مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2313|ئىنكاس: 3

سۆيگۈم ۋە غورۇرۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6360
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 07:49:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈم ۋە غوۇرۇم



    قاچانلاردىن باشلاپ قەلبىمگە بۇنچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سىغىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن. قاچانلاردىن باشلاپ قەلبىمدىكى بۇ تىندۇرمىلارنىڭ توشۇپ كەتكىنىنى ھەم بىلمەيمەن. پەقەت چىكە تومۇرلىرىمنىڭ قاتتىق سىقىلىشلىرى، توشۇپ كەتكەن قەلبىمنىڭ ئاچچىق سانجىشلىرى ۋە قىينىلىپ نەپەس ئىلىشلار، ئۇيقۇسىز يورۇغان نۇرغۇن تاڭلاردىن كىيىنلا ئاندىن قەلبىمدىكى، ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق سەزگۈلىرىمدىكى بار بولغان سۆيگۈم، غۇرۇرۇم، پەزىلىتىم، مەسئۇلىيىتىم، مەجبۇرىيىتىم، مىھرىم، نەپرەتلىرىم، ئازاپلىرىم، خۇشاللىقلىرىم، ئارزۇ-ئارمانلىرىم، غەيە ۋە مەغلۇبىيەتلەر، ئىنتىلىشلىرىم، ئىرىشكىنىم، كۈلكە ۋە كۆز ياشلار شۇنداقلا ۋۇجۇدۇمدا بار بولغان نەرسىلىرىمنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
     ئىقىن سۇدەك ۋاقىت قەلبىمگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى تولدۇرۋەتكەن ئىدى، بۇ تىندۇرمىلار مىنى ھالسىرتىشقا، قەدەم ئىزلىرىمنى ئىزلىرىمغىلا بىسىشقا مەجبۇر قىلىۋاتاتتى، توغرا ئاياغلىرىم ئىنتايىن ئىغىر خۇددى پۇتلىرىمغا تاش ئىسىپ قويغاندەكلا، قوللىرىم شۇنداق جانسىز ئىدىكى كەچكۈزدىكى يىگانە ياپراقتەك توختىماي تىترەيتتى. مەن ھالسىراۋاتاتتىم، ۋە ھالسىراپ كەتكەنلىكىمنى سىزىۋاتاتتىم.
تۇرۇپلا ئۆزۈمگە شۇنداق سۇئال قويۇپ قالدىم، نىمە ئۈچۈن بۇنچە ئىغىر نەرسىلەرنى يۈدۈپ يۈرۈيمەن، قەلبىمدىكى نەرسىلىرىمنىڭ گۈزەل، ئەھمىيەتلىك ۋە تاشلىۋىتىشكە بولمايدىغىنى ئۈچۈنمۇ؟ نىمە دەپ بۇنچە پۈكۈلۈپ، ئىگىلىپ، چىداپ يۈرۈيمەن، قەلبىمدىكى نەرسىلەرنىڭ ئازاپلىق بولسىمۇ يەنىلا غۇرۇرۇم ۋە سۆيگۈم ئۈستىگە قۇرۇلغىنى ئۈچۈنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى قەلبىمدىن سۈرۈپ چىقىرىۋەتمەيمەن، نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن ئايرىلىپ قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدىن نەپەس ئىلىپ باقمايمەن، نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلمايمان؟
مەن شۇنداق قارار چىقاردىم، قەلبىمدىكى بارلىق نەرسىلىرىمنى سۈرۈپ چىقىرىۋەتمەقچى بولدۇم.
بۇ قارارىمغا جاۋغايلىرىم ئاچچىق كۈلۈپ تارتىشىپ قالدى لېكىن، مەن پىسەنت قىلمىدىم.
بۇ قارارىمغا جىسمىم سىلكىنىپ كەتتى لېكىن، مەن پىسەنت قىلمىدىم.
بۇ قارارىمغا چاچلىرىم تىكلىشىپ رومىلىمنى تىشىۋەتتى لېكىن مەن پىسەنت قىلمىدىم.
بۇ قارارىمغا تىرناقلىرىم ئەتلىرىمگە چوڭقۇر پىتىپ كەتتى لېكىن، مەن پىسەنت قىلمىدىم.
بۇ قارارىمغا كۆزلىرىم چانىقىمدىن چاچرىغىدەك چەيچەيدى لېكىن، مەن پىسەنت قىلمىدىم.
بۇ قارارىمغا چىشلىرىم لەۋلىرىمگە قاتتىق پىتىپ ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇردى لېكىن مەن پىسەنت قىلمىدىم.
بۇ قارارىمغا جىسمىمدا بار بولغان پۈتكۈل پەي-مۇسكۇللىرىم تارتىشىپ مېنى ئىككى پۈكلىۋەتتى لىكىن مەن پىسەنت قىلمىدىم.
ئاخىرىدا قەلبىمدىكى سۆيگۈ ۋە غۇرۇرۇم، مۇھاببەت ۋە نەپرەتلىرىم، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەر شۇنداقلا قەلبىمدىكى بارلىق نەرسىلىرىمنىڭ شاھىدى بولغان يۈرۈكۈممۇ مېنى داپ قىلىپ چىلىشقا باشلىدى، مەن يەنىلا پىسەت قىلمىدىم.
ئاخىرىدا مەن ھەممنى، قەلبىمدىكى ھەممىنى سۈرۈپ چىقاردىم، ھەممە نەرسىنى پاكىزە سۈرۈپ چىقىرالىدىم.
بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئىنتايىن يەڭگىل خۇددى پەيگە ئوخشاش ئۇچۇپ يۈرگەندەك ھىس قىلدىم. ھەممە نەرسىلەر سۈرۈپ چىقىرىلغان قەلب چوڭقۇر بىر بوشلۇقنى ھاسىل قىلغان بولۇپ لەپەڭشىپ قالغان يۈرۈكۈم مېنى داپ قىلىپ چالماقتا ئىدى.
    ھەممىدىن ئايرىلىپ چەكسىز بوشلۇققا ئىرىشكەن مەن تۇيۇقسىز قويۇق بىر تۇمان ئىچىدە ئۈزۈشكە باشلىدىم ۋە بارا – بارا چەكسىز بىر بوشلۇققا قاراپ سۈرۈلۈپ كىتىۋاتاتتىم. ئالدىمدا قويۇق مانان ۋە ئاپئاق تۇمان قاپلىغان چەكسىز بىر بوشلۇق مىنى سۆرەپ كىتىۋاتاتتى، يەگگىلگىنە يەلپۈنۈپ تۇرغان شامال چاپىنىمنىڭ ئىككى پىشى مېنى ھەممىدىن ئايرىلغان يىگانە قۇشقا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.


مەنبە:  قەلەم

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6653
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 02:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم سۆيگۈ ۋە غورۇردىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك !

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 02:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسيات بىلەن ئەقىل ئوتتۇرسىدا دىلغۇل بولمىغان كىملەر بار ..

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32308
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3440 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت -نەپرەت  قارىشى  ئېنىق بولمىغان ئادەمدە غورۇر بولمايدۇ. شۇڭا --------

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش