مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11873|ئىنكاس: 55

مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21917
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4452 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 10:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەت دىگەن نىمە؟


سائادەت ساتتار ئايتۇغ




1-مۇھەببەت:تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىزلىق قىلىدىغان ھىسىسياتتۇر!

ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

ئەگەر تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۇچۇن مۇھەببەتلەشسىڭىز، ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى قىزىقىش!

قارشى تەرەپكە ئىچ ئاغرىتىپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس دوستلۇق!(مۇھەببەت بىچارىلەرگە بېرىلىدىغان سەدىقە ئەمەس)

قارشى تەرەپنىڭ ھۆسنى-جامالىغا مەپتۇن بولۇپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى شەخسىي غەرەزلىك قىزىقىش!

قارشى تەرەپ مىنىڭ شەرتلىرىمگە ئۇيغۇن كىلىدىكەن دەپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەت شەرتىنى ھازىرلاش!

باشقىلارنىڭ مۇھەببەت سۆزلىرىنى ھاياجان بىلەن ئېيتىلغان شىرىن تەرىپلەشلىرىنى ئاڭلاپ، يىتىمسىرىغان قەلبىڭىزگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس ،ئۆزىڭىزنى ئالداپ بەرگەن ئېھتىياجىڭىزنىڭ تەسەللىسى!

قارشى تەرەپكە ماس كەلمەيمەن دەپ ئايرىلىش تەلىپى قويغىنىڭىزدا، (ئايرىلغىڭىز ئەسلى بولمىسا)، قارشى تەرەپ تەلىپىڭىزنى رەت قىلىپ بۇ مۇھەببەتنى قوغداپ قېلىشنى، قويغان شەرتىڭىزنىڭ ئايرىلىشقا سەۋەپ بولالمايدىغىنى ئېيىتسا،بۇ مۇھەببەتتىن بىر ئۆمۈر ئۆكۈنمىسىڭىز، چاچلىرىڭىزغا ئاق كىرگەندىمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، بار مېھرىڭىز بىلەن كۈلەلىسىڭىز، ھېچقانداق پۇشايمىنىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ھەر بىر تەبەسسۇمى يۈرىكىڭىزنى جىغىلدىتالىسا، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە بولغان مەسئۇلىيىتىڭىز مۇھەببىتىڭىزدىنمۇ كۈچلۈك بولسا، مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت!

2- دۇنيادا سىز ئۈچۈن مىننەتسىز تەر، ياش، زۆرۈر بولسا قانمۇ تۆكەلەيدىغان بىر خىل مۇھەببەت بار. بۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى!

3-پۈتۈن دۇنيادىكىلەر سىزدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ، ئىشەنچىسىنى يوقاتقاندا، سىزگە ئىزچىل ئىشىنىپ قوللايدىغان مۇھەببەت، ئۇ قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتى!

4-سىز ئۈچۈن قانچىلىك ئەجر قىلسىمۇ ئۆز ئەجرىنى يىتەرلىك بولمىدى دەپ قارايدىغان، سىزنى مىننەتسىز پۈتۈن دۇنيادىن خەۋەردار قىلىشنى ئويلايدىغان، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىز قاتتىق خورسىنىپ، ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان، مۇۋەپپىقىيىتىڭىزدىن ئالەمچە ئىپتىخارغا چۆمۈلىدىغان، قانات-قۇيرىقىڭىز يىتىلگەندە سىزنى ئۇنتۇلۇپ قالىدىغان، ئەمما سىز ئۇنتۇلمايدىغان مۇھەببەت دەل ئۇستاز، ئۇقۇتقۇچى، مۇھەببىتىدۇر!

5-خوشال بولغان، ئازاپ چەككەن، چاغلىرىڭىزدا دەرھال ئىسىڭىزگە كىلىدىغان، يىغلىسىڭىز تەڭ يىغلاپ، كۈ لسىڭىز تەڭ كۈلىدىغان، شەرەپ-مەرتىۋىگە ئېرىشكەندە پىنھاندا تۇرۇپ شاتلىنىدىغان، ئېغىر كۈنلەردە بولسا سىزنىڭ يېنىڭىزدىن كەتمەيدىغان، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تەرىپلىگەن بىلەن، كەمچىلىكىڭىزنىمۇ تەكىتلەيدىغان مۇھەببەت، ئۇ دوستلۇق مۇھەببىتى!

خاتىمە: دۇنيادا باشقىلارنى ئۆزىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان جانلىق يوق! چۈنكى ئۆزىنى ياخشى كۆرمىگەنلەردە باشقىلارنى ياخشى كۆرگۈدەك ئىمكان يوق!  قىز-يىگىتلەرمۇ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى، قارشى تەرەپسىز شادلىنالمايدىغانلىقىنى، قارشى تەرەپسىز كۈنلىرىنىڭ مەنىسىز، تەمسىز بولىدىغىنى ئۈچۈن قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىدۇ، سۆيىدۇ! مانا بۇمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلىكتۇر!

2008-6-28

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
RIFAT + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8568 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:14:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىر مەكتەپ،
      ئاشىقلىقنى سۆزلەيدۇ ھەق دەپ.
      يازغانلىرى ۋاپا دەستۇرى،
      قىلغانلىرى قەدىمدىن ھەق گەپ.

      جېمى ئىنسان ئۇنىڭ ئىلكىدە،
      بىنا ،قەسىر يوقتۇر مۈلكىدە.     
      شۇنداق مەكتەپ مۇھەببەت دىگەن،
      سائادىتى تويدا،مەركىدە.

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 1994
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 119657
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12536 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتكە جاۋاب تاپتىڭىزمۇ نېمە ؟!  ھەي  تەس جۇمۇ. ھەر يۈرەك ھەر كۆيۈكتە...  شۇڭا تەس دەيمىز .  قاراڭ مەن بۇنى مۇھەببەت دەپ ھىس قىلىپ ھىسياتنى قۇرغا تىزغان ئىدىم.باشقىلارمۇ ئوقۇپ باقامسىلەر:

مېنى سېغىنساڭ ئايغا قارا، بىر يەرگە كېلەلمىسەكمۇ، ئايغا قارسىاڭ مېنى كۆرىسەن، چۈنكى مەنمۇ ئايغا قاراۋاتىمەن. ھىچ بولمىغاندا ئىككىمىز بىر نەرسىگە قاراۋاتىمىز.ھىس قىلالىدىڭمۇ.....؟

ئى مۇھەببەت سەن تولىمۇ سىرلىق،
ھەر يۈرەككە ھەر مۆھۈردۇر سەن.
ئۆزگە يەردىن ئىزدەش ھاجەتسىز،
ئاشىق  يۈرەك  قېتىدىدۇرسەن.



ئىجادىيەتلىرىڭىز راۋاج تاپقاي!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2357
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3093
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى مۇھاببەتكە بەرگەن تەبىرىڭىز كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلارلىق بوپتۇ.سىزگە كۆپ تەشەككۈر!بۇنىدىن كىيىنكى مۇھاببەت تېمىسى ئۈستىدىكى،تەتقىقاتىڭىزنىڭ
يەنىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن!

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قۇرۇق شوئار توۋل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9333
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3233 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىنىڭ ئاشىقلىقىنى بەندىسىگە سالمىسۇن... بولمىسا شۇ كۆيۈكنى دەپ ئەقىلدىن ئازىدىغانلار چىقىپ قالىدىكەن... تېمىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم... قەلبىمدە بار قەلىمىمدە يوق بىر تۇيغۇ!

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11597
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4628 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت بولسا بىر پارچە يېزىقسز كىتاپ ئۇنى ھەر ئادەمىنڭ ھەر خىل ئۇقۇش ئۇسۇلى بۇلىدۇ ؟ مۇھەببەتتىن تارتقان ئازاپ ئۇقۇبەت ،خۇشاللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ..
تىما ئىگسىگە  مۇھەببەتكە بىرىلگەن تەبىرىڭىز  بەك ياخشى چىقىپتۇ ،داۋامىلق يوللاپ تۇرغايسىز .

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10668
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 11:52:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت - بىر خىل شۇنداق كۇچ - قۇدرەتكە ئىگە كۇچلۇك مىھىر خالاس .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4574
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 12:44:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت --- ئۇ  تۈنۈگۈن ، بۈگۈن ۋە ئەتىمۇ تىللاردا داستان بولىدىغان ،
كۈيلىنىدىغان تېما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26997
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5475
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2011-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 12:56:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت كۈلدۈرەلەيدۇ ، ھەم يىغلىتالايدۇ.  مۇھاببەت ئۇ بىر باشلىنىش.

شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش