|
|
|
|
ئىزدىنىش ۋە بايقاش
تەرجىمە قىلغۇچى ۋە تەھرىرلىگۈچى:ھېكمەت ئېلى-ئۇيغۇر
1-بۆلۈم: سىرلىق تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى
بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارى بولسا چەكسىز ئالىم بوشلۇقىدىكى ساناقسىز پلانت-سەييارىلەرنىڭ كىچىككىنة بىر ئةزاسى بولۇپ، ھازىرغا قةدةر ئىنسانلار بايقىغان بىردىن-بىر ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋة جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان پىلانت ھېساپلىنىدۇ. بىراق 1897-يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا يۈز بەرگەن ئاۋرورا ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ خىيال-تەسەۋۋۇرىدا تاشقى دۇنيا ياكى تاشقى پىلانت قارىشى ھةمدة تاشقى پىلانت ئادەملىرى توغرىسىدىكى ئۇقۇملار پەيدا بولدى ۋة تارقالدى.
يەر شارىدىن باشقا پىلانت - سةييارىلةردىمۇ جانلىقلار، جۈملىدىن ئةقلى ئىقتىدارغا ئىگة جانلىقلار مةۋجۇتمۇ؟ بۇ تالاي يىللاردىن بويان ئىنسانلار قىزىقىۋاتقان ۋة ئالىملار ئىزدىنىۋاتقان مۇھىم مةسلة بولۇپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇ توغرىلىق نۇرغۇنلىغان كۆز - قاراشلىرى ۋة تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلەر ھەتتا يالغان ئاخبارات - ۋەقەلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلدى، بىراق يەر شارىدىكى تا ھازىرغىچە سىرى ئېچىلماي كېلىۋاتقان بىرقىسىم مەدەنىيەت - مىراسلىرى ۋة ھادىسىلىرى يەنىلا ئىنسانلار تەپەككۇر ۋة تەسەۋۋۇرلىرىنى تاشقى پىلانت مەدەنىيىتىگە زىچ باغلاپ كةلمةكتة، شۇڭا مەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ۋة فىلىملەردىن پايدىلىنىپ بۇ تېمىنى تەييارلىدىم، كەڭ تورداشلارنىڭ تەپەككۇر- مۇلاھىزة قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
2-قىسىم: 12مىڭ يىل ئاۋۋالقى تاش پىلاستېنكا
1938 -يىلى ئېلىمىز ئارخولوگى چى فۇتەي قول ئاستىدىكى ئارخولوگىيە ئەترىتىنى باشلاپ ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى بايانقارا تاغ تېزمىلىرىغا تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. ئۇلار بۇجايدىكى ئۆز-ئارا تۇتىشىپ كەتكەن بىر قاتار ئۆڭكۈرلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىدەك سىرلىق ئەھۋاللارنى بايقايدۇ.
بۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كامار (قەبرە) لەر بولۇپ،ئىچىدە بىرتۈركۈم ئېنىقسىز ئىسكىلىت قالدۇقلىرى بار ئىدى،كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ ئىسكىلىت قالدۇقلىرىنىڭ باش سۆڭىكى بىر قەدەر چوڭ،گەۋدە قىسمى بىرقەدەر كىچىك بولۇپ،قارىماققا كىشىلەر نەزىرىدىكى تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ ئىسكىلىتىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇلار يەنە ئۆڭكۈر ئىچىدىن تۈركۈم تاشقا ئويۇلغان رەسىملەرنى بايقايدۇ،تاشقا گەۋدىسى كىچىك،بېشى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئادەمسىمان جانلىقلارنىڭ ۋە قوياش،يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ رەسىملىرى ئويۇلغان بولۇپ،ئارخولوگلار بۇنى يەر شارى سىرتىدىكى مەدەنىيەتكە تەۋە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى.
ئارخولوگلار يەنە ئۆڭكۈر ئىچىدىن 716پارچە تاش پىلاستىنكىنى تاپقان بولۇپ،بۇ دەل خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان ،ئېلىمىزدىكى سىرلىق بايقاشلارنىڭ بىرى بولغان « جوڭگو تاش پىلاستىنكىلىرى»ياكى«دروبا تاش پىلاستىنكىلىرى» ئىدى.
بۇ تاش پىلاستىنكىنىڭ دىئامېتىرى 30سانتىمىتىر ئەتراپىدا،قېلىنلىقى 1سانتىمىتىردىن 1.5سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ،ئوتتۇرسىدا ئۆلچەملىك يۇمىلاق كۆپتۈرمە تۆشۈك،چۆرىسىدە بۇرمىسىمان سىزىقچە بولۇپ،پىلاستىنكا يۈزىدە پۈتۈنلەي تەسۋىرى يېزىققا ئوخشايدىغان بەلگىلەر بار ئىدى.ئەينى چاغدا دۆلىتىمىزنىڭ بۇ تۈردىكى ئارخولوگىيلىك تەكشۈرۈش تېخنىكىسى تۆۋەن بولغاچقا ئارخولوگلار بۇ تاش پىلاستىنكىلارنى يىغىپ مەدەنىيەت يادىكارلىق بويۇملىرى قاتارىدا ساقلاپ قويغان، بىر قىسىملىرىنى بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن .
سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ تېخنىكىلق تەكشۈرىشىچە بۇ تاش پىلاستىنكىنىڭ تارىخى 12مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگى ئىسپاتلىنىدۇ.
ئارىدىن 20يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېيجىڭ ئونۋېرسىتىنىڭ پروفىسور ى چۇ ۋېنمىڭ بۇ تەسۋىرى يېزىقلارنى يېشىشكە قىزىقىپ قالىدۇ، ۋە ئۇزاق ئۆتمەي يېشىپ چىقىدۇ. تاش پىلاستىنكىدىكى يېزىقتا بۇ جانلىقلار دروبا ئادەملىرى دەپ خاتىرلەنگەن ئىدى.
چۇ ۋېنمىڭ پىروفىسور:بۇندىن 12مىڭ يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار كېمىسى ئېلىمىزنى غەربى رايۇنىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.ئۇلار نىڭ ھايات قالغانلىرى بۇ تاش پىلاستىنكىلارنى تاغ ئۆڭكۈرىگە قالدۇرۇپ قويۇپ،بۇجايدىن ئايرىلىدۇ دىگەن قىياسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،ئەمما مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا چۇ ۋېنمىڭ پروفىسور ئامالسىز ياپۇنىيەگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.ۋە بىرىنچى قول تەتقىقات ماتىريالىنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا بەخىتكە قارشى ۋاپات بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن ۋەقەلىكنىڭ ئاخىرىدىن خۇلاسە چىقىرىلمايدۇ.
بىراق بۇنىڭلىق بىلەن دروبا پىلاستىنكىسى ۋە ئادەملىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر توختاپ قالمايدۇ.نۇرغۇنلىغان كىتاپ-ژورناللار دا بۇ ۋەقە ئىزچىل خەۋەر قىلىنىپ تۇرىدۇ،بولۇپمۇ ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ‹‹سەپەرداش››ژورنىلىدا بۇ ۋەقە تەپسىلى خەۋەر قىلىنىپ خەلىقئارادا كەڭ تارقىلىدۇ.
بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار دروبائادەملىرىنى 天狼星 ) sirus ) پىلانىتىدىن كەلگەنلەر بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان.چۈنكى تاغ ئۆڭكۈرىدىكى مەلۇم بىر تاش ئابىدىگە قوياش سېستىمىسى بىلەن باشقا بىر يۇلتۇزلار سېستىمىسى،شۇنداقلا ئىككى يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ بىر تۈز سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان خەرىتىسى ئويۇپ قالدۇرۇلغان.
60-يىللارغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخخەسسىسلىرى بۇ تاش پىلاستىنكا ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.ئۇلار تاش پىلاستىنكىنى ئايلىنىش سۇپىسىغا قويۇپ لازىر نۇرلۇق قويغۇچ ئارقىلىق قوبۇللاش سىنىقى ئېلىپ بارغاندا تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىدە قاتتىق تەۋرىنىش دولقۇنى پەيدابولغان،بۇ تاش پىلاستىنكىنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ماگىنىتلىق زەررەتلەنگەندۈرۈلگنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ تەجىرىبىدىن بىر قىسىم ufo تەتقىقاتچىلىرى تاش پىلاستىنكىلارنى 12مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش دېسكىسى بولىشى مۇمكىن دەپ يەكۈن چىقارغان.
تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى ،كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچى ۋە ئالىملىرى ماتىريالغا ئاساسەن ھېلىقى تاغ ئۆڭكۈرىنى ئىزلەپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما قورۇق ئۆڭكۈردىن باشقا ھىچقانداق پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە نەرسە تېپىلمىغان.
ھازىر پەقەت دروبا تاش پىلاستىنكىسىغا ئائىت ماتىرياللاردىن ئەينى چاغدا چۇۋېنمىڭ پروفىسور قالدۇرۇپ كەتكەن بىر نەچچە پەرچە سۆرەت بىلەن بىر قىسىم تەتقىقات ماتىريالىلا قالغان،
ئېيتىشلارغا قارىغانداچىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئوتتۇرسىدا دېڭىز يۈزىدىن 9000مىتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان تاغلىق رايۇن باربولۇپ ، يىراق ئۆتمۈشتە بۇجايدا ۋېيلاڭ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلىق كەنت بارئىكەن.بۇجايدا ئىنتايىن غەلىتە بىر قەۋم ياشىغان بولۇپ ئادەملەرنىڭ بويى بىر قەدەر پاكار،بېشى چوڭ بولۇپ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.شۇڭا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇلارنى دروبا ئادەملىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى دەپ قارىغان.ئولار ياشىغان بۇرايۇننىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار،قاتنىشى تولىمۇ قولايسىز بولغاچقا ئۇلار ئاساسەن سىرت بىلەن كۆپ ئالاقە قىلمىغان،ئەنگىلىيەلىك تەۋەككۈلچى كار روبىن ئەيۋىنىس ئىلگىرى بۇ جايغا كەلگەن ،ئۇنىڭ ‹‹سەرسان بولغان قوياش ئىلاھى›› ناملىق ساياھەت خاتىرىسىدە ئۇنىڭ دروبا ئەۋلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىغى بايان قىلىنغان.كېيىنچە جەمىئەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇلارنىڭ بىرقىسمى بۇيەردىن كۆچۈپ كەتكەن،يەنە نۇرغۇنلار بۇيەرگە كۆچۈپ كەلگەن،ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ خاسلىغى ئاستا-ئاستا يوقۇلۇپ كەتكەن.
تېبەت(زاڭزۇ) لارنىڭ قەدىمقى زامان قىسسەلىرىدە ئاسماندىن چۈشكەن بىر تۈركۈم تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق بۇلۇت ئادەملىرىنىڭ يۇرت خەلقىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىدەك ۋەقەلىكلەر رىۋايەت قىلىنىدۇ.
دېمەك يۇقارقى ئەھۋاللار دىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ھەقىقەتەن يەر شارىغا كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بىراق، 1974-يىلى ئاۋىستىرالىيىلىك بىر ئېنژېنىر ئۆزىنىڭ شىئەندىكى مەلۇم بىر موزىيدا دروبا تاش پىلاستىنكىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى رەسىمگە تارتىۋالغانلىغىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىدۇ،ۋە تارتىۋالغان سۆرەتنى ئاشكارىلايدۇ.ئەپسۇسلىنارلىغى ئۇتارتىۋالغان سۆرەتتە تاش پىلاستىنكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۆشۈكنىڭ كۆپتۈرمىسى يوق بولۇپ،ئىلگىرى خەۋەر قىلىنغان پىلاستىنكا بىلەن ئوخشىمايدۇ.ھەمدە شىئەن موزىيىدىمۇ دروبا تاش پىلاستىنكىسىنىڭ بارلىقىغا ئائىت ئىسپات تېپىلمايدۇ.شۇ سەۋەپتىن دروبا تاش پىلاستىنكىلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر - ماتىرياللارنىڭ راستلىغى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.
1966-يىلىدىن 1976-يىلغىچە بولغان 10يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابە مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان تارىخى ئاسار -ئەتىقىلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ،شۇ قاتاردا دروبا تاش پىلاستىنكىلىرىمۇ بۇ بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئىز- دېرەكسىز يوقۇلۇپ كېتىدۇ. بىر قىسىم دروبا تاش پىلاستىنكىلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بولسىمۇ بىراق قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىك ياكى كېلەلمىگەنلىك توغرىسىدا ماتىريال بولمىغاچقا بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە جامائەتچىلىككنى ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش قىيىنچىلىققا ئۇچراپ بۇتوغۇرلۇق ئاخبارات ۋە ئۇچۇرلار بارغانسىرى خىرەلىشىپ كېتىپ كۈنسىرى سىرلىقلىشىپ كېتىدۇ.
كىشىلەرنىڭ نەزەرىيىسى ۋە ئىستىمال كۆز قارىشى كونكىرتلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ماددى ئىسپاتلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشى بۇۋەقەنىڭ ھەقىقىيلىكىنى خىرەلەشتۈرۈپ بارماقتا،تاشقى پىلانت ئادەملىرى توغرىسىدىكى ئەمىلى ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئاز،ماددى ئىسپات يىتەرسىز بولغاچقا بۇ سىرلىق ھادىسىلەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ نىڭ تەسىرى دەپ قارالماقتا.
بەزىلەر دروبا تاش پىلاستىنكىلىرىنى يەر شارى ئادەملىرى ياسىغان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان،ئۇنداقتا ئىنسانلار كونا تاش-قۇرال دەۋرىدە تۇرىۋاتقان يىراق ئىپتىدائى دەۋىردە قانداق قىلىپ بۇنچە ئۆلچەملىك پىلاستىنكىلارنى ياسىيالايدۇ؟ئۇنى ياساپ نىمىگە ئىشلىتىدۇ؟ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن ماگىنىتلىق تەسىرلەندۈرۈلگەن بولسا بۇنى ئىپتىدائى ئادەملەر قانداق تاماملىغان؟
يەنە بەزىلەر دروبا تاش پىلاستىنكىلىرىنى بىر بىر ئويدۇرما دەپ قارىغان،ئۇنداقتا تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى ئوقۇمى ئانچە تەرەققى قىلمىغان،پۇقرالارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسى يوقۇرى كۆتۈرۈلمىگەن،دۆلەت ئىچى ئۇرۇش خەۋىپىدە تۇرىۋاتقان كونا جوڭگودا بۇنداق ئويدۇرمىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى؟ نىمە ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ؟ئەگەر ھەقىقەتەن يالغانچىلىق بولسا نىمە ئۈچۈن چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇنچە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ يەنە كېلىپ جوڭگودىكى ناھايىتى نۇپۇزلۇق ھىساپلىنىدىغان بىلىم يۇرتى بېيجىڭ ئونۋېرسىتىدا ئالاقىدار تەتقىقات ماتىرياللىرى تا ھازىرغىچە ساقلىنىدۇ؟
ئەگەر تاش پىلاستىنكا ھەقىقەتەن تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ياسىغان ئۇچۇر ساقلاش دېسكىسى بولسا ئۇنىڭ ئىچىدە قانداق ئۇچۇرلار ساقلانغان؟ قانداق قىلىپ ئۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ئېرىشكەن تەقدىردە ئۇنى قانداق چۈشىنەلەيمىز؟ بۇ ھازىرچە تېخى بىر سىر.
بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر ۋە ئىزدىنىشى توختىماي تەرەققى قىلىدىكەن كەلگۈسىدە نۇرغۇنلىغان سىرلار يىشىلىپ،ھەقىقى ئەھۋال كۆز ئالدىمىزدا ئايدىڭلاشقۇسى.
ئەسەردە ئىملا خاتالىقى ۋە تەرجىمە خاتالىغى كۆرۈلسە كەڭ تورداشلارنى تۈزىتىپ ئوقۇپ توغرا مۇلاھىزە قىلىپ كېتىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.
شۇنداقلا پايدىلىق تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىشىنى سورايمەن.
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ،باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئاپتور ۋە ئەسلى مۇنبەر نامىنى تەپسىلى تەپسىلى ئەسكەرتىڭ.
مەنبە: CCTV-10
intermilanwang
ئۆزەم
|
|
|
|
|
|