېتېم چۇشنىپ بېقېڭ.

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ

ئۇيغۇر ئوغلانى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13061
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6475 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 03:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  arkzada كە 2011-08-18 05:54 PMئەۋەتىلدى  :
دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھانىغا ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش›(ئۇيغۇرچە)، ‹مۇھاكىمە ۋە بايان›دىن ئىمتاھان بىرسىز. ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش› ئىمتاھانىدا ،لوگىكا، دۆلىتمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى. نىكاھ قانۇنى، مەمۇرى جازا قانۇنى، مىللەت ، دىن سىياسەتلىرى. ماتېماتىكا، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار. ئېقىم مەسلىلىرى دىن سوئال بار.
ئەگەر ساقچىلىق ئىمتاھانى ياكى ئالاھىدە ساقچىلىق ئىمتاھانىغا تىزىملاتسىڭىز، ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش ›دېگەن پەندىن بەرمەيسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا ‹جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسى بىلىملىرى› بىلەن ‹مۇھاكىمە ۋە بايان›دىن ئىمتاھان بىرىسىز.
ئالاھىدە شىتات قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىغا تىزىملاتسىڭىز، ئۆزىڭىز تىزىملاتقان كەسىپ ۋە سىياسەت تىن ئىمتاھان بىرىسىز. سىياسەت ئىمتاھانى ئاساسەن ئېقىم مەسىلىلىرى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى دېگەن كىتابنى ئاساس قىلىدۇ.
يەنە ئەگەر، ‹خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتاھانى›دىكى نەتىجىڭىز 6 گە يەتمىسە . ھەر قانداق ئىمتاھاندا ‹خەنزۇتىلى ئاساسى بىلىملىرى› دىن قوشۇپ ئىمتاھان بىرىسىز.
.......
توختاخۇن كاللاڭلا قىززىپ قالمىغاندۇ ماندا خاتا تەشۋىقات قىلماڭلا،ساقچىلىققا ئىمتىھان بەرسە ‹مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارنى سىناش›دىگەن پەندىن قوشۇپ ئىمتىھان ئالىدۇ،تاكچا بىشىغا ئېلىپ قويمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ‹بايان ۋە مۇھاكىمە ،مەمۇرىي ئىقتىدارنى سىناش،جامائەت خەۋپسىزلىك بىلىملىرى›بولۇپ ئۈچ پەندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، خەنزۇتىلى سەۋيەسى6-دەرىجىگە يەتمىگەن بولسا خەنزۇچە سەۋيە سىناش ئىمتىھانىنى قوشۇپ ئىمتىھان بىرىدۇ،لىكىن خەنزۇتىلى ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي پەن نومۇرىغا قوشۇپ ھىسانلانمايدۇ،پەقەت لاياقەتلىك-لاياقەتسىز دەپلا ئايرىلىدۇ،يۇقارقى ئۈچ پەندىن ئالغان نومۇرى ،نومۇر چىكىدىن ئاشقان بىلەن خەنزۇتىلى ئىمتىھاندىن لاياقەتسىز بولغانلار بىردەك يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرەلمەيدۇ.

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش