مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2842|ئىنكاس: 9

ئاياللار ۋە بوسۇغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10751
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7712 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
( ئابدۇقادىر جالالىدىن )

تىجارەت، مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى مەھەللە، رايون ۋە دۆلەت چېگرىلىرىدىن ھالقىپ دۇنياۋى مىقياستا گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانىڭ داڭلىق مائارىپ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى چەت ئەل تۇرمۇشىنى قەلەمگە ئېلىپ، ئانا ۋەتىنىدىكى يېڭىلىققا تەشنا خەلقنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. تەسەۋۋۇر ۋە ئىنتىلىشلەر ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان يات ئېقىملار بارغانسېرى رېئال تۈس ئېلىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىشقا ئۆزلىرىنىڭمۇ نېسىۋىسى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. بۇنداقلار كۆپەيگەندە، ئۆزىنىڭ ئانا خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي تونۇپ، خەلقنىڭ قەدرى قىممىتى ئۈچۈن كۆيۈپ، يانىدىغان ئەقىدىلىك ياشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇنداق، يەر شارىدا بىزمۇ بار، شۇنداق ئىكەن، قەدىر – قىممەت، شان – شەرەپ مۇنبەرلىرىدە بىزمۇ بولۇشىمىز كېرەك. بىر قىسىم ياشلارنىڭ دۇنيانى كۆرۈپ يازغان ساياھەتنامىلىرىدە مۇشۇنداق ئىستەك بار.
بىزنى يېڭى بىر كىملىكنىڭ بايقىلىشى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنى تاپقاندا، ھەقىقىي ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز. ساياھەتنامىلەردىن قىز -ئاياللار يازغان بەزى ساياھەتنامىلەر كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، ئاياللار ئايرىم تەرەپلەردە ئىنچىكە ھەم سەزگۈر كېلىدۇ، شۇنداقلا خېلىلا رومانتىك كېلىدۇ.
ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن سۇغىرىلغان يۇمران خاتىرىلەر قېلىپلىشىپ كەتكەن قاقشال، بىمەززە گەپلەردىن تويۇپ كەتكەن قەلبلەرنى سۆيۈندۈرمەي قالامدۇ ؟ ئايال ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە خېلىلا ھېرىسمەن كېلىدۇ.
تېز سۈرئەتتىكى شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بازار ئىگىلىكى ئەمەلىي مەنپەئەتتىن باشقىنى نەزەرگە ئالمايدىغان قىلىۋەتتى. ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكىللىرى خىرىسقا ئۇچراپ، ئىگىلىك ئەھلىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى نورمال تەرتىپنى بىتچىت قىلىۋەتتى. ئەرلەر ئىش ئىزدەپ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتتى، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا تاقىتى قالمىغان ئاياللارمۇ سودا قىلىش ئۈچۈن بوسۇغىدىن چىقىشتى. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئائىلە ھاياتنىڭ بىرلىكىمۇ بەربات بولۇپ، ئەر ئايالنى باقىدىغان، ئايال پەرزەنتلەرنى باقىدىغان قۇرۇلما لىڭشىپ قالدى. ئەرلەرنىڭ سۆلىتىمۇ بۇرۇنقىدەك ھەيۋەتلىك بولماي قالدى. ئۇلارنىڭ نوپۇزى ساقال- بۇرۇتىنى پەش قىلاي دېسە، ئۇنىڭمۇ تايىنى قالمىدى، چۈنكى ساقال- بىلەن بۇرۇت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بىلەن بىرلەشمىسە، ئۇ پەقەت تۈكتىنلا ئىبارەت.
ئاياللارنىڭ بوسۇغىدىن چىقىپ كېتىشى بىزگە نۇرغۇن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى باشقىلارنىڭ قولىغا قالدى، تەلىم – تەربىيە ئىشىنى بىر خىل ئەقىدە ئىشى دەپ قارىماي زىيادە تاۋارلاشتۇرۇۋەتتۇق، مائارىپنى پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئىشى دەپلا قارىدۇق، بالىلىرىمىزمۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مېھىر سۈيىگە تۈزۈك قانمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار خۇددى ئانىسىنى بىلمەي چۇكۇلداپ يۈرۈشكە توك چۈجىسىگە ئوخشاپ قالدى، ئائىلە تەربىيىسى، يەسلى تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى دېگەنلەرنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئانىلار خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە قالدى.
«ئەرلەر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى!» مېنىڭچە بۇ گەپ ناھايىتى توغرا، ئەمما، بۇ گەپنىڭ سەلتەنىتىگە دەز كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرىكىگىمۇ دەز كەتتى، چۈنكى، ئاياللار مەزمۇت ئەرلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىقىنى يوقىتىپ، سەرسان بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار قەيسەر ئەرلەرنىڭ سايىسىدە ياشايدىغان سۇمبۇللار.
بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى، ئوقۇغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم، ئايالغا خاس تاكامۇللىقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە، ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقىنى ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن، بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى، سەۋەبى، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى باشقىدىن چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدۇق، ئەكسىچە، ئۇنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىدۇق، مېنىڭچە ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ئۈزۈل-كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق.
ئوقۇۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بىراق، ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۇمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سولۇپ كەتكەن گۈزەل قىزلار ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ئوبدان بولاتتى-ھە! تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىرخىل ئاجىزلىق.
ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى، ئوقۇڭلار، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
بۇرۇن بىر باتۇر يىگىت ئۆزىنىڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىر شەھەرنى قوغداپ قاپتۇ. ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا: «مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ، تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى: ئۇلار، ئەقىل، گۈزەللىك، شەرمى-ھايالاردۇر.» دەپتۇ. باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن: «ماڭا ئايال كېرەك» دەپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ، يىگىت:«ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك» دەپ سۆزىنى تولۇقلاپتۇ، پادىشاھ قايىل بوپتۇ.
باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارا كۈچ ئەمەس، بەلكى ئەقىل-پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىكى. ئەقىل، گۈزەللىك ۋە شەرمى-ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلا باتۇر تۇغۇلىدۇ. ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۇغسۇن، بۇنداق ئانىلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغا كىممۇ سەل قارىيالىسۇن، ئاياللارنىڭ قۇدرىتى ئەنە شۇ يەردە.
مەنبە: ( ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى)

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئادەم مەن دىگەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3157
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 2809 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدىقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياختۇرىمەن ، رەخمەت سىزگە ، ھارمىغايسىز .

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15194
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5289 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:57:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر جالالىدىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان
تەپەككۇرى ئەڭ ئويغاق ۋە يېتەكلەش رولىنى مەلۇم دەرىجىدە ئارتقۇزىۋاتقان ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كورلىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن نۇتقىمۇ، مېنى قايىل قىلغان ئىدى.

بۇ تېمىدىكى مۇنۇ جۈملىلەر ھەقىقەتەن چىنلىقنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ:

بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى، ئوقۇغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم، ئايالغا خاس تاكامۇللىقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە، ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقىنى ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن، بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى، سەۋەبى، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى باشقىدىن چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدۇق، ئەكسىچە، ئۇنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىدۇق، مېنىڭچە ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ئۈزۈل-كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق.

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 7066 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دېمىسىمۇ جەمىيىتىمىز شۇنداق بوپقالدى ئەسلى بۇنداق بولمىسا بولاتتى

سۈكۈت  !


      تازا دەگەندەك ياخشى چارە ئەمەس  ........

ئانام كۆينىگى ئاتام تونى يىپەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36290
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1702
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-4-4
ئاخىرقى: 2012-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 02:52:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۇتتار ئۆزگەرمىگەن،ئەمما ساداسى باشقىچە،
غۇنچە گۈل ئاچىلمىغان، ھۆسنى جۇلاسى باشقىچە.
بۈلمۈدۈم ياركۆڭلىدە نە مۇددىئاس بارئىكىن؟
ئاراتۇرارقايغۇلىرمغا بۇ پىراغى باشقىچە.

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17087
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2161 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 07:51:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەر:ئاياللاردا ھوقۇق يوغىناپ ئىپپەت ھايا قالمىغاچقا   بىز شۇنداق گەپ ئاڭلىتالماي  لېۋىمىزنى چىشلەپ كېتىۋاتىمىز.   
ئاياللار: سىلەر ئەرلەردە غۇرۇر ۋىجدان بولمىغاچقا بىز شۇنداق ئەركىنشىپ تۇيۇق يولغا مېڭىۋاتىمىز.
   
    مەسئۇلىيەتنى ئەرلەر ئاياللارغا ئىتتىرىپ،ئاياللار ئەرلەرگە ئىتتىرىپ مېڭىۋاتىمىز،ئالدىمىزدا بىزنى نىمە ساقلاۋاتىدۇ؟پەرزەنتلەر نەدە مېڭىۋاتىدۇ؟بۇنى بىر-بىرىمىزدىن سوراشقا پۇرسەت يوق ھە؟

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

اللا مېھرىباندۇ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51263
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 218
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 10:07:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بىراق، ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۇمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سولۇپ كەتكەن گۈزەل قىزلار ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ئوبدان بولاتتى-ھە! تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىرخىل ئاجىزلىق.
ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى، ئوقۇڭلار، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
مۇنۇ قۇرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم.چۈنكى جاھاننى ياخشى چۈشەنسە ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانداق ئەدەپ ئەخلاق بىلەن چوڭ بولۇشنى بىلدۇرەلىشى مۇمكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51716
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 835
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 489 سائەت
تىزىم: 2011-8-15
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 04:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەرنىڭ سۆلىتىمۇ بۇرۇنقىدەك ھەيۋەتلىك بولماي قالدى. ئۇلارنىڭ نوپۇزى ساقال- بۇرۇتىنى پەش قىلاي دېسە، ئۇنىڭمۇ تايىنى قالمىدى، چۈنكى ساقال- بىلەن بۇرۇت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بىلەن بىرلەشمىسە، ئۇ پەقەت تۈكتىنلا ئىبارەت.   
  
بۇ قۇرلار ھەر بىر ئەركەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى سىناپ بېقىشتا ئاساسلىنىدىغان مۇھىم ئۆلچەم. ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئەسەرلىرى ھەممىمىزنىڭ چاڭقىغان يېرىگە تېگىدۇ. يوللىغۇچىغا رەھمەت.

ئاللا مىنى ئەقلى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19177
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5635
تۆھپە نۇمۇرى: 873
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2012-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 12:46:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەن ئەمەسمەن ھېچ بىر كىشى يا تەقدىر قۇلى، ئېزىقتۇرۇش سەپسەتىنىڭ بولمايدۇ رولى. تەقدىرىمنى ئۆزگەرتمىسەم قالغان ئۆمرۈمدە، دەيمەن قانداق ئۆزئۆزۈمنى ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73810
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 11:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش