Google بۈگۈن (15-چىسلا) 12مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ Motorola خەۋەرلىشىشىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
Motorola مۇشۇ يىل 1-ئايدا Motorola خەۋەرلىشىشى ۋە Motorola لايىھە بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى قاتارلىق ئىككى چوڭ شىركەتكە پارچىلانغان ئىدى، بۇنىڭدىكى Motorola خەۋەرلىشىشى ئاساسلىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە سىفىرلىق تېلېۋىزىيە قۇتىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىراتتى.
Google بۈگۈن Motorola خەۋەرلىشىشىنىڭ ھەربىر پېيىغا 40 دوللار نەق پۇل بېرىش (تەخمىنەن 12 مىليارد 500 مىليون دوللار) شەكلى بىلەن بۇ سودىدا پۈتۈشكەنلىكىنى ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپ مۇدىرىيىتىنىڭ بۇ قارارنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
Motorola بولسا Google نىڭ Android سۇپىسىدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، Google ئۇنى سېتىۋىلىش ئارقىلىق Android سېستىمىسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە Motorola يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش Android ئىجازەتنامىسى ئارقىلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىكەن، Android مۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئېچىۋىتىلگەن سېستىما ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن ھەمدە Motorola خەۋەرلىشىشى Google نىڭ مۇستەقىل ئورگىنى سۈپىتىدە تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى Google نىڭ Motorola نى سېتىۋىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ پاتنىت ھوقۇقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىگەGoogle تەرەپ ئىقرار بولدى. چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا Microsoft، ئالما قاتارلىق شىركەتلەر Google قاتارلىق Android يۇمشاق دىتال ۋە قاتتىق دىتال شىركەتلىرى ئۈستىدىن پاتنىت ھوقۇقى ۋە پاتنىت ھەققى توغرىسىدا ئەرز قىلغان ئىدى.
مەنبە: CNbeta تورى
http://www.cnbeta.com/articles/151726.htm