مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9243|ئىنكاس: 42

باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان تۇنجى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن كەلدىم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41660
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 9284 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 01:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇر





جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتى — جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى باش شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇنبىرىنى جانلاندۇرغان، يۈكسەك سەنئەت ئەخلاقىغا ئىگە، ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ئىچىدىن «100 تۆھپىكار» نى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ باش سۈرىتىنى پوچتا ماركىسىغا بېسىپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا تارقاتتى. تونۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى، تۆھپىكار ژۇرنالىست نەسرۇللا ئابلەت «2010-يىلى — جۇڭگودىكى مەشھۇر سەنئەتكارلار» شەرىپىگە ئېرىشىپ، باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

نەسرۇللا ئابلەت 1946-يىلى 13-فېۋرال ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزا تېتىر كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا مەدەنىيەت خىزمەت يېتەكچىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 2006-يىلى 5-ئايدا ئارامغا چىققان.

نەسرۇللا ئابلەت ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جاپاكەش تۆھپىكارى. ئۇ 1997-يىلى ئىئانە توپلاپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى، ئۇلۇغ پېداگوگى، ئوت يۈرەك كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 260 كىۋادرات مېتىرلىق خاتىرە سارىيىنىڭ سېلىنىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلغان.


نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 950 پارچە شېئىرى، يەتتە پارچە داستانى ئېلان قىلىنغان. «ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە»، «مۇھەببەت ۋە رەزىللىك»، «كېپىنەك چۈشى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «يېشىل ياپراق»، «يامغۇر»، «سۆيگۈ شەجەرىسى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. «غورۇر توزانلىرى»، «كۈلپەتلىك تەقدىر» قاتارلىق ئىككى پارچە رومانى، «نەسرۇللا ئابلەت ئوبزورلىرى» ناملىق توپلىمى، «ئەلۋىدا، قورال» ناملىق تەرجىمە رومانى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ 20 نەچچە پارچە شېئىر، داستانلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەدىبنىڭ توققۇز پارچە شېئىر، داستانلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئەسىر مۇھاكىمە تەشكىلىي ھەيئىتى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى، جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئەدەبىياتى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق ئەسەر باھالاشتا شائىر نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى»، «ئۈزۈك خىياللار»، «يامغۇر ناخشىسى»، «باھار خىياللىرى»، «تىلىكىم»، «بۇغداغا»، «قىرغاققا قاراپ»، «چىدام توغرىلىق ناخشا»، «دادا» (داستان) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «جۇڭخۇا بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. يۇقارقى ئورۇنلار يەنە 2005-يىلى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر يازغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئۇنىڭغا «تۆھپىكار» مۇكاپاتىنى، 2011-يىلى 4-ئايدا «مۇنەۋۋەر ئەدىب مۇكاپاتى» نى بەرگەن.


2003-يىلى نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى» ناملىق شېئىرى دۇنيا جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «خەلقئارالىق مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

نەسرۇللا ئابلەت 2 مىليون خەتتىن ئارتۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاپ ھەم رەتلەپ «ئاتۇش خەلق قوشاقلىرى»، «ئاتۇش خەلق چۆچەكلىرى»، «ئاتۇش خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «ئاتۇش خەلق داستانلىرى» قاتارلىق تۆت توپلامنى نەشر قىلدۇرغان.

نەسرۇللا ئابلەت 1980-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ مائارىپ تارىخى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ نامايەندىسى — ئاتۇش ئېكساق ھۈسەينىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان «مەشئەل» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «قومالتاغ باغرىدىكى ئۆچمەس مەشئەل»، «تېتىر بوستانلىقىدىكى شانلىق ئىزلار»، «ئىشتارچىدىكى مەرىپەت نۇرى» ناملىق ئۈچ پارچە كىتابنى يېزىپ چىقىپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

(نەسرۇللا ئابلەت جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ)



نەسرۇللا ئابلەت ھازىر جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو سەنئەتكارلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر 12 مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيەتتىكى تۆھپىلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرى ئىسىملىكى قامۇسى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر قامۇسى» ۋە «دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار قامۇسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق قامۇسلاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك ئون توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.

ئەسكەرتىش: قائىدە بۇيىچە مىسرانىمدا كۆچۈرۈلگەن تىما قۇبۇل قىلىنمايتى، لىكىن مىللىتىمىزدىن پەخىرلەنگىدەك شەخىسنىڭ چىقمىقى ئاسان ئەمەس، شۇڭلاشقا مىسرانىمداشلارنىڭمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن بۇ تىما كۆچۈرۈپ كېلىندى.

مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  

ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41370
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6144
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2799 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 02:26:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ  بەلەن  ئىش  بوپتۇ ، خۇدايىم  بۇيرۇسا  بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ  ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىدۇ !!!!!!!!

بوۋام دەيدىغان :  بالام  چوڭ بولىسەن ، دوست تۇتىسەن، دوست تۇتقاندا شۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلغىنكى : بىرى ئىمانسىز يەنە بىرى بىلىمسىز بىلەن ئەسلا دوست بولما ، ھەم بۇلارنى ئويلاپمۇ قالما چۇنكى بۇنداق دوستىن ساڭا يامانلىق كەلسە كىلىدۇكى ھەرگىز ياخشىلىق كەلمەيدۇ . .. بۇ ئىككىسىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27988
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 877 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 02:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ، بىز پەخرلەنگۈدەك كاتتا  ئش بوپتۇ .
نەسرۇللا ئابلەت  ئائىلىسىگە بەخىت - سائادەت ، زور خوشاللىق تىلەيمەن .

چىدىماس ئادەملەرنى قولدىن ئۇلۇغ ئشىلار كەلمەيدۇ!

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 03:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بىز ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ھەم خوشاللىق ئىش بوپتۇ.
نەسرۇللا ئابلەت ئاكىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، باسقان قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36536
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 03:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ، بىز پەخرلەنگۈدەك ئش بوپتۇ .

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 03:28:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  ››دا ئەتىگەن كۆرگەنىدىم. ھەقىقەتەن تارىختا ساقلىنىدىغان ياخشى ئىش بوپتۇ.

ئادەم بولماق تەس

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 03:40:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك مەيدانغا چىقىشىنى چىن تىلەيمەن .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
munchaq بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 04:04:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51630
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3422
تۆھپە نۇمۇرى: 188
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 04:11:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن،ياخشى،ئىش،بوپتۇ

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى روھنى ساغلاملاشتۇرۇش!

ئىناق،ئصتتصپاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15252
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 04:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بىر ئۇيغۇر نىمە ئىش قىلالايدۇ؟» دىگۈچىلەرگە بەكلا مۇۋاپىق جاۋاب بولۇپتۇ.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش