مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7527|ئىنكاس: 24

تۇغۇتتىن كېيىن ھاياتلىق بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8575
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4719 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 05:03:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                تۇغۇتتىن كېيىن ھاياتلىق بارمۇ؟
                                            (ھېكايە)
                                      تەۋسىيە قىلىمەن

    بۇ ھېكايىنى يوللىغۇچىدىن:
    تۆۋەندە ئوقۇماقچى بولغان ھېكايىنى ئەسكى شەھەردىن ئەمرە گېدىكلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچۇم ئېۋەتىپتۇ. مېنىڭ كومپىيوتۇردا يېزىلىۋاتقان ھېكايىلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇش ئادىتىم يوق. ئەمما مەن بۇ ھېكايىنى سىلەرنىڭ ئەقىل بىلەن بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىڭلارنىڭ كېرەكلىگىنى ھىس قىلدىم... .

    ئانىسىنىڭ رەھمىگە چۈشكەن قوشكېزەك قېرىنداشلار باشتا ھىچ نەرسىنى بىلمەيدىكەن. ھەپتىلەر، ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارمۇ تەرەققى قىلىپ بەدىنى، ئىچكى ئورگانلىرى، پۇت- قوللىرى يېتىلىشكە باشلاپ، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى پەرىق ئىتىشكە باشلاپتۇ. ياشاۋاتقان يېرىنىڭ بىخەتەر ۋە راھەتلىگىنى ھىس قىلغاندىن كېيىن خوشال بولۇشۇپتۇ. بىر- بىرىگە: «ئانا قارنىغا چۈشۈپ بۇيەردە ياشىشىمىز نېمە دىگەن ياخشى ھە؟ ھايات نىمە دىگەن گۈزەل ھە قېرىندىشىم!» دېيىشىدىكەن.
    ئۇلار ئاستا- ئاستا يېتىلىشكە باشلاپتۇ. ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۇنيانى ۋە ھاياتىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان بولۇشۇپتۇ. ئاخىرى ئۇنىمۇ بىلىشىپتۇ.ھاياتلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەسلىدە كىندىك بېغى ئىكەن. بۇ كىندىك بېغى سايىسىدا ھىچ بىر جاپا تارتماي ۋە بىخەتەر ھالدا يېتىلىۋاتقانلىغىنى بىلىشىپتۇ. «ئانىمىز نىمە دىگەن شەپقەتلىك! بىزگە بۇ كىندىك بېغىدىن ئىھتىياجىمىز بولغان ھەممە نەرسىنى ئېۋەتىپ تۇرىدۇ.»
    ئايلار بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلارمۇ تىزلىكتە چوڭ بولۇپتۇ. يەنى يۇل ئاخىرىغا يېقىنلىشىپتۇ. 9- ئايغا يېقىنلاشقاندا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ راھەت دۇنيادىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىپتۇ. بولۇۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرگە ھەيران قېلىشىپتۇ. بىرسى جىددىلىشىپ قېرىندىشىدىن: «نىمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگۈرۈشلەر نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟» يەنە بىرسى ئېغىر بېسىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭغا تار كېلىدىكەن، سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن تېخىمۇ كەڭرى بىر ئالەمنى ئارزۇ قىلىدىكەن. قېرىندىشىغا جاۋاپ بىرىپتۇ: «بۇلۇۋاتقان بۇ ئۆزگۈرۈشلەر بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغانلىقىمىزنىڭ بىشارىتى» دەپتۇ ۋە قوشۇپ قويۇپتۇ: «بىز ئەمدى بۇ يەردىكى ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ياشاۋاتىمىز.»
    «ئەمما مەن بۇ يەردىن ئايرىلىشنى خالىمايمەن» دەپ ۋاقىراپتۇ قېرىندىشى.
    «مەن مەڭگۈ بۇ يەردە ياشاشنى ئۈمۈت قىلىمەن.» يەنە بىرسى، «قۇلىمىزدىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ، ھەم، بەلكى تۇغۇلۇشتىن كېيىن باشقا بىر ھايات باردۇر.» «بىزگە ھايات بەرگەن ئۇ كىندىك بېغى كېسىلگەندىن كېيىن بىز قانداقلارچە يەنە ياشىيالايمىز؟» دەپتۇ يەنە بىرسى. «ئېيتقىنا، بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالساق قانداق ياشىيالايمىز؟ ھەم، قارا بىزدىن باشقىلارمۇ بۇ يەرگە كەپتۇ، كېيىن كىتىپتۇ. ئەمما ھىچ بىرى قايتىپ كەلمەپتۇ سەن قانداقلارچە تۇغۇلۇشتىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ بارلىغىنى ئېيتالايسەن. ياق بۇ ھەممە ئىشنىڭ ئاخرلىشىشى بولىدۇ.» ۋە ئاچچىق بىلەن قوشۇپ قويۇپتۇ «ھەم، بەلكىم ئانا دەپ بىر نەرسە يوق!»
    «بولۇشى كېرەك» دەپ قارشى چىقىپتۇ قېرىندىشى. «بۇ يەرگە قانداق كەلدۇق، قانداق ياشىيالىدۇق»
    «سەن ھىچ ئانا كۆردۈڭمۇ» دەپتۇ يەنە بىرسى: «ئۇ بەلكىم پەقەتلا زىھنىمىزدە بار. بىر ئانىمىزنىڭ بارلىغى چۈشەنچىسى بىزنى خاتىرجەم قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى بەلكىم بىز ئويدۇرۇپ چىقاردۇق.» شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئانا رەھمىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرى مۇشۇنداق بىر- بىرىنى ئېيىپلەش ۋە مۇنازىرىلەر بىلەن ئۈتۈپتۇ.
    ئاخىر تۇغۇت سائىتى كەپتۇ، تۇغۇلۇپتۇ. بۇ قوش كېزەكلەر دۇنيالىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشقا بىر دۇنياغا كۆزىنى ئېچىپتۇ ۋە خوشاللىقتىن يىغلاشقا باشلاپتۇ. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە ئۇلار ئەسلا تەسەۋۇر قىلالمىغۇدەك گۈزەل ئىكەن.

(Ahmet Turan Alkan “Aksiyon, 394. sayı”)

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئۈمۈت قىلىمەن

[http://mehmetkonca.com/ana_baglanti_sayfalari/yol_gosteren_harika_hikayeler.htm]

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
TILSIMAT + 99 مەن كۆرگەن ئەڭ ئېسىل ھېكايە رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 99   باھا خاتىرىسى

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4778 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 10:50:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى كەم قالغاندەكلا تۇيغۇ بەردا ماڭا! نەتجىسى بولۇشى كېرەكقۇ؟ يا مەن چۈشەنمىدىممۇ؟

بىراق ياخشى ئەسەر ئىكەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45481
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 10:55:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەقنى بىلگىلى نىسىپ قىلسۇن ...

زامان بىلەن قەسە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50173
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3505
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2011-8-2
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 10:58:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا تۇگىدىمۇ ؟

ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچلارنى پاكلانغۇچلارنى ياخشى كۈردۇ .

اللاھتىن بەختىمنى تىلەيمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8106
يازما سانى: 2224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19692
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:02:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيانىڭ گۇزەل ئىكەنلىگە كۇلۇپ يىغلىغان بۇلسا كۇنلەرئۇتۇپ ،ئايلار ئۇتۇپ يىللار ئۇتۇپ بۇ دۇنيانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ئاچچىق -چۇچىگىنى ھىس قىلغاندا ئاندىن ھەقىقى يىغلايدۇ ھەم كۇلىدۇ...

ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45481
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4094
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:03:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  nurjula كە 2011-08-16 10:50 AMئەۋەتىلدى  :
ئاخىرى كەم قالغاندەكلا تۇيغۇ بەردا ماڭا! نەتجىسى بولۇشى كېرەكقۇ؟ يا مەن چۈشەنمىدىممۇ؟

بىراق ياخشى ئەسەر ئىكەن!

يەنە بىر ئوقۇڭ ....

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4574
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:06:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات دېگەن ئەنە شۇنداق ،ۋازكەچمەي تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ !
   ھەرقانداق ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ،بىز ئۇنى توسۇپمۇ ئالالمايمىز ، ئۇ ئىش ھامان يۈز بېرىدۇ !

تارىخنى كۈچلۈكل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6501
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8285
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 495 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:06:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  nurjula كە 2011-08-16 10:50 AMئەۋەتىلدى  :
ئاخىرى كەم قالغاندەكلا تۇيغۇ بەردا ماڭا! نەتجىسى بولۇشى كېرەكقۇ؟ يا مەن چۈشەنمىدىممۇ؟

بىراق ياخشى ئەسەر ئىكەن!
سىز راسلا چۇشەنمىدىڭىزمۇ؟شۇنداق چۇشىنىشلىك ئىكەنغۇ؟!بىز ھازىر بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز،ياراتقۇچىنى كۆرمىگەن بولساقمۇ،ئەقلىي تەپەككۇرىمىز بىلەن  ھەق بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ھېس قېلالايمىز ھەم يەنە بىر دۇنياغا سەپەر قېلىمىز!!!

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4805
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4901 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:11:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(nurjula) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

بۇدۇنيا بىلەن ئۆلۈمنى ، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇڭ ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9520
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ياخشى ئەسەر بۇ !راستىنلا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيامۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئۆتكۈنچى ئالەم ۋاقتىمىز توشقاندىن كىيىن باشقا بىر ئالەمگە بارىمىز ۋە ئۇ يەردە بۇ جايدا قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىزدىن مەلۇمات بىرىمىز .

پۇل ھەممە ئىشقا قادىر دىگەن ئادەم، پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئادەمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش