*******
تارىم نىڭ قوغۇن بېقىپ يۈرگەن كۈنلىرىكەن.بىر كۈنى كېچىسى ئۇ قوغۇنلۇقتىكى كەپىدە ئارام ئېلىۋاتسا،بىر قوغۇن ئوغىرىسى قوغۇنلۇققا كىرىپ،ھەدەپ قوغۇن ئوغۇرلىغىلى تۇرۇپتۇ.بۇنى تۇيۇپ قالغان تارىم نىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپ،ھاسىسىنى كۆتەرگىنىچە قوغلاپتىكەن،ئوغرى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قاچىمەن دەپ يۈرگرەپ كىتىۋېتىپ ،قاراڭغۇلۇقتا ياتقان بىر كالىغا پۇتلىشىپ كالىنىڭ ئۈستىگىلا يىقىلىشىغا كالا لىككىدە ئورنىدىن قوپۇپتىكەن،ئوغرى "توۋا قىلدىم،قىرى قوپىدىغان ئېتىزغا ئىككىنچى كىرمەيمەن"دەپ توۋلىغۇدەك.
*******
بىر كۈنى كۆزۈم ئاشخانىغا كىرىپ،چەتتىرەك بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپتىكەن،كىيىن كىرگەن بىريىگىت مۇنداق قاراپلا ئۇدۇل كىلىپ،كۆزۈمنىڭ قارشىسىدا ئولتۇرۇپتۇ.تاماق چىققۇچە يىگىت پات-پات كۆزۈمگە بېزەڭلىك بىلەن قارىغىلى تۇرۇپتۇ.بۇنى سەزگەن كۆزۈم نىڭ ئىچى سىقىلىپ،دىققەت قىلمىغان پەيتتە يىگىتنىڭ ئېڭىكىگە تازا كېلىشتۈرۈپ"چاڭ"قىلىپ بىرنى ساپتىكەن،چۆچۈپ كەتكەن يىگىت تۇرۇپ كىتىپ:
-ھوي خان نىم بولاۋاتمىز؟دېسە
كۆزۈم:"بايا بىر بېزەڭ چىۋىن بەك جىلە قىلغانتى،ئۆلتۈرۋېتەي دەپ،قونغان يەرنىڭ سىزنىڭ يۈزىڭىز ئىكەنلىكىنى كۆرمەي قاپتىمەن "دېگۈدەك كۆزەينىكىنى ئېلىپ سۈرتكەچ.
*******
قۇندۇزئاي كىيىم تىكمەكچى بولۇپ،رەختنى كېسىشكە تەمشىلىپ"تېخى تۈنۈگۈنلا قايچىنى بىلەپ خېلى ئۆتكۈر قىلىپ قويغان،رەختنى پەقەتلا كەسكىلى بولمايدىغۇ دەپ؟!"دەپ قاقشاپ كېتىپتۇ.
"ئۇنداق ئەمەستۇ،تېخى ئەتىگەن قاڭالتىر كەسكەندە خېلى ئىتتىكتەك قىلىۋاتاتتىغۇ"دېگۈدەك يولدىشى.
*******
بىمار:كېسىلىمنىڭ ساقىيىشىدا قانچىلىك ئۈمىد بار؟
ناركوس:يۈزدە-يۈز .چۈنكى كېسەللىك تارىخىدىن قارىغاندا،بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردىن ،ئوننىڭ ئىچىدە بىر ھايات قالىدىكەن.ئالدىنقى توققۇزى ئۆلدى.سىز چوقۇم ساقىيىسىز.
مەنبە: ئاڭلىغانلىرىم