مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1028|ئىنكاس: 13

ئىككى شېئىر- مۇھەممەتجان راشىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەملەرنىڭ نەپ ئۇچۇنلا ياشىغى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31246
يازما سانى: 975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16011
تۆھپە نۇمۇرى: 2383
توردا: 5389 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 11:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور:مۇھەممەتجان راشىدىن

ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك،
تالاي تەنقىد - تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
يەپ ئۆگەنگەن دەيۈزلەر تارتمايدىكەن ئۆزىنى،
يېقىنلىرى «يېمە ! » دەپ يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك.

ئالىدىكەن يالغاندىن قوبۇل قىلىپ پىكىرنى،
ئالىدىكەن ئۆزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى،
ئۆگىنىپتۇ قوشۇپ يەپ قانائەتنى،«شۈكۈر ! »نى،
ھېسابىدا ئارتۇق، كەم كۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك.

شېرىنكانە بىرىدىن، تامغا ھەققى بىرىدىن،
جايلايدىكەن قورقماستىن ئېپى كەلگەن يېرىدىن،
ئۇنداقلارنىڭ خۇش ئىكەن خوتۇنلىرى ئېرىدىن،
خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.

يىلدا خوتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
بايلىق ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەدە تاۋكا؟! شۇ يەردە ئۈنگەنلەرمۇ شۇلاركەن،
نەچچە ئۆلۈپ تاۋكادا، تىرىلسىمۇ يەپتۇدەك.

نەچچە يەردە ئۆيى بار، نەچچە يەردە داچىسى،
بىر ئاشنىسى «سىڭلىسى»، بىرى يالغان ئاچىسى،
خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ يۈز كويلۇقتۇر پارچىسى،
تۇغقانلىرى تەشۋىشتە «بەس ! » دېسىمۇ يەپتۇدەك.

ۋىجدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەڭ تېگىنى،
يېگەنلەرنىڭ يالغاندۇر «خۇدا بەردى !» دېگىنى،
يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يېگىنى،
بەزىلىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك.

بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر رەسۋا بولغاندەك،
كۈندە سۇنماي كوزىمۇ ئاخىر بىر كۈن سۇنغاندەك؛
گاھى چاغدا كۆڭلى غەش خۇددى پوق يەپ قويغاندەك،
تاغدەك تەشۋىش ئۆزىنى قىينىسىمۇ يەپتۇدەك.

ئۆلەمدىكىن ئۇنداقلار زادى پارا يېمىسە،
قىلامدىكىن خىيانەت ئۇلار يولدىن تېنىسە؟
يا بەختلىك بولمامدۇ بىر ئۆزىنى دېمىسە؟
ئۇ ۋە لېكىن، باشقىلار يېمىسىمۇ يەپتۇدەك.

شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى بىزدە تۈزۈم، ئەخلاقنى؟
ئېچىپ بەردى شەيتانغا ئىشىك بىلەن قاپقاقنى،
باشلاپ بېرىپ ئاشۇلار باغدىن غورا قاقماقنى ...
ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك.

ئىچ ئاغرىتماڭ ئۇلارغا، قانۇن سوتقا تارتقانغا،
تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا،
ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم بىر، ئىككىنى ئاتقانغا،
چۈنكى، چىتقا چاۋىسى يېيىلسىمۇ يەپتۇدەك.
  

ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما

بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما،
ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما.
سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك،
گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.

پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ،
دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما.
ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزىز جېنى يەنە بىر،
يامانلارنى«ياخشى» دەپ قوغدايدىغان بوپقالما.

بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ،
دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ، نان ئىلغايدىغان بوپقالما.
قوغۇن تەرسەڭ باش - بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال،
قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما.

چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ،
خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغان بوپقالما.
دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋە لېكىن !
ئاتاڭغىمۇ بىر توخلا سويمايدىغان بوپقالما.

تارتىپ كۆرەر تۈنلەردە ئىشىكىڭنى ئېزىتقۇ،
ئىشىكىنى قەلبىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما.
ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا،
دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.

قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن،
سەن شەيتاننى، ئەكسىچە چىللايدىغان بوپقالما.
ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز،
ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.

ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق،
ياقمايدىغان ناخشىنى تولايدىغان بوپقالما.
ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان،
يانچۇقىنى پۇقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما.

يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە،
ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما.
ياشانغاندا ياخشى نام ئالالماستىن ئالەمدىن،
بارمىقىڭنى پۇشماندا شورايدىغان بوپقالما.

مەنبە: مىللەتلەر  ژۇرنىلى 2004.4 - سانىدىن


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن! دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!! ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23872
تۆھپە نۇمۇرى: 3095
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:05:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-شېئىرنىڭ مەۋزۇسىنى يازماپسىزغۇ؟ ‹‹يەپتۇدەك››ئوخشىمامدۇ؟
مۇشۇنداق خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئادەم بولماق تەس

بىلىم-كۈچ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51391
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 307
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2011-8-12
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:11:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەپتۇدەك (شېئىر)



بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
پۇل خەجلىسەك «ئىلغار» دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
پىچىر-پىچىر گەپ تولا: كۈتۈۋالسا كىم ياخشى،
ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.

«مۇپەتتىش»كەن ئاتىقى، مېھمانخانا-ياتىقى،
قانمىغۇچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى،
ئىچىۋالسا ئاز ئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،
ئۇنىمىسا ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.

كىمدە بولسا ئەمەل-تاج، شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،
ئوينايدىغان مەشرىپى، چالىدىغان دېپى بىر،
تارتىدىغان ئوغلىقى، مىنىدىغان ئېتى بىر،
شۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ ئوينىغىلى كەپتۇدەك.

بىزنىڭ باشلىق چىڭ چىقتى: باشلىۋېتىپ سەيلىنى -
قوشۇپ بېرىپ قىز-چوكان، تارتىۋالدى مەيلىنى،
(ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى)،
ماراپ يۈرۈپ قىز-جۇۋان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.

شەنبە كۈنى يېشىل باغ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەتتە،
قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە،
قاتارلىشىپ پىكاپلار تاغقا ماڭدى رەت-رەتتە،
چۈنكى ئۇلار بۆرە بوپ قوي يېگىلى كەپتۇدەك.

تىلى بارۇ، سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،
ئۆزى بارۇ، كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك،
لازىملىقنى ئۆزىگە ئەمما پۇراپ تاپقۇدەك،
بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.

قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئەرز، ئىنكاس تىڭشىماس،
ئون كەلسىمۇ نامراتنىڭ ھال-كۈنىنى ئوڭشىماس،
تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،
خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.

يالغان قايسى، راست قايسى؟ بىلىپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،
قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس.
ئەگىز سۇدا كۈندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۈنچىقماس،
ئۆزگىنىمۇ ئۆزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.

ساھىبخاننى قىستاركەن قىشتا قىمىز تاپقىن، دەپ،
بايتاللىرىڭ بولمىسا، ئاتلىرىڭنى ساغقىن، دەپ،
بۇيرۇيدىكەن ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن، دەپ،
بىزنى سېلىق-ئالۋاڭغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.

ياخشىلارنى ماختىماس، يامان بىلەن كارى يوق،
دۇتار ئىكەن گويا بىر، قۇلىقى بار، تارى يوق،
تۈگىتىدۇ «تەكشۈرۈپ»، تەدبىرى يوق، چارە يوق،
بىزنى كالۋا-دۆت كۆرۈپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.

كۆپ كۆرگەنمىز بۇ يەڭلىخ تەكشۈرگۈچى ئۆمەكنى،
تەڭلەپ قويۇپ قايتىشار ئاغزىمىزغا جۈمەكنى،
بۆلەپ قويۇپ بۆشۈككە، سېلىپ قويۇپ شۈمەكنى،
چىداملىقنى بىز كەبى خىللىغىلى كەپتۇدەك.

قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىقىغا نېمە دەر؟
بۇ يەردىغۇ كۈندە گۆش، ئۆيلىرىدە نېمە يەر؟
مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى ئاران ئىشلەپ ئالتە سەر،
شەرەپ-شاننى، دەيۈزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.

(ئاپتور:غۇلجا ناھىيە دۆڭمەھەللە 1-يول 153-قورۇدا)

ژۇرنىلىمىز 2004.1 - سانىدىن
http://www.seltenet.com/Article_Show.asp?ArticleID=195

ۋىجدان قۇياشىنىڭ قارايغان كۈنى-ئەقىدە ئەھلىنىڭ قىيامىتى

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4805
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50995
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 12:12:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاممەتجان راشىدىننىڭ مەنىسى چوڭقۇر،ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك ، ئېسل شئېىرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر..

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38634
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2011-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 04:31:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  09080908 كە 2011-08-16 12:11 AMئەۋەتىلدى  :
كەپتۇدەك (شېئىر)



بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
پۇل خەجلىسەك «ئىلغار» دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
پىچىر-پىچىر گەپ تولا: كۈتۈۋالسا كىم ياخشى،
.......


يىڭى كىلىۋاتقان بەزى باشلىقلارغا  لىيونسىيو نىڭ  قامچىسىدەك تىگىپتۇ  ، ئىسىل شىئىر كەن
تەشەككۇر

دۈشمىنىمنىڭ قىنىنى ئىچىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25741
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2588
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 10:50:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھەممەتجان ئاكىغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 689
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12337
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 4007 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 11:29:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىللىرىڭلار ‹‹مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ..........................››دەپ يېزىپسىلەر ،سىللەر تەڭ دىمەتلىكما؟

سايرام بويى

سېرداش.18

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29402
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2064
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2011-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 02:30:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jkkbkbhjj

سېرداش.18

قاراڭغۇلۇقنى تى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3918
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8569
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 3093 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 05:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەتجان راشىدىن تاغىمىز ئابدۇ رەھىم ئۆتكۈر تاغىمىزدەك ئاجايىپ ئۆتكۈر شېئىر يازىدۇ ھە ؟ شېئىرىيەتنىڭ گۈل تاجىسى  مۇھەممەتجان راشىدىن تاغىمىزغا مەنسۇپ .
تېما ئىگىسى ، ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن

ئاللاھىم:مەن فەقىرمەن،سەن غەنى

ظأزى ياخىشى كأرگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6381
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5698
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2011-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 09:01:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى كىلىۋاتقان بەزى باشلىقلارغا  لىيونسىيو نىڭ  قامچىسىدەك تىگىپتۇ  ، ئىسىل شىئىر كەن
تەشەككۇر

ۋاپاغا ۋاپا قىل .جاپاغا جاپا ، ياخشىلار كۆڭلىنى قىلمىغىن خاپا ، ئەقلى يوق نامەردكە قىلىپ ياخشىلىق . ئاقىۋەت ئۆزۈڭگە .تاپمىغىن تاپا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش